دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- فېۋرال

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە شۇلارنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ رەزىل سىياسىتىنى 2016- يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە، شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتماقتا.  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە كەڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى، ھەر كەسىپ، ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەركىللىرى بولغان، ھەر تۈرلۈك ئەدەبىي ژانېرلار ئارقىلىق تارىخىنى بۈگۈنگە باغلاپ، ئۇيغۇر تارىخى، تىلى، ئۆرپ -ئادىتى ۋە مەدەنىيتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان بىر تۈركۈم يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدەبلىرمىزمۇ ئۇچرىدى.

بۇلارنىڭ بىر تۈركۈملىرى ۋەتەندە تۈرمە ۋە لاگېرلارغا تاشلانغان بولسا، بىر تۈركۈملىرىنىڭ ئەسەرلىرى چەكلىنىپ، ئىجادىيەت ھۇقۇقلىرى تارتىۋىلىندى. نەچچە ئەسىرلىك تارىخقا شاھىت بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاسمىنىنى زۇلمەت قاپلىدى. بۇ زۇلمەتتىن ئۆزلىرنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرگەن ئاز بىر قىسىم يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىبلىرىمىز ئانا ۋەتەننى تاشلاپ، يات مەملىكەتلەردىكى سەرسان، سەرگەردانلىق ھاياتقا مەجبۇرىي بولدى. گەرچە بۇ ئاز ساندىكى يازغۇچى، شائىرلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان، يېڭى تۇپراقلاردا تىنەپ-تەمتىرەپ يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىكى ئۇيغۇرغا، ئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىياتىغا، تىلىغا بولغان چەكسىز مۇھەببەت ئۇلارنى بار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىر يەرگە جەم قىلدى.

ھەرقايسى ئەللەردە تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەرنىڭ ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئۆز ئانا ۋەتەندە چەكلىمىگە ئۇچراپ، يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى باشقا دۆلەتلەردە تۇنۇشتۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى خەلقئارالاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان قەلەمكەشلەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ياخشى ئەسەرلەرنى قالدۇرىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم يازغۇچى، شائىرلارنىڭ تەشكىللىشى ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئەدەبىيات سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن تۇنجى قەدىمىنى ئىستانبۇلدا بېسىپ، 2018- يىلى 4- ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈپ، «دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» قۇرۇپ چىقىلغان ئىدى.

ئۇيۇشما قۇرۇلۇپ، قىسقىغىنە 3 يىلدىن بېرى، كىتاب چىقىرىشنى كۈتۈۋاتقان ئاپتۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىدا 2019- يىلى مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيىتقانلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، پاتىمە سەيياھنىڭ «ناتونۇش شەھەر» ناملىق شىئىرلار توپلىمى، مۇقەددەس نۇرنىڭ تەرجىمىسىدە «ياپونىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىستىراتېگىيىسى» ناملىق كىتابى، 2018- يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ «ئانامنىڭ ئەسلىمىسى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى ۋە «سەرسان تۇيغۇلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2020- يىلى ئۆمەر ئىمىننىڭ «پانىي دۇنيادىكى دوزاخ» ناملىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ھاياتىغا  بېغىشلانغان كىتابى نەشىر قىلىندى. ياش شائىرە ئابىدە ئابباس نەسرىن نىڭ «تۇرنا» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى نەشىرگە تەييارلاپ، 2020- يىلى نەشىر قىلدۇردى، شۇنداقلا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىۋاستە تەشكىللىشى ۋە نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق، كوللىكتىپ شېئىرلار توپلىمى «تىلسىز قۇشلار» 2020- يىلى نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ياخشى كۆرۈشىگە ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇنىڭدىن سىرىت، بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك تىلدىكى گېزىت، ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ باشقا تىللارغا يۈزلىنىش قەدىمى بېسىلدى.

نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ تۈركچە شېئىر توپلىمى ئۇيۇشما تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن خەلىقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيتىنىڭ شۋىتسىيە شۆبىسى ئۆزلىرنىڭ تور ژۇرنىلنىڭ 33- سانىنى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىدى ۋە ئۇيۇشمىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن خەلىقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيتى شۋىتسىيە شۆبىسىنىڭ تەييارلىغان تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ھەققىدىكى بىر دوكلات 2020- يىلى 10- دېكابىر ئېلان قىلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى 2020- يىلى ئۆكتەبىردە شۋىتسىيەدە رەسىمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيۇشما نىزامنامىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىللىرىگە ئاساسەن، ئۇيۇشما خىزمەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىغا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى.

ئەدەبىيات بىر مىللەت مەدەنىيتىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، مىللەتنىڭ روھىي ئوزۇقى ھىسابلىندۇ. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ياش بىر ئۇيۇشما بولۇشىغا قارىماستىن، ئۆزىدە بار بولغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەتئەللەردە پۇت تىرەپ تۇرۇشى، يوقىلىپ كېتىش ئالدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىمىز نامىدىن بۇ ياش كۆچەتنىڭ باراقسان بولۇپ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ۋە مىللەتكە تېخىمۇ مول بولغان مىۋىلەرنى بېرىشىنى چىن يۈرىكىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز ۋە ئۇيۇشمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا زور غەلىبىلەرنى تىلەيمىز.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن