رەزىل خىتاي يالغانچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 29- يانۋار

ئائىلىسى لاگېردا ياكى سەۋەپسىز كېسىلىپ، ھەرقايسى تۈرمىلەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ھەم شۇنداقلا يېقىنقى 4 يىلدىن بېرى ئائىلىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايۋاتقان  بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، ئىستانبۇل سارى يەر رايونىدىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا ئائىلىسىنىڭ ئىز-دېكىرىنى قىلىش  ئۈچۈن  يىغىلغان بولسىمۇ، خىتاي كونسۇلى بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

«ئائىلە نۆۋىتى» نىڭ 17- كۈنى، يەنى 13- يانۋار ئىستانبۇل ۋالىيسىنىڭ  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن خىتاي كونسۇلى ئوتتۇرسىدا ئارىچىلىق قىلىشى بىلەن پائالىيتىنى توختاتتى. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتكە ئىزچىل قاتنىشىۋاتقان جەۋلان شىرمۇھەممەتنى  زىيارەت قىلدۇق.

جەۋلان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «13- يانۋار بىز 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت ئىستانبۇل ۋالىيسى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئىستانبۇل ۋالىيسى بىزگە خىتاينىڭ ئىلتىماسلىرىمىزنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سارى يەر رايونىدا توپلىشىپ پائالىيەت قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، شۇ سەۋەپتىن پائالىيىتىمىزنى توختىتىپ ئىلتىماسلىرمىزنى تاپشۇرشىمىزنى ئېيتتى. شۇنداقلا شۇ كۈنى يەنە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن ۋە ۋالىيلىقتىن ئۈچ نەپەر خادىمنى بىز بىلەن خىتاي كونسۇلىغا كىرىپ، ئىلتىماسلىرمىزنى تاپشۇرشىمىزغا ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، بىز ئۇ كۈنى ئىلتىماس تاپشۇرۇشنى 17 كۈندىن بېرى كېلىپ-كېتىپ بىز بىلەن بىللە نۆۋەتتە تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئائىلىسى خىتايدا زۇلۇم چېكىۋاتقان بارلىق خەلقىمىزنىڭ ئىلتىماسىنى يىغىپ، بىللە تاپشۇرمىز دەپ، رەت قىلدۇق.

شۇنداقلا ئەتىسى يەنى 14- يانۋار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىمىزنى توختىتىپ، ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەييارلايدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرۇش قىلدۇق ۋە بىر قانچە كۈن ماتېرىيال يىغىپ رەتلىدۇق. قىسقىغىنە بىر قانچە كۈن ئىچىدە پائالىيتىمىزدىن خەۋەر تاپقان نەچچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ يوقاپ كەتكەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىنلىرى بولۇپ، 5199 كىشىنىڭ ماتېرىيالىنى كېچە-كۈندۈز ئىشلەپ تەييار قىلدۇق ۋە 18- يانۋار ۋالىيلىققا خەۋەر قىلدۇق. ۋالىيلىق بىزنى خەۋەر ساقلاشقا بۇيرىدى. بىز بۇ جەرياندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پائالىيەتلىرىمىزنى داۋام قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇخپىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پائالىيىتىمىزنى داۋام قىلغاچ ۋالىيلىقتن خەۋەر ساقلىدۇق. ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ ۋالىيلىقتن بىزگە ئىلتىماسلىرىمىزنى تاپشۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر كەلمىدى. ئاخىردا بىز 27- يانۋاردىكى سوغۇق ھاۋادا، يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن يىغىلغان پۈتۈن ماتېرىياللارنى ۋە ئىلتىماسلىرمىزنى ئېلىپ، تۈركىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇخپىرلىرى بىلەن خىتاي كونسۇلىغا بارغان بولساقمۇ، خىتاي ماتېرىياللىرىمىزنى قوبۇل قىلمىدى ۋە ئۆزىنىڭ يالغانچىلىقىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.

بىز ھەرقايسى دۆلەت مۇخپىرلىرىغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئائىلىمىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت كۆرەش قىلىشتەك ئىرادىمىزنى، ئۇلارنى قۇتقۇزمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.»

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن