نۇرسمانگۇلنىڭ نۇتۇقى ت ر ت تەرىپىدىن ئۈزۈۋىتىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 29- يانۋار

نۇرسمانگۇل ئابدۇرشتنىڭ ئىيى پارتىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقى تۈركىيە دۆلەت تېلىۋېزيىسى تەرىپىدىن ئۈزۈۋىتىلدى، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە سىياسىي ساھەسىدە كۈچلۈك تەسر قوزغىدى.

26-يانۋار كۈنى تۈركىيە پارلامىنتىدىكى ئوڭ قانات مىللەتچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيەسى رەھبىرى مەرال ئاقشەنەر ئۇيغۇر قىزى نۇرسمانگۇل ئابدۇرشىتنى پارتىيە يىغىن زالىغا ئۆز كەچۈرمىشىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان. نۇرسمانگۇل جانلىق ۋە تەسىرلىك ئۇسلۇبتا ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشغا كەلگەنلەرنى ئاڭلاتقان بولۇپ، بۇ نەق مەيدان ۋە ئىنتىرنىت ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. ئەمما نۇرسمانگۇل ئابدۇرشىتنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىۋاتقان سۆزى تۈركىيە دۆلەت تېلىۋېزىيىسى ت ر ت تەرىپىدىن ئۈزۈۋىتىلگەن بولۇپ، بۇ تۈركىيەدە يەنە بىر مەيدان كۈچلۈك سياسىي مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان. بارلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھاكېمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغدى، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى دەپ تەنقىد قىلدى. بۇ مەسلە ھەققىدە  ت ر ت ياكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى تېخىچە مەخسۇس بايانات بەرمىدى.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن