لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېقىنلىرى ئەنقەرەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا پائالىيتىنى باشلىدى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 3-
فېۋرال

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا «ئائىلىمىز قەيەردە» پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېقىنلىرى ئىستانبۇل ۋالىيسىنىڭ ئارىچىلىق قىلىشى بىلەن پائالىيتىنى بىر مەزگىل توختاتقان ئىدى.

رەزىل خىتاينىڭ سۆزىدىن يېنىۋېلىشى ۋە ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن غەزەپلەنگەن كۆپچىلىك ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىقتى ۋە 3- فېۋرال ئەتىگەن سائەت 10 دا خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا پائالىيتىنى باشلىدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان مەدىنە نازىمى خانىم پائالىيەت ھەققىدە بىزگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز  خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پەقەت تىنچ شەكىلدە ۋە ئەڭ ئەقەللىي ھەققىمىز بولغان ئائىلىمىزنىڭ قەيەردىلىكىنى  سوراۋاتىمىز. ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئىلتىماسلىرمىزنى قۇبۇل قىلىش  نىيىتىدىن يېنىۋالغاندىن كېيىن، بىز تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەنقەرەگە كەلدۇق. پائالىيتىمىزگە ھەرقايسى تۈرك تاراتقۇلىرى قاتناشتى ۋە نەق مەيداندىن تارقاتتى. تۈرك ساقچىلىرى تارقىلىپ كېتىشىمىزنى ئېيتقان بولسىمۇ تارقالمىدۇق. ئارىدا تارتىشىشلار بولدى، ئەمما بىز قەتئىي نىيتىمىز بىلەن پائالىيەتنى كەچ كىرگۈچە داۋاملاشتۇرىدۇق. ۋەتەندە قېرىنداشلىرىمىز ئازاب ۋە خورلۇقتىن ئۆلىۋاتسا، بىز ئۆيىمىزدە خاتىرجەم ئۇخلىيالمايمىز. خىتاي تەرەپ ئائىلىمىزنى قويىۋەتكەنگە قەدەر بىز پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىت ۋە توربەتلىرىدە مەخسۇس خەۋەرلەر يېزىلدى. لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ھېساباتىلىرىدىن تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلەردىكى تۈرك ساقچىلار بىلەن بولغان تارتىشىشلار ۋە ئائىلىسىنىڭ، مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى ئېيىتىپ، ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ياشلارنىڭ تەسىرلىك نۇتۇقلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىنى نەمدىدى.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن