مايك پومپىيو دۆلەت مەجلىسىگە بۆسۈپ كىرىش ۋەقەسنى ئەيىپلىدى.

تۇرسۇنجان تۇراپ، ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى

6- يانۋار، ۋاشنگىتون

6- يانۋار سايلام نەتىجىسگە قارشى تۇرغۇچىلار دۆلەت مەجلىسگە بۆسۈپ كىردى. بۇ ۋەقە ئامېرىكا ۋە دۇنيادا ناھايتى كۈچلۈك تەسر قوزغىدى. دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى ئەزالىرى ئوخشاشلا بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىپلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرى مايىك پومپيو بۇ ۋەقەنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن يۈز بەرگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسگە بۆسۈپ كىرىش ۋەقەسنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى قانۇنسزلىق ۋە توپىلاڭنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. مەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدىم. مەن ھەمىشە كىشلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى ۋە مەيدانى ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن نارازىلىق بىلدۇرۇش ھوقۇقىنى قوللايمەن. بىراق بىزگە بىخەتەرلىك ئەكىلىش ۋەزىپىسى بار كىشلەرنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتترىش نەدىلا بولسۇن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ توپىلاڭغا ئارىلاشقان جىنايەتچىلەرنى ئادالەت سوتىغا تارتىشمىز كىرەك. ئامېرىكا بولسا مەن دۆلەت مەجلىسنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان جايدا يۈز بەرگەن نەسلەرگە يۇز بەرمەسلىك تىگىشلىك جايدۇر. مەن بۇ جايدا دېموكراتىيەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.