خىتاي رەزىل خاراكتېرىنى يەنە نامايەندە قىلدى

خىتاي دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسسلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلدى.

ئافراسىياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- يانۋار

خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋۇخەنگە بېرىپ،خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشىنى رەت قىلىپ، ئۇلارغا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بېرىشكە قارشى تۇرغان. سەيشەنبە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باشلىقى دوكتۇر تەدروس مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىغان سۆزىدە، ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىسنىڭ ئاللىقاچان ئۆز دۆلىتىدىن ىتتايغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، ئەمما خىتاي تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خىتاينىڭ ھەر قانداق خەلقئارالىق قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلمايدىغان باندىت ئىكەنلىكىنى قايتا ئ‍سپاتلىدى.