«مەن ھەقىقىي سىياسەتچى»

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 10- فېۋرال

«خەلقئارا سىياسەت» پەسىللىك ژۇرنىلى 8- فېۋرال «مەن ھەقىقىي سىياسەتچى» تېمىسىدا بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا دېيىلىشىچە، مېركېلنىڭ خرىستىئان دېموكراتچىلىرىنىڭ يېڭى رەھبىرى، باش مىنىستىرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كاندىداتى ئارمىن لاسچېت گېرمانىيەنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايغا  تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ياۋروپا سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن:

رۇسىيە، خىتاي، تۈركىيە ۋە ياكى ئەرەب دۇنياسىغا ئوخشاش پەرقلىق باشقۇرۇش تۈزىمى ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش بىر سەنئەتكە ئوخشايدۇ. ئىشنىڭ مۇھىم نوقتىسى، ئورتاق بىر پىكىرگە كېلىش ۋە ھەرقانداق قالايمىقانچىلىقنى تېز شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشتۇر.

سىز ھەمىشە ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مېڭىشىڭىز كېرەك، ئەمما يەنىلا دۇنيانى ياخشى تونۇش تولىمۇ زۆرۈر.

بىزنىڭ خىتاي بىلەن مۈجمەلرەك  مۇناسىۋىتىمىز بار. بىر تەرەپتىن، بىز خىتاينى  يەر شارى خاراكتېرلىك رەقىب دەپ قارىشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا، بىز ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز ۋە تەنقىدلىشىمىز كېرەك.  بۇ بىز دائىم قىلىۋاتقان ئىش. ئەمما بىز يەنە خىتاي بىلەن تىجارەت  قىلىۋاتىمىز، ھەر ساھەدە ئىنتايىن قويۇق  مۇناسىۋىتىمىز بار.

غەربىي گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگ پورتى خىتاينىڭ يىپەك يولى ئۇل ئەسلىھە تۈرىدىكى مۇھىم بېكەت. بۇ بىزنىڭ ئېكسپورتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تەرەققىيات. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي  ماشىنا سانائىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا قويىدىغان گېرمانىيە ئۈچۈن غايەت زور بازار.

بۇ ھەمىشە ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەن بۇنىڭغا يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قوياي. ھېچقانداق چەتئەل كۈچىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزگە ئېرىشىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 5G كۆچمە تورىدىكى پوزىتسىيىمىزمۇ ئوخشاش – دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى چوقۇم ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك.

فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمۇ  دەل مۇشۇنداق بولىۋاتىدۇ. بىز داۋاملىق ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ياۋروپا  بىلەن باشقا تېخنىكىلارنى داۋاملىق ئىشلەش بىلەن بىللە، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت قوغدىشىمىز كېرەك…

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن