ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدىكى سايلام ئۆمىكى تۈزۈمى ھەققىدە

ب ب س، 2010- يىلى 23- ئۆكتەبىر
تەرجىمىدە: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 2- نويابىر

ئامېرىكا سايلىمى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. 3- نويابىر ئامېرىكىلىقلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتىنى سايلايدۇ.

بىراق، خەلق سايلىمىدا ئەڭ كۆپ بىلەتكە ئېرىشكۈچى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە قىلغۇچى بولۇشى ناتايىن. بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكا پرېزىدېنتى سايلىغۇچى خەلق (选民, popular vote) نىڭ بىر ئادەم بىر بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بىۋاستە سايلانمايدۇ، يېڭىش-يېڭىلىشنى ھەقىقىي بەلگىلەيدىغىنى سايلام ئۆمىكى (Electoral College) تۈزۈمىدۇر.

ئامېرىكا سايلىمىدا نېمىنى سايلايدۇ؟

پرېزىدېنت سايلىمىدا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ سايلام بېكەتلىرىگە بېرىپ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بەرگىنى ئەمەلىيەتتە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلاردىن تەشكىل تاپقان سايلام ئۆمىكىدىن ئىبارەت. بۇ سۆزدىكى «ئۆمەك (ياكى ئىنىستىتۇت college)» بولسا ئورتاق ۋەزىپىسى بولغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كىشىلەر دەل سايلىغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتنى سايلاپ چىقىشتۇر. سايلام ئۆمىكى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم يىغىلىدۇ، ۋاقتى بولسا سايلام كۈنىدىن بىر قانچە ھەپتە كېيىن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملاش شەكلىدۇر.

سايلام ئۆمىكى قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

ھەر بىر شىتاتىكى سايلىغۇچىلار سانى ئاساسەن شۇ شىتاتنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە 538 نەپەر سايلىغۇچ بار. كالىفورنىيەدىكى سايلىغۇچىلار سانى 55 نەپەر بولۇپ، ئامېرىكا بويىچە ئەڭ كۆپ. ۋيومىڭ (Wyoming)، ئالياسكا (Alaska) ۋە شىمالىي داكوتا (North Dakota) قاتارلىق نوپۇسى ئاز شىتاتلاردا (يەنە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىمۇ بار) سايلىغۇچىلارنىڭ سانى بەك ئاز بولۇپ 3 كە يېتىدۇ. ھەر بىر سايلىغۇچى بىر دانە سايلام بېلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، پرېزىدېنت نامزاتى چوقۇم كۆپ سانلىق سايلام بېلىتىگە، يەنى 270 دانە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەندە پرېزىدېنتلىققا سايلىنالايدۇ.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھەر قايسى شىتاتلار بارلىق سايلام بېلىتىنى شۇ شىتاتتىكى خەلق سايلىمىدا يېڭىپ چىققان ئادەمگە تاشلايدۇ. بىر مىسال كەلتۈرسەك: ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى تېكساس شىتاتىدىكى خەلق سايلىمىدا %50.1 بېلەتكە ئېرىشكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ شۇ شىتاتتىكى 38 دانە سايلام بېلىتىنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىدۇ.

پەقەت مەيىن (Maine) ۋە نېبراسكا (Nebraska) دىن ئىبارەت 2 شىتاتتىلا ھەر بىر نامزاتقا شۇ شىتاتتا خەلق سايلىمىدا ئېرىشكەن بېلەت نىسبىتىگە ئاساسەن سايلام بېلىتىنى تەقسىم قىلىدۇ.

مانا بۇ پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ نىشانىنى نېمە ئۈچۈن بۇ ئالاھىدە «تەۋرەنمە شىتات» لارغا قارىتىشىنىڭ سەۋەبى، يەنى ئۇلار مەملىكەت مىقياسىدىكى خەلق سايلىمىدا ئىمكانقەدەر كۆپرەك بېلەتكە ئېرىشىشنى نىشان قىلماستىن، بەلكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلىغاندا ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان شىتاتلارنى نىشان قىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. بىر شىتاتتا غەلىبە قىلغاندا، 270 دانە سايلام بېلىتىگە ئېرىشىش نىشانىغا بىر قەدەم يېقىنلايدۇ. (بۇ يەردە دېيىلگەن تەۋرەنمە شىتات (Swing state)- ئامېرىكا سايلىمىدىكى ئۆزگىچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ رىقابەتلەشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ كۈچلىرى تەڭپۇڭ كېلىپ قالغان ۋە مەلۇم بىر تەرەپنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكى بولمىغان شىتاتلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «تەۋرەنمە شتات» لاردىكى سايلام بېلەتلەر رىقابەتلەشكۈچى ئىككى تەرەپ كەسكىن كۈرىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، بولۇپمۇ «ھالقىلىق تەۋرەنمە شىتات» لاردىكى سايلام بېلەتلەر دائىم دېگۈدەك سايلام نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. 2016- يىلدىكى سايلامدا، ترامپ فلورىداغا ئوخشاش ھالقىلىق شىتاتلاردا غەلىبىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ شىتاتلارنىڭ يۈزلىنىشى سايلامغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن-ت.)

خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ بېلىتىگە ئېرىشىپمۇ پرېزىدېنت بولالماسلىق

بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار. پرېزىدېنت نامزاتى بەلكىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ سانلىق سايلىغۇچى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن، ئەمما سايلامدا غەلىبە قىلغان شىتاتلار سانى يېتەرلىك بولماي، 270 دانە سايلام بېلىتىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.

بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان 5 قېتىملىق سايلامدا، يەڭگەن تەرەپنىڭ خەلق سايلىمىدا ئېرىشكەن بېلەت سانى رەقىبىنىڭكىدىن ئاز بولغان.

2016- يىلى دونالد ترامپنىڭ خەلق سايلىمىدا ئېرىشكەن بېلىتى ھىلارى كىلىنتوننىڭكىدىن 3 مىليونغا يېقىن ئاز بولغان بولسىمۇ، سايلام ئۆمىكى زور كۆپچىلىك سايلام بېلىتىنى ئۇنىڭغا تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، پرېزىدېنت بولالىغان.

2000- يىلى جورجى W بۇش (George W Bush) 271 دانە سايلىغۇچىلار بېلىتىگە ئېرىشتى، ئەمەلىيەتتە دېموكراتچىلار پارتىيىسى نامزاتى ئال گور (Al Gore) نىڭ ئومۇمىي خەلق سايلىمىدا ئېرىشكەن بېلىتى ئۇنىڭكىدىن 500 نەچچە مىڭ دانە كۆپ ئىدى.

يۇقىرىقى 2 قېتىملىقتىن باشقا، ئامېرىكا تارىخىدا يەنە 3 نەپەر پرېزىدېنت ئومۇمىي خەلق سايلىمىدا كۆپ سانلىق بېلەتكە ئېرىشەلمەي تۇرۇپمۇ پرېزىدېنتلىققا سايلانغان.

نېمە ئۈچۈن بۇ خىل سايلام تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ؟

1787- يىلى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى تۈزۈلگەن مەزگىللەردە، زېمىنىنىڭ بىپايانلىقى، ئالاقىنىڭ قولايسىزلىقى تۈپەيلىدىن، پرېزىدېنت سايلىمىنى مەملىكەتلىك ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەر ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ پرېزىدېنتنى تاللاش ئۇسۇلىنىمۇ ئانچە قوللاپ كەتمەيتتى. شۇڭا، ئاساسىي قانۇن رامكىسىنى تۈزگۈچىلەر سايلام ئۆمىكى تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، ھەر بىر شىتات سايلىغۇچىلارنى تاللاپ چىقىدۇ. بىر قەدەر كىچىك شىتاتلار بۇ تۈزۈمنى تېخىمۇ قوللىغان. چۈنكى پۈتۈن مەملىكەتلىك خەلق سايلىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سايلام ئۆمىكى تۈزۈمى كىمنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىنى قارار قىلىش مەسىلىسىدە ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاۋاز چىقىرىش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.

سايلام ئۆمىكى تۈزۈمى ئەينى چاغدىكى قۇللار نوپۇسى نىسبەتەن كۆپ بولغان جەنۇبىي شىتاتلارنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەن. گەرچە قۇللار بېلەت تاشلىيالمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ئامېرىكا نوپۇس سىتاتىستىكىسىدا سانىلىدۇ (ھەر بىر قۇل 5 تىن 3 ئۈلۈش ئادەم قىلىپ ھېسابلانغان). سايلام بېلىتىنىڭ تەقسىملىنىشى ھەر قايسى شىتاتلاردىكى نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدىغان بولغاچقا، جەنۇبىي شىتاتلارنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىغا بولغان تەسىر كۈچى بىۋاستە خەلق سايلىمى قىلغاننىڭكىدىن تېخىمۇ چوڭ بولغان.

سايلىغۇچىلار چوقۇم خەلق سايلىمىدا غەلىبە قىلغۇچىغا بېلەت تاشلىشى كېرەكمۇ؟

بەزى شىتاتلاردا سايلىغۇچىلار خەلق بېلەت تاشلاپ قوللىغانلارغا ئەمەس، بەلكى سايلىغۇچى ئۆزى ياخشى كۆرگەن خالىغان بىر نامزاتقا بېلەت تاشلىشى مۇمكىن. ئەمما ئەمىلىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغاندا، كۆپىنچە سايلىغۇچىلار بېلەتنى ئاساسەن شۇ شىتاتتا ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن نامزاتقا تاشلايدۇ.

ئەگەر مەلۇم سايلىغۇچى تاشلىغان بېلەت بىلەن شۇ شىتاتتىكى خەلق تاشلىغان بېلەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقسا، سايلىغۇچى «ئىشەنچسىز سايلىغۇچى (faithless elector)» بولۇپ قالىدۇ. 2016- يىلى 7 دانە سايلىغۇچى بېلەت مۇشۇ خىل شەكىلدە تاشلانغان، لېكىن سايلام نەتىجىسى ئەزەلدىن ئىشەنچسىز سايلىغۇچى سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ باقمىغان.

ئەگەر ھېچبىر نامزات كۆپ سانلىق بېلەتكە ئېرىشەلمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەگەر ھېچبىر نامزات 270 دانە بېلەتكە ئېرىشەلمىسە، كېڭەش پالاتا  بېلەت تاشلاپ پرېزىدېنتنى سايلاپ چىقىدۇ. بۇ تارىختا پەقەت بىر قېتىملا يۈز بەرگەن. 1824- يىلىدىكى سايلام بېلىتى 4 نەپەر پرېزىدېنت نامزاتى ئارىسىدا تەقسىملەنگەن، شۇڭا ھېچكىم كۆپ سانلىق بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن. ھازىر ئامېرىكىنىڭ سىياسى سىستېمىسىنى 2 پارتىيە ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ خىل ئىشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىشى ناتايىن.

مەنبە:
https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-53719648

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن