يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ قەستلىنىشى خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئارقىمۇ-ئارقا خەۋەر قىلىندى.

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
5-نويابىر، ۋاشنگىتون

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئائىلىسى گۆرۈگە ئېلىنىپ، خىتايغا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغاندىن كېيېن، تۈركىيەدە تۇرۇش مەزگىلىدە خاتالىقىنى تونۇپ، يۈرەكلىك بىلەن خىتايغا قارشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا سۆزلىگەن يۈسۈپجان ئەمەت 2- نويابىر كەچتە ئىستانبۇلدا قەستكە ئۇچرىغان ئىدى. دوختۇرغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىنۋاتقان يۈسۈپجان ھازىر جىددىي ھايات خەۋپىدىن قۇتۇلغان. ئۇنىڭ قەستكە ئۇچرىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قايغۇغا سالدى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى تەشكىلات ۋە ئامما ئۇنى يوقلىدى. يۈسۈپجاننىڭ قەستكە ئ‍ۇچرىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

بىز يۈسۈپجاندەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقى ۋە دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ ھەقتە بېرىلگەن قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ تېمسنى ئېلان قىلماقچىمىز:

  1. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى: ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا قارشى ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر تۈركىيەدە ئوققا تۇتۇلدى.
  2. ئوتتۇرا شەرق كۆزەتكۈچىسى: خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا قارشى ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر تۈركىيەدە قەستكە ئۇچرىدى.
  3. ئەنگىلىيە تېلېگراف گېزىتى: ئۆز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا قارشى ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر تۈركىيەدە ئوققا تۇتۇلدى.
  4. ئەھۋال گېزىتى (ئىنگلىزچە): ئستانبۇلدا ئوققا تۇتۇلغان ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى جىددىي.
  5. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى: خىتايغا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر ئىستانبۇلدا نامەلۇم كىشلەر تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلدى.
  6. ئىلكە خەۋەرلىرى: ئىستانبۇلدا قەستكە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ياش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسدا خىتاي ئىستىخباراتى بارمۇ؟
  7. ئۇيغۇر تايمز: خىتاينى دۇنياغا پاش قىلغان سابىق ئۇيغۇر جاسۇس ئىستانبۇلدا ئوققا تۇتۇلۇپ يارىلاندۇرۇلدى.
  8. باررون ئاخبارات ئاگېنتلىقى فرانسيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىن نەقىل قىلدى.
  9. قولتۇق خەۋەرلىرى فرانسيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىن نەقىل قىلدى.
  10. جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى: «جاسۇسلۇققا مەجبۇرلاندىم» دېگەن ئۇيغۇر تۈركىيەدە يارىلاندۇرۇلدى.
  11. ئەھۋال خەۋەرلىرى: ئىستانبۇلدا ئوققا تۇتۇلغان ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى جىددىي.
  12. تەيبېي خەۋەرلىرى: ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىلدى.
  13. ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرى: سابىق ئۇيغۇر جاسۇس ئوققا تۇتۇلدى.
  14. بوشلۇق ئۇرۇشى خەۋەرلىرى: ئۇيغۇر ئەر ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن