«خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش مېنىڭمۇ قارارىم»

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
19- يانۋار، ۋاشىنگتون

        ئامېرىكىنىڭ كېلەركى نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى نامزاتى ئانتونى بىلىنكىن 19- يانۋار چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ «مايىك پومپيونىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلغانلىقىغا قانداق قارايسز؟» دەپ سورىغان سوئالىغا: «مېنىڭمۇ قارارىم شۇنداق.» دەپ جاۋاب بەردى.

        ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى بايدىننىڭ سايلام ئەترىتىنىڭ 2020- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»دەپ ئېلان قىلغانلىقى ۋە ترامپتىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قايتا خەۋەر قىلدى.