بىلگىيەنىڭ بىيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ھەيدىۋىتىش ئۈچۈن خىتاي ساقچىلارنى چاقىرغان

TOPSHOT - Two paramilitary police officers secure an area along a street during the Belt and Road Forum in Beijing on April 25, 2019. (Photo by NICOLAS ASFOURI / AFP) (Photo credit should read NICOLAS ASFOURI/AFP/Getty Images)

تاشقى دىپلوماتىيە تور بىتى

يازغۇچى:ۋانىسسا فىراڭۋىللى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىدىن

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

2019-6-14

 

بىر يىرىم مىلىيون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار2017- يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ غەربىدە لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنى ۋە سىياسىي خاھىشىغا پىلانلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىنىپ، بۇ رايوندىكى ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ، ئۇرۇق- تۇغقانلار ھىجران ئازابىغا چۆكمەكتە.

مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى تۈپەيلى، دىنىي قىرىنداشلىرى ئۈچۈن سۆزلەشتىن باش تارتقان بولسىمۇ، غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىدى. بىراق كىشىلىك ھوقۇق دەۋاگەرلىكىدە پەخىرلىنىدىغان غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق سۆزلەشكە مەجبۇر بولغاندا دائىم ئىككىلىنەتتى، مەسىلەن بىلگىيە.

ئۈرۈمچىلىك ئابلىمىت تۇرسۇن 2017- يىلى تۈركىيەگە تىجارەت ۋىزىسى بىلەن كەلگەن مەزگىدە، ۋەتەندىكى  ئىنىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان. شۇڭا ئۇ ۋەتىنىگە قايتىشتىن ئەنسىرىگەن، چۈنكى چەتئەلگە چىقىش لاگىرلار تاشلىنىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى.

ئابلىمىت تۇرسۇن بىلگىيەگە پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەن، 2018- يىلى پاناھلىققا ئىرىشكەندىن كىيىن بىلگىيەدىكى بىر چوڭ شىركەتتە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن تىزدىن تۇغقان يوقلاش ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغان. گەرچە ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىگە كىلىدىغان خەتەرنى ئازايتىش ئۈچۈن، ۋىزا تەلەپلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش قايتا- قايتا تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىيجىڭدىكى بىلگىيە كونسۇلخانىسى يەنىلا ئۇلارنى بىيجىڭغا ئىككى قىتىم كىلىشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئائىلە خەتەر ئىچىدە قالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ رايون سىرتىدا سەپەر قىلىشى گۇمانلىق ئەھۋال سانىلىپ، خىتايلار نازارەت قىلىدىغان، دائىم ئايرىپورت ۋە بىكەتلەردە تۇتقۇن قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇراتتى.

26-ماي، ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئايالى ھۆرىيەتگۈل ئابلا ۋە ئۇنىڭ تۆت بالىسى (5 ياش،10 ياش، 12 ياش، 17 ياش) مەخپى ھالدا بىيجىڭغا ئۇچۇپ ئىككىنجى قىتىملىق ۋىزا ئىلتىماسىنى سۇنغىلى بارغان ۋە بىلگىيە  ئەلچىخانىسىغا ماتىرىياللارنى سۇنغان. ئۇلار ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئايدىرومغا يىرىم كىچىدە قونغان. ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەيدىغانلىقى، بەرسىمۇ ساقچىلارغا مەلۇم قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىر  دوستى ئارقىلىق  مىھمانخانىدىن ياتاق ئاچقان.بىراق ئۇلار مەجبۇرى ھالدا كىملىكىنى كۆرسىتىپ بىر سائەت ئۆتمەيلا، ساقچىلار ئۇلارنى ئىزدەپ كەلگەن ۋە سوراق قىلغان. بىيجىڭ ساقچىلىرى ئەتىسى كەچتە يەنە كىلىپ ئۇلارنى سوراق قىلغان ۋە ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كىتىشكە مەجبۇرلىغان.

ھۆرىيەت ئەگەر ئۇلار ئۈرۈمچىگە قايىتسا، ئۇلارنىڭ قايتا بيجىڭغا كىلىشى چەكلىنىپ كىتىشىدىن ھەتتا تەربىيەلەش لاگىرىغا سولاپ قويۇلۇشىدىن ئەنسىرىگەن. بىراق بىلگىيە ئەلچىخانىسى خادىمى ئۇلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىغا ئۇزاق ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ،  ئۇلارنى ئۆيىگە قايتىپ ساقلىشىنى ئىيىتقان. گەرچە، ۋىزا ئىككى كۈندىن كىيىنلا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق دەسلەپتە 3 ئاي ساقلايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ھۆررىيەت ۋىزا قويۇلماستىن ئەلچىخانىدىن ئايرىلىشنى رەت قىلغان.

ئۇزۇن مۇنازىرىلەردىن كىيىن بىلگىيە ئەلچىخانىسى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئەلچىخانا ھويلىسىدا ساقلاشقا بۇيرىغان، ئەمما كەچ سائەت ئىككى بولغاندا ئۇلار بىيجىڭ ساقچىلىرىنى چاقىرىپ كىلىپ، ئۇلارنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇ ئىنتايىن ئالاھىدە ئەھۋالدا يۈرگۈزۈلىدىغان تەدبىر ئىدى. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساقچىلار ئۇلارنى سوراق قىلغان ۋە ئۇلارنى بىيجىڭدىن ئايرىلىشقا ئۈندىگەن.

ئۇلار ئۈرۈمچىگە قايتىشنى رەت قىلغاندىن كىيىن، ساقچىلار ئۇلارنى بىر مىھمانخانىغا قاماپ قويغان. ئىككىنجى كۈنى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساقچىلار ئۇلارنىڭ ياتىقىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇلارنى ماشىنىغا مەجبۇرى بېسىپ، ئېلىپ كەتكەن.

12- ئىيۇن، ئابلىمىت تۇرسۇن 11 كۈنگىچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشالمىغاندىن، دوستلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندىكى بارلىق ئۇرۇق- تۇغقانلىرى سوراققا چۈشكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، ئۆيىدىن ئىلىكتىرونلۇق بويۇملارنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن.  ئۇنىڭ تۇغقانلىرى زور ئىھتىماللىقتا لاگىرغا سولانغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھۆرىيەت ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىسى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم، باستۇرۇش، ئەركىنلىكى بوغۇلۇشلارنىڭ يارقىن بىر كارتىنىسى. ھۆرىيەت ئۆزى خاتىرجەم ھالدا بىيجىڭغا سەپەر قىلالمايدۇ، مىھمانخانىدىن ياتاق زاكاس قىلالمايدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال ۋە ئۇنىڭ ئۆسمۈر بالىلىرى دائىم ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

شۇنىڭدەك بىيجىڭدىكى بىلگىيە ئەلچىخانىسىنىڭ قىلمىشى مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە كۆڭۈل بۆلمەسلىكنىڭ نامايەندىسى. گەرچە بىلگىيە كونسۇلخانىسىغا  ھۆرىيەت ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى بىيجىڭغا كەلسە قانداق خىيىم- خەتەرگە يولۇقىدىغانلىقى قايتا- قايتا ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا جاھىللىق قىلغان. ھۆرىيەتلەرنىڭ ئەلچىخانىدا پاناھلىنىشى رەت قىلىنىپلا قالماستىن، ئەلچىخانا خادىملىرى پىداكارلىق بىلەن بىيجىڭ ساقچىلىرىنى يىرىم كىچىدە چاقىرىپ كىلىپ، بىچارە ئائىلىنىڭ تەقدىرىگە قارا تامغا ئۇرىۋەتكەن.

 بۇ خۇددى 2018- يىلى گىرمانىيەدىن قايتۇرىۋىتىلگەن ئۇيغۇر يىگىت دىلشات ئادىلنىڭ ئىشىغا ئوخشايدۇ. دىلشات ئادىل مىيۇنخىندا ئالتە يىلدىن بىرى ياشاۋاتقان، گىرمانچىنى ياخشى سۆزلەيدىغان، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشلەۋاتقان يىگىت بولۇپ، گىرمانىيە ساقچىلىرى ئۇنى بىر كۈنى سەھەردە تۇيۇقسىز تۇتۇپ، خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرىۋەتكەن. گىرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونىغاندا بولسا ئۇنىڭ ھىچقانداق ئىز-دىرىكىنى ئالالمىغان. دىلشات ئادىل گىرمانىيەدە ئاكتىپ ياشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەكلىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى – ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنىڭ سىموۋولى چىكىلگەن ئىكەن، شۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشغا يېتىپ ئاشىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كىيىن، گىرمانىيە ۋە شىۋىتسىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى پۈتۈنلەي توختاتتى. بىراق ھىچكىم ئۆتكەن خاتالىقنى بوينىغا ئالمىدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرى تېخىمۇ ياخشىلانسۇن دەپ جار سالىدىكەن،  خىتايدىكى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىشى كىرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ قورقىتىۋەتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەل گىراژدانلىرىمۇ بار. ياۋروپا ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى، ئىلشات ئادىل ۋە ھۆرىيەت ئابلانىڭ تىراگىدىيەلىرى قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كىرەك.

مەنبە:

Belgium’s Beijing Embassy Calls Chinese Cops on Uighur Family