ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر شېئىر كېچىلىكىى ئۆتكۈزۈلدى

ئامىنە ۋايىت سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 15- نويابىر

تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇيغۇر ياش قەلەمكەشلەر جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ قوللىشى، ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن 14- نويابىر تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبول شۆبىسىدە شەرقىي تۈركىستان شېئىر كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش، مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر قەلەم ئىگىسىگە ئۈمىد ۋە جاسارەت بېغىشلاش ئۈچۈن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى كېچىلىككە، بىر قىسىم ئاكادىميە مەسئۇللىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدە ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار قاتناشتى. پائالىيەت باشتىن ئاخىرى ناھايىتى جانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان بىر قىسىم شائىرلار ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبول شۆبىسى مەسئۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستانغا مەدەت بولىدىغانلىقىنى، مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئۇسۇللىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىشقا مەيدان ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۇيغۇر ياش قەلەمكەشلەر جەمئىيتىنىڭ تۇنجى ئۆتكۈزگەن شېئىر كىچىلىكى بولۇپ، بىز بۇ جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنىڭدەك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن