مۇنازىرە: ئۇيغۇرلار قانداق قىلغاندا قەد كۆتۈرەلەيدۇ ؟(1)

مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە رەتلىگۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئىلاۋە:ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچى ۋە سرتىدا تاريخى مەۋجۇتلۇق كىرزىسدە تۇرىۋاتىمىز، بىرلىككە كەلگەن سياسى ئاپپارات يوق، كۇچلەر تارقاق، ئېقتسادى ئاساسى ئاجىز، بۇنداق بىر پەيتتە ئۆزىمىزنى قانداق كۇچلەندۇرىمىز؟ قەد كۆتۇرۇشمىز ئۇچۇن نىمە لازىم؟ دىگەن تېمىلار ھەققىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر مۇنبىرى، ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى توپلىرىدا ئاممىباب مۇنازىرە قوزغىدۇق، ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدۇ. پىكرى ئ‍ۆزىگە مەنسۇپ. ئىنتىرنىتقا يوللانغاندىن كېين قوشۇلغان مۇنازىرلەرنى داۋاملىق قسملارغا بۆلۈپ كۆپچىلىككە سۇنىمىز.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان: ئۇيغۇرلار قانداق قىلغاندا قەد كۆتۇرەلەيدۇ؟

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىن ھەبىبۇللا ئىزچى: ھەر كىم ئۆز -ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى، ئاندىن پۈتۈن ئۇيغۇرلار مىللى مەنپەئەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلىشى لازىم.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىن ئابدۇۋەلى: ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئ‍سلاھ قىلىشتا، كۇچلۇك ئ‍ېقتسادى ئاساس بەرپا قىلىشى كىرەك.

ئامېرىكا ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن سنتاش: ئۇيغۇرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئامېرىكا كېرەك، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، يوقۇلىشى (ئۈچۈن) خىتاي… بىزنىڭ مىللەت پەقەت شارائىتدىنلا مەھرۇم قالغان مىللەت. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئادالىتى خىتاينى چېكىندۈرەلىسە ئۇيغۇلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلار مەركىزى ئاسىيادىكى ئەڭ قەد كۆتۈرگەن ئىلغار مىللەت بولالايدۇ. بۇنىڭ ئىسپاتى ۋەتەندىكى سەرخىللەر، كەسىپ ئىگىلىرى، كارخانچىلار، ھەم بارلىق قۇلى ھۇنەرگىلا كىلىدىغان ئەمگەكچى خەلقىمىز.

ئامېرىكا ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن خەمىت سىدىق :ھەممىمىز ئۆز قىممىتمىزنى كۆتەرسەك،ئۇيغۇرنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ.پەقەت ئەڭ توغرا،ھەققانى ئ‍شلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىرلىشپ قىلالىساق،ئاللاھنى تەسرلەندۇرەلەيمىز،شۇ چاغدا ئۇيغۇر قەد كۆتۇرىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسدىن ئابلىز ئابدۇقادىر: ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسنى ئامېركىدىكى ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرغا ئالاقىدار بولغان ئادەملەر تونۇپ يىتىگلىك . لىكىن يەنىلا كۆپ قىسىم خەلقى بىزنىڭ مەسىلىمىزنى بىلمەيدۇ . ئاۋۋال ئۇيغۇر مەسىلىسنى ھەممە ئادەم بىلدىغان بولۇپمۇ ئامېركىلىقلار بىلدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىشى كىرەك. شۇنچە كۆپ خەۋەر چىقىۋاتسا قاندا بىلمەيدۇ دىيىشىڭلار مۇمكىن . ئادەتتىكى مەكتەپلەردىكى بالىلار ، خىزمەتچىلەر ، ۋە بالاڭلارنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئاتا -ئانىلىرى ۋە خوشناڭلار بىلەن بىزنىڭ مەسىلىمىز ، ئۇيغۇر -خىتاي مەسىلىسى ئۈستىدە پاراڭلىشىپ باقساڭلار ئۇلارنىڭ بۇ توغۇرلۇق ھىچقانداق ئۇچۇر بىلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىلەر.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىن ئەنۋەر ئەردەم : ئۇچ نەرسە كىرەك: رەھبەر، پۇل ۋە ئەسكەر.

ئ‍ۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىن باتۇر قاراخانلى: سىياسەت ئويناشنى بىلىدىغان جامبازلار كۆپرەك يېتىشىپ چىققاندا، ئاۋامدا مىللىي ئاڭ، سىياسىي ساپا ئۆسكەندە، مەسىلىنى ھېسسى نۇقتىدىن ئەمەس ئەقلىي ۋە مىللىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئويلايدىغانلار كۆپەيگەندە ئۇيغۇر كۈچلىنىدۇ.

ئ‍ۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىن ھەبىبۇللا ئىزچى: بىرىنجى جۇمھۇرىيەت زامانىدىكى ئاجىز كۇچ ياكى دىنى ئەقىدىگە تاينىلاپ دۆلەت قۇرىدىغان دەۋر كەتتى.ھازىرقى ھالەتتە خىتاينى پولىتىكا جەھەتتىن قىسماققا ئېلىش ۋە دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنسا نىمىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ، قايىل قىلىش ۋە بۇ ساھەدە خىزمەت قىلالايدىغان مىللى مەنپەئەتنى شەخسى مەنپەئەتتىن ئۈستۈن بىلىدىغان لوبىچىلىك خىزمىتىنى كۈچلەندۈرۈش كېرەك.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەر كىم ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە مەن نىمە قىلالايمەن ،نىمە قىلىشىم كېرەكنى بىلىشى كېرەك.

ئىزچى: ئەڭ مۇھىمى ھازىرغىچە بىز نەزەردىن ساقىت قىلغان ياكى تەسىر كۆرسىتەلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك روسىيە مەسىلىسى بار.داۋانىڭ غەرپتە تەرەققى قىلىشى سىياسىي سەھنىلەردە پىكىر ھاسىل قىلسا، روسيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچلۈنىشى خىتايغا بىۋاستە تەھدىت ۋەتەندىكىلەرگە ئۈمىت بېرىدۇ ۋە بۇ ئاساستا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قوراللىق قانىتىتىنىمۇ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر روسيەنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قايىل قىلىش ئەڭ مۇھىم ئىدى، تۈركچىدە بىر تەمسىل بار، ئىشنى بۇزغان ئەڭ ياخشى تۈزەيدۇ دەيدىغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن جۇنەيدىن: «كىچىك شەخسى ئىسىل پەزىلەتلەرنىڭ سىياسى ھاياتىمىزدا ئىپادىلىنىشى» مۇھىمدۇر.

ئامېرىكا ئۇيغۇر مۇنبرىدىن سىنتاش: ئىقتىساد كېرەك، لېدىر كېرەك، ئارمىيە كېرەك دېگەنلەر سەل گۈدەىكلەرچە سۆزلەر. بىزگە بۇلاردىن قانچىلىك كېرەك؟ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىنمۇ قۇدۇرەتلىك بولىدىغان مىقتاردا كېرەكمۇ ئۇنداقدا؟ بۇ مەنتىقىلىق ۋە رىيالىستىك تەپەككۇر ئەمەس. ھازىر بىزگە ئامېرىكىنىڭ خىتاينى تىز پۈكتۈرىشى كېرەك. بۇ ئەڭ رىيالىستىك ۋە ئۈمىدۋار قاراش. ئۆزىمىزدە ئۇنچىلىك قۇدىرەتلىك بولۇش شارائىتىنى «بولۇش كېرەك» دەپ ئويلىساق ئاللىقاچان قەد كۆرتۈرۈپ بولغان بولمامدۇق؟