ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» قۇرۇش تەكلىپ – پىكىر، مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 28- دېكابىر

        ئەسسالا ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار!

كېينكى يىللاردا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ مىسلىسىز كۈچىيىشى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئالاقسىنىڭ ئۈزۈۋىتىلىشى تۈپەيلى، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ سانى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆلەملەشتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چېچىلغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقانلار خېلىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەكتە. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار گەرچە ئىستانبۇلدا مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، يەرلىشىشنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى، ئىقتىسادىي بېسىم ۋە كوللىكتىپ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنىڭ شەكىللىنەلمىگەنلىكى سەۋەپلىك كىچىك بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا خاس بىر مەھەللە بەرپا قىلالمىدى. ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى مىللىي مەۋجۇتلىقىمىز جىددىي بىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنى، مائارىپى ۋە ئىقتىسادى قاتارلىق كۈچلىرىنى ساقلاپ قالىدىغان، شۇنداقلا تەرەققىي قىلدۇرشقا بازا بولىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار كوللىكتىپ ئولتۇراقلاشقان، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچى ئۆزئارا مۇجەسسەملەشكەن بىر مەھەللە ياكى رايون قۇرۇپ چىقىش تولىمۇ زۆرۈر ۋە تەخىرسىز بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا. مۇشۇنداق بىر زۆرۈر ئېھتىياج تۈپەيلى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا كەڭ قۇچاق ئېچىشنى مەقسەت قىلغان «شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى پىلانى دەسلەپكى قەدەمىدە  پىكرى بىردەكلىككە ۋە بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە بولدى.


2020- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى ( چارشەنبە) ئىستانبۇلدىكى شەرقي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» قۇرۇشنىڭ تەكلىپ-پىكىر، مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، دوتسېنت ئاتاۋۇللاھ شاھيار، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم، دوتسېنت ھاجى قۇتلۇق قادىرى قاتارلىقلار ئېكران ئارقىلىق قاتناشتى. ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلغەنى  قۇتۇبى، ئۇيغۇر تور تېلېۋىزىيەسى مەسئۇلى يۇنۇسجان توختى، دوكتۇر نۇرىددىن ئىزباسار، ماگىستىر ئاسپىرانت مەھمۇتجان ياسىن، قۇرۇلۇشچى ئابدۇرېھىم ھاجىم تەشنا قاتارلىقلار ۋە شەرقي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى ئىدارە ھەيئىتىدىن ھەبىبۇللاھ كۈسەنى، مەھمۇد داموللام، دوتسېنت بورھان ئۇلۇغيول، جۈرئەت ھاجىم، قۇربان ھاجىم قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىنغا ھەبىبۇللاھ كۈسەنى رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە «شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» قۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى، تەخىرسىزلىقى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە سۆز قىلدى. شۇنداقلا  شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنئالا ئىشلەنگەن تەييارلىق خىزمەتلەر ۋە سېلىنغان ئىقتىسادىي مەبلەغلەر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە 2006- يىلى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم تەكلىماكان تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ۋە مەھەللىنى چوقۇم «شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» دەپ ئاتاشنىڭ مۇقەررەر شەرتلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. بۇ ئىسىمنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىرلىكىگە، سىياسى ئىرادىسىگە ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم بولسا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» قۇرۇشنىڭ دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولىنىڭ ۋە ئەھمىيىتىنىڭ چوڭلىقى ھەققىدە توختالدى. قۇرۇلىدىغان مەھەللىنى ئۇيغۇرچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىش، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى ۋە كىچىك تىپتىكى شەرقىي تۈركىستان مۇزىيى قۇرۇپ چىقىش، ئۇيغۇرلارنى ھۈنەر-تېخنىكىدا كەسپىيلەشتۈرۈش، مەھەللىنى ۋەخپە سىستېمىسى ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىش ۋە تۈركىيەدە قۇرۇلغان ئاخىسكا، تاتار مەھەللىلرىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا تەۋسىيە قىلدى. ئارقىدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسگە  تولىمۇ ئېھتىياجنىڭ بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان بىر مەھەللە بەرپا بولغاندا كۈچنىڭ مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىنىڭ مۇھاجىرەتتە ساپ ھالەتتە ساقلىنىپ قالىدىغانلىقى، ئۆرپ-ئادەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى، مىللىي ئىقتىسادىي ئىگىلىك ۋە مىللىي جۇغلانمىنىڭ بەرپا بولىدىغانلىقى، يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا شارائىت ھازىرلىندىغانلىقى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە نىسبەتەن داۋا ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئىمكانىيەت ھازىرلىندىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوتسېنت ھاجى قۇتلۇق قادىرى بولسا بۇ مەھەللە ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال پىلان كومىتېتى قۇرۇش، ئارقىدىن كومىتېت يېتەكچىلىكىدە سىستېمىلىق پىلان-لايىھە يېزىپ چىقىش ۋە مەھەللىنى شۇ ئاساستا قۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن فرانسىيەدىكى ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قالغان يەھۇدىيلار مەھەللىسىدىن ئۆرنەك ئېلىش، بىنالارنى ئۇيغۇر مىللىي بىناكارلىقى ئۇسلۇبىدا سېلىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋەتەندە يوق بولۇشقا يۈزلەنگەن ۋە دىئاسپورادا تېخى شەكىللەنمىگەن ئۇيغۇر مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە مىللىي ئىگىلىكنى ئامال بار ساقلاپ قېلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس كۇرس ئېچىپ ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. تىجارەتچى قۇربان ھاجى بولسا ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئىگىلىك بازىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسىگە كەلگۈسىدە قۇرماقچى بولغان زاۋۇتلىرى ۋە بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئ‍ۆزىنىڭ پىلان-تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنئالا سېلىنغان مەبلەغ ۋە ئىشلەنگەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى قۇرۇش تەسەۋۋۇرى 15 يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن ئەمىلىيلەشمىگەنلىكى ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. دوكتور بورھان ئۇلۇغيول بولسا بۇ مەھەللە ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ئىقتىسادىنىڭ ۋە ئىگىلىكىنىڭ بىر مەركەزلىك جۇغلانما ھالەتكە يۈزلىدىنغانلىقى ۋە ئايلانما مەبلەغ ھاسىل قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز پىكىرىنى ئ‍وتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بۇ مەھەللىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بولىدىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇنى ھەل قىلشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختالدى. ئاخىرىدا دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئىستانبۇلدا  شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ مەھەللىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە ئارقىلىق ساقلاپ  قېلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى. بۇ مەھەللىنىڭ كەلگۈسىدە چەتئەلدە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ۋە تەلپۈنىدىغان ھېيىتگاھى بولۇپ قالدىغانلىقى، ئورتاق ئۇيغۇر مەھەللىسىدە بىللە ياشاشنىڭ فىزىكىلىق ھېس-تۇيغۇ، كۈلتۈرەل، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي يېقىنلىقنى بارلىققا كەلتۈردىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ بىرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىپ، ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. بۇ مەھەللە ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلماقچى بولغان دۆلىتىنى، سمۋول ۋە رېئال مەنىدىن كىچىك دائىرىدە بولسىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى، كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ياشىشىغا ئۇلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نۇرىددىن ئىزباسار بولسا ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرى بولغان بالىلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىدە چوڭ بولۇشى، شەرقىي تۈركىستانچە ئويلىيالايدىغان، شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە بولالايدىغان، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلەيدىغان بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارغا ياشاۋاتقان جايىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلىنى كۆرسىتىش ۋە شۇ ھاياتتا ياشىتىش كېرەكتۇر. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەھەللە قۇرۇش شەرتتۇر. خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدىكى مېھىر مۇھەببەت ۋە ئىشەنچنىڭ كۈچىيىشى، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈنمۇ ئورتاق بىر ماكاندا ھايات كەچۈرۈش كېرەكتۇر. بۇ مەھەللە، مۇھاجىرەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر رامكىسى بولۇش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىر كۈچ ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر، دېدى.

ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئوتتۇرىغا چۈشكەن تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئىككى سائەتكە يېقىن ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلدى. «شەرقىي تۈركىستان مەھەللىسى» قۇرۇپ چىقىشقا ئىستانبۇلغا يېقىنلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقانلىقى، ئ‍ۇيغۇر زاۋۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئىش ئىمكانىيتىگە ۋە ئىقتىسادىي مۇستەقىلىققە ئىگە قىلىۋاتقانلىقى، «ئوقۇ ئۇيغۇر» مەكتىپىنىڭ مىللىي مائارىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى سەۋەبىدىن، سېلىم پاشانىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بىردەكلىكىگە كەلدى. سان ۋە كۆلەم جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەندە، بۇنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلانى مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ۋە كەلگۈسىگە نىسبەتەن داۋا ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا زور پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئ‍ورتاق كۆزقاراشقا كەلدى.

يىغىن ئاخىرىسىدا بۇ قېتىمقى «شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» قۇرۇش پىلاننىڭ بۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇپ چىقىمىز دېگەن ۋە دەۋاتقان ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزگە بىلدۈرۈشنى قارا قىلدى.

يىغىن بۇ پىلاننىڭ  ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا خەيرىلىك بولۇشى ئۈچۈن دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن