بايدېننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى 1-بۆلەك

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تۇيغۇ

2020-11-07

ئىلگىرى كىشىلەر بايدېننى كۆپىنچە ئوبامانىڭ ياردەمچىسى دەپ قارايتتى، ئۇنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى. لېكىن، ھازىر 78 ياشقا كىرگەن بايدېن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نامزات سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئالدىغا كەلدى. بايدېن 40 نەچچە يىل سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇزاق كېڭەش پالاتالىق ھاياتى بايدېننىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە ئىش بېجىرىش ئۇسلۇبىنى ياراتقان بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك پىرىنسىپاللىققا ئىگە، لېكىن دەۋر ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، جانلىق ئىش قىلىشقا ماھىر، كۆپ يىللاردىن بۇيان بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ كەلگەن. 

1942-يىلى قىش ئىنتايىن ئادەتتىكى بىر پەسىل بولسىمۇ، لېكىن پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قىش ناھايىتى ئىللىق بولدى، چۈنكى ئۇلار چوڭ ئوغلى يوسېف بايدېننى كۈتۈۋالغانىدى. 

ئەلۋەتتە، بۇ ئائىلە چوڭ ئوغلىنىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ھوقۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. 

بايدېننىڭ بوۋىسى ياش ۋاقتىدا باي بىر نېفىت سودىگىرى ئىدى، بىراق بايدېن تۇغۇلغاندا ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ، تۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە قىيىنلىشىپ كەتكەنىدى، بۇ ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىرادىسىنى تاۋلىشىغا سەۋەب بولغانىدى. 

بايدېن ئائىلىسىدە بالىنىڭ چوڭى، لېكىن كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ تۇغما تالانتى يوق ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا كېكەچلەيتتى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا تېكىستنى ئېنىق ئوقۇيالمىغانلىقتىن، ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىناتتى، ھەتتا ھاقارەت خاراكتېرىدىكى ناملارغا ئېرىشەتتى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، مۇئەللىمى ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارا مەسخىرە قىلىپ، «با با با بايدېن» دەپ ئاتاشقان، بۇ ئىشلار كىچىك بايدېن ئۈچۈن ناھايىتى زور زەربە بولغان. 

بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلەر بايدېننىڭ ئېسىدىن چىققىنى يوق، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ كېكەچلىكنى يېڭىدۇ. 

بايدېن ئائىلىسىدىكى چوڭلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي ھەۋەسكارلار بولۇپ، گۆدەك بايدېن چوڭلارنىڭ دائىم سىياسىي ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. 

بايدېن چوڭلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى قىزىقىپ قالىدۇ، ئەمما كېكەچلەش سەۋەبىدىن بايدېن ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېنىق بايان قىلالماي قالىدۇ، شۇڭا بايدېن دائىم گەپ قىستۇرالماي قالىدۇ، بۇ ھال بايدېننىڭ كېيىنكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئاجىز ھالقا بولۇپ قالىدۇ. 

ئۇ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن ھەر كۈنى ئەينەككە قاراپ شېئىر ئوقۇپ، كېكەچلىكىمدىكى كەمچىلىكىمنى تۈزىتەتتىم، خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئانامنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدىم، ھەتتا بەزىدە پۈتۈن بىر كېچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەلەپپۇز قىلىشنى مەشىق قىلاتتىم.» 

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئوخشاش كەچۈرمىشى بار بالىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش مەن ئۈچۈن ئەڭ زور شەرەپ، بۇنى ئوخشاش نىيەت دەيمىز.» شۇڭا ئۇ سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ كېكەچلەشتەك پاكىتىنى يوشۇرماستىن، ئەكسىچە مەردلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. 

بايدېن 10 ياشقا كىرگەندە دادىسى دېلاۋار شتاتىغا كۆچۈپ بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىپ، گەرچە مائاشى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەرنى باقالايدىغان بىر خىزمەت تاپىدۇ. 

بايدېن ئائىلىسىنىڭ چوڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلىسىنى بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا باشلايدۇ، ئۇ قوشنىلىرىنىڭ قالايمىقان چىملىقلىرىنى قىرقىپ ياسايدۇ، بايلارنىڭ ئۆيىدە سائەتلىك ئىشچى بولۇپ تازىلىق قىلىدۇ، سەھەردە چوڭ كوچىلارنى تازىلايدۇ، ھەتتا ئېتىزلىقلاردىمۇ كالا تېزىكى تېرىيدۇ. 

ئاشۇ نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن يىللاردا، كىچىكىدىنلا قەيسەر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بايدېن كۈنلەرنىڭ بىرىدە باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا بەل باغلىغانىدى. ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى تەبىقىلەرنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ تۇرمۇشنىڭ مۈشكۈلاتلىرى ۋە جاپا-مۇشەققەتلىرىنى دەسلەپتىلا چوڭقۇر چۈشەنگەن، شۇنداقلا بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئاۋام ئوبرازىغا، يەنى ئاددىي پۇقرالار بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشتەك ئوبرازغا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن. 

1966-يىلى، بايدېن بىلەن ئەينى چاغدىكى خوتۇنى نېلىئا خۇنتېر (Nelia Hunter) توي قىلىدۇ، ھەمدە تويدىن كېيىن ئىككى ئوغۇل بىر قىز پەرزەنت كۆرىدۇ. تۇنجى خوتۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ مۇھەببەتلەشكەن ئۇ مۇلايىم ئەرلەرنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ تويلىشىشىمۇ بىر مەزگىل باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. 

ۋاھالەنكى، گويا دۇنيادىكى ياخشى نەرسىلەر ياخشى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمەيدىغاندەك قىلاتتى. 1972-يىلى بايدېنغا قاتتىق زەربە بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك سىياسىي ئۇسلۇبىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

1972-يىلى مىلاد بايرىمى ھارپىسىدا، نېلىئا خۇنتېر ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ دېلاۋار شتاتىغا مىلاد بايرىمى بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارىدۇ، ۋاشىنگتوندا مەسلىھەتچى قوبۇل قىلغان بايدېن، ئەسلىدە قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ خوتۇن-بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىمەن دەپ ئويلىغان. 

لېكىن، نېلىئا خۇنتېر ۋە بالىلىرى ئۆيگە قايتىش يولىدا، بايدېن ھەر قېتىم خوتۇن-بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ مال سېتىۋالغىلى بارمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ. ئۇ ئۆيگە قايتىش سەپىرىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، خوتۇن-بالىلىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئىككى ئوغلى ئېغىر يارىلىنىدۇ. 

بايدېن تۇنجى خوتۇنى ۋە قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق بىر مەھەل قاتتىق ئازابلىنىپ، پات ئارىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان كېڭەش پالاتا ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆيىگە قايتىپ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىككى ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى بولىدۇ، ھەتتا ئۆلۈۋالماقچى بولغان. 

يازغۇچى يامماتېر «پورتۇگالىيەنىڭ ئېگىز تاغلىرى» دېگەن ئەسىرىدە: «ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ ئازابى تەقدىرنىڭ تۇراقسىزلىقى ۋە تۇغۇلۇشىدىنلا ئاجىزلىقىنى قوبۇل قىلالماسلىقتىن كېلىدۇ.» دەپ يازغان. 

ئەينى چاغدىكى يۈكسەك ئىرادىلىك بايدېنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا ئىككى ئوغلىنى تاشلاپ كېتىشكە چىدىماي ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. 

1973-يىلى سىياسىي سەھنىگە ئەمدىلا كىرگەن بايدېن ئىككى ئوغلىنىڭ كېسەل كارىۋىتى ئالدىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇشقا قەسەم بېرىدۇ، شۇ كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ كېيىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى ئەڭ كۈچلۈك تالاشقۇچى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. 

پاجىئەلىك كەچۈرمىشلەر ۋە تەقدىرنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن بايدېن كىشىلەرگە تېخىمۇ مۇلايىم مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇ يالغۇز ئاتا بولۇش سۈپىتى بىلەن 36 يىل ھەر كۈنى ئىككى-ئۈچ سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ دېلاۋىيەر شىتاتى بىلەن ۋاشىنگتون شىتاتىغا بېرىپ-كېلىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت پەقەت ئائىلىسىدىكىلەرگە، بالىلىرىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇش ئىدى، بۇ بايدېننىڭ يالغۇز دادا بولۇشتەك مۇلايىم ئوبرازىنى ياراتقان. 

بايدېن يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، تېخىمۇ خاتىرجەم ۋە چىقىشقاق بولۇپ، تۇرمۇشتا ئەسلىدە ناتونۇش ئادەم بولۇشقا تېگىشلىك كىشىلەر بىلەن بارا-بارا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى ئۇ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ياللىغان تازىلىق ئىشچىلىرى، ئىشقا بېرىپ كېلىشتە پويىزغا چىقىدىغان بېلەت ساتقۇچىلار ۋە پويىز شوپۇرلىرى بار ئىدى. 

بەلكىم غايەت زور ئازاب بايدېننىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى قايتىدىن تىكلەپ، ئۇنى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن تېخىمۇ ئورتاق ھېسسىياتتا بولۇش، تەقدىرنىڭ بىنورماللىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلىش، ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ بەلكىم بايدېننىڭ خەلقنىڭ قەلبىدىكى دوستلۇق ئوبرازىنى يارىتالىشىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن. 

ئەينى ۋاقىتتا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن بايدېن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن دېلاۋار ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي خادىمى بولۇپ سايلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە قىستىلىپ كىرىدۇ. 

ئەينى چاغدىكى دېلاۋار شىتاتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە مايىل تەۋرەنمە شىتات بولۇپ، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان بايدېن تەبىئىيلا شىتاتتىكى سايلام رىقابىتى ۋە سىياسەت جەھەتتە ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەيتتى. 1972-يىلى شۇ چاغدىكى نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزاسى بوگس (Bogs) كېيىنكى نۆۋەتلىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ھەممە ئادەم دېگۈدەك بوگس سايلامدا چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارىغان ئىدى. 

ئەينى چاغدا، كۆپ قىسىم نوپۇزلۇق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئادەملىرى ئۆزىنىڭ «زەمبىرەك يېمى» بولۇپ قېلىشىدىن قورقاتتى، شۇڭا، نۇرغۇن ئىشلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بايدېننى «قۇربانلىق» سۈپىتىدە سايلامغا قاتناشتۇرىدۇ. 

گەرچە سايلام رىقابىتىنىڭ دەسلىپىدە بايدېننى قوللاش نىسبىتى بوگسنىڭكىدىن بىر مەھەل ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، لېكىن بايدېن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى سايلامدا ياردەمچى بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ھەر كۈنى سايلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئوي-پىكرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىغا ئاساس سالىدۇ. 

بايدېن ئاخىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ياش تالانتلىق ئوبرازى ئارقىلىق سايلىغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، بوگسنى يېڭىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. 

1974-يىلى ئايالى ئالەمدىن ئۆتۈپ بىر يىلدىن كېيىن «دەۋر» ژۇرنىلى بايدېننى «كەلگۈسىدە نەتىجە يارىتىدىغان 200 يېڭى چىرايلار» دەپ باھالىغان. ئۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنى ئاق سارايدىن يىراقتا قالغاندەك ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن رېئاللىق ئۇنىڭغا يەنە ئېغىر زەربە بېرىدۇ. 

1987-يىلى 45 ياشقا كىرگەن بايدېن تۇنجى قېتىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ، بۇ يېڭى سىياسىي يۇلتۇز سايلام رىقابىتىنىڭ دەسلىپىدە نۇرغۇن ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئەمما، ئۇ يەنىلا بەك نازۇك ئىدى، سايلامغا قاتناشقاندىن كېيىن، بايدېننىڭ ئىلگىرىكى «قارا تارىخ»لىرى بارا-بارا رىقابەتچىسى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ، سايلىغۇچىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. 

سىياسىي سەھنىدىكى بۇ يېڭى چولپان ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخىنى مۇبالىغە قىلىپ، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ نۇتۇقىنى ئوغرىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى تېزلا سايلامدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 

لېكىن، ئۇنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ ۋاقتى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆتۈپ كەتمىدى. 1988-يىلى تەقدىر ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم چاقچاق قىلىدۇ، «بالا كەلسە قوشلاپ كېلەر» دېگەندەك بايدېن بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىق نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. 

دوختۇرخانىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە، بايدېن چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئايالى ۋە قىزىنى، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى، بەلكىم بالىلىق چاغلىرىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش غايىسىدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. 

لېكىن، ئۇ 15 يىل ئىلگىرى ئامراق ئايالىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندەك، يەتتە ئاي ئىش توختاتقاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە تونۇش ئىش ئۈستىلى ئالدىغا قايتىپ كېلىدۇ. 

بايدېننىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىشى

بايدېن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سايلىغان ئەڭ ياش پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق ھاياتى ھەتتا مەككائىننىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن ئىدى. بايدېن شەخسىي تۇرمۇش ۋە سىياسىي ھاياتىدا مۈشكۈل مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈرگەن. 

بايدېن 1942-يىلى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ سكرانتون شەھىرىدە مائاشلىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. بايدېن ئائىلىدىكى تۆت بالىنىڭ چوڭى. ئۇ 10 ياشقا كىرگەندە، ئاتا-ئانىسى ئۆيىنى دېلاۋار شتاتىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. 

بايدېننىڭ بالىلىق چاغلىرىدا كېكەچلەيدىغان كېسىلى بولغاچقا، ئاپىسى ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ بەك كۆپ گەپلىرىنىڭ بارلىقىنى، تېزراق ئېيتىشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. بايدېن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە كېكەچلىكى سەۋەبىدىن قىزلارنى قوغلىشالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ھەر كۈنى ئەينەككە قاراپ داستان دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئاخىر بۇ ئىللەتنى تۈگەتكەن. 

بايدېن ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن، 1968-يىلى سىراكۇس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن، نەتىجىسى شۇ قاراردىكى 85 ئوقۇغۇچى ئىچىدە 75-ئورۇندا تۇرغان. 

بايدېننىڭ دادىسى ماشىنا ساتقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، قەيسەر ئىدى، دائىم كەچلىك تاماق ئۈستىلىدە ئوغلىغا ناتسىست چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئائىت قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئەمەلىيەتچىل ئاتا بايدېنغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، بۈگۈن بايدېن يەنە دائىم ئاتىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «مەن ھۆكۈمەتنىڭ مېنىڭ مەسىلەمنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن، لېكىن مەن ھۆكۈمەتنىڭ مېنىڭ مەسىلەمنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دەيدۇ. بايدېننىڭ ئانىسىمۇ ئوغلىغا ئاجىزلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ. بايدېن ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىر ئىشنى ئانام قوللىمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ رەزىللىك. ئۇ ئىنىمغا تېخىمۇ كىچىك بالىلارنى بوزەك قىلىدىغان بالىلارنى ئۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىنى كۆكەرتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.» 

داۋامى بار…

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن