بايدىننىڭ ئاسىيا ئۈچ بۇرجەكلىك سىياسىتى

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021-يىلى 4- فېۋرال

جو بايدىننىڭ خىتاي بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشى ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىقىنى بەلگىلەيدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ خىتاي – ئامرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ۋاقتىغا ۋارىسلىق قىلدى.

بەزىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پرېزىدېنت دونالد ترامپنى ئەيىبلەيدۇ. ئەمما ترامپ پەقەت ئوتقا بېنزىن قۇيغان دەپ ئەيىبلەشكە ئەرزىيدۇ. ئەسلىدە ئوتنى ياندۇرغان خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئىدى.

ئۆتكەن ئون يىلدا ، خىتاي رەھبەرلىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئوتتۇراھال «كۈچۈڭنى تىجە، ۋاقتىنى ساقلا» سىياسىتىدىن ۋاز كەچتى.

ئامېرىكا غايەت زور ئىقتىسادى كىرىم بولماي تۇرۇپ ئىقتىسادىنى پۈتۈنلەي خىتايدىن ئايرىۋىتەلمەيدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ياكى باشقا مۇناسىۋىتى يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا-خىتاي سودىسى يىلىغا 500 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەر ئالماشتۇرۇش توختاملىرى بار.

ئىلغار دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ (ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا) بىرلەشتۈرۈلگەن بايلىقى خىتاينىڭكىدىن كۆپ. بۇ ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .

شەرقىي ئاسىيادا ئۈچ چوڭ كۈچ بار، ئەگەر ئامېرىكا ياپونىيە (ياپونىيە ھازىرقى دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە) بىلەن بىر سەپتە داۋاملىق تۇرسا، ئىككى دۆلەت خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقان يېڭى ئىقتىسادىغا زەربە بېرەلىشى مومكىن. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ داۋاملىق قەد كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن