گۈلباھار جېلىل «ھاياتقا تۆھپە قوشقان ئاياللار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 14- نويابىر

مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ سائادەت پارتىيەسى مەركىزىي يېغىن زالىدا «ھاياتقا تۆھپە قوشقان ئاياللار» مۇكاپاتى تارقىتىلدى. بۇ يىلقى مۇكاپاتنى خىتاي لاگېرىدا يېتىپ چىققان ئۇيغۇر لاگېر شاھىدى گۈلباھار جېلىل ھەدىمىز ئالغان بولۇپ، گۈلباھار جېلىل ھەدىمىز تۈركىيەدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئوغلى تاپشۇرۇپ ئالدى.

خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالەتەن بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇراسىم جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقلىرىنى، نۆۋەتتە خىتاي جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ خورلۇق تارتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن