قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت) نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى

غەربىي شىمال نوپۇسى
2019-يىلى 3-سان 40-توم

لى جيەنشىن، ياڭ يۈ، جياڭ نەن
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتىتى، بېيجىڭ (100871)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇقادىر ئابلىز

[مۇھىم نۇقتا] 2010- يىلىدىكى ئالتىنچى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ۋە ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكا يىلنامەسى قاتارلىق باشقا سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، مەزكۇر ماقالە قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت) نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن بايان خاراكتېرلىك تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ. خىتاي دۆلەتىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانىغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسى ئۆزگىرىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، خىتاي دۆلەتىدىن ئاستا. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئىچكى قۇرۇلما پەرقىدىن قارىغاندا، رايون پەرقىدە، شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىن ئىلگىرى، شەھەرلەر يېزىلاردىن ئىلگىرى؛ مىللەت پەرقىدە، خىتايلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئىلگىرى؛ ئۇنىڭدىن باشقا كۆچمە نوپۇسنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە نوپۇس ئۆزگىرىش ئوربىتىسى بار. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ پەرقلىق بولۇشى مەلۇم دەرىجىدە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تەرەققىياتى جەريانىدىكى كۆپ خىل مەسىلەلەرنىڭ تەڭلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە دەستىلىنىدىغانلىقىنىڭ ئاساسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسىنىڭ ئىچكى قۇرۇلما پەرقى خاراكتېرىنى تولۇق تونۇپ يېتىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاندىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەرەققىيات ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرەلەيمىز.

[يازغۇچىلارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى] لى جيەنشىن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)غۇلجىدىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتىتى پىروفېسسورى، تەتقىقات يۆنىلىشى: نوپۇس ئىلمى، نوپۇس جەمئىيەتشۇناسلىقى؛ ياڭ يۈ، ئەنخۈي شۈەنجىڭدىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتىتى دوكتور ئاسپىرانت، تەتقىقات يۆنىلىشى: نوپۇس جەمئىيەتشۇناسلىق؛ جياڭ نەن، شەندۇڭ ۋىندىڭدىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتىتى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى (ئوقۇش پۈتتۈردى)، تەتقىقات يۆنىلىشى: نوپۇس جەمئىيەتشۇناسلىقى.

بىرىنچى، مۇقەددىمە

تىپىك نوپۇس ئۆزگىرىش «نەزەرىيە» سى يەنى بىرىنچى قېتىملىق نوپۇس ئۆزگىرىشى، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بىر قىسىم غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈشنىڭ تۆۋەنلەش ھادىسىسىنى قىسقىچە بايان قىلىدۇ. مەزكۇر نەزەرىيە غەربنىڭ سانائەتلىشىش، زامانىۋىيلىشىشىغا ئەگىشىپ، نوپۇسنىڭ ھەممىسى يۇقىرى تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە يۇقىرى ئۆلۈش نىسبىتىنى بەلگە قىلغان ئاساسەن تىنچتەك ھالەتتىن، تۆۋەن تۇغۇلۇش نىسبىتى، تۆۋەن ئۆلۈش نىسبىتى ۋە تۆۋەن ئۆسۈش نىسبىتىگە ئالمىشىدىغان نوپۇس ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. (Ansley J. Coale,1986[1] ;Dirk J. Van de Kaa,2008[2 ).] ئەنئەنىۋى نوپۇس ئۆزگىرىش نەزەرىيەسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى فىرانسىيەلىك ئالىم لاندرى 1909-يىلى «نوپۇسنىڭ ئۈچ خىل نەزەرىيەسى» دېگەن ماقالىدا ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان، كېيىن نۇرغۇن داڭلىق نوپۇسشۇناسلار بۇ نەزەرىيەنى تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، مەسىلەن ئامېرىكىلىق ئالىم تومسون ئوتتۇرىغا قويغان نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق مودېلى، نوتىستېن ۋە كول ئوتتۇرىغا قويغان نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ تۆت باسقۇچلۇق مودېلى شۇنداقلا ئەنگلىيەلىك نوپۇسشۇناس بىلەيك ئوتتۇرىغا قويغان بەش باسقۇچلۇق مودېل قاتارلىقلار (A. Landry,1909[3] ;S. Thomson, 1929[4] ;Notestein,1945[5] ;Ansley J. Coale,1973[6 ). ] گەرچە بىر خىل رىئاللىق سۈپىتىدە، نوپۇس ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت بۇ جەريان ھازىرغىچە قىسمەن دۆلەت ۋە رايونلاردىلا مۇكەممەل پەيدا بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى پەرقلىق، ئەمما بىر نەزەرىيە مودېلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ ئىزى ۋە قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى، كېيىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە مۇئەييەن چۈشەندۈرۈش كۈچى ۋە ئالدىن پەرەز قىلىشچانلىققا ئىگە.(Bongaarts and Watkins,1996)[7).]

يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىن كېيىن، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقتىن مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، زامانىۋىيلىشىش يولىغا ماڭدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىمۇ كەينى-كەينىدىن قوزغالدى. يىگىرمىنچى ئەسىردىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كەڭ تەرەققىيات نوپۇسى ئۆزىنىڭ كۆچۈش جەريانى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتتى، ئامېرىكا نوپۇسشۇناسى ئانسلىي ج كول ( Ansley J Coale, 1973) [6] نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇرۇشتىن كېيىن كۆپلىگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى شۇكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئارقىدا قالغانلىقى، بۇنداق ئارقىدا قېلىشنىڭ نەتىجىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى نوپۇس كۆلەمىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى. نو تېستىن (No⁃ testein [1945]5) ئىلگىرى، «تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشى سىرتقى كۆچۈشنىڭ ئىنكاسى، چۈنكى ئىنسانلار ھەمىشە ساغلام بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى كونا ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ تەدرىجىي يوقۇلۇشى ۋە ئائىلە كۆلىمىگە ئائىت يېڭى ئۇقۇمنىڭ تەدرىجىي تىكلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىدە، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئۆزگىرىشىنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىر تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك ھادىسە. يېڭى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىپ، داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ تېزلىكتە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تېزلىكتە تۆۋەنلەپ، نوپۇس ئۆزگىرىشى باشلاندى، قىسقىغىچە 50 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا تاماملىغان نوپۇس ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى تاماملىدى. غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى نوپۇس ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئالدى بىلەن، خىتاي دۆلىتىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى پەرقلىق. خىتاي دۆلىتىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشى زامانىۋىيلاشتۇرۇشتەك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتىن سىرت، يەنە نوپۇس سىياسىتى بولۇپمۇ تۇغۇت سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك مۇداخىلىسى بار، بۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ كېيىنكى يېرىم باسقۇچلۇق نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر سىرتقى شەكىللىك نوپۇس ئۆزگىرىشى (لى جيەنشىن، 1994[8]). ئۇنىڭدىن قالسا، گەرچە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن قارىغاندا ئەنئەنىۋى مەنىدىكى نوپۇس ئۆزگىرىشى تاماملاندى، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلما خاراكتېرلىك پەرق مەۋجۇت، كەڭ غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلار بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان، مائارىپ داۋالاش شارائىت ئاساسى ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خىتايلارنىڭ نوپۇس سىياسىتىدىن پەرقلىق نوپۇس سىياسەتى بار، مۇشۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى نىسبەتەن قەدەمداش نوپۇس ئۆزگىرىشى بىلەن پەرقلىق، خىتاي دۆلىتىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىدە تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت. (لى جيەنشىن، 2000 [9])

دىققەتنى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)غا مەركەزلەشتۈرگەندە،  مەملىكەتتىكى تەڭپۇڭ بولمىغان نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانىدا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشى نىسبەتەن ئارقىدا قېلىش ۋە قۇرۇلما پەرقىگە ئىگە بولۇش ئالاھىدىلىكى بار. ئارقىدا قېلىش نوپۇس ئۆزگىرىشىنى تاماملىغىلى بىر مەزگىل بولغان پۈتكۈل خىتاي دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە سېلىشتۇرۇپ ئېيتىلغان. ئۆزگىرىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئارقىدا قېلىش ئاساسلىقى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرۇلما پەرقى (يەنى ئىچكى تەڭپۇڭسىزلىق)، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئومۇمىي جەھەتتىن باشتىن كەچۈرگەن نوپۇس قۇرۇلما ئۆزگىرىش جەريانى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان مىللەت، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بىلەن يەرلىك ئوخشىمىغان نوپۇس ئۆزگىرىش يولىنى باشتىن كەچۈردى. شۇڭلاشقا بۇ ماقالە قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىش جەريانىنى بايان قىلىشقا تىرىشىپ، كېيىن زامانىۋىيلاشقان دۆلەتتىكى چېگرا رايوننىڭ مۇكەممەل بولغان نوپۇس ئۆزگىرىش مودېلىنى نامايان قىلىدۇ؛ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇل بولىدىغان پايدىلىنىش ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىككىنچى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ تەتقىقات نۇقتىسى

ئەنئەنىۋى نوپۇس ئۆزگىرىش نەزەرىيەسىنىڭ قارىشىچە، نوپۇس ئۆزگىرىشى ئاساسلىقى تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ، ھەمدە ئوخشىمىغان باسقۇچ، ئوخشىمىغان تىپقا ئىگە تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، يەنى تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تەڭپۇڭ ئۆزگىرىشتىن يېڭى تەڭپۇڭلۇققىچە بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆزگىرىش جەريانىدۇر (لى جىننىڭ، 2004 [10]). ماكرو جەھەتتىن غەيرى نوپۇسشۇناسلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدارىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇغۇلۇش، ئۆلۈشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ئامىلغا تەسىر كۆرسىتىپ، شۇ ئارقىلىق نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ (Kirk، 1996[11])؛ نوپۇس ئۆزگىرىش مىقدارىنىڭ ئۆزىدىن قارىغاندا، نوپۇس قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشاش بولمىغان تۇغۇلۇش نىسىبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى سەۋىيەسى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان نوپۇس ئۆزگىرىش تارىخىنى نامايان قىلىدۇ.  يازغۇچى يۇقىرىقى ماكرو زامانىۋىيلاشتۇرۇش جەريانى ۋە قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسى بويىچە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بۆلەككە ئايرىيدۇ. ئاتالمىش قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسى دېگەندە ئومۇمىي جەھەتتىن ئىچكى پەرقتىن قول سېلىش(شيې يۈ، 2006[12]؛ لى جيەنشىن، 2009[13])، ئىچكى پەرقتىن بۆلەككە بۆلۈشنى نەزەردە تۇتۇش، ئومۇمىي گەۋدىدىكى ئىچكى پەرقنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان ئالاھىدىلىك ئارقىلىق ئومۇمىي گەۋدە بۆلەككە بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىز تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىنى بايان قىلىپ، ئىچكى پەرقتىن ئومۇمىي گەۋدىنى چۈشەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

بىرىنچى، رايون تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي دۆلىتىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى بىر مىليون ئالتە يۈز مىڭ كۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، خىتاي دۆلىتى تۇپرىقىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. تەڭرى تېغى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نى ئۈچ رايونغا بۆلىدۇ، ئادەتتە تەڭرى تاغنىڭ شىمالى شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت)، تەڭرى تاغنىڭ جەنۇبى جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت)، تەڭرى تاغنىڭ شەرقى ئېدىرلىقى شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دەپ ئاتىلىدۇ. ئوخشىمىغان رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، كېلىمات شارائىتى شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئۈچ رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. كىشى بېشى رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن قارىغاندا، 2015-يىلى شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت)نىڭ 62755 يۈەن، شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ 49831 يۈەن، بىراق جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ پەقەتلا 26123 يۈەن، جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ۋە شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىن روشەن ئارقىدا قالغان، ئۈچ رايون گەۋدىلىك تەرەققىيات پەلەمپىيىنى نامايان قىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئەسلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى چوقۇمكى ئۈچ رايوننىڭ ئوخشىمىغان نوپۇس ئۆزگىرىش يولىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت)، شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ نوپۇس قۇرۇلما ئۆزگىرىشىنى ئايرىم تەكشۈرۈپ ۋە سېلىشتۇرغاندا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، مىللەت خاسلىقى ۋە نوپۇس سىياسىتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك ۋە سىياسەتتە پەرقلىق رايوق. 2016-يىلىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىستاتىستىكا يىلنامىسىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ نوپۇسى 23 مىليون 597 مىڭ 3 يۈز، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 14 مىليون 986 مىڭ 3 يۈز، پۈتكۈل رايون نوپۇسىنىڭ %63.51 نى ئىگىلەيدۇ؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسلامغا ئىتىقات قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ نۇپۇسى 14 مىليون 590 مىڭ 1 يۈز، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى ئاز سانلىق مىللەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %97.36 نى ئىگىلەيدۇ. ئىتىقاد پەرقىنىڭ كەينىدە مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادەت پەرقى بار، بۇ خىل پەرق ئاھالىلەرنىڭ تۇغۇش، ئۆلۈش ۋە كۆچۈشكە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ(لى جيەنشىن [14])، بۇ خىل ئوخشاش بولمىغان دىنىي مەدەنىيەت پەرقى نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئىزىغا تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە خىتاي دۆلىتىنىڭ نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئاز سانلىق مىللەت ۋە خىتايلار ئارىسىدا پەرق مەۋجۇت، تۇغۇتنى تىزگىنلەش ئۆلچىمى پەرقلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىجرا قىلىشنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسىمۇ پەرقلىق، بۇ نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ كېيىنكى يېرىم باسقۇچى يەنى تۇغۇش نىسبىتى ئۆزگىرىشىگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتايلار نوپۇسىنىڭ پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە خىتايلارنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرگەندە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىچىدىكى ئوخشىمىغان مىللەت توپى ۋە ئوخشىمىغان تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى، نوپۇسنىڭ تەۋەلىك تەشكىلىي تۈزۈلۈشىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دا ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى مەۋجۇت. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بىر خىل ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ئايرىش بىرلىكى، خىتاي دۆلىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېگرانى قوغداش ۋە ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتەك ئىككى فونكىتسىيەگە ئىگە بولۇپ، «ئارمىيە، ھۆكۈمەت، كارخانا» بىرلەشتۈرۈلگەن. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى قارمىقىدا ئارمىيە، دېۋىزىيە، پولك ئۈچ دەرىجە تەسىس قىلىنغان، ئارمىيە دەرىجىسىدىكى ئورۇنلاردىن ئارمىيە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن باشقا يەنە ئالتە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بار. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىدە زور مىقداردىكى قىسىمدىن كەسىپ ئالماشقان نوپۇستىن سىرت، يەنە سىرتتىن كۆچۈرۈلگەن نوپۇس بار، كۆچۈرۈش ئۆزگىرىش ئاساس قىلىنغان ئاساسلىق رايون (ليۇ يۆلەن، 2007[15])، نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانىمۇ ئالاھىدە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. 2016-يىلىدىكى يىلنامە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 765 مىڭ 6 يۈز، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايلار نوپۇسى 2 مىليون 347 مىڭ 5 يۈز، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئەرمىيەسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %84.88 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونىدىكى خىتايلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بىرلىكى. بۇ خىل ئالاھىدە نوپۇس قۇرۇلمىسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نى ئومۇمىي گەۋدە قىلغان نوپۇش ئۆزگىرىش جەريانى بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت) دىكى ئالاھىدە بولغان ئېچىۋېتىلگەن نوپۇس ۋە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ يەرلىك نىسبەتەن بىكىنمە نوپۇس ئۆزگىرىش پەرقىنى نامايان قىلىدۇ.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، يازغۇچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، مىللەت تەركىبى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى تەشكىلىي تۈزۈلۈشىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنى بايان قىلىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ. بۇ جايدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ كۆرسىتىدىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت مەمۇرىي رايون، ھەرگىزمۇ كەڭ مەنىدىكى جۇغراپىيە ئۇقۇمى ياكى مەدەنىيەت ئۇقۇمى ئەمەس. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى نوپۇس (ئاپتونوم رايون گەرچە 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايوننىڭ دەسلەپكى ھالىتى شەكىللىنىپ بولغان) نى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنى بايان ۋە مۇھاكىمە قىلىش دەل مۇشۇ ئالاھىدە ۋاقىتتىكى نوپۇس ئۆزگىرىشنىڭ تارىخىي جەريانىغا مەركەزلىشىدۇ.

ئۈچىنچى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ بايانى

يېڭى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشى خىتاي دۆلىتى بىلەن ئوخشاشلا قوزغىتىلغان (1-رەسىمگە قاراڭ). نوپۇس ئۆزگىرىش نەزەرىيەسىنىڭ تۆت باسقۇچلۇق نەزەرىيەسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلانغان، يەنى ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلەش باسقۇچى. بارلىق نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن باشلىنىدۇ، ئۆلۈش نىسبىتى (بىرىنچى قېتىم) نوپۇس ئۆزگىرىشىدە مەركەزلىك رول ئوينايدۇ (Dirk J. Van de Kaa، 2008[2]) نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى نوپۇس سانىنىڭ شىددەتلىك ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ كېيىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى ھەر خىل داۋالاش تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بۇ خىل كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈردى، ئەلۋەتتە بۇنىڭدا خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى داۋالاش پاراۋانلىق تۈزۈمىنىڭ رولىمۇ بار، مەسىلەن يالاڭئاياغ دوختۇر تۈزۈمى (لى جيەنشىن، 2009 [13]).

 
رەسىم 1 شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 1949-2015 نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى
ماتېرىيال مەنبەسى: «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئىستاتىستىكا يىلنامەسى 1999»، «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئىستاتىستىكا يىلنامەسى 2016»، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورى؛ «خىتاي دۆلەت نوپۇسى» (شىنجاڭ <شەرقىي تۈركىستان-ت> تارمىقى)، خىتاي دۆلىتى مالىيە ئىقتىساد نەشرىياتى، 1986:75.

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى (1949~1973) دا، ئۆلۈش نىسبىتى خىتاي دۆلەت قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ‰21 دىن 1966-يىلىدىكى ‰9.4 كە تۆۋەنلىگەن، بۇ مەزگىلدە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)مۇ ئۈچ يىللىق قىيىنچىلىق مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشى ئانچە چوڭ ئەمەس، تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن ئېشىپ نوپۇسنىڭ مەنپىي ئېشىشى كۆرۈلمىگەن. 1973-يىلى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰7.8 گە چۈشكەن، ھەمدە ئىزچىل تۆۋەن ئۈلۈش نىسبىتى سەۋىيەسىنى داۋاملاشتۇرغان، بۇ سەۋەبتىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس سانىنىڭ ئېشىشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن قارىغاندا، خىتاي دۆلەت قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزچىل ‰30 تىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان، ئۈچ يىللىق قىيىنچىلىق مەزگىل (1959~1961) دە قىسقا مەزگىل تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 1962-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە بولغان ئون نەچچە يىلدا ‰30 دىن يۇقىرى بولغان سەۋىيەنى ئىزچىل ساقلىغان، 1964-يىلى ‰42.26 تەك چوققا قىممەت سەۋىيەسىگە يەتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ باسقۇچتا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسىنىڭ تەبىئىي ئېشىشى، ئاساسلىقى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن ئۆلۈش نىسبىتى سەۋىيەسى يېتەكچى ئورۇندا بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى نوپۇس ئۆزگىرىشى تۇغۇلۇش نىسبىتى سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان (رەسىم 1 گە قاراڭ).

1973-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشى ئۈچىنچى باسقۇچقا كىردى، يەنى نوپۇسنىڭ توغۇلۇش سەۋىيەسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. بۇ باسقۇچتا، ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ مۇقىم باسقۇچتا ئىدى، نوپۇس ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلمىسىغا بولغان تەسىرى تۆۋەنلىگەن. 1970-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى خىتاي نوپۇسى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى («كېچىكىش، ئارىلىق تاشلاپ، ئاز» قاتارلىق) نىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدە زور كۆلەملىك تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، 1972-يىلىدىكى ‰38.3 تىن 1982-يىلىدىكى ‰21.16 گە تۆۋەنلەپ، بىر ھەسسىدەك تۆۋەنلىدى. نوپۇس سانى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۆلۈش يېتەكچىلىكىدىن تۇغۇلۇش يېتەكچىلىكىگە ئۆزگەردى. بىراق، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئاز سانلىق مىللەت، چارۋىچىلار، يېزا ئاھالىلىرىگە بولغان تەسىرى چەكلىك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۈچ خىل كىشىلەر توپىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى ئاساس قىلغان پەقەت خىتاي نوپۇسىغىلا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى پۈتكۈل شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشىنى پەيدا قىلمىدى، 2015-يىلىغىچە، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى يەنىلا ‰15 ئەتراپىدا، ئوتتۇز نەچچە يىلدا تۇغۇلۇش نىسبىتى پەقەت ‰5 تۆۋەنلىدى. ئەلۋەتتە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نى ئىچكىرىگە سېلىشتۇرغاندىكى نوپۇسنىڭ يۇقىرى تۇغۇلۇش نىسبىتىدىكى يەنە بىر قىسمىدا كۆچۈرگەن نوپۇسنىڭ ياش قۇرۇلمىسى ئېلىپ كەلگەن تەسىرمۇ بار.

2010-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسى ئۆزگىرىشنىڭ تۆتىنچى باسقۇچىغا كىردى، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰15 ئەتراپىدا تەۋرەندى، ئۆلۈش نىسبىتى سەۋىيەسى ‰5 ئەتراپىدا. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىدىكى مەڭگۈلۈك نىشان بولغانلىقتىن، ئادەتتە ئۆلۈش نىسبىتى سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشى گەرچە ئاستا بولسىمۇ ئەمما توختاپ قالمايدۇ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسى ياش قۇرۇلمىسىنىڭ قېرىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈش نىسبىتى ئاستا ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسى تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە تەبىئىي ئۆسۈش نىسبىتى 2010-يىلىدىن كېيىن ئازراق ئۆرلىگەن، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە تەبىئىي ئۆزگىرىشنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىغا ئەگىشىپ، نوپۇسنىڭ مىخانىكىلىق ئۆزگىرىشى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسى ئۆزگىرىش مودېلىدا ئوخشاشلىق تەرەپلىرى بار، بۇ ئورتاق تەسىر كۆرسىتىش ئامىللىرى رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن يېڭى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۈچ يىللىق قىيىنچىلىق مەزگىل ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتارلىقلار. ئەمما قىسمەن جەھەتتىن قارىغاندا، ئىككىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى بار، ئۆزگىرىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰36 بولۇپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ‰30 تىن يۇقىرى؛ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس، ھەممىسى ‰20 ئەتراپىدا، نوپۇس ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغان، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسىنىڭ تەبىئىي ئېشىش سۈرئىتى دەسلەپتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆلۈش نىسبىتىدىن قارىغاندا، خىتاي دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن ئۆلۈش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، ئۈچ يىل تەبىئىي ئاپەت مەزگىلىدە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)پەقەت يېنىك تەسىرگە ئۇچرىغان.


رەسىم 2، خىتاي دۆلىتىنىڭ 1949~2015 يىللىرى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى، تەبىئىي ئېشىش نىسبىتى
ماتېرىيال مەنبەسى: خىتاي دۆلىتى ئىستاتىستىكا يىلنامەسى (1997، 2016)، خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورى

21-ئەسىرگە كەلگەندە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلۈش نىسبىتى ‰7 ئەتراپىدا مۇقىملاشتى، ئەمما شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ پەقەت ‰5، بۇ ئەلۋەتتە ياش قۇرۇلمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)يەنىلا نىسبەتەن ياش نوپۇسقا ئىگە. ئادەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ تاماملىنىشى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى دەپ قارىلىدۇ، ئەمما شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ تاماملىنىشى ئون نەچچە يىل كېيىن. نۆۋەتتە، خىتاي دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰12 ئەتراپىدا مۇقىملاشتى، بىراق شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى يەنىلا ‰15 ئەتراپىدا داۋالغۇۋاتىدۇ.

مەلۇمكى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىدە ئوخشاشلىقمۇ پەرقمۇ مەۋجۇت، نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ پەرقىنى پەقەت تەرەققىيات باسقۇچى ئارقىدا قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، يەنە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆپ قاتلاملىق پەرق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ رايون پەرقى، مىللەت پەرقى شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ۋە يەرلىكنىڭ پەرقى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نوپۇس ئۆزگىرىشىگە ھەر قايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇڭلاشقا پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمەلىي قۇرۇلمىسىدىن چىقىش قىلغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ كۆپ خىللىقى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

تۆتىنچى، قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى

(1) ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى نوپۇس ئۆزگىرىشى

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى ئادەتتە «ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ، ئەڭ شىمالىدىكى ئالتاي تاغ تىزمىسى بىلەن تەڭرى تاغ تىزمىسى ئارىسى شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت)، ئۈرۈمچى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى رايونى، ئىلى، بۆرتالا قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق قۇرغاق يېرىم قۇرغاق كېلىماتىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى4- تىن 9 سېلسىيە گرادۇسقىچە، ھۆل يېغىن مىقدارى 150-200 مىللىمېتىر، دېھقانچىلىق چارۋىچىلىك نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان. تاغلىق رايوندا ئورمان مەنبەسى، نېفىت مەنبەسى ئىنتايىن مول، داڭلىق قاراماي نېفىتلىكى بار. پۈتكۈل رايوننىڭ ئىقتىسادىي سىياسىي مەركىزى پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)غا جايلاشقان، شىخەنزە شەھەرى ۋە قاراماي شەھەرىنى قوشقاندا، پۈتكۈل شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېتەكلەيدۇ، خىتاي دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسى تەدرىجىي ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىن ئېشىپ كەتتى، شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ 2015-يىلىدىكى رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 744.3 مىليارد يۈەن، كىشى بېشى GDP سى 62755 يۈەن. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتكۈل رايوندىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 23 مىليون 600 مىڭ، شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسى 8 مىليون 968 مىڭ، پۈتكۈل رايون نوپۇسىنىڭ %38 نى ئىگىلەيدۇ، نۇپۇس سانى جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىن ئاز.

جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)تەڭرى تاغ تىزمىسى بىلەن كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسى ئارىسىدا، كۆپ قىسم رايونى ئويمانلىقتا، جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق قۇرغاق كېلىماتقا تەۋە، يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 25-100 مىللىمېتىر، بىپايان قۇملۇق بىلەن قاپلانغان، نوپۇس بوستانلىقتا ياشايدۇ، مول كان بايلىق مەنبەسى بار. يېزا ئىگىلىكى تارىم دەريا سۈيىدە سۇغۇرۇشقا تايىنىدۇ، قوياش ئېنېرگىيە مەنبەسى مول، ئىقتىسادىي زىرائەتتىن كېۋەز ۋە باشقا مۆتىدىل بەلباغ مېۋە-چىۋىلىرى مول. سانائەتتە پاختا، نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقى، كۆمۈرگە تايىنىدۇ، دەسلەپكى قەدەمدە نېفىت خېمىيە، كۆمۈر ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈرنى كوكىسلاشتۇرۇش، پاختا توقۇمۇچىلىق شۇنداقلا ئەلا سۈپەتلىك مېۋە-چېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت بازىسى شەكىللەندى. ئەمما نىسبەتەن قولايسىز قاتناش، ئاجىز ئۇل ئەسلىھە ۋە نازۇك تەبىئىي مۇھىتى جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر، جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ 2015-يىلىدىكى رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 296.3 مىليارد يۈەن، شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە GDP سى 26123 يۈەن، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن. نوپۇسى تەخمىنەن 11 مىليون 340 مىڭ، پۈتكۈل رايون نوپۇسىنىڭ %48 نى ئىگىلەيدۇ، پۈتكۈل رايون نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىن.

شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئاساسلىقى قۇمۇل ۋە تۇرپان رايونىنى كۆرسىتىدۇ، ئىچكىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنى، ئەزەلدىن يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار، ھاۋا كېلىماتى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئارىسىدا، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرقىي ئېدىرلىقىغا جايلاشقان، نوپۇسى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ %14 نى ئىگىلەيدۇ، 2015-يىلى رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 63.2 مىليارد يۈەن، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە GDP سى 49831 يۈەن.

گەرچە يۇقىرىقى ئۈچ رايوننىڭ نوپۇس ئۆزگىرىش سانلىق مەلۇماتى 1998-يىلىدىن باشلانسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئۆزگىرىشنى تاماملاشنىڭ ئالدى كەينىدە ئۈچ رايون نوپۇسىنىڭ پەرقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، ئۈچ رايوننىڭ ئاساسەن ئوخشاش، ئوخشاشلا تۆۋەن تۇغۇلۇش نىسبىتى، تۆۋەن ئۆلۈش نىسبىتىگە مۇقىملىشىش ھالىتىگە ئۆتۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 2005-يىلىدىن ئىلگىرى، تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ھەممىسى نىسبەتەن مۇقىم، جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى سانلىق قىممەت جەھەتتە شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ۋە شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىن يۇقىرى. 2005-يىلىدىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ۋە شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تەۋرىنىشى نىسبەتەن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەۋرىنىشتە ئاستا سۈرئەتتە ئۆرلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئۆلۈش نىسبىتىدىمۇ نىسبەتەن روشەن تەۋرىنىش مەۋجۇت. سانلىق قىممەتتىن قارىغاندا، 2005-يىلىدىن ئىلگىرى شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)بىلەن شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰14 ئەتراپىدا؛ ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ‰5 ئەتراپىدا تۇرغان؛ 2006-يىلىدىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، ‰20 تىن ئېشىپ كەتكەن، بىراق شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىزچىل نىسبەتەن مۇقىم ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇرغان؛ جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ نىڭ ئۆلۈش نىسبىتى نىسبەتەن مۇقىم، شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تەۋرىنىشى نىسبەتەن يۇقىرى، ئەمما ئاخىرىدا ھەممىسى مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن.

رەسىم 3 تىن قارىغاندا، 1998-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن مۇقىم، ئەگەر پەقەت مۇشۇ نوپۇس كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، نوپۇس ئۆزگىرىىنى تاماملىغاندەك كۆرۈنىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ مۇقىم قىممىتى باشقا ئىككى رايوننىڭكىدىن يۇقىرى. 2006-يىلى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)10-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتى 24-قېتىملىق يىغىنىدا «<شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى> نى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى قارار» ماقۇللاندى، گەرچە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى پىلانلىق تۇغۇتىغا ئەمەلىي تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقى ۋە چەكلەش كۈچى ئازراق ئاجىزلىتىلغان، 2007-يىلىدىن كېيىن، ئۈچ رايوندا تۇغۇلۇش نىسبىتىدە ئازراق ئېشىش كۆرۈلگەن، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)رايونىدا. جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ نوپۇس تۇغۇلۇش نىسبىتى 2006-يىلىدىكى ‰13.58 دىن 2007-يىلىدىكى ‰20.22 گە ئۆرلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل ‰20 تىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان؛ بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)رايونىنىڭ نوپۇس تۇغۇلۇش نىسبىتى ئازراقلا ئۆرلىگەن، ‰12.86 تىن ‰16.36 كە ئۆرلىگەن؛ ئەمما شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)غا بولغان تەسىرى ھەممىدىن ئاز بولغان، پەقەت ‰11.05 تىن %13.88 گە ئۆرلىگەن، سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا نوپۇس ئۆزگىرىشىنى ئاساسەن تاماملىغان. ئەلۋەتتە، بۇ نوپۇس سانلىق مەلۇماتلىرىدا مۇئەييەن سۈپەت مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.


رەسىم 3 جەنۇبىي شىمالىي شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ 1998~2015 يىللىرى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى
ماتېرىيال مەنبەسى: شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىستاتىستىكا يىلنامەسى (1999، 2016)، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورى.

يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ زامانىۋىيلىشىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئىنكېلېس كۆرسەتكۈچىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردىن قارىغاندا، ئومۇمىي جەھەتتىن شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە زامانىۋىيلىشىش ئۆلچىمىگە يەتكەن، شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىككىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىدە زامانىۋىيلىشىش ئۆلچىمىگە يېتىشتە يەنە خېلى زور پەرق بار، بۇ تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بوشىشى جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دا تېخىمۇ زور دەرىجىدىكى تۇغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەلۋەتتە، ئىقتىسادىي ئامىلدىن سىرت، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى ۋە يېزا نوپۇسى نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى خىتاي نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا بالدۇر پەرزەنت كۆرۈشكە مايىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت) دىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت) دىن يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئەمما ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىلا ئەڭ ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل.

جەدۋەل 1، 2015-يىلىدىكى شىمالىي، جەنۇبىي، شەرقىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ قىسمەن ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى

ماتېرىيال مەنبەسى: شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىستاتىستىكا يىلنامەسى (2016)، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورى.

ئەگەر شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئومۇميۈزلۈك نوپۇس ئۆزگىرىشى (رەسىم 1) بىلەن رايونغا ئايرىلغان نوپۇس ئۆزگىرىش ئەگرى سىزىقلىق دىئاگرامما (رەسىم 3) نى بىر جايغا قويۇپ سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئومۇميۈزلۈك نوپۇس ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ روشەن ئۆلىگەن تۇغۇلۇش نىسبىتىنى يوشۇرغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ؛ ئايرىم كۆزەتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانىدا تۇغۇلۇش نىسبىتى تەۋرىنىشى نىسبەتەن يۇقىرى، ئەمما شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى مۇقىملىقنى ساقلىغان، نوپۇس ئۆزگىرىشى نىسبەتەن مۇقىم بولغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

(2) مىللەت قۇرۇلما پەرقىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشى

2010-يىلىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ 6-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت) نوپۇسى 21 مىليون 815 مىڭ 800 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي نوپۇسى 8 مىليون 829 مىڭ 900، ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.47، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 12 مىليون 985 مىڭ 900، ئىگىلىگەن نىسبىتى %59.63 بولغان. 2016-يىللىق يىلنامە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسى 23 مىليون 597 مىڭ 300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي نۇپۇسى 8 مىليون 611 مىڭ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %36.49، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 14 مىليون 986 مىڭ 300، ئىگىلىگەن نىسبىتى %63.51 بولغان. 5 يىلدا خىتاي نوپۇسى ئازىيىپ، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى كۆپەيگەن، نوپۇسنىڭ مىخانىكىلىق ئۆزگىرىشىدىن سىرت، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى ئاساسلىق سەۋەب بولغان. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكە، 6-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سانى 55 كە (لى جيەنشىن، چاڭ چىڭلىڭ، 2015[16])  يەتكەن، لىكىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە، نوپۇس سانى مىليوندىن ئاشىدىغان ئاز سانلىق مىللەتتىن پەقەت ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۇڭگانلارلا بار، 2015-يىلىدىكى نوپۇسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا، 11 مىليون 303 مىڭ 300، 1 مىليون 591 مىڭ 100، 1 مىليون 15 مىڭ 800 بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %47.91، %6.74، %4.31 نى ئىگىلەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاساسلىقى چارۋىچىلىق رايونى ۋە يېزىلارغا مەركەزلەشكەن. 2017-يىلىدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دا، خىتاي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە پەرق مەۋجۇت ئىدى، مەسىلەن 2003-يىلى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت نىزامنامىسى، 3-ماددىسى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى، ھەر بىر پۇقرا ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، شۇڭلاشقا مەيلى ئاز سانلىق مىللەت بولسىمۇ، پىلانلىق تۇغۇتنىڭ نوپۇسنى تىزگىنلەش تۇغۇتنى تىزگىنلەش مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئوخشاش، ئەمما 15-ماددىسىدا ئوخشىمىغان مىللەت، شەھەر بازار، چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، «شەھەر بازاردىكى خىتاي ئاھالىسىدىن بولغان بىر جۈپ ئەر-ئايال بىر پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىدىن بولغان بىر جۈپ ئەر-ئايال ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ. خىتاي دېھقان چارۋىچىلاردىن بىر جۈپ ئەر-ئايال ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت دېھقان چارۋىچىلاردىن بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۈچ پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ. » رەسىم 4 تە 1978-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى سىزىلغان.


رەسىم 4، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى خىتاي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى ۋە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى (1978-2015)

ماتېرىيال مەنبەسى: «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئىستاتىستىكا يىلنامەسى 1999»، «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئىستاتىستىكا يىلنامەسى 2016»، «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 1984-يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىستىكا ماتېرىيالى»، «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 1985-يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىستىكا ماتېرىيالى».

رەسىم 4 تىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1978-يىلىدىن باشلاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىنتايىن چەكلىك، ئاساسەن ‰20 تىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلىغان، پەقەت ئاز ساندىكى يىللاردىلا ‰20 تىن تۆۋەن بولغان، مەسىلەن 2005-يىلى ۋە 2006-يىلى ‰18.5 ئەتراپىدا بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئۈچ تۈرلۈك، بىرىنچى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىدىن قارىغاندا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى كونا چەت يىراق نامرات رايونلارغا مەركەزلەشكەن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)مۇ شۇنداق، گەرچە شەھەرلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر خېلىلا زور سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما نىسبەتەن ئارقىدا قالغان يېزا ئىگىلىك چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى نىسبەت تېخىمۇ يۇقىرى، شۇنداق بولغاچقا ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش پۇرسىتى كەم؛ ئىككىنچى دىن مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىچە، ھامىلە ئاللاھنىڭ ھەدىيەسى، خالىغانچە تۇغۇتنى چەكلەپ ۋە بالا چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ (سوڭ ئېن لىن، 2000 [17]؛ لى جيەن شىن، 2007 [14])، شۇڭلاشقا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يۇقىرى تۇغۇت نىسبىتىتىنى ساقلاش جەھەتتە  دىنىي ئالاھىدىلىك بار؛ ئۈچىنچى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى پەرقى. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قانۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىككى ياكى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويغانلىقتىن، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى. مۇنداقچە ئېيتقاندا يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك سەۋەبنىڭ ئورتاق رول ئوينىشى بىلەن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلانغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىنتايىن روشەن، 1978-يىلىدىكى ‰10 دىن يۇقىرىدىن، 2013-يىلىدىكى ‰5 تىن تۆۋەنگە چۈشكەن، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ سەۋىيەسى بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن بولغان پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، بىراق تۇغۇلۇش نىسبىتى پۈتكۈل شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى، بولۇپمۇ 90-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، پۈتكۈل شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰20 تىن تەدرىجى ھالدا ‰15 كە چۈشكەن. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى يۇقىرى تۇغۇلۇش نىسبىتى، نىسبەتەن تۆۋەن ئۆلۈش نىسبىتى ۋە نىسبەتەن يۇقىرى بولغان نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى ئىزچىل ساقلىغان.

بىراق خىتاي نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ روشەن تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، 1978-يىلىدىكى ‰16.54 تىن 1986-يىلىدىكى ‰9.7 كە تۆۋەنلىگەن، ئاندىن 1987-يىلى ئاستا ئۆرلەشكە باشلاپ، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نوپۇسنىڭ ئىنېرتسىيەلىك ئېشىشى سەۋەبىدىن نوپۇس تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ چوققا قىممىتى كۆرۈلۈپ، 1993-يىلى ‰16.53 كە يەتكەن. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، 2008-يىلى روشەن تۆۋەن نۇقتا كۆرۈلگەن، ئاندىن كېيىن تۇغۇلۇش نىسبىتى ئازراق ئۆرلەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەۋرىنىش تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. ئۆلۈش نىسبىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئالدىنقى مەزگىلدە ‰2.8 ئەتراپىدا تۇرغان، 1992-يىلىدىن كېيىن نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ قېرىلىشىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجىي ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. 1978-يىلى خىتاينىڭ كۆچمە نوپۇسى نىسبەتەن كۆپ، كۆچمە نوپۇسنىڭ تاللىشى تۈپەيلىدىن، كۆچكەن نوپۇسنىڭ كۆپىنچىسى ياش ساغلام خىتاي نوپۇسى، شۇڭلاشقا ئۆلۈش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن، ‰3 تىن تۆۋەن. كۆچمە نوپۇسنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، نوپۇس ياش قۇرۇلمىسى قېرىلاشقان. جەدۋەل 4 تىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، خىتايلارنىڭ قېرىلىشىش سۈرئىتى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن خېلىلا تېز، 1990-يىلى خىتايلار ئارىسىدىكى 65 ياشتىن يۇقىرى قېرىلارنىڭ نىسبىتى پەقەت %3.18 ئىدى، 2010-يىلى 6-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرگەندە %8.92 كە يېتىپ، قېرىلاشقان جەمئىيەتنىڭ كىرىتىك قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن، خىتاي نوپۇسى قېرىلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى، ئەمما ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى تېخى كىرمىدى.

جەدۋەل 2، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى خىتاي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قېرىلىشىش سەۋىيەسى (بىرلىكى: %)

ماتېرىيال مەنبەسى: «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» 2010-يىلى ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىيالى، خىتاي دۆلىتى ئىستاتىستىكا نەشرىياتى، 2012؛ «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» 2000-يىلى ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىيالى، خىتاي دۆلىتى ئىستاتىستىكا نەشرىياتى، 2002؛ «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» 1990-يىلى ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىيالى، خىتاي دۆلىتى ئىستاتىستىكا نەشرىياتى، 1992.

رەسىم 4 تە سېلىشتۇرۇشتىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى خىتاي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇس ئۆزگىرىشىدە روشەن پەرق مەۋجۇت، شۇڭلاشقا مىللەت بويىچە ئايرىپ قارىغاندا، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن 21-ئەسىرنىڭ دەسلىپىگىچە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى خىتاي نوپۇسى نوپۇس ئۆزگىرىشىنى تاماملىدى، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ياش قۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرىدىن، بىراق تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا مۇقىم ھالەتتىن تۆۋەنلىگەن، بۇ نوپۇس ئۆزگىرىشى نەزەرىيەسىدىكى نوپۇس ئۆزگىرىشىنى تاماملىغاندىن كېيىنكى نوپۇس ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نۇپۇسىدىكى نىسبەتەن يۇقىرى تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن قارىغاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېخى نوپۇس ئۆزگىرىشىنى تاماملىمىدى، نىسبەتەن يۇقىرى بولغان نوپۇس ئېشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ پەرق تۈپەيلىدىن، نوپۇس يۆتكەش ئامىلىنى ئويلىمىغان شەرت ئاستىدا، كەلگۈسىدە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتاي نوپۇسى نىسبىتىدە خېلى زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئومۇمىي نوپۇسىدىكى نىسبىتى ئۆزلۈكسىز ئۆرلەيدۇ.

 (3)شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشى جەريانىدا، رايون پەرقى، مىللەت پەرقىدىن سىرت، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بىلەن يەرلىك ئارىسىدىمۇ خېلى زور پەرق مەۋجۇت. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 766 مىڭ، پۈتكۈل شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ %32.0 نى، پۈتكۈل شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسىنىڭ %11.7 نى ئىگىلەيدۇ.


رەسىم 5، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى ۋە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى (1953-2015)
ماتېرىيال مەنبەسى: «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ئىستاتىستىكا يىلنامەسى (1996) »، «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ئىستاتىستىكا يىلنامەسى (2016)».

خىتاي دۆلىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى بىر مەزگىل بىكار قىلىنىپ قوشۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە چېگرا قوغداشتىن ئىبارەت ئىككى فونكىتسىيەسىنى ئاساسەن ساقلاپ قالغان. مەيلى چېگرا قوغدايدىغان ئەسكەرلەر بولسۇن، ياكى چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بولسۇن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان توپ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى (ۋاڭ پىڭگاڭ قاتارلىقلار، 2012 [18]) غا زور تەسىر كۆرسەتكەن. 2016-يىلىدىكى ئىستاتىستىكا يىلنامەسىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ جىنس پەرقى 110، ئەرلەر ئاياللاردىن خېلىلا كۆپ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئەمگەك كۈچى نوپۇس نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى، 2015-يىلى ئەمگەك كۈچى نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70.7، نوپۇسنىڭ ئىككى ئۇچى ئىنچىكە ئوتتۇرىسى كەڭ رومبا شەكىللىك كۆرۈنىدۇ. 2015-يىلىدىكى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰1.2، مىخانىكىلىق ئېشىش نىسبىتى ‰10.7، مىخانىكىلىق ئېشىش ئومۇمىي ئېشىشنىڭ %90 نى ئىگىلەيدۇ، تەبىئىي ئېشىشنىڭ 10 ھەسسىسىگە يېقىن، شۇڭلاشقا نوپۇس كۆچۈرۈپ ئاشۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق نوپۇس كۆپىيىش شەكلى. نوپۇس كۆچۈرۈش ئامىلىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلدى.

رەسىم 5 تىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەتتىكى نوپۇسقا ئوخشىمايدۇ. بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە نوپۇسىنىڭ زور كۆپ قىسمى ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىسى ۋە كەسىپ ئالماشقان ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، شۇڭلاشقا ياش، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېنى ساغلام، دەسلەپتىلا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرغان، 1953-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان 60 نەچچە يىلدا، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰6 دىن ئېشىپ باقمىغان، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنتايىن ئاستا ئۆرلەش كۆرۈلگەن، ‰3 ئەتراپىدىن ‰5 ئەتراپىغا ئۆرلىگەن. بىر تەرەپتىن ياش قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن بولغان، يەن بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى نوپۇس قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، ئەسلىدىكى ئەسكەرلەرنى ئاساس قىلغان نوپۇستىن، كېيىنكى ئاھالىنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرگەن، شۇڭلاشقا ئۆلۈش نىسبىتىدە مۇشۇنداق ئىنتايىن ئاز ئۆزگىرىش بولغان. تۇغۇلۇش نىسبىتى ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئارمىيەنىڭ جىنس نىسبىتى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ئومۇميۈزلۈك توي قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان، شۇڭلاشقا تۇغۇلۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن؛ ئەمما ئەسكەرلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەگىشىپ، سىرتتىن كۆچۈپ كىرگەن ئاياللار ۋە شۇ جايدىكى ئاياللار ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ توي قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان، خىتاي دۆلىتىنىڭ پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا ئىچكىرىدىن زور تۈركۈمدىكى ياشلارنى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)غا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە توي قىلىش ۋە تۇغۇت يېشىدىكى نوپۇس ئىگىلىگەن نىسبەتنى ئۆستۈرگەن، شۇڭلاشقا تۇغۇلۇش نىسبىتىدە شىددەت بىلەن ئۆرلەش كۆرۈلگەن، دەسلەپكى ‰15 تىن 60-يىللاردا چوققا قىممەت ‰55 يەتكەن، يۇقىرى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان.

20-ئەسىرنىڭ 70-يىلىرى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىدە قىسمەن قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1975-يىلى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى تەشكىلىي تۈزۈلمىسى بىكار قىلىنغاچقا، دېھقانچىلىق مەيدانى كارخانىسى يەرلىككە تەۋە قىلىنغاچقا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ نوپۇسى زور مىقداردا ئازايغان، بۇ ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئارمىيە نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰10 ئەتراپىغا چۈشكەن، ئون نەچچە يىلدا %40 تىن كۆپ چۈشكەن. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە نوپۇسىدا يەنە ئۆرلەش كۆرۈلگەن، زور كۆلەمدىكى سىرتتىن كەلگەن تۇغۇت يېشىدىكى كۆچۈرۈلگەن نوپۇس ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتقان تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئۆرلەتكەن (ليۇ يۆلەن، ۋاڭ شۆخۇا، 2008 [19]).

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشى، ئۆلۈش نىسبىتى ئاساسەن ئۆزگەرمىگەنلىك سەۋەبىدىن، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بويىچە ئالاھەزەل ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ، بىرىنچى باسقۇچ 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن 70-يىللارغىچە ھەربىيلەرنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئولتۇراقلىشىش باسقۇچى (نوپۇس كۆچۈرۈش باسقۇچى)، تۇغۇش نىسبىتى مۇقىم ئۆرلىگەن، نوپۇس ئۆزگىرىش تۆت باسقۇچلۇق نەزىرىيەسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ئوخشاپ كېتىدۇ؛ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە نوپۇسى يۇقىرى تۇغۇش نىسبىتىنى 10 نەچچە يىل داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، تۇغۇلۇش نىسبىتىدە زور كۆلەملىك ئىزچىل چۈشۈش كۆرۈلگەن؛ 80-يىللاردىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەن سەۋىيەدىكى مۇقىملىق باسقۇچىغا كىرىپ، نوپۇس ئۆزگىرىشىنى ئاساسەن تاماملىغان. ھازىر شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتىدۇ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئۆلۈش نىسبىتىگە يېقىنلىشىپ، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى نۆل ئېشىشقا يېقىنلاشقان.

ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىگە ئوخشاش توغۇش يوشۇرۇن كۈچى بار نوپۇسقا نىسبەتەن، يۇقىرى تۇغۇش نىسبىتى ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشمىغان، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان خىتاي نوپۇسىنىڭ تويلىشىش تۇغۇش كۆز قارىشى ئۆزگەرگەنلىك، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆچۈرۈلگەن نوپۇسنىڭ كۆپى نوپۇس ئۆزگىرىشىنى تاماملىغان رايوندىن كەلگەنلىك سەۋەبىدىن، شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، گەرچە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە نوپۇسى كەلگۈسىدە ئاشسىمۇ، نوپۇسنىڭ تۇغۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشى ئانچە روشەن بولمايدۇ.

بەشىنچى، ئاخىرقى سۆز

نوپۇس ئۆزگىرىشى غەرب نوپۇسشۇناسلىرى  غەرب نوپۇس ئۆزگىرىش ماتېرىيالىغا ئاساسەن خۇلاسىلاپ شەكىللەندۈرگەن ئەنئەنىۋى نوپۇس نەزەرىيەسى، كېيىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشى جەريانىدا ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، نوپۇس ئۆزگىرىشنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا نامايان بولدى(Leete، Alam، 1993[20]؛ Locoh، Hertrich، 1994[21]؛ Hayes، 1994[22]). شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)غەربىي قىسىمدىكى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىچكىرىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، نوپۇس، جەمئىيەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردە  نىسبەتەن زور پەرق مەۋجۇت. پۈتكۈل شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نى ئېلىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشى پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئارقىدا قېلىپلا قالماي،  يەنە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىچىدىمۇ زور پەرق مەۋجۇت. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پەرقتىن قارىغاندا، بىرىنچى رايون پەرقىدە ئىپادىلىنىدۇ، شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشى جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىن ئىلگىرى، شەھەرلەر يېزىلاردىن ئىلگىرى؛ ئىككىنچى، مىللەت پەرقىدە ئىپادىلىنىدۇ، خىتاي نوپۇس ئۆزگىرىشى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئىلگىرى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە نوپۇس ئۆزگىرىشى ئالاھىدە ئىزغا ئىگە. خىتاي دۆلىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەدرىجىي قويۇپ بېرىشىگە ئەگىشىپ، تۇغۇش نىسبىتى ئانچە مۇقىم بولمىغان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)دىكى قىسمەن رايون ۋە مىللەت نوپۇسىدا قاڭقىش ۋەزىيىتى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىچكى قۇرۇلما پەرقى نىسبەتەن چوڭ بولغانلىقتىن، بۇ خىل پەرقنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھەر قانداق بايان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئارىلاشما ۋە مۇرەككەپلىكىنى يوشۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىچكى قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنى بايان قىلغاندا، ئاندىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يۈزلىنىشىنى ئېنىق نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇسى ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئۈچ ئۆلچەم بويىچە بايان قىلغاندا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش ۋە يېشىشكە قولايلىق. رايون بويىچە ئايرىشتا ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ. ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات زامانىۋىيلىشىشنىڭ روشەن يۈزلىنىشى سۈپىتىدە،  نوپۇس ئۆزگىرىشىنى ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى ئوخشاش بولمىغان نوپۇس ئۆزگىرىش باسقۇچىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. مىللەت بويىچە ئايرىشتا سىياسەت قانۇن ۋە دىن مەدەنىيەت جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ. مەدەنىيەت نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى، ئەنئەنىۋى نوپۇس ئۆزگىرىش نەزەرىيەسىمۇ ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانىدىكى رولىغا بولغان تەسىرگە دىققەت قىلىدۇ، نوپۇس ئۆزگىرىش نەزەرىيەسىنى مەدەنىيەت ھالقىپ تەدبىقلاش جەريانىدا بايقىلىشىچە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت بىلەن شۇ جاينىڭ ماددىي ئامىللىرى بىرلىكتە يول تاينىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. (Dirk J. Van de Kaa، 2008[2]). ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بىلەن يەرلىكنىڭ پەرقى ئاساسلىقى نوپۇس كۆچۈرۈش ۋە ئالاھىدە تۈزۈلمىدىن چۈشەندۈرۈشنى تاپقىلى بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بىلەن يەرلىك خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل نوپۇس، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى يۇقىرى كۆچۈرۈش نىسبىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئالاھىدە نوپۇس ئۆزگىرىش يولىنى ئىپادىلەيدۇ، ھەمدە كەلگۈسىدە سىياسەت، كەسىپ تەڭشەش قاتارلىق تۈزۈم خاراكتېرلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە يۇقىرىقى ئۈچ خىل قۇرۇلما بويىچە ئايرىشنىڭ ئۆزىدىمۇ كېسىشىشچانلىق مەۋجۇت، مەسىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئۆز ئارا دەستىلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى بىلەن خىتاي نوپۇسىنىڭ يۇقىرى نىسبىتى ئۆز ئارا قوشۇلىدۇ، شۇڭلاشقا مۇناسىپ ئايرىغان تەقدىردىمۇ، ھەر قايسى قىسمەن نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى گەۋدىلىنىدۇ، ئەمما باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. تەھلىل قىلىش بىرلىكىنى ۋىلايەت شەھەر دەرىجىلىككە چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ، نوپۇس ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار مۇرەككەپ، ئۇنىۋېرسال بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىش قۇرۇلمىسىدىكى پەرقچانلىق، باسقۇچتىكى قەدەمداش بولماسلىق، تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتىكى مۇرەككەپلىك شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ جەمئىيەت ئۆزگىرىش مەزگىلى، زامانىۋىيلىشىش جەريانىدىكى تەرەققىيات مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يازغۇچى يۇقىرىقى قۇرۇلما پەرق تەھلىلى ئارقىلىق، نوپۇس ئۆزگىرىش نۇقتىسىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)تەرەققىيات مەسىلىسىنىڭ «كۆپ خىل» لىقىنى ئايرىپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)مەسىلىسىدىكى «ئارىلاشما ۋە  مۇرەككەپلىك» جەھەتتىكى قايتا ئويلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مىللەتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىشىشىدە مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مىللىي ئىنتىلىش كۈچىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئاخىرىدا، گەرچە بۇ ماقالىدا مۇھاكىمە قىلىنغىنى نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق نوپۇس ئۆزگىرىسىنىڭ مەزمۇنى بولسىمۇ، يەنى تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى يۇقىرى سەۋىيە ھالىتىدىن تۆۋەن سەۋىيە ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ، ئەمما شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ پەرقچانلىقى، جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ۋە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى يەنىلا بىرىنچى قېتىملىق نوپۇس ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى كۆرۈلدى؛ شىمالىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)ۋە خىتاي نوپۇسى بىرىنچى قېتىملىق نوپۇس ئۆزگىرىشىنى تاماملاپ بولدى، ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ قىسمەن ئالامەتلىرى كۆرۈلدى؛ بىراق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە نوپۇسى ئالاھىدە تارىخىي سەۋەب ۋە سىياسىي ئىقتىدار سەۋەبىدىن، ئۈچىنچى قېتىملىق نوپۇس ئۆزگىرىشكە ئوخشىشىپ كېتىدىغان، يەنى كۆچۈرۈلگەن نوپۇسنىڭ تەسىرىدىكى نوپۇس قۇرۇلما ئۆزگىرىشى جەريانىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق نوپۇس ئۆزگىرىش شۇنداقلا ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى (Dirk J. van de Kaa.1987[23]؛ Lesthaeghe and Surkyn، 2004 [24]) ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق نوپۇس ئۆزگىرىشى ئېھتىياجلىق بولغان تېخىمۇ تەپسىلىي كۆچۈرۈلگەن نوپۇس سانلىق مەلۇماتىغا ئېھتىياجلىق (Coleman، 2006 [25])، كەلگۈسىدە يازغۇچى بۇ ماقالىدە بايقىغانلار ۋە يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن تېخىمۇ كەڭ ۋە تەپسىلىي بولغان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت)نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

پايدىلانمىلار:

[1] Coale A J,Watkins S C. The Decline of Fertility in Europe [J]. Population,1986(3):1-484.

[2] Dirk J. van de Kaa. Demographic Transitions,in Demography [M]. Oxford:Eolss Publishers,2008.

[3] Landry,A. La Revolution Demography [M]. Pairs:INED,1909:31.

[4] Thompson,W.S. Population [J]. American Journal of Sociology,1929(6):959-975.

[5] Notestein,F. Population the Long View,Food for the World [M]. Chicago:Chicago University Press,1945(1):37-57.

[6] Bongaarts J,Watkins S C. Social Interactions and Contemporary Fertility Transitions [J]. Population & Development Re⁃ view,1996,22(4):639-639.

[7] Coale A J. The Demographic Transition Reconsidered [C]// Liege:Proceedings of the International Population Conference, 1973:395-397.

[8] 李建新.人口转变新论[J].人口学刊,1994(6):3-8.

[9] 李建新. 世界人口格局中的中国人口转变及其特点[J].人口学刊,2000(5):4-9.

[10] 李竞能.现代西方人口理论[M].上海:复旦大学出版社,2004:325-326.

[11] Kirk D. Demographic Transition Theory [J]. Population Studies,1996(3):361-387.

[12] 谢宇. 社会学方法与定量研究[M].北京:社会科学文献出版社,2006:215-221.

[13] 李建新. 中国人口结构问题[M].北京:社会科学文献出版社,2009:4-7,14-19.

 [14] 李建新.新疆穆斯林人口现状与家庭生殖健康服务的新模式[J].西北民族研究,2007(01):19-32.

 [15] 刘月兰.新疆生产建设兵团人口迁移研究[J].西北人口,2007(2):111-115.

[16] 李建新,常庆玲.新疆各主要民族人口现状及变化特征[J].西部民族研究,2015(3):21-36.

[17] 从恩霖.伊斯兰教学者对于堕胎的教法主张[J].中国穆斯林,2000(6):6-9.

[18] 王朋岗,常青松,李为超.基于屯垦戍边使命的新疆兵团人口发展战略研究[J].西北人口,2012(33):71-77.

[19] 刘月兰,汪学华.1954~2005年新疆兵团人口发展特点及制约因素分析[J].西北人口,2008(1):98-102.

[20] Leete R,Alam I. The Revolution in Asian Fertility:Dimensions,Causes,and Implications [M]. Oxford:Clarendon Press, Oxford University Press,1993(1):360-360.

[21] Locoh T,Hertrich V. The onset of fertility transition in Sub-Saharan Africa [J]. Liege,Belgium,International Union for the Scientific Study of Population [IUSSP],1994.

[22] Hayes,A. C. The Role of Culture in Demographic Analysis:A Preliminary Investigation [J]. Working Paper in Demogra⁃ phy,1994(46):1-33.

[23] Dirk J. van de Kaa. Europe’s Second Demographic Transitions [J]. Population Bulletin,1987(1):11-59.

[24] Lesthaeghe,R. and J. Surkyn. When History Moves On:The Foundations and Diffusion of a Second Demographic Transi⁃ tion [C]// Brussels:Interface Demography:Free University of Brussels,2004:1-34.

[25] David Coleman. Immigration and Ethnic Change in Low-Fertility Countries:A Third Demographic Transition [J]. Popula⁃ tion and Development Review,2006(3):401-446