«لاگېردىكىلەر قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىككە ئېرىشكەنگە قەدەر!»

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 31- دېكابىر

بۈگۈن خىتاي كونسۇلى ئالدىدىكى پائالىيەتنىڭ 10- كۈنى ئاخىرلاشتۇردى. بىر نەچچە پىداكار ياش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىك، قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان بۇ يولى بۈگۈنكى كۈندە يۈزلىگەن كىشىلەرنى ئائىلىسىنى  ئىزدەش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ھەرقايسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، سوتسىيال مېدىيالارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى ئۇستازلارنى، ئوقۇغۇچىلارنى، خەلق ئاممىسىنى ئۇيغۇرلارغا بولغان ئىنسانلىق، مۇسۇلمانلىق، قېرىنداشلىق ۋەزىپسىنى خاتىرلەتتى.

بۈگۈن خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدى ئانىسىنى، دادىسىنى، يولدىشىنى، ئايالىنى، قېرىنداشلىرىنى، دوستلىرنى ئىزدەۋاتقان مېھرىبانلار بىلەن تولدى. ئۇلار خىتايغا «ئائىلىمىز قەيەردە؟» دەپ سوئال قويۇپ، خىتاينى خەلقى ئالەمنىڭ ئالدىدا  سوراققا تارتتى. مانا بۇ بىر ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا بولغان، بىر ھەدىنىڭ سىڭلىسىغا بولغان، بىر يىگىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىغا، جاسارەتلىك ئىنى-سىڭىللىرمىزنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىغا بولغان ۋاپادارلىقى، چىن سۆيگۈسىنىڭ بۈگۈنكى كىچىككىنە نەتىجىسى ئىدى.

سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىنسانغا كۈچ ۋە روھى ئوزۇقتۇر. ئائىلىگە بولغان ۋاپادارلىق ئىنسانلىق پەزىلەتنىڭ ئەڭ ئەقەللىيسىدۇر. مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ۋىجداننىڭ سورىقىدۇر.

مانا بۇ ۋىجدان بۇ ياشلارنى ئايلاردىن بېرى ئىستانبۇلنىڭ كوچىلىرىدا قوللىرىغا خىتاي يالغان دېيەلمەيدىغان پاكىتلارنى ئېلىپ، بىر ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقى بولغان ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسنى ئىزدەتتى. مانا بۇ ۋىجدان 10 كۈندىن بېرى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا 10، 8 سائەت ئۆرە تۇرغۇزدىيۇ، ھاردۇرمىدى، چارچاتمىدى. ئۇلار بۇ جەرياندا ئۆز ئائىلىسىنىڭلا ئەمەس، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەنى ئەڭ چۈشىنىشلىك، ئاڭلىغانلا ئادەم قوبۇل قىلالايدىغان بىر خىل ئۇسۇل بىلەن جەمئىيەتكە، ھەرقايسى تاراتقۇلارغا بىلدۈردى.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپرانتلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ كىچىك قوشۇن، ئۆزىگە خاس ئۇسۇل ۋە بىر نەچچە تىل بىلىشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن ھەرقايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرى، خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ۋە ھەر تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يارقىن شەكىلدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

ھەبىبۇللاھ كۈسەنىگە ئوخشاش بىر قىسىم مىللەتپەرۋەر ئۇستازلار، ئابدۇرەشىت جېلىل قارلۇق، بورھان ئۇلۇغ يولغا ئوخشاش ئۆز مەسئۇلىيتىنى تۇنۇغان دوكتۇر، پروفېسسورلارنىڭ ھەمدەمدە بولۇشى، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بۇ پىدائىيلارنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشتى.

ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ «سىلەر بۇ پائالىيەتنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرسىلەر؟» دەپ سورىغان سوئالىغا بىردەك  «لاگېردىكىلەر قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىككە ئېرىشكەنگە قەدەر!» دەپ جاۋاب بەردى. مانا بۇ بىر ئوغۇلنىڭ ئانىنى قۇتقۇزۇش ئىرادىسى، بىر قىزنىڭ دادىسىغا بولغان مۇھەببىتى، بىر ھەدىنىڭ سىڭلىسىغا بولغان قېرىنداشلىق مېھرى ۋە بۇ ياشلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان ساداقىتى ئىدى. مانا بۇ  قانداشلىق مېھرى ۋە ئىنسانىيلىق بۇرچى ئىدى.

بىز بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا يېڭى يىللىق سالام يوللايمىز.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن