جورجىيە شتاتىدىكى ئۇۋلاش مەركىزىدە 8 نەپەر ئاسىيا ئىرقىدىكىلەر ئۆلتۈرۈلگەن

تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 17-مارت

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشغا قارىغاندا، 8 نەپەر ئ‍اسىيا ئىرقىدىكىلەر ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلار ئاتلانتا شەھىرىدىكى ئاسيالىقلار ئاچقان ئۇۋىلاش مەركىزىنىڭ مۇلازىمەتچىلىرى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.

يېقىندىن بىرى، ئاسيالىقلار ۋە خىتايلار ھۇجۇم نشانى بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى جوۋ بايدىن تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەپ، ئاسيالىقلارغا ھۇجۇم قىلىشنى قاتتىق ئەيىپلەپ ئىككى كۈن ئۆتۈپ بۇ ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەردى.

تاراتقۇلار بۇلارنىڭ كىملىكى، دۆلەت تەۋەلىكىنى خەۋەر قىلشتا قاتتىق ئېھتىيات قىلماقتا، بەزىلەر ئۇلارنى خىتاي دەپ قارىماقتا. روبرىت ئارون لوڭ ئ‍سىملىك بىر ياش گۇماندار قولغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇ ھازىر سوراق قىلىنماقتا ئىكەن. بەزىلەر زىيانغا ئ‍ۇچرىغۇچىلارنىڭ پاھىشە بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن