ئامېرىكا، خىتاي ۋە تەيۋەن ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئىستراتېگىيە

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 13- فېۋرال

گەرچە ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بۇ ئەسىرنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ، دېيىش مۇبالىغە تۈسىنى ئالسىمۇ، ئەمما ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار دەل شۇ بويىچە بولىۋاتىدۇ .

ئىككى دۆلەت ئۈچۈن قىيىن بولىدىغان ئىش شۇكى، بىر- بىرسىگە جەڭ ئېلان قىلماي تۇرۇپ، ئوخشىمىغان مەنپەئەت ۋە نىشاننىڭ ئۈستىدە ھەمكارلىشىش. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونتورۇل قىلىش كېرەك بولۇپ، «زىقمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان» شەكىلدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەش، ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ.

تەيۋەن مەسىلىسى رىقابەتنى بىۋاسىتە توقۇنۇشقا ئايلاندۇرىدىغان يوشۇرۇن كۈچى چوڭ بىر مەسىلە. ئۆتكەن 40 يىلدا، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي تەھدىدنىڭ قوللىشى بىلەن تەيۋەن بوغۇزىدا مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈردى. ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى كۈچ ئىشلىتىشىنى توسۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىدى، چۈنكى بېيجىڭ ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئالدىدا، ئامېرىكىنىڭ بىر چەتتە سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمىدى.

شۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكا تەيۋەننىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلدى. تەيبېي ئەگەر خىتاي ھۇجۇم قىلىپ قالسا ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئەگە كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. لېكىن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى، تەيۋەننىڭ گۈللىنىشى، خەلقىنىڭ دېموكراتىك، كۆپ خىللىق، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچكە تولغان جەمئىيەت بەرپا قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي تەيۋەننىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سالغان مەبلىغىدىن نەپكە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا دېققىتىنى مەركەزلەشتۈردى .

ئامېرىكا خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈك سىياسىتى ئارقىلىق خىتاي بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى، ئەمما تەيۋەن بىلەن كۈچلۈك غەيرىي رەسمىي مۇناسىۋەتنىمۇ مۇۋاپىقيەتلىك ئورناتتى.

لېكىن، 40 يىلدىن بېرى شۇنچە ياخشى رول ئوينىغا بۇ ئۇسۇلنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە داۋاملىق رولى بولىدىغان، بولمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن