ئۆركەش تەيۋەن پارلامېنتى كشلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە باش كاتىپى بولدى.

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
ۋاشىنگتون، 23-نويابىر

دېموكراتىك زات، تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار دىموكراتىيە ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئۇزۇن مۇددەت تەيۋەندە تەتقىقات، پائالىيەت ۋە مېدىيا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە پائالىيەتچىسى ئۆركەش دۆلەت 23- نويابىر كۈنى تەيۋەن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى (تەيۋەن پارلامېنتى) دا قۇرۇلغان «كىشلىك ھوقۇق كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ئىجرائىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن.

بۇ ئۇچۇرنى ئۆركەش تۋىتتېردا ئورتاقلاشقان بولۇپ، بۇ ۋەزىپنىڭ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكى ياكى تەيىنلەنگەن ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.