مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسى

ئابدۇقادىر ئابلىز

2021-1-12

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ماقۇللانغان ۋاقتى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى يىغىنى 40-نۆۋەتلىك يىغىنى 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ماقۇللىنىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمزا قويۇپ، تەستىقلاپ ۋە ئەزا بولۇپ كىرىشىگە ئېچىۋېتىلگەن.

كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى تۆتىنچى ماددىسىغا ئاساسەن، 1959-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

تەستىقلىنىش ئەھۋالى

ئىمزا قويۇش ۋە ساقلاپ قېلىش باياناتىنى كۆرۈش

  ئەسلى تېكىستى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى تور بېكىتىدىن كۆرۈڭ

  خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئىدارەسى مۇدىرىيەت ئاكادېمىيەسى، 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى جەنۋەدە 40-نۆۋەتلىك يىغىن ئېچىپ،

  مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلەسى-يىغىن قارالمىسىنىڭ تۆتىنچى تۈرىنى قاراپ چىقتى،

  1930-يىلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامەسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە دىققەت قىلىندى،

  1926-يىلىدىكى قۇل چەكلەش ئەھدىنامەسىدىكى بەلگىلىمىگە دىققەت قىلىنىپ، بارلىق زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مەجبۇرىي شۇنداقلا زورلۇق ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇللۇق تۈزۈمگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋالنى چەكلەش، شۇنداقلا 1956-يىلى قۇللۇق تۈزۈم، قۇل ئېلىپ سېتىش ۋە قۇللۇق تۈزۈمگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۈزۈم ۋە ئادەتنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئەھدىنامە بەلگىلىمىسىنى تولۇقلاپ قەرزدارلىق ھاشار ۋە يانچىلىق تۈزۈمىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش،

 1954-يىلىدىكى مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئەھدىنامەسىدىكى مائاش قەرەللىك بېرىلىشى كېرەكلىكى، ھەمدە ئىشچى ھەقىقەتەن ئىشىنى تاماملىيالمىغان ئۇسۇل قوللىنىشنى چەكلەش بېرىدىغان مائاشنى ھېسابلاش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىندى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامنامەسىدىكى بايان ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامەسىدە كۆرسىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ھەر خىل مەجبۇرىي ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئۇسۇلى مەسىلەسىگە خىلاپ بولغان ئەھۋاللارنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى،

  بۇ تەشەببۇسلار بىر خەلقئارا ئەھدىنامە شەكلىنى قوللىنىشنى قارار قىلدى،

  1957-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تۆۋەندىكى ئەھدىنامەنى ماقۇللىدى، مەزكۇر ئەھدىنامەنى نەقىل ئالغاندا، 1957-يىلى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسى دېيىلسە بولىدۇ:

بىرىنچى ماددا

  مەزكۇر ئەھدىنامەنى تەستىقلىغان خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ئەزالىرى ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرلاش ياكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ۋە قوللانماسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(ئا) سىياسىي باستۇرۇش ياكى سىياسىي تەربىيەلەش قورالى سۈپىتىدە قوللىنىش ياكى سىياسىي كۆز قاراشقا ئىگە ياكى ئېلان قىلغان ياكى ئىدېئولوگىيە جەھەتتە مەۋجۇت سىياسىي، ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي تۈزۈمگە قارشى پىكىرنىڭ جازاسى دەپ قاراش:

(ئە) ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى سەپەرۋەرلىكى ۋە  ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى دەپ قاراش:

(ب) ئەمگەك تۈزۈمى قورالى دەپ قاراش؛

(پ) ئىش تاشلاشقا قاتناشقانلىقنىڭ جازاسى دەپ قاراش؛

(ت) ئىرق، جەمئىيەت، مىللەت ياكى دىنىي كەمسىتىش قورالى سۈپىتىدە قوللىنىش دەپ قاراش؛

ئىككىنچى ماددا

  مەزكۇر ئەھدىنامەنى تەستىقلىغان خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ئەزالىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ مەزكۇر ئەھدىنامەنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا بايان قىلىنغان مەجبۇرلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى دەرھال تەلتۆكۈس بىكار قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيەتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئۈچىنچى ماددا

  مەزكۇر ئەھدىنامەنىڭ رەسمىي تەستىقنامەسى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئىدارەسى ئىدارە باشلىقىغا يوللىنىپ خەتلىتىلىدۇ.

تۆتىنچى ماددا

  بىرىنچى، مەزكۇر ئەھدىنامە پەقەت تەستىقنامەنى ئىدارە باشلىقىغا خەتلەتكەن خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ئەزالىرىنىلا چەكلەش كۈچىگە ئىگە.

  ئىككىنچى، مەزكۇر ئەھدىنامە ئىككى ئەزا تەستىنامەنى ئىدارە باشلىقىغا خەتلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئون ئىككى ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە.

  ئۈچىنچى، ئۇنىڭدىن كېيىن، مەزكۇر ئەھدىنامە ھەر قانداق ئەزا تەستىقنامەنى خەتلىتىشكە تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ ئون ئىككى ئايدىن كېيىن ئاندىن شۇ ئەزاغا كۈچكە ئىگە.

بەشىنچى ماددا

  بىرىنچى، مەزكۇر ئەھدىنامەنى تەستىقلىغان ئەزا، ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ئون يىل توشقاندىن كېيىن، ئەھدىنامەدىن چېكىنسە بولىدۇ؛ ئەھدىنامەدىن چېكىنگەندە ئەھدىنامەدىن چېكىنىشنامەسىنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئىدارەسى ئىدارە باشلىقى تاپشۇرۇپ خەتلىتىدۇ. مەزكۇر چېكىنىشنامەسى خەتلىتىشكە تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە.

  ئىككىنچى، مەزكۇر ئەھدىنامەنى تەستىقلىغان ھەر بىر ئەزا، ئەگەر يۇقىرىقى ماددىدا بايان قىلىنغان ئون يىل مۇددەت توشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە، مەزكۇر ئەھدىنامەدە بەلگىلەنگەن ئەھدىنامەدىن چېكىنىش ھوقۇقىنى ئىشلەتمىسە، يەنى يەنە ئون يىللىق چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، مەزكۇر ماددىدا بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە، ھەر ئون يىل توشقاندا، مەزكۇر ئەھدىنامەدىن چېكىنسە بولىدۇ.

ئالتىنچى ماددا

  بىرىنچى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ئىدارەسى ئىدارە باشلىقى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا ئۇ خەتلىگەن بارلىق تەستىقنامە ۋە چېكىنىشنامەنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا يوللايدۇ.

  ئىككىنچى، ئۇنىڭغا خەتلىتىشكە يوللانغان ئىككىنچى تەستىقنامەنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا ئۇقتۇرغاندا، ئىدارە باشلىقى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە ۋاقىتقا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ.

يەتتىنچى ماددا

  خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئىدارەسى ئىدارە باشلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامەسىنىڭ 102-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەر قايسى ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۇنىڭغا خەتلىتىشكە يوللانغان بارلىق تەستىقنامە ۋە چېكىنىشنامەلەرنىڭ بارلىق تەپسىلاتىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىغا خەتلىتىشكە يوللايدۇ.

سەككىزىنچى ماددا

  خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئىدارىسى مۇدىرىيەت ئاكادېمىيەسى ئۇ زۆرۈر دەپ قارىغان ۋاقىتتا، يىغىنغا مەزكۇر ئەھدىنامەنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە يىغىن كۈنتەرتىپىدە ئەھدىنامەنى تولۇق ياكى قىسمەن  تۈزىتىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

توققۇزىنچى ماددا

  بىرىنچى، يىغىن يېڭى بىر ئەھدىنامەنىڭ تولۇق ياكى قىسمەن نۇسخا ئەھدىنامەنى قاراردىن ئۆتكۈزمىگەچكە، ئۇنداقتا، مەزكۇر يېڭى ئەھدىنامەدە باشقا بەلگىلىمە بولغاندىن سىرت، قالغانلىرى:

(ئا) ھەر قانداق ئەزا ئەگەر يېڭى تۈزىتىلگەن ئەھدىنامەنى تەستىقلىسا، مەزكۇر تۈزىتىلگەن ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغاندا، يەنى قانۇن بويىچە مەزكۇر ئەھدىنامەدىن چېكىنىدۇ، يۇقىرىقى بەشىنچى ماددىدىكى بەلگىلىمە بىلەن كارى بولمايدۇ؛

(ئە) يېڭى تۈزىتىلگەن ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ، مەزكۇر ئەھدىنامە ھەر قايسى ئەزالارنىڭ تەستىقلىشىغا دەرھال ئېچىۋېتىلىدۇ.

  ئىككىنچى، مەزكۇر ئەھدىنامەنى تەستىقلىغان ئەمما تۈزىتىلگەن ئەھدىنامەنى تېخى تەستىقلىمىغان ئاشۇ ئەزالارغا نىسبەتەن، مەزكۇر ئەھدىنامە قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەسلىدىكى شەكلى ۋە مەزمۇنى بويىچە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئونىنچى ماددا

  مەزكۇر ئەھدىنامەنىڭ ئىنگلىزچە ۋە فىرانسۇزچە تېكىستى ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە.

  ئالدىنقى مەزمۇن خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلىپ ھەمدە 1957-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى يىغىن ئاياغلاشقانلىقى جاكارلانغان 40-نۆۋەتلىك يىغىندا رەسمىي تەستىقلانغان ئەھدىنامەنىڭ تېكىستى. شۇڭا ۋەدىمىزدە تۇرۇش ئۈچۈن، بىز 1957-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىمزا قويدۇق.