ساپ ئازاب ۋە تىنچلىقپەرۋەر قارشىلىق

سەلكەر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 29- دېكابىر

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي رېجىمىنىڭ تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا سەككىز كۈندىن خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا بىگۇناھ سولانغان تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش مەقسىتىدە ئۆزلىكىدىن تەشكىللەنگەن ياشلارنىڭ  پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

2020- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى، يەنى بۈگۈن بۇ پائالىيەت 8- كۈنىگە قەدەم قويدى. پائالىيەت باشلانغاندىن بۇيان، گەرچە ئانا ئېقىم مېدىيا ئورگانلىرى بۇ پائالىيەتكە لايىقىدا ئېتىبار بەرمىگەن بولسىمۇ، ئىختىيارى مۇخبىرلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ژۇرنالىسىتلىرى، يۇتۇب ۋە تۋىتتېر چولپانلىرى بۇ پائالىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە يېقىندى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.  بۈگۈنگىچە ئىختىيارى مۇخبىر، يازغۇچى ۋە سەيياھ ئادەم ئۆزكۆشە، ژۇرنالىسىت، تەتقىقاتچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى شەبنەم ئورۇچ خانىم  ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى بىۋاستە نەقمەيدانغا بېرىپ ياشلارغا مەدەت بەردى، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ۋە رەسمىي ھېساپلىرىدا تارقىتىپ خەۋەرلەشتۈرىدى. بۈگۈن ئېتىبارى بىلەن، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بىرى بولغان ياخشى پارتىيەنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى باشلىقى ساتۇق بۇغرا كاۋۇنجۇ ئەپەندى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا بېرىپ ياشلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سالدى.

بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر تەرىپى تەشكىللىگۈچىلەرگە بىۋاستە مەدەت بەرگىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭمۇ بولۇشى ئىدى. دوتسىنت، دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغ يول ۋە پروففېسسور، دوكتۇر ئابدۇرەشىت جېلىل قارلۇقنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىدىكى ياشلارنى قوللاش ئۈچۈن خىزمىتىنى قايرىپ قويۇپ، يولنى ئۇزاق دېمەي كېلىشى تەسىرلىك ۋە نەمۇنە خاراكتېرلىك تۇتۇم. بۇ ھەم مەزكۇر يازمىنىڭ قەلەمگە ئېلىنىش سەۋەبى.

ھىندىستاننى ئىنگلىز مۇستەملىكىسىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن گەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تىنىچلىقپەرۋەر، ئەمما ناھايتى ئۈنۈملۈك مېتود بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنىدى. قارشىلىقلىرى نەتىجىسىدە ئىنگلىزلار چارىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇنداقتا گەندىنىڭ مېتودى قانداق ئىدى؟

ھەممە ئىش تورېئونىڭ «پۇقرالار ئىتائەتسىزلىكى» دېگەن كىتابى بىلەن باشلانغان. 1907- يىلى ئافرىقىدا ئادۋۇكاتلىق قىلىپ يۈرىۋاتقان گەندى دۆلىتىنى مۇستەملىكىدىن، خەلقىنى زۇلۇم-سىتەمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن توختاۋىسىز باش قاتۇرىدۇ. دەل شۇ پەيتتە تورېئونىڭ «پۇقرالار ئىتائەسىزلىكى» ناملىق كىتابى قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ كىتابتا ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشتا مۇراجىئەت قىلىنىدىغان يوللار ھەققىدە توختالغان بولۇپ، گەندى بۇ كىتابتىن ئېلھاملىنىپ، بىر قانچە تېزىسنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلار قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانىدا، بىرىنچى، زوراۋانلىق قىلماسلىقتا قاتتىق چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، ئادالەتتە مۇستەھكەم تۇرۇش؛ ئۈچىنچى، روھنىــڭ كۈچــى، ھەقىقىــي مۇھەببــەت ۋە يۇمشــاقلىق بىلــەن تەســىر كۆرســىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. گەندى بۇ تېزىسلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە توختالغاندا،  بىزنىڭ غەلىبە قىلىشمز سانغا ئەمەس سۈپەتكە باغلىق.  يەنى سان ئاز بولسىمۇ ئازاب ساپ ۋە ئۇ ئازابنىڭ ئىگىسى پىداكار ۋە پاك بولسا، غەلىبە بىزگە مەنسۇپ دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا تېزىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدا پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىدۇ.

گەندى يۇقارقى تېزىسلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بىرقانچە پرىنسىپقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ پرىنسىپلارغا رېئايە قىلىنمىغاندا، تىنچ قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى كۈچ مەركەزلىرى تەرىپىدىن سۈيئىستىمال قىلىنىپ كېتىشى ياكى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈلۈپ قويۇلۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى: بىرىنچى، كۈچ مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن ساقلىنىش؛ ئىككىنچى، پاسسىپ قارشىلىق تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوللىنىش؛ ئۈچىنچى، سادياگراھانىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش.

گەندى ئۆزىنىڭ مېتودىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سەرخىللارنىڭ رولىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىرقانچە جانباقتى ياكى بىكار تەلەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قانۇن چىقىرىش ياكى سىياسىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ پايدىسى يوق. بۇ ھېچقانچە تەسىر قوزغىيالمايدۇ. ئالىي مەلۇماتلىق، خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن، تونۇلغان كىشىلەر ھەق-ھوقۇق دەۋالىرىدا مۇستەھكەم تۇرالىسا، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىيالايدۇ. ئۇلارنى دورايدىغان، تەقلىد قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. بۇ مەسىلىنى داڭلىق پسىخولوگ نەۋزات تەرخان مۇنداق يىغىنچاقلايدۇ – رەقىپكە نىسبەتەن«جاۋابكار» ھېساپلىنىدىغان كىشىلەر ئامما ئارىسىدا ئالقىشلىنىدۇ.  بۈگۈن ھۆرمەتلىك ساتۇق كاۋۇنجۇ ئەپەندىمنىڭ خىتاي كونسولخانىسى ئالدىغا ئاتايەن كېلىشىمۇ بەلكى پروفېسسور ئا. جېلىل قارلۇقنىڭ ئۇيەردە بولۇشى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.  ئۈمىدىمىز شۇكى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان  ئالىي مەلۇماتلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىمۇ مەزكۇر مېتود ئارقىلىق ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانىنى راھەتلىتەر. ئەلۋەتتە ياشاۋاتقان دۆلىتىنىڭ قانۇنى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىلىرى يول قويغان دائىرىدە.

ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن سوغۇقنى سوغۇق دېمەي، مەزمۇت قەدەم، قەيسەر روھ، قەتئىي ئىشەنچ بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىۋېرسىتېت تەربىيەسى كۆرگەن، ماگېستىر ئاسپىرانىت، ھەتتا دوكتورانتلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇلار بىۋاستە ئۇچرىغان ھەقسىزلىق ئۇلارنى ساپ ئازاب بىلەن يۇغۇرۇپ، چىشىنى چىشلەپ تىنچ ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندىگەن. ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، مەدەت بەرگىلى كەلگەنلەر ھەم ئۆز ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان ئالىي مەلۇماتلىق پروففېسسور ۋە دوتسىنتلار.  ئۇلارمۇ مىللىتىنىڭ، ياشلىرىنىڭ دەردى بىلەن دەرتلەنگەن.  گەندى ئېيتقاندەك سان ئەمەس سۈپەت بىلەن، ھاياجان ئەمەس پاراسەت بىلەن پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ياشلارنىڭ روھى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغان پروففېسسور، دوتسىنت ۋە باشقىلارنىڭ كىچىك پېئىللىقى ئۆگىنىشكە لايىق.

يېزىلىدىغان نۇرغۇن گەپلەرنى يازغىلى بولمايدىغان بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، يازمىنىڭ ئاخىرىدا ھەق-ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش يولىدا ھارماي كۆرەش قىلىۋاتقان ياشلارنى تەبرىكلەيمىز. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ بۇ تىنىچلىقپەرۋەر، راتسىئ‍ونال پائالىيتىنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن