«دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى توغرا!»

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 19- يانۋار

ۋاشىنگتون كېلىۋاتقان پرېزىدېنت بايدىننىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بىلىنكىن پەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسنىڭ ۋەزىپە مۇقىملاش گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئالدىن ئاشكارىلانغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھېچقانداق ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى ئىدىيەلەرنى مونوپۇل قىلىش ھوقۇقى يوق. ئەمما ھەدىدىن ئاشقان خىتايغا قارشى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سياسىتىنى كۆپ جەھەتتىن قوللايمەن.» ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى ئىتتپاقداشلىرىدىن ئايرىپ قويدى. بىز خىتايغا قارشى ئىتتپاقداش شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.»