ماركس ۋە سپەنسر شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ھەرىكىتىگە ئ‍اۋاز قوشتى.

تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 9- يانۋار

ئەنگىلىيە رادىئو شركتى ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6- دېكابىر ئەنگىلىينىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك سېتىش شىركىتى ماركس ۋە سپەنسىر ئۆزىنىڭ ئ‍ۇيغۇر دىيارىدا ئ‍شلەنگەن ھەر قانداق پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئ‍ىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە باشقا شىركەتلەرنىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قۇل قىلىشىغا ئالاقىدار ھەر قانداق شىركەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغان. مەزكۇر شىركەت ئوخشىمىغان جايلاردىن 40 مىڭ توننا پاختا ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش چاقىرىقى كىيم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى توختىتىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارالغان.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن