8- مارت خانىم – قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 8- مارت

بۈگۈن ئائىلە نۆۋىتىنىڭ 81- كۈنى شۇنداقلا 8- مارت خانىم – قىزلار بايرىمى.  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان «ئائىلەم نەدە؟» پائالىيتى قايتىدىن جانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى.

ئۈچ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان بۇ پائالىيەتتە باشلىرىغا ئاق ياغلىق چەككەن ئۇيغۇر ئاياللىرى قوللىرىغا غايىپ بولغان ۋە لاگېر، تۈرمىلەردە ئازاپ چىكىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، خىتايدىن ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلدى.

پائالىيەتتە ئىشتىراكچىلار ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئازاپ چىكىۋاتقان مىليۇنلارچە ئاياللارغا بولغان ھۆرمەت بىلەن  ئىككى مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى ۋە ئارقىدىن بۇ قېتىمقى «ئائىلەم قەيەردە؟» پائالىيتىنى باشلىغان پائالىيەتچى مەدىنە نازىمى خانىم باشلىنىش نۇتىقى سۆزلىدى. ئارقىدىن نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر جەمئىيتىنىڭ رەئىسى مىنەۋەر ئۆز تۈرك خانىم ۋە يازغۇچى، ژۇرنالىسىت مەرۋە شەبنەم ئۇرۇچ خانىم  ئارقا – ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارغا ساھىب چىقىشىنى خىتاب قىلدى. پائالىيەتكە بىرقىسىم تەشكىلات ۋە پارتىيەلەرنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل ئايال ۋەكىللىرى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن