يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا

(2020- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى AFP خەۋەر ئاگېنتلىقى)

ئېگىز تام، قاراۋۇلخانا، تىكەنلىك سىم: خىتاي ئاخبارات مەنبەلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئۆلكىسىنىڭ داۋانچېڭدىكى بۇ ئەسلىھەنىڭ ئىچىدە كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى بار. ( توماس پېتېر / رېيتېر ئاگېنتلىقى) خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، دۆلەتنىڭ غەربىدىكى مىللەتلەرنى قايتا تەربىيىلەش نامىدا، ئۆچ ئېلىشقا ماسلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ . ئېنىقكى يۈزمىڭلىغان كىشىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئۆلكىسىدە يۈزمىڭلىغان يەرلىك مىللەت ئاھالىسى پاختىزارلىقتا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى يەرشارى سىياسەت مەركىزى (CGP) نىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، 2018- يىلى ئۇيغۇر ئۆلكىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئۈچ رايوندا، كەم دېگەندە 570،000 ئادەم دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، پاختىزارلىقتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى، دېيىلگەن. مۇتەخەسسىسلەر ئاگاھلاندۇرۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلارنىڭ سانى «نەچچە يۈز مىڭ» بولۇشى مۇمكىن، دېدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى پاختىنىڭ %20 تىن كۆپرەكى ئۇيغۇر ئۆلكىسىدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە «يوشۇرۇن ھالدا كەسكىن ئاپەت» ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ يىل مارت، ئاۋىستىرالىيەدىكى ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى ئادىداس، گاپ ۋە نايك قاتارلىق بىر قانچە خەلقئارالىق داڭلىق ماركا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۇيغۇر ئۆلكىسىدىكى نەچچە يۈزلىگەن، تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغان. پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ . كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇلار ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلار يەنە بېيجىڭنى قاتىللىق، غايىب قىلىۋېتىش ، قىيناش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەيدۇ. بېيجىڭ بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، ئىسلام رادىكاللىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان « مائارىپ مەركەزلىرى» ئاچقانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمەكتە . بۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭنىڭ ئىپادىسىگە قارىغاندا، لاگېرلاردىكىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاللىقاچان ئايرىلغان. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، نۇرغۇن سابىق مەھبۇسلار، لاگېرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەنلىكى مەلۇم. CGP دوكلاتىدا ھۆكۈمەت ھۆججىتى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ ، مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرنى ساقچىلارنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىدىغانلىقى، 《ھەربىي ئىنتىزامىدا》 باشقۇرۇلىدىغانلىقى ۋە جاي-جايلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان . 《ئامېرىكا خىتاينىڭ غەربىدىن پاختا ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى》ماۋزۇلۇق دوكلاتنىڭ ئاپتورى، ئادرىئان زېنز مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ : مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى، ئۆرنەك كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشى مۇمكىن . ئەمما « مەجبۇرلاشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى نەدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش مۇمكىن ئەمەس». «ئېنىقكى ئىشچىلارنى باشقا جايغا يۆتكەپ، كېۋەز يىغىشقا مەجبۇرلايدۇ ».

ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن ، ئامېرىكا 12- ئاينىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئۆلكىسىدىن پاختا ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى ۋە « قۇل ئەمگىكى» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى . بېيجىڭ بولسا، ۋاشىنگىتوننى يالغان خەۋەر تارقاتقان دەپ ئەيىبلىدى . ئامېرىكىدا ئىشلىتىلىدىغان پاختىنىڭ بەشتىن بىرى ئۇيغۇر ئۆلكىسىدىن كېلىدۇ.

(خەۋەر مەنبەسى: AFP خەۋەر ئاگېنتلىقى. گېرمانچىدىن : ئابدۇرەھىمجان تەرجىمە قىلغان)