تۋىتتېر، فەيسبۇك ، يوۋتۇب، ئىنستىگرام قاتارلىق تاراتقۇلار ترامپنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 7- يانۋار

6- يانۋار دۆلەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىردەك بۇ زوراۋانلىقنى بىر تارىخىي جىنايەت دەپ ئەيىپلىدى. دونالد ترامپنىڭ ئاق سارايدا يەنە 13 كۈن ۋاقتى بولۇپ، بىر قسم تاراتقۇلار بۇ مەزگىلدە ترامپنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشلەرنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرىشى ۋە قانلىق ۋەقەلەرگە قايتا سەۋەب بولۇشدىن ئەنسرەپ، ئۇنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «ۋاقىتلىق» چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. فەيسبۇك قۇرغۇچىسى مايىك زاكىربۇرگ مۇنداق دېدى: «بىز پىرېزدېنت ترامپنى بىزنىڭ مۇلازىمېتىرىمىزنى ئ‍ىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە ئ‍شىنىمىز.» دۆلەت مەجلىسىگە بۆسۈپ كىرىش ۋەقەسدىن كېيىن، دونالد ترامپنىڭ كۆپ قىسىم جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىمۇ بۆسۈپ كىرىش ۋەقەسنى ئەيىپلىدى ۋە ئۆزىنى دونالد تىرامپتىن يىراقلاشتۇردى، مەسلەن: داڭلىق جۇمھۇرىيەتچىلەردىن لىندزەى، گىراخام، مىت رومنى قاتارلىقلار بۇ ۋەقەدە ترامپنىڭ مەسئۇلىيتىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلىدى. ۋاشىنگتون شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەزكۇر ۋەقەنى تېررورلۇق بويىچە ئەيىپلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھازىرغا قەدەر 68 ئادەم قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر شەخس ۋاشنگتون شەھىرىدىن.