بايدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا ئىككىلەنمەسلىكى كېرەك

ئاپتورى: بىل درېكسېل ۋە ئىۋانا سترادنېر
ئامېرىكا كارخانا ئىنىستىتۇتى، 2021- يىلى 18- فېۋرال
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 18- فېۋرال

ئىلاۋە: نيۇ يوركتا نەشىردىن چىقىدىغان، ئامېرىكا ۋە كانادادا تارقىتىلىدىغان «خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىغا بۈگۈن (18- فېۋرال) «بايدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلىشتا تەۋرەنمەسلىكى كېرەك» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە بايدىننىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلىشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، ئېتراپ قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋەتلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ، دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن تەرجىمە قىلدىم.

ماقالىدە مۇنۇلار بايان قىلىنىغان:

خەۋەر قىلىنىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش ياكى ئاتىماسلىق مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ قالغان. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئايدىن بېرى دېيىلىۋاتقان خىتايغا «قاتتىق مۇئامىلە قىلىش» ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى «ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ يادروسى» قىلىشتەك ۋەدىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇ دەھشەتنى ئەيىبلەش قارارىنى رەت قىلىشى ئىنتايىن زور ئىستراتېگىيىلىك خاتالىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر ئەيىبلەنگۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدەك مۇرەككەپ بولسا، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاش ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمايدۇ. دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەشتىنمۇ ئېغىر ئەيىبلەش يوق. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەخلاقىي سالمىقى ئېنىقلا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ۋە دىپلوماتىيىنىڭ يوللىرىنى چەكلەيدۇ. ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ھۆكۈمەت بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، بايدىننىڭ گۇرۇپپىسى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى پىلانلاشقا ئۈلگۈرەلمىدى. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، 1948- يىلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چەكلەش ۋە جازالاش» ئەھدىنامىسى بويىچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش نىيىتى» قەتئىي چەكلەنمىسە بولمايدۇ.

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەشكىلاتلار، پارلامېنت ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر ھەتتا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا ئوخشاش نىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلىش تەرەپدارى بولدى. يېقىندا لوندوندىكى داڭلىق ئاۋوكاتلارنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلار بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان مۇستەقىل قانۇنىي پىكىرى: «خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.» دەپ يەكۈن چىقاردى.

ئەمما بىز بۇنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغان ئىدۇق. چاچ-ساقاللىرى چۈشۈرۈلگەن ۋە كۆزلىرى ئېتىلگەن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ پويىزغا چىقىرىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باش تېرىسىدىن قىرقىۋىلىنغانلىقى بىلىنگەن 13 توننا چاچتىن ئىبارەت ئىنسانلىقنى زىل-زىلىگە سالىدىغان ئازابلىق رېئاللىقنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن، خىتاينىڭ سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋىتىش، دەھشەتلىك قىيىن-قىستاق قاتارلىق ۋاستىلەر، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىش ۋە شۇنداقلا باشقا زوراۋانلىق ۋاستىلەر بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئومۇمىيۈزلۈك قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئىدۇق. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكىرتارى شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلىدىكى تەلىپىگە بىنائەن، خىتاي ھازىر «مۇستەبىت ئورگانلار» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىتاي ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قېلىپ قالغان ھەر قانداق نەرسىنى بەخىرامان ھالدا ۋەيران قىلماقتا، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلىرى بولسا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن بۇلغانغان تەمىنلەش زەنجىرىدىن پايدا ئېلىپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى، خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ دېيىش توغرا ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىستراتېگىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. بېيجىڭ ئۆزىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان ئاممىۋى ئوبرازىغا دىققەت قىلىدۇ، ھەتتا نۇرغۇن چەكلىمىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان خىتاي ئاممىسىمۇ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) ۋەزىيىتىگە بولغان ئەنسىرىشىنى ئىپادىلىمەكتە. ئەگەر خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى تېخىمۇ كەڭ ئېتراپ قىلىنغان بولسا، گېرمانىيە خىتاي مۇستەبىتلىرى بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى خالامدۇ-يوق، ياكى بېيجىڭ ئىستىبداتلىق مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئورگانلىرىغا غەلىبىلىك ھالدا كىرەلەمدۇ-يوق؟ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ دەپ قارالغان بىر  ھۆكۈمەتنىڭ 5G كېلىشىمى تۈزۈشى، پەقەتلا مۇستەبىت دەپ قارالغان ھۆكۈمەتكە قارىغاندا ئىنتايىن تەس بولىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىش تەسكە توختىمايدۇ.

ئەگەر بايدىن ھۆكۈمىتى خىتايغا قاتتىق تەدبىر ئېلىش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرسا، خىتايغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ماركىسىنى چاپلاشتىن سىرت، پرېزىدېنت يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلالايدۇ. مەسىلەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلارسوتىنى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) غا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلالايدۇ. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بېيجىڭنىڭ كونتروللىقىدىكى رايون ۋە دۆلەتلەرگە يار-يۆلەك بولالايدۇ. ئامېرىكا خەلقئارالىق تەرەققىيات ئورگىنى (U.S. Agency for International Development, USAID) غا مەسئۇل بولۇشقا نامزات كۆرسىتىلگەن ھەم شۇنداقلا ئامېرىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا نىسبەتەن ھېچ ئىش قىلمايدۇ دەپ تەنقىد قىلغان سامانسا پاۋېر (Samantha Power) نىڭ زۇۋانىنى بېسىشقىمۇ پۇرسەت يارىتالايدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بېيجىڭنىڭ رىقابەتچى تەرەققىيات پىلانىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى قوغداشقا، ھەتتا ئۇنىڭغا تۆھپە قوشۇشقا مەجبۇرلىنىۋتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا خەلقئارالىق تەرەققىيات ئورگىنى (USAID) نىڭ مەبلىغىنى قوزغىتىپ، ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلىشىغا، شۇنداقلا چەتئەلدىكى ئەھۋالى ناچار ئۇيغۇر جامائىتىگە ياردەم قىلالايدۇ.

بايدىن ھۆكۈمىتى ب د ت يىغىنىدا، خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ياخشى نىيىتىنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىپادىيەلەيدۇ. 2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا ئىنتايىن زۆرۈر بولغان سۆھبەتنى قوزغىتالايدۇ. بۇ خىل تەدبىرلەر بېيجىڭنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئارزۇلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئومۇمىي تەھدىتىگە قارشى خەلقئارالىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ئەكسىچە، بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سەل قارىغاندا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بەك چوڭ سۆزلەيدىغان يەنە بىر ھۆكۈمەت – كىلىنتون ھۆكۈمىتى بوسنىيەدىكى ئىرقىي قىرغىنچلىقنى ئېتىراپ قىلىشتا سۆرەلمىلىك قىلىپ، 1995- يىلى 100 مىڭ ئادەمنىڭ قىرىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، كىلىنتوننىڭ قايتا سايلىنىش ئىستىقبالى يوق بولغان. كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، رىۋاندادا 800 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەندە، ئىسپاتنىڭ كەمچىللىكىدىن ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەقسەت كىلىنتوننىڭ تەدبىر قوللىنىشىنى توسۇپ قويغان. ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ناھايىتى روشەن مەسىلە، گەرچە كەڭ كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا ھازىرچە بىر نېمە دېيەلمىسەكمۇ، شۈبھىسىزكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشتا ئىككىلىنىش ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن، بايدىن قىلالايدىغان كۆپ خىل ۋاستىلەر بار بولسىمۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دەپ بېكىتىشتە ئىككىلىنىش بۇ ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولماسلىقى كېرەك.(ئىۋانا سترادنېر ۋە بىل درېكسېل ئامېرىكا كارخانا ئىنىستىتۇتىدا تاشقى ئىشلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلار ئاپتورنىڭ ئ‍ۆزىگە مەنسۇپ.)

ئەسلى مەنبە:
https://www.newsweek.com/biden-must-not-waver-recognizing-uyghur-genocide-opinion-1569992

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن