ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، تۈركىيە باش ئەلچىسى بىلەن كۈرۈشتى

تارىم

2021-1-13

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

12-يانۋار ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تۈركىيىنىڭ ۋېئاننادىكى باش ئەلچىسى ئوزان جەيھۇن(Ozan Ceyhun) بىلەن كۈرۈشتى
ئاۋستىرىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ناھايتى ئاز بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاز بولىشىغا قارىماي، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى پائالىيەتچان.
بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى نەچچە قېتىملىق نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش، يەرلىك مېدىيالارنىڭ زىيارتىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يەرلىك ھۆكۈمەتكە بىلدۈرۈشتە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرستىپ كەلمەكتە.


ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئاز بۇلىشىغا قارىماي ئورۇن ئىجارە ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرۇش، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى قولىدىن كېلىشىچە ھەل قىلىشقا تىرىشىش، بالىلارغا ئانا تىل، مەدەنىيەت، ئۆرۈپ-ئادەت، ئېتىقاد دەرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالىلار ئۈچۈنمۇ مىللى كىملىك ئېڭىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكلاتتۇر.

ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان«تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» ئىمزانلانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر چىققاندىن كېيىن، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۇلۇپ، بۇ كېلىشىمنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن، تۈركىيىنىڭ ۋېئاننىادىكى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئىلتىماسىنى سۇنغان.


2021-يىلى 12-يانۋار تۈركىيەنىڭ ۋېئاننادىكى باش ئەلچىسىنىڭ ئىشخانىدا، باش ئەلچى ئوزان جەيھۇن ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى مەۋلان دىلشات، تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مەسئۇلى ئابدۇغۇپۇر ئ‍الىم، ئىچكى ئىشلارغا مەسئۇل مەسئۇلى تۇرغۇن رۇزى بىلەن كۆرۈشكەن.


كۆرۈشۈش 50 مىنۇت داۋام قىلغان بولۇپ، مەۋلان دىلشات باش ئەلچىگە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىساندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى ۋە ۋېئاننادىكى ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇردى.


كۆرۈشۈشنىڭ مۇھىم مەخستى بولغان «تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى»دىن، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكدىن ئەندىشە قىلۋاتقلىقىنى بىلدۈردى.


باش ئەلچى: بۇ كېلىشىمدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە چوڭ ئىش بولىدۇ دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇد چاۋۇش ئوغلى ئەپەندىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ كىلۋتقانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم بولىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مەۋلان دىلشات باش ئەلچى بىلەن يەنە تۈركىيەدىكى ۋەتەنداشلىقى يوق ئۇيغۇرلار تېمىسدىمۇ سۆھبەتلىشىپ، تۈركىيەدە ۋەتەنداشلىقى يوق، خىتاي پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كېتىپ، پاسپورتنى ئۇزارتالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، داۋالىنىش، مائارىپ جەھەتلەردە قىينچىلىققا دۇچ كىلۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. باش ئەلچى بۇ مەسىلىنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنى كۈزتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن