بايدېننىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى توغرىسىدا ئاقسارايدىن بەرگەن باياناتى

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- فېۋرال
(تەھرىرلىگۈچى: بىلمەسجان)

مەن تۇنجى نۇتقۇمدا ئېيتقىنىمدەك، تۈنۈگۈننىڭ ئەمەس، بۈگۈن ۋە ئەتىنىڭ خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى يېڭىلايمىز ۋە دۇنيا بىلەن قايتىدىن باغلىنىمىز.

دۇنيا ھازىر مۇستەبىتلىك قايتدىن باش كۆتۈرىۋاتقان پەيتلەردە تۇرىۋاتىدۇ. بىز بۇ پەيتلەردە رەقىبلىرىمىزگە قارشى مۇستەھكەم تۇرۇشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا رەقىب بولۇش ئارزۇسى ۋە رۇسىيەنىڭ دېمۇكراتىيىمىزنى بۇزۇش ئارزۇسى بار.

ئۆتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە، مەن ئەڭ يېقىن دوستلىرىمىزنىڭ (كانادا، مېكسىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋىستىرالىيە) رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە دېموكراتىك كۈچنى قايتا قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتىم.

ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچىمىز، دىپلوماتىيە ئارقىلىق رەھبەرلىك قىلىش دېگەنلىك – ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە مۇھىم شېرىكلىرىمىز بىلەن يەنە بىر قېتىم مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ مېڭىشنى كۆرسىتىدۇ.

بىز خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سۈيئىستىماللىرى بىلەن كۆرەش قىلىمىز.  بىز ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق، مەجبۇرلاش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىمىز. بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يەرشارىنى باشقۇرۇشقا قاراتقان ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلمىز. لېكىن، بىز ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردا بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييارمىز.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن