ئامېرىكا خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كارخانىلىرىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنى جازالايدۇ

فرانسىيە رادىئوسى، 2020- يىلى 16- نويابىر
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 17- نويابىر

ترامپ ھۆكۈمىتى 10 ھەپتە ئىچىدە دۆلەت بىخەتەرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە خىتايغا قارىتا بىر يۈرۈش جازالارنى قوللىنىپ، خىتاي سىياسىتى مىراسلىرىنى مۇستەھكەملەيدىكەن، بۇنداق بولغاندا بايدىن ھازىرقى سىياسەتلەرنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتەلمەيدىكەن.

ئامېرىكا AXIOS خەۋەر تور بېكىتى 15- نويابىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي كارخانىلىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى جازالايدىغانلىقىنى، بۇ جازالارنىڭ ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىلىدىغان ياكى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ قوللانماقچى بولغان تەدبىرلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى قايتا تەربىيىلەش مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما تەيۋەندە تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى ياكى خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ كونسۇلخانىلىرىنى تاقىۋىتىشى ناتايىن. خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ھىندىستان، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەردە رادىكال ھەرىكەتلەرنى قوللانغانلىقى، يۇقۇمنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن، ترامپ سىياسىتىنىڭ بايدىن ئۆمىكىنىمۇ خىتاي سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىككە مەجبۇرىلايدىغانلىقى ئىشەنچ بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى باياناتچىسى جون ئاليوت ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا سەھنىدە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىسا، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى پرېزىدېنتى ترامپنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت تارىخى ھەرىكەتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.» خەۋەردە دېيىلىشىچە خىتاي ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش مۇزاكىرە قىلىنىۋىتىپتۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بۇ تىزىملىكتىكى 31 كارخانىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى يەنە خىتاينىڭ كەسكىن رىقابەتتىكى بىلىقچىلىق كەسپىدە تېخىمۇ كۆپ مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى پىلانلاۋىتىپتۇ. مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەككە سېلىش – كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، بۇ گېئوپولىتىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بېلىقچىلىق كەسپىدە خىتاينى تېخىمۇ زور ئەۋزەللىككە ئىگە قىلدى. يەنە بىر ئەمەلدار تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى داۋاملىق تۈردە تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى بولغان «قۇرغۇيچىلار» نى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا قويماقچى بولۇۋاتىدۇ. (قۇرغۇيچىلار: بىر سىياسىي ئاتالغۇ بولۇپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ-ت.) ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش تەپتىشى جون راتكلىفنىڭ نوپۇزلۇق مەسلىھەتچىسى كلىفى سىمس مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «راتكلىف باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ ۋە داۋاملىق ھالدا رەھبەرلىك رولىنى ئۆتەيدۇ. ئۇ ئامېرىكىنى سوغۇق ئۇرۇش ۋە 11- سىنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىدىن، خىتاي بىلەن قارشىلىشىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇشقا قاراپ يېتەكلەيدۇ.» بايدىن ئۆمىكى بۇ خەۋەرنىڭ مەزمۇنىغا باھا بېرىشنى رەت قىلغان.

مەنبە:
https://www.rfi.fr/cn/%E6%94%BF%E6%B2%BB/20201116-%E7%BE%8E%E5%9B%BD%E6%8D%AE%E6%8A%A5%E5%B0%86%E5%B0%B1%E6%B8%AF-%E7%96%86%E7%AD%89%E9%97%AE%E9%A2%98%E9%87%87%E5%8F%96%E7%B3%BB%E5%88%97%E6%8E%AA%E6%96%BD-%E5%88%B6%E8%A3%81%E6%9B%B4%E5%A4%9A%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E4%BC%81%E4%B8%9A-%E5%AE%98%E5%91%98

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن