بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ سىرى

بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ سىرى

ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى، نىشانى ۋە تەسىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ

رافق دوسسانى (Rafq Dossani)، جىننىفېر بوئېي خۇاڭ جىخۇەن (黄志环) ، جۇ كېرىن (朱可人)

WR-1338

2020-يىلى 5-ئاي

www.rand.org

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇقادىر ئابلىز

2020-10-29

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

كىرىش سۆز

 بۇ دوكلات «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى (BRI) نى مۇزاكىرە قىلىدۇ، مەزكۇر تەشەببۇس 2013-يىلى باشلانغان بولۇپ، خىتاي تەتقىق قىلىپ ياردەم ياردەم قىلىدىغان، ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قاپلايدۇ. مەزكۇر دوكلاتتا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن باشقا دۇنياۋى ياردەم قۇرۇلۇشلىرىنى سېلىشتۇرغاندا قانداق ئوخشىمايدىغا جايلارنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلدى ھەمدە بۇ پەرقلەرنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئۇقۇم ۋە يۈرگۈزۈلۈش ئۇسۇلىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، يازغۇچى بىر قۇرۇلما ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى باھالاشقا ئىشلىتىدۇ ھەمدە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ھەققىدىكى تەسىرنىڭ ئىسپاتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

مەزكۇر دوكلات خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى دۆلەت باشقۇرۇش قورالى سۈپىتىدە بارغانسېرى كۆپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىدەك بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ماس كېلىدۇ، ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى مەبلەغنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.

مەبلەغ

 بۇ تەتقىقاتنىڭ خىراجىتىنى راند جامائىتى ۋە ئىقتىسادىي سائادەت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ۋە راند ئاسىيا تىنچ ئوكيان سىياسەت مەركىزى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئىئانە قىلدى.

ئىجتىمائىي ساغلاملىق ۋە مۇھىت سىياسىتى قۇرۇلۇشى

راند ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي سائادەت بۆلۈمى راند شىركىتىنىڭ بىر تارمىقى، مەزكۇر شىركەت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نوپۇس ۋە جامائەتنىڭ ساغلاملىقى شۇنداقلا ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي سائادىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. بۇ تەتقىقات راند ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي سائادەت بۆلۈمىنىڭ جامائەت ساغلاملىقى ۋە مۇھىت سىياسىتى قۇرۇلۇشىدا ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇل ئەسلىھە، پەن-تېخنىكا، مەھەللە لايىھەلەش، جامائەت ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆچمەنلەر ۋە نوپۇس ئەھۋالى، قاتناش، ئېنېرگىيە، كېلىمات ۋە مۇھىت قاتارلىق تېمىلار شۇنداقلا تەبىئىي ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇش مۇھىتى، تېخنىكا ۋە )سائادەتكە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان( مەھەللە تەشكىلى ۋە ئورگان تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا سىياسەت مەسىلىلىرىدۇر. ئەگەر باشقا ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، تۆۋەندىكى تورخەتكە خەت يېزىڭ:

[email protected]

ئاسىيا تىنچ ئوكيان سىياسەت مەركىزى

 CAPP راند شىركىتىنىڭ خەلقئارا پىلانىنىڭ بىر قىسمى. CAPP ئاسىيا تىنچ ئوكيان شۇنداقلا ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ھەققىدىكى تەھلىل بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 تەتقىقات ۋە تەھلىل ئارقىلىق، جامائەت ۋە شەخسىي تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ھەمدە جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئاقىل، تېخىمۇ گۈللەنگەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇسۇلدا CAPP ياردەم بېرىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، www.rand.org/capp نى زىيارەت قىلىڭ ياكى مەركەز مەسئۇلى )تور بەتتە ئالاقە ئۇسۇلى بار( بىلەن ئالاقە قىلىڭ.

مۇھىم نۇقتىلار

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى (BRI) بىر تۈرلۈك دۇنياۋى ئۇل ئەسلىھە پىلانى، خىتاي 2013-يىلى ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئەمەلىيلەشتۈرگەن، ھەمكارلىق ئوبيېكتى ئاساسلىقى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر. 2019-يىلىغىچە، 166 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات خىتاي بىلەن مەزكۇر تەشەببۇسقا قاتنىشىش كېلىشىمى تۈزگەن. تەرەققىيات مەبلىغى تەمىنلەش ئارقىلىق قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيادىكى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى باغلاشقا ياردەمى بار. شۇڭلاشقا، مەزكۇر قۇرۇلۇش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ زور دەرىجىدە كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندەك قىلىدۇ ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، «بىر بەلباغ بىر يول» خىتاي تاشقىي سىياسىتىنىڭ مۇھىم قورالىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ مەقسىتى خىتاي ۋە ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەرنى سودا ۋە ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەئەت بىلەن تەمىنلەش.

گەرچە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلغان ھەمكارلىق ئەندىزەسى قوللانغان، ئەمما ئۇ يەنىلا كەڭ كۆلەمدە تەنقىدكە ئۇچرىدى. بۇ تەنقىدلەر كۆپىنچە ھاللاردا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە ئېھتىياجىنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلانمىغان، بىراق قۇرۇلۇش تۈرى تاللىغان ئۆلچەم، قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى تەسىرى ۋە ئاقىۋىتى )يەنى سىرتقى خاراكتېرلىك( مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، مەسىلەن سودا جەھەتتىكى بېقىندىلىق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان ناچار تەسىرلەر.

بۇ دوكلاتتا، بۇ تەنقىدلەرنى تاللاپ باھالىدۇق. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، زور كۆپ ساندىكى تەنقىدلەر نىگىزىدىن ئېيتقاندا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن باشقا تەشەببۇسلارنىڭ ئوخشىمايدىغان جايلىرىغا بولغان ئارىسالدىلىقتىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئەنئەنىۋى تەرەققىيات خاراكتېرىدىكى پۇل-مۇئامىلە پىلانىنىڭ تۆت خىل ھالقىلىق ئالاھىدىلىكىنى جەزملەپ ھەمدە دەلىللىدۇق، يەنى دۆلەت دەرىجىلىك كۆلەم، مەبلەغ تەشكىللەش ئۇسۇلى، دۇنياۋى تۇتاشلىقى ۋە دۆلەتنىڭ رولى. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئالاھىدىلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سىرتقى خاراكتېرلىكلىكىنى تەھلىل قىلدۇق ھەمدە بۇ تۆت ھالقىلىق ئالاھىدىلىك «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك تەنقىتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە سىرتقى خاراكتىرلىكنى باھالايدىغان قۇرۇلما تەمىنلىدۇق.

خۇلاسە بۆلىكىدە، سىرتقى خاراكتىرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى مۇھاكىمە قىلدۇق. شۇنداقتىمۇ يەنىلا نۇرغۇن خىزمەتلەر تاماملاشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما دەسلەپكى ئىسپاتلار شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ھەققىدىكى نۇرغۇن ئەندىشىلەر كۆپتۈرۈلگەن. تەكلىپىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھالقىلىق تۆھپىسى شۇنداقلا بۇنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن دۆلەتلەرگە بولغان ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشكە تۆھپە قوشۇشتۇر.

تەشەككۈر

خىزمەتداشلارنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ۋە يىغىنلاردا مەزكۇر دوكلاتنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىغا بەرگەن باھا تەكلىپلىرىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز، خىتاي تەرەققىيات مۇنبىرى (2018-يىلى)، جاكارتا جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇنبىرى (2019-يىلى) ۋە رائىسىنا سۆزلىشىشى (2020-يىلى) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىسقارتىلغان سۆزلەر جەدۋىلى

BRI «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى

CPEC خىتاي پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى

GDP ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى

GW كىلومېگاۋات

SDG  ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى

بىرىنچى باب

مۇقەددىمە

بىر بەلباغ بىر يول« تەشەببۇسى (BRI) بىر تۈرلۈك دۇنياۋى ئۇل ئەسلىھە پىلانى، خىتاي ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئەمەلىيلەشتۈرگەن، قاتناشقۇچى تەرەپلەر ئاساسلىقى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر. 2019-يىلىغىچە، 166 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات خىتاي بىلەن مەزكۇر تەشەببۇسقا قاتنىشىش كېلىشىمى تۈزگەن. 2013-يىلى مەزكۇر پىلان قوزغىتىلغاندىن بۇيان، خىتاي 70 نەچچە قاتناشقۇچى دۆلەتكە 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق بىۋاسىتە مەبلەغ سالغان، سېلىنغان بۇ مەبلەغلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %7.2.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېچىش خاراكتېرىدىكى پۇل-مۇئامىلە تەشەببۇسىغا ئايلاندى.

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مەبلەغ سېلىش سوممىسى 28.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 82 دىن ئارتۇق چەتئەل ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق رايونى قۇرۇپ، 244 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى يارىتىپ، 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باج كىرىمى ياراتتى.

ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىشىنىڭ مالىيە لوگىكىسى ئىنتايىن ئاددى: گەرچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئەرزاق باھالىق كاپىتالنى تۆكمە قىلىۋاتسىمۇ، ئەمما زور كۆپ قىسىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مۇۋاپىق شەرت بىلەن شۇ كاپىتالنى ئىشلىتەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا زۆرۈر ئۇل ئەسلىھەلەر ئىنتايىن كەمچىل.

مەسىلەن، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئاسىيانىڭ ھەر يىللىق ئۇل ئەسلىھە تەرەپتىكى مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش كەملىكى 459 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

گەرچە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ كۆلىمى غايەت زور بولسىمۇ، ئەمما پەقەت ئاز بىر قىسىم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەملىكىنى ھەل قىلالايدۇ.

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ تەمىنلەش «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ بىر تەرىپى، يەنە بىر تەرىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا مەبلەغ ياردەم قىلغان شىركەتلەر ماددىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇپ چىقىپ، يەرلىك ۋە دۇنياۋى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەرنى باغلىدى. بۇ خىل تۇتاشلىق «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسى، بۇ ھالقىلىق ئورۇندىكى قۇرۇلۇش )مەسىلەن يول( ۋە تۇتاشلىق قۇرۇلۇش )مەسىلەن ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى( نى باغلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەر «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى كېلىشىمىنى تۈزىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ باشلىقى خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىجرا قىلىدىغان قۇرۇلۇش ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت مەھكىمىسى قارمىقىدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگىنى )خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى(، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە مەسئۇل قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان

شېرىك دۆلەت قۇرۇلۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېلىشىمىدە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورگانلارغا تەقسىملەيدۇ. شۇڭلاشقا، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئېچىش خاراكتېرىدىكى پۇل-مۇئامىلە ۋە سىرتقا ياردەم بېرىش تەشەببۇسى. خىتاينىڭ ئۆزى ئوتتۇرىھالدىن سەل يۇقىرى كىرىمدىكى دۆلەت، بۇ ھال ئۇنىڭ سىرتقا ياردەم بېرىش شەكلىنى مۇتلەق كۆپ قىسىم يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئورگانلار ئارقىلىق تەمىنلىنىدىغان ياردەمىدىن روشەن پەرقلەندۈرىدۇ.

ئىككىنچىدىن، «بىر بەلباغ بىر يول» ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش تەشەببۇسى، مەقسىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيا ئارىسىدىكى باغلىنىشچانلىق كەمتۈكلۈكىنى ھەل قىلىش. باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىرتقا ياردەم پىلانىدا، ئۇل ئەسلىھە ياردەمى ئادەتتە ئىنتاينن ئاز سالماق بولۇپ، باغلىنىشچان ئۇل ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ ئاز سالماقتا. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان.

گەرچە ئېھتىياج يېتەكچى قىلىنغان ھەمكارلىق شەكلىنى قوللانغان بولسىمۇ، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى. تەنقىد پىكرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش نىشانىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلمىغان، چۈنكى ئۇل ئەسلىھە كەمتۈكلۈك مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپقا ئېرىشكەن. ئەكسىچە، تەنقىد ئاساسلىقى قۇرۇلۇشنى تاللاش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تەننەرخ ۋە بىۋاسىتە قۇرۇلۇشتىن سىرت )سىرتقى خاراكتېرلىك( تەسىرىگە مەركەزلەشكەن. كىشىلەر كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغان سىرتقى خاراكتېرلىك پۈتكۈل ئىقتىسادقا بولغان تەسىرى )مەسىلەن دۆلەت مائاش ئۆلچىمىگە بولغان تەسىرى( ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان تەسىرى )مەسىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرى( قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىز  «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئەسلەپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك تەنقىدلەرگە دىققەت قىلدۇق.

1.  ھەمكارلاشقا شېرىك دۆلەتنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بېقىندىلىقى. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ھەمكارلاشقا شېرىك دۆلەتنى خىتاينىڭ سودىسىغا تېخىمۇ بېقىندۇرۇپ، دۇنيا سودىسىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى ئاجىزلىتىشى مۇمكىن. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر  «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولسا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى خىتايغا يۆتكەشكە ياردەم بېرىدۇ. خىتاي بىلەن پۈتكۈل ياۋرو ئاسىيا قۇرۇقلۇقى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە باغلىنىشچانلىقنىڭ كۈچىيىشىمۇ بۇ دۆلەتلەرنى خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ بېقىندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي پىشاڭلىرىغا بولغان رولىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ مەزكۇر رايون ئىقتىسادىي ئىشلىرىدىكى قائىدە ۋە قانۇنلارنى تۈزۈش ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئېرىشىشى تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ. ئىقتىسادىي بېقىندىلىقنىڭ بىر تۈرلۈك مۇناسىپ نەتىجىسى شۇكى، خىتاي شىركەتلىرىنى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەرنىڭ بايلىق مەنبەسىگە ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭ بازىرىغا كىرىش ئالاھىدە ئىمتىيازىغا ئىگە قىلىدۇ.

2. خىتايغا كەلتۈرىدىغان دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك سودا مەنپەئەتى.

a. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئۇنى دۇنيا زاپاس پۇلىغا ئايلاندۇرىدىغان قورال.

b. «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتاي شىركەتلىرى ھۆددىگە ئالىدۇ.

c. بىر رايوننىڭ بىر يۈرۈش «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى خىتاينى مەركەز قىلغان رايونلۇق ئۇل ئەسلىھە تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ. Johnston نىڭ كۆرسەتكىنىدەك، بۇنىڭدىن خىتاي بىۋاستە مەنپەئەتلىنىدۇ ھەمدە مەزكۇر رايونىڭ خىتايغا بولغان بېقىندىلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

3. سىجىل تەرەققىيات نىشانى )SDG( غا بولغان دىققەت يېتەرلىك ئەمەس. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى سىجىل تەرەققىيات نىشانىدا ئەكس ئەتكەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىق دەرىجىسىگە يېتەرلىك دىققەت قىلىنمىغان، ئىقتىسادى ساھەدە قىسمەن رايون تەرەققىياتى )SDG 11( ۋە ئادەم كۈچى مەبلىغى مەسىلىسى ، SDG 8)مەسىلەن ماھارەت ئېچىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش( نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، غەيرى ئىقتىسادى ساھەدە مۇھىت ۋە سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش )SDG 3، 5، 6، 7، 10 ۋە 13( نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4. ئىقتىسادى مەنپەئەتى كەم قۇرۇلۇشلار. «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسىنى يول قويغىلى بولۇۋەرمەيدۇ، بولۇپمۇ قۇرۇلۇشنىڭ تىجارەت پايدىسى تۆۋەن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى ياكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۈپىتى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا. شۇڭلاشقا، نۇرغۇن «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشلىرى ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىشى مۇمكىن. بىر تۈرلۈك تەھلىلدە كۆرسىتىشىچە: شۇڭلاشقا، نۇرغۇن «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى پەقەت قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ سېلىنغان مەبلەغنىڭ يېتەرلىك پايدىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. باشقا بىر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ قوللىشى بىلەن1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ قۇرۇلغان سىرى لانكا خانبانتوتا پورتى مىسال قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىر قېتىملىق مەبلەغ سېلىشتا مەغلۇپ بولۇش ئىكەن. مەزكۇر پورت »1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى خىتاي ئاق پىلى« دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. شۇنى كۆرسىتىش كېرەككى، بۇ ئادەتتە ئېيتىلىدىغان »ئاممىۋى بويۇم« ياكى »ئاممىۋى مەھسۇلات« مەسىلىسى بىلەن ئانچە ئوخشىمايدۇ. ئەنئەنىۋى مەنىدىن ئېيتقاندا، تاشيول ۋە تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئانچە ياخشى مەبلەغ سېلىش ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى مەبلەغ سالغۇچى يولدىن ئۆتۈش ھەققى ۋە توشۇش ھەققى ئارقىلىق تەننەرخنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ. ئەمما ئۆي سېلىش ۋە لىنىيە بويىدا ياسىمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق قاتناش ئۇل ئەسلىھەسىدىن پايدىلىنىپ رايون تەرەققىياتىنى قوللىيالايدۇ. بىز ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىمىز.

5. قەرزدارلىق قىلتىقى قەرز پۇلى. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتكە تەمىنلىگەن ھەر خىل  قۇرۇلۇشلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش سوممىسى شۇنچە زور بولۇپ، ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ قەرزىنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان سەۋىيە )قەرزدارلىق قىلتىقى( گە ئۆستۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەت چوقۇم ھەقدار )خىتاي( ياردەم بېرىدۇ، ھەمدە خىتاينىڭ ئۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنى تىزگىنلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

6. قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كەمچىل. «بىر بەلباغ بىر يول» مەبلەغ ياردەم قىلدى شۇنداقلا پارىخورلۇقنى داۋاملاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش ۋە باشقا ئاممىۋى مەنپەئەت قانۇنىنىڭ ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان.

بىر تەھلىلچىنىڭ قارىشىچە، كۆپىنچە ئەھۋالدا، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ باشلىقى بۇ قۇرۇلۇشلارنى ئۆزىنىڭ چىرىكلىشىشى ھەمدە قانۇنىيلاشتۇرۇشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارايدۇ. مەزكۇر تەھلىل يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ گەپ ئەگىتمەي، ئۇل ئەسلىھەسىگە ئائىت قانۇن نىسبەتەن مۇرەككەپ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، »خىتاي چىرىك ھاكىمىيەت بىلەن ھەمكارلىشىش تېخىمۇ خالايدۇ« دېگەن.

غەيرى سودا خاراكتېرلىك غەرەز

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مەبلەغ قارارى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەت خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مەنپەئەتىنىڭ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈشىكە باغلىق.

8. بەلگىلەنگەن ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىش. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىدىكى ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تىزگىنلەيدىغان خىتاي شىركىتى ساھىپخان دۆلەتنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار مەقسىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئۆزگەرتىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا مۇئاۋىن ئەلباشى مايك پېنس )Mike Pence( نىڭ دېيىشىچە، خىتاي سىرى لانكا خانبانتوتادا سودا پورتى ياسىغان بولۇپ، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن، بۇ سىرى لانكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ. ئەمما سىرى لانكا ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىپلەشنى ئىنكار قىلدى.

بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى تەنقىدلەر زور كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ سىرتقا ياردەم تەشەببۇسى ئورتاق يۈزلىنىدىغان بولۇپ، بەلكىم خىتاي ۋە ئۇنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ماس كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ھەر قانداق بىر ياردەم بېرىدىغان دۆلەتنىڭ سىرتقا ياردىمى يۇمشاق كۈچ نىشانىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن بولىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى ياردەم )ئەگەر بولسا( نوقۇل ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلغان بولىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا، غەيرى سودا نىشانى ئېنىق بولىدۇ.

مەسىلەن، بەزىدە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ »مارشال پىلانى« نى سېلىشتۇرۇلىدۇ، ئۇ ئېنىق يۇمشاق كۈچ نىشانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، »شەخسىي ئەركىنلىك« ۋە »ھەقىقىي مۇستەقىل« )قوشۇمچە B غا قارالسۇن( ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا ئەلباشى ترامپ: »كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، بىز پەقەت بىزنى ھۆرمەتلىگەن شۇنداقلا ئوچۇقىنى ئېيتقاندا دوستىمىز بولغان كىشىلەرگە سىرتقى ياردەم بېرىمىز« دېدى.

ئوخشاشلا، ياپونىيەنىڭ چەتئەل تەرەققىيات ئورگىنى ياپونىيە خەلقئارا ھەمكارلىق ئورگىنى )Japan International Cooperation Agency( مۇ »ياخشى باشقۇرۇش، دېموكراتىيە ۋە تۈپ ئىنسان ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش« نى تەشەببۇس قىلىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى تەرەققىيات ئورگىنىنىڭ نەتىجىسىگە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ تەرەققىيات پائالىيىتى »ياپونىيەنىڭ سىجىل ياردىمى ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىش ۋە ساقلاشتا تۆھپە قوشتى.«

شۇڭلاشقا، خىتاينىڭ غەيرى سودا مەقسىتىدىكى سىرتقى ياردەم ھەققىدىكى تەنقىدلەر بارلىق ياردەم تەمىنلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ماس كېلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئەخلاق قاتلىمى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك گۇمان قوزغىدى، ئەمما خىتاينى ئايرىم تەنقىد قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە سەۋەب يوق.

«بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن زور كۆپ قىسىم توختامنى خىتاي كارخانىلىرىغا بېرىش ھەققىدىكى تەنقىدلەر بەلكىم توغرا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ساندىكى سىرتقا ياردەم پىلانىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. رىئال ئەھۋال شۇكى، ياردەم قىلغۇچى سىرتقا ياردەم پىلانىدىن بارغانسېرى كۆپ پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇ نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى ياردەمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياردەم قىلغۇچى دۆلەتنىڭ تەمىنلەش سودىگەرلىرى بىلەن ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەت ئۆز ئارا چېتىلىش ئارقىلىق ياردەم قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكانىڭ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇسۇلى شۇكى، تەخمىنەن %75 ياردەم ئامېرىكا تەمىنلەش سودىگەرلىرى بىلەن چېتىلىدۇ. مارشال پىلانىدا: زور كۆپ قىسىم مەبلەغ ئامېرىكىدىن يېمەكلىك، يېقىلغۇ ۋە تەييار مەھسۇلات سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ )قوشۇمچە B غا قاراڭ(. گەرچە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى خاراكتېرىدىن گۇمانلىنىشقا بولسىمۇ ئەمما خىتاينى ئايرىپ چىقىپ مۇھاكىمە قىلىشقا ئالاھىدە سەۋەب يوق.

نۆۋەتتىكى ئىسپات ھەل قىلالمايدىغان تەنقىدتىن بىرى شۇكى، كەلگۈسىدە، ئۇل ئەسلىھە ساھىبخان دۆلەتنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىشى مۇمكىن. بۇ خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ نىشانى بولۇپ ساھىبخان دۆلەتنىڭ قانۇنى، ئارزۇسى ياكى مەنپەئەتىگە خىلاپ بولغان بىر مىسال. گەرچە سىرى لانكا پورتى ھەققىدە ئەيىپلەش بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى ھۆكۈمەت ئىنكار قىلدى. ھازىرغىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا بۇ خىل قانۇنسىز ھالدا ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش ھەممىدە ئىسپات يوق، ئەمما بۇ خىل ئېھتىماللىق مەۋجۇد.

باشقا بىر قىسىم تەنقىدلەر، مەسىلەن خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىدىن پايدىلىنىپ قەرز ئالغۇچىغا قەرز قىلتىقى شەكىللەندۈرۈش، سىرتقا ياردەم بېرىش خەتىرى ھەققىدىكى يېڭى مۇھاكىمە نۇقتىسى. ئەنئەنىۋى ئادەتتە، سىرتقا ياردەم تەمىنلىگەن ھەقدار پۇلىنىڭ باشقا مەقسەتتە ئىشلىتىۋېلىنىشتىن ئەنسىرەپ، قالايمىغان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ماددىسى تۈزىگەن، مەسىلەن مۇپەتتىش تەلىپى ۋە مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز بېرىش ئۇسۇلى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قەرز بەرگۈچى قەرزدانى چۈشەپ قويۇشنى ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ھەقدارلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچى دۆلەتنىڭ قەرزنى قايتۇرالماسلىقىدىن ئەسىرەتكە يېتەرلىك ئاساسى بار. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زور كۆپ قىسىم ئەھۋالدا، بۇ قەرز بەرگۈچىگە غايەت زور مالىيە جەھەتتە زىيان پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئاخىرىدا قەرز ئالغۇچى دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىدۇ.

»قەرز قىلتىقى« نەزەرىيەسىنى قوللىغۇچىلار ئادەتتىكى قائىدىنىڭ ئەكسىچە لوگىكىسى بويىچە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى مۇھاكىمە قىلىشى، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ باشقا قەرزلەردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا مۇناسىۋەتلىك خىلمۇ-خىل تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك: ئالدى بىلەن بىز «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ھەقىقەتەن يېڭى ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى سىرتقا ياردەم ۋە مەبلەغ سېلىش تەشەببۇسىدىن پەرقلەندۈردۇق، شۇڭلاشقا ئۆلچەپ بەرپا قىلغان باھالاش قۇرۇلمىسىغا ئېھتىياجلىق )ئىككىنچى باب(. ئاندىن، باھالاش قۇرۇلمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك بۆلەكلىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز ھەمدە باھالاش قۇرۇلمىسى سىرتقى خاراكتېرلىق )ئۈچىنچى باب( نى مۇھىم نۇقتا دەپ قارىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن، پايدىلانمىلاردىن تېپىلغان سىرتقى خاراكتېرلىكقا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى ئىسپات )تۆتىنچى باب( لارنى تەمىنلىدۇق. ئەڭ ئاخىرىدا، باھالاش قۇرۇلمىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى قانداق باھالاش ۋە پايدىلىنىشنى سىناۋاتقان ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىگە تەۋەسىيە )بەشىنچى باب( نى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

ئىككىنچى باب

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى تۈپ ئالاھىدىلىكى

بۇ بابتا، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېچىش خاراكتېرىدىكى پۇل-مۇئامىلە تەشەببۇسى بىلەن ئوخشىمايدىغان تۆت خىل ئالاھىدىلىكىنى مۇزاكىرە قىلىمىز:

1.  دۆلەت دەرىجىلىك كۆلەم؛

2. بىر تۈرلۈك قاتتىق ئۇل ئەسلىھەنى ئاساس قىلىدۇ، ئەمما باشقا مۇناسىۋەتلىك غەيرى ئۇل ئەسلىھە پىلانىغا مەبلەغ سېلىشنى ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرىدۇ؛

3. دۇنيانىڭ ئۆز ئارا تۇتۇشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ؛

4. دۆلەت ئىلكىدىكى بانكا ۋە كارخانىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى رولى.

بىرىنچى، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۆلەمى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ زۆرۈر ئۇل ئەسلىھە زاپاسىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىر يېڭى قۇرۇلۇش بىر دۆلەتنىڭ توك چىقىرىش ئىقتىدارىنى پەقەت %5 ئۆستۈرسە، ئۇنداقتا دۆلەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا زور تەسىرى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، مەسىلەن دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ۋە توك كۈچى بىلەن تەمىنلەشكە بولغان تەسىرى. بازار باھاسى بويىچە قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنمىسى بىلەن ھاسىلاتنى باھالاش ئارقىلىق، قۇرۇلۇشنىڭ قىممىتىنى ناھايىتى ئاسانلا ئۆلچىگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە ئومۇمىي مىقدارىنى بىر ھەسسە ئاشۇرسا، ھەمدە دۆلەتنىڭ ئامىل باھاسى )ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە كاپىتال باھاسى( غا زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

بۇنچە زور ئۆزگىرىش سېلىنما بىلەن ھاسىلاتنىڭ دۆلەت باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، بۇ دەل «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرى مۇمكىن بولغان سىرتقى خاراكتىرلىكتۇر. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى سىرتقى خاراكتىرلىك بەلكىم «بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ ئېنىق نىشانى بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

ئەمما پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى قاتارلىق باشقا تەسىرلەر تەشەببۇسنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى بولۇشى ناتايىن. ئەگەر راستىنلا بۇ خىل تەسىر يۈز بەرسە، ئۇنداقتا نۆۋەتتىكى باھا بويىچە قۇرۇلۇشنى باھالايدىغان ئادەتتىكى ئۇسۇل ئىناۋەتسىز بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئاممىۋى تاۋار )public goods( ئەسەرلىرىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان بىر مەسىلە، ئۇ «بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ باھالىنىشى چوقۇم ئۇنىڭ سىرتقى خاراكتېرلىكىنىمۇ باھالاش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىككىنچى، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بىر قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسى ياكى قۇرۇلۇش بىرلەشمىسى سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇل ئەسلىھە. گەرچە مەبلەغ سېلىش بىرىكمە ئۇسۇلى ئانچە كۆپ ئۇچرىمىسىمۇ، ئەمما ئۇل ئەسلىھەسى ئاجىز نامرات دۆلەتلەردە، بۇ خىل ئۇسۇل تېخى زور كۆلەمدە سىنالمىدى.  بىر دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئومۇمىي مىقدارى ۋە قاتناش تورىنىڭ ھەممىسى بىر ھەسسە كۆپەيسە قانداق گىرەلەشمە تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟ مەبلەغ سېلىش بىرىكمە ئۇسۇلى ساھىبخانا دۆلەت ئۈستىگە ئالىدىغان خەتەرگە نىسبەتەن مەملىكەت خاراكتېرلىك زور تەسىر پەيدا قىلامدۇ؟

ئۈچىنچى، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە دۇنياۋى تۇتاشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئالدى بىلەن شۇ جايدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن خىتايغا، دۇنياغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. تۇتاشچانلىق بىر دۆلەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. مەسىلەن، ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاتارلىق خام ئەشياسى بىلەن خىتاي ئىشلەتكۈچىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشى، بايلىق مەنبەسىنى توتۇش تەننەرخىنى تېجەپ قالغانلىقتىن ئىشلەپچىقارغان دۆلەتنى سودا پاسسىپ بالانىس دۆلەتتىن سودا ئاكتىپ بالانىس دۆلەتكە ئۆزگەرتىدۇ؛ تېز سۈرئەتلىك پويىز سىستېمىسى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەت بىلەن خىتاينى تېخىمۇ مەھكەم بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرى تېخىمۇ دۇنياۋىيلىشىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى، سودا ئەھۋالى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە دۆلەت ۋە رايون قاتلىمىدىن زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ تەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چوقۇم پايدىلىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى شۇنداقلا تۇتاشچانلىققا بولغان دىققەتمۇ پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، تۇرۇبا قۇرۇلۇشى چوقۇم مەزكۇر قۇرۇلۇش ساقلاپ قالىدىغان ئەڭ ئاز مىقداردىكى تەبىئىي گاز ئۈچۈن توختام مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مۇمكىن. ئەگەر مەزكۇر قۇرۇلۇش دۆلەت تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ پەقەتلا %5 نى ئىگىلىسە، ئۇنداقتا دۆلەتنىڭ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گاز تەمىنلەش مىقدارىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن تۆۋەن. ئەمما، ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش پۈتكۈل دۆلەتنىڭ %50 تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارىغا تەسىر كۆرسەتسە، قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنداق بولغاندا، چەتئەلنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن تەسىرى كۆرۈنەرلىك پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.

دۇنياۋى تۇتاشچانلىقنىڭ يەنە بىر پاسسىپ سىرتقى خاراكتىرى، بەلكىم خىتاي ھەمكارلاشقۇچى شېرىك دۆلەت چىقىرىش بازىرى بولۇش سۈپىتىدىكى بېقىنىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى بولۇشى مۇمكىن. مۇستەملىكە تارىخىنى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ئەھۋالنى پىششىق بىلىدۇ. مۇستەملىگە دەۋرىدە، مۇستەملىكىچى دۆلەت دائىم مۇستەملىكىسىنى تەييار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، خام ئەشيالىرىنى مۇستەملىكىچى )مەسىلەن، ئەينى چاغدا ئەنگىلىيە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى ھىندىستاندىن توقۇمۇچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، ئەنگلىيەگە پاختا سېتىشقا مەجبۇرلايتتى، مۇشۇ لوگىكىنى ئاساس قىلىدۇ.( دۆلەتلەرگە سېتىشقا مەجبۇرلايتتى. ئاندىن مۇستەملىكە دۆلەت ئامالسىز مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلاردىن تەييار مەھسۇلات سېتىۋېلىشقا مەجبۇر ئىدى.

«بىر بەلباغ بىر يول»  نىڭ مەقسىتى خىتايغا ياردەم قىلىپ بۇ خىل بېقىندىلىق مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلامدۇ يوق؟

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۆتىنچى روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى ئاساسلىقى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

بۇ سىرتقا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدۇ، سىرتقا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىدا، ئىگىلىك ھوقۇق قەرز بەرگۈچى بىۋاسىتە ياكى كاپالەت ئارقىلىق مەبلەغ تەمىنلەيدۇ، ئەمما قۇرۇلۇشنى شەخسىي كارخانا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىدا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىسمىنى ئوخشاشلا دۆلەت تەمىنلەيدۇ، ئەمما قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۆپىنچە ھالدا  دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا )ئادەتتە شېرىكسىز كارخانا( ئۈستىگە ئالىدۇ.

بۇ بىر ئالاھىدىلىكنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، باشقا دۆلەت ياردەم بەرگەن قۇرۇلۇشلارغا سېلىشتۇرغاندا، ارقىلىق مەبلەغ تەمىنلەيدۇ، ئەمما قۇرۇلۇشنى شەخسىي كارخانا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىدىكى چەتئەلگە ياردەم بېرىش خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى بىلەن تېخىمۇ مەھكەم بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، سودىدا بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى يارىتىشتىن سىرت، ارقىلىق مەبلەغ تەمىنلەيدۇ، ئەمما قۇرۇلۇشنى شەخسىي كارخانا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنى ئېغىر قەرز قايتۇرۇش شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ خىتاينىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۇرۇشىگە بېقىنىش مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشى مۇمكىن.

دۆلەت دەرىجىلىك كۆلەم

ئۈستىدە بايان قىلىنغاندەك، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېچىش خاراكتېرىدىكى پۇل-مۇئامىلە تەشەببۇسى. دەسلەپكى ئالتە يىلدا، سالغان مەبلىغى 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى ھەمدە بۇ سان كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا گەۋدىلىك ئاشتى.

شۇڭلاشقا، خىتاي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەتكە ئايلاندى.

جەدۋەل 2.1 دە ئوخشىمىغان رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلۇشنىڭ سانى.

بىر قانچە ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەر ئىچىدە، ئايرىم «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ زور مەبلەغ سېلىش بولۇپ، ئومۇمىي سالغان مەبلەغ سوممىسىمۇ شۇ دۆلەتنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ زور قۇرۇلۇش بىرىكمىسى. مەسىلەن، خىتاي پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى )CPEC( پاكىستاننىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى قۇرۇلۇشى، ئۇ پورت، توشۇش لىنىيەسى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە باشقا ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئېچىۋاتىدۇ، ۋەدە قىلىنغان مەبلەغ سوممىسى 62

مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

يېرىمدىن كۆپ مەبلەغ )33.79 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى( توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ پاكىستاننىڭ ئومۇمىي توك كۈچى سىغىمىنى 2017-يىلى CPEC قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى 28 GW تىن 2020- يىلىدىكى 38.4 GW قا ئۆستى، بارلىق قۇرۇلۇش تاماملانغاندا 45

GW قا يېتىدۇ؛ ئومۇمىي مىقدارى %60 ئاشتى.

2018-يىلىغىچە، بىرىنچى باسقۇچ رەسمىي ئىشقا كىرىشتى، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ توك كۈچى سىغىمى 31 GW قا يەتتى،

بۇنىڭ ئاساسلىقى تۆھپىسى CPEC غا مەنسۇپ.

«بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى دۆلەت سىرتقى خاراكتىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر مىسالى نايروبى-مومباسا ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈر يولى،

3.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سەرپ قىلىپ قۇرۇلغان. بۇ كېنىيە 1963-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ قىممەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماي يەنە ئۆتكەن 100

يىلدىن بۇيان قۇرۇلغان تۇنجى تۆمۈر يول.

جەدۋەل 2.1

2019-يىلى 12-ئايدىكى قۇرۇلۇش سانى )رايون بويىچە(

رايونئافرىقائوتتۇرا ئاسىياشەرقىي ئاسىيائاسىيا تىنچ ئوكيانياۋروپاشىمالىي ئامېرىكالاتىن ئامېرىكىسى
قۇرۇلۇش سانى2362622742262

ماتېرىيال مەنبەسى: Hong Kong Trade Development Council, “Search Investment Projects,” web tool, undated.

مەبلەغ سېلىشنى بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى

 «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇمەن باسقۇچقا بولۇپ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىغا رىئايە قىلغان، ئۇل ئەسلىھەدىن باشلاپ، ئاندىن

ئېچىش سودا رايونى، پارچە سېتىش ۋە باشقا تولۇقلىما مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ ئۇل ئەسلىھەدىن پايدىلانغان.

مەسىلەن رەسىم 2.1 دە كۆرسىتىلگەندەك، گەرچە ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى 2017-يىلىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش ساھە )%39 نى ئىگىلەيدۇ( سى بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي سېلىنما ياساش كەسپى، پارچە سېتىش كەسپى، ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپى، ئۆي-زېمىن كەسپي ۋە باشقا ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ خىل كۆپ خىللىق دائىم مۇشۇنداق ئەمەس.

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ دەسلەپكى تۆت يىلى )2013-2016 يىلى( دا، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېنېرگىيە سېلىنمىسى ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %70 نى ئىگىلىگەن.

ئۇل ئەسلىھەگە بولغان دىققەت «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېڭى بىر تۈرلۈك مەزمۇنى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، زور كۆپچىلىك ساخاۋەتچى دۆلەتلەر ئۇل ئەسلىھە قەرزىگە بولغان دىققىتىنى ئازايتتى، ھەمدە ئادەم كۈچى بايلىقى تەرەققىياتىغا مەبلەغ توپلاشقا يۆتكەلدى. مەسىلەن، 2017-يىلى، ئامېرىكانىڭ سىرتقا ياردەم بېرىش خامچوتىدا 706 مىليون دوللار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تەقسىملەنگەن. خامچوتتا ئىقتىساد، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش ياردىمىگە بۇيرۇپ بېرىلگەن 18.7 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ %3.8 نى ئىگىلەيدۇ.

رەسىم 2.1

2017-يىلى BRI سېلىنما ئەھۋالى )كەسىپ بويىچە(

ئۇل ئەسلىھەدە، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككى چوڭ تەركىبى قىسمى. جەدۋەل 2.2 دە قاتناشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى كۆرسىتىلدى.

دۇنياۋى تۇتاشتۇرۇش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ بىر يول» پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇل ئەسلىھەگە مەركەزلىشىشتىن، تىپىك ئېچىش قۇرۇلۇشى بىرىكمىسىگە ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ مەقسىتى «بىر بەلباغ بىر يول» دا شەكىللىنىپ بولغان باغلىنىشچان ئۇل ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىشتەك قىلىدۇ. مەسىلەن، خىتاي پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئەڭ دەسلەپتە تاشيول، تۆمۈريول، پورت ۋە ئېلېكتىر كۈچىنى ئاچتى. باغلىنىشچان ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تىجارەتكە كىرىشىشىگە ئەگىشىپ، قۇرۇلۇشنىڭ تۈرى ئالاقە، سانائەت رايونى، سۇ تەمىنلەش ۋە داۋالاش ساقلىقنى ساقلاشقىچە كېڭەيدى. 1113 يېڭى قۇرۇلۇش باغلىنىشچان ئۇل ئەسلىھە بويىدىكى رايون ئىچىدە. 1214 مەسىلەن، رەسىم 2.2 دىكى خەرىتە CPEC قارمىقىدا ئېچىلغان نۇر كابېل تورىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن پاكىستان ئوخشاش بىر پىلاندا ئاچقان تۆمۈريول

تورىنىڭ شىمالىي بۆلىكى دەستىلىنىدۇ.

جەدۋەل 2.2

2019-يىلى 3-ئايغىچە بولغان BRI يول، تۆمۈريول ۋە پورت قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنىڭ سانى

 كارېدور/دېڭىز ئۈستى قاتناش يولىقۇرۇلۇشتىجارەتتەقۇرۇلۇۋاتىدۇپىلان/
تەشەببۇس
BRI ئىقتىساد كارېدورىخىتاي موڭغولىيە رۇسىيە271638
ياۋرو ئاسىيا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى141301
خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا-غەربىي ئاسىيا181143
خىتاي-پاكىستان 539
بېنگال-خىتاي-بىرما7025
خىتاي-ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى13067
ئافرىقا قۇرۇقلۇقى تەرەققىياتىئافرىقا تەرەققىياتى3111
BRI دېڭىز ئۈستى قاتناش يولى  خىتاي-ھىندى ئوكيان-ئافرىقا ئوتتۇرا دېڭىز رايونى22886
خىتاي-ئوكيانىيە-جەنۇبىي تىنچ ئوكيان1100
مۇز ئۈستىدىكى يىپەك يولى3003

ماتېرىيال مەنبەسى: Tristan Reed and Alexandr Trubetskoy, “Assessing the Value of Market Access from Belt and Road Projects,” World

Bank, Policy Research Working Paper 8815, April 2019.

رەسىم 2.2

دەستىلەنگەن خىتاي پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى ئۇل ئەسلىھە تورى

CPECنۇر كابىل قۇرۇلۇشى(Khunjrab–Rawalpindi)

ماتېرىيال مەنبەسى: China-Pakistan Economic Corridor, “China Pakistan Economic Corridor Maps,” webpage, undated-b.

ئوخشاشلا، تاشيول ۋە تۆمۈريول تورىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان گۋادار پورتى بىر قانچە رايوننىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، ئەركىن سودا رايونى، خەلقئارا ئايرودۇرۇم، سۇ تەمىنلەش سىستېمىسى دوختۇرخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆرسىتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، تۇتاشچانلىقنى ياخشىلايدىغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى باشتىن ئاخىر خىتاي بىلەن بولغان تۇتاشچانلىقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى مەزمۇننى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۇتاشچانلىق پەقەت خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. تۇتاشچان ئۇل ئەسلىھە ئوچۇق بىر سىستېما، ھەممە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلەشكە بولىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى خىتاي بىلەن باغلىنىشنى قولايلاشتۇرۇش. مەسىلەن، گۋادار پورتى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ خېرىدارلىرىغا مۇلازىمەت تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا ئارقا ئۇچتىكى تۆمۈريول ۋە تاشيول تورى ئۇنى پاكىستاننىڭ ئاساسلىق ياساش مەركىزى )مەسىلەن پەنجاپ( تۇتاشتۇرۇپلا قالماي يەنە ئۇنى خىتاينىڭ غەربىگىمۇ تۇتاشتۇرىدۇ.

ئوخشاشلا، خىتاينىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىرمىدا «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە ئېچىلىۋاتقان گيوبيۇ چوڭقۇر دېڭىز پورتى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنى باغلايدۇ ۋە ھىندى ئوكياندىكى قۇرۇقلۇق دېڭىز كارىدورىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى )2.3 رەسىمگە قاراڭ(. گيوبيۇ پورتى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھەرىگە تۇتاش نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇباسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، خىتاي بىرما تۆمۈريولىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى. گيوبيۇ چوڭقۇر دېڭىز پورتى قۇرۇلۇشى ۋە باشقا قۇرۇلۇۋاتقان توشۇش لىنىيەسى، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن خىتايغا ماددىي ئەشيا توشۇشتا 5000 كىلومېتىر مۇساپىنى قىسقارتىدۇ.

دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشقا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى رولى

 «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ سېلىنمىسى ئاساسلىقى خىتاينىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى بانكاسىدىن كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى بانكىنىڭ رولى گەۋدىلىك: خىتاي كىرگۈزۈش چىقىرىش بانكىسى ۋە خىتاي دۆلەت تەرەققىيات بانكاسى. ئالدىنقىسى سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا، يەنى پۇل بېرىپ تۇرۇپ سودا مەنپەئەتىنى ئەمەس بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغان بانكا. كېيىنكىسىمۇ ئىلگىرى سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا ئىدى، 2008-يىلى سودا بانكىسىغا ئايلانغان. بۇ بانكىلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك بولغان كۆپ خىل قەرز ۋە باشقا پۇل-مۇئامىلە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئېتىبارلىق ۋە ئېتىبارسىز قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مالىيە ۋە خەتەر باشقۇرۇش قورالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار تەجرىبەسى مول قەرز بەرگۈچى دەپ قارىلىدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى بانكا تەمىنلىگەن ئېچىش خاراكتېرىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سېلىنماسى دۇنيا بانكىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ۋە ئامېرىكا قىتئەسى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ. مەسىلەن، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خىتاي دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ قايتۇرۇۋالمىغان «بىر بەلباغ بىر يول» بېرىلگەن قەرز ئومۇمىي سوممىسى105.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، 600 دىن ئارتۇق «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن جەمئىي 190 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ تەمىنلىگەن.

گەرچە بىز دۆلەت ئىلكىدىكى خىتاي مەبلەغ سالغان بانكا ئېلىۋاتقان رولغا دىققەت قىلغان بولساقمۇ، ئەمما بىر خىل سىياسەت تاللاشمۇ ياكى خۇسۇسىي بانكالار خەتەرنى ئويلىشىپ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەھۋالىدىكى ئىلاجىسىزلىقمۇ، يەنىلا تېخىچە ھەل بولمىغان مەسىلە.

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ، چەتئەل ئورگانلىرى پۇل-مۇئامىلە ئورگانى ۋە قۇرۇلۇش ئىجرائىيە ئورگانى سۈپىتىدە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى قارشى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى. بۇ بانكالار ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن مەبلەغ تەمىنلىگەن ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ ئورگانلىرى، كۆپ تەرەپ قەرز بەرگۈچىلەر ۋە داڭلىق خەلقئارا بانكا )مەسىلەن گېرمانىيە ›Deutsche Bank AG‹ بانكاسى ۋە ئەنگىلىيە ›Standard Chartered‹ بانكاسى( لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەمما، ھازىرغىچە، خەلقئارا بانكالار ئىزچىل تۆۋەن خېيىم-خەتەر ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار »مەخسۇس تولۇقلىما خاراكتېرلىك پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە مايىل، مەسىلەن قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلمىسىغا قارىتا تەكلىپ، پۇل تەمىنلەش ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى توغرىلاش، سودا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى شۇنداقلا خېرىدارلارغا ھەمكارلىشىپ خەلقئارا كاپىتال بازىرىدا زايوم تارقىتىش«، ھەرگىزمۇ بىۋاسىتە قەرز بېرىش ئەمەس.

رەسىم 2.3

بىرما كىيائۇكپيۇ )Kyaukpyu( چوڭقۇر دېڭىز سۈيى پورتى ئارقىلىق خىتايغا تۇتىشىدۇ

«بىر بەلباغ بىر يول» خەرىتىسى

ماتېرىيال مەنبەسى: “The Belt and Road Express,” The Economist, May 4, 2017; and Yun Sun, “China’s Latest Megaproject Courts Controversy in

Myanmar,” Nikkei Asian Review, November 16, 2017.

«بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاساسلىقى خىتاينىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى بانكالارى مەبلەغ تەمىنلەشتىن سىرت، يەنە ئاساسلىقى خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتى ۋە خىتاي پورت قۇرۇلۇشى شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى 10-ئايغىچە، خىتاي دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ھۆددىگە ئالغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ سانى تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن، قۇرۇلۇش قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا %70 دىن ئاشىدىكەن.

ئوخشاشلا، بۇ بەلكىم بىر خىل سىياسەت خاراكتېرلىك تاللاش، خۇسۇسىي شىركەت )خىتاي شىركىتى بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر( «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى خاھلىماسلىقى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ تاللىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەيلى مەقسىتى نېمە بولسۇن، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشى بىر مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقاردى، يەنى «بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ قارارىنى تۈزۈش تېخىمۇ بازارلاشقان، خۇسۇسىي شىركەتلەشكەن مىخانىزمدىن بەكلا يىراقلاپ كەتتىمۇ قانداق. كارخانا خاراكتېرىدىن ئېيتقاندا، ئەگەر دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانانىڭ بايلىق مەنبەسىگە ئېرىشىش تەرەپتە ئالاھىدە ھوقۇقى بولمىسا، ھەمدە دۇنياۋىيلاشقان بازاردا باشقا دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيادىكى رىقابەتچىلىرى بىلەن بىللە رىقابەتلەشسە، ئۇنداقتا بۇ كارخانىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئۇنىڭ تىجارەت ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. مۇھىم سىرتقى خاراكتىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ رولى ھەتتا ئاكتىپ، چۈنكى بۇ كارخانىلار سىرتقى خاراكتىرغا نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ، لېكىن خۇسۇسىي كارخانىلار ئۇنداق قىلمايدۇ. مەسىلەن، بىز سەل تۇرۇپ زامبىيەدىكى مىس كانىنى ئېچىش شىركىتى مىسالىدا كۆرسەتكىنىمىزدەك، خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلەش چىقىمى چەتئەل خۇسۇسىي كارخانا رىقابەتچىلىرىدىن كۆپ.

سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا قەرزى بىلەن سودا جەھەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆز ئارا بېرىكسە يەنە بىر مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: يەنى قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا پۈتۈنلەي سودا قائىدىسى بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق ئارزۇسىدەك بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ مەبلەغ مەنبەسى تامامەن تاۋارلاشقان ئەمەلىي گەۋدە ئەمەس.

ئۈچىنچى باب

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى باھالاش ۋە ئۇنىڭ سىرتقى خاراكتېرى

بۇ ماقالىدا، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى قانداق باھالاشنى مۇھاكىمە قىلىمىز، ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرى ۋە سىرتقى خاراكتېرى بىلەن ئەنئەنىۋى ئېچىش خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرىمىز. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۆت پەرقى ئەنئەنىۋى »ياردەم ۋە مەبلەغ سېلىش« قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى )ئىككىنچى بابتا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ( بۇ خىل سىرتقى خاراكتېرىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئۇنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، بىز ئالدىدىكى بۆلەكتە ھەر بىر خىل تەنقىدنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۆت ھالقىلىق ئالاھىدىلىكىدىكى بىر ياكى كۆپ مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا مەزكۇر تەشەببۇسنىڭ سىرتقى خاراكتىرىنى قانداق ئۆلچەش ۋە باھالاشنى مۇھاكىمە قىلدۇق.

ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بېقىنىشى. بىر قىسىم «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئارقىلىق خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى قۇرغان ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي سودىسىغا بېقىنىش دەرىجىسى ئېشىشى مۇمكىن. «بىر بەلباغ بىر يول» ئاساس ھۆججىتى ۋە خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەيدانى ئەركىن سودا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي بىلەن بولغان سودا سالمىقىنىڭ ئۆرلىشى بېقىندىلىق مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، يەنىلا بېقىندىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بەلكىم خىتاي ئۆزىنىڭ ئەركىن سودا ۋەدىسىنى ئادا قىلماسلىقنى تاللىشى مۇمكىن. مەسىلەن، خىتاينىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلىرى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنى سودىدا كېرەككە كەلمەيدىغان توختامنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن، شۇ ئارقىلىق تۇتاشچان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇشنىڭ پايدىسىغا ئالماشتۇرۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، دۆلەتنىڭ قوشۇمچە شەرتى بار قۇرۇلۇشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار. ئەگەر بېقىندىلىق مۇناسىۋەت شەكىللەنسە، سودا شەرتىدە ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەت بىلەن باشقا دۆلەت ياكى رايون بىلەن بولغان سودا سالمىقى ئازراق تۆۋەنلىشى، ياكى ئالاھىدە ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، توختامدىكى تەلەپ ئارقىلىق ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتتىن زور كۆپ قىسىم مەھسۇلاتىنى خىتايغا يەتكۈزۈش ياكى خىتايدىن كۆپ مىقداردا مەھسۇلات سېتىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بۇ نەتىجىلەر سودا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى )مەسىلەن، سودا تاۋارلىرىنىڭ نىسپىي باھاسى(نى كۆزىتىش ۋە ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەت بىلەن خىتاينىڭ سودا سوممىسى «بىر بەلباغ بىر يول» مەبلەغ سېلىش بىرىكمىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى ئارقىلىق ئۆلچىگىلى بولىدۇ.

خىتايغا ئېلىپ كېلىدىغان رايونلۇق ۋە دۇنياۋى سودا مەنپەئەتلەر. ئالدىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تەنقىدچىلىرى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىدىن قانچىلىك پايدا ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.پايدىلار خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش، قۇرۇلۇشنىڭ خىتاينىڭ بانكا ۋە شىركەتلىرىگە ئېقىپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە خىتاينى مەركەز قىلغان رايوندىكى ئۇل ئەسلىھە تورى تەرەققىي قىلىدۇ.

«بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ كۆلىمى غايەت زور، ئۇ رايون تۇتاشچان قۇرۇلۇش تورىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان دىققەت بۇ خىل تەسىرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

گەرچە بارلىق چەتئەل مەبلىغىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك مەقسىتى قۇرۇلۇش تورى قۇرۇپ چىقىش بولسىمۇ، شۇنداقلا خىتاينى ئايرىم مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئالاھىدە سەۋەبى يوق، ئەمما خىتايغا ئېلىپ كەلگەن رايونلۇق ۋە دۇنياۋى سودا مەنپەئەتىنى ئۆلچەشنىڭ كېرىكى بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەنپەئەتلەرنى ئۆلچەشنىڭ كۆرسەتكۈچلىرى مەزكۇر رايوننىڭ خەلق پۇلى بىلەن باھا ھېسابلىنىدىغان سودا سالمىقى، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى سېلىنما ئۈلۈشى شۇنداقلا خىتاينىڭ رايونلۇق سودا تورىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا بولغان دىققەت يېتەرلىك ئەمەس. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئۇسۇلى سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. سىجىل تەرەققىياتنى «بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ ئادەم كۈچى كاپىتال تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھۆججىتىگە كىرگۈزۈپ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق مەخسۇس قۇرۇلۇشى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىجىل تەرەققىياتقا كۈچ چىقارغۇزغىلى بولىدۇ.

ئەمما، خىتاي ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىقى مۇمكىن. كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلە شۇكى، بەزى سىجىل تەرەققىيات نىشانى بىلەن باشقا سىجىل تەرەققىيات نىشانى ئارىسىدا توقۇنۇش مەۋجۇد، شۇڭلاشقا بىرلا ۋاقىتتا قانائەتلەندۈرۈش تەس. خىتاي بىلەن ئۇنىڭ ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلىتى سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان تەقدىردىمۇ، ھەقىقىي مەسىلە شۇ يەردىكى، سىجى تەرەققىياتنىڭ بەزى ساھەلىرى باشقا ساھەلەردىن ئالدىنلىققا ئىگىمۇ ئەمەسمۇ. مەملىكەتنىڭ سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرى ئارقىلىق «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ رايونلۇق سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا يەتكەن يەتمىگەنلىكىنى ئۆلچەپ، بۇ ئارقىلىق تەشەببۇسنىڭ سىجىل تەرەققىيات ۋەدىسىنى ئادا قىلدى دەپ ھۆكۈم قىلىنامدۇ. 

قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى كەم. ئەگەر رەھبەرلەر تىجارەت پايدىسى تۆۋەن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى ياكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۈپىتى تۆۋەن بولغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تاللىسا، ئۇنداقتا بۇ قۇرۇلۇشلارنى ئىجرا قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنى تاللاشنىڭ سەۋەبى بەلكىم خىتاينىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى بانكاسى ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخاناسى رول ئوينىغان بولۇشى، چىرىكلىكمۇ مۇئەييەن رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. قەرز ئالغۇچى ئەسلىدە ئېرىشەلىشى مۇمكىن بولمايدىغان مەبلەغقە ئاسانلا ئېرىشتى، ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق رىقابەتلىشىدىغان خېرىدار چاقىرىش بولمىغان ئەھۋالدا، ئېتىبار باھادا ئۇلار ياقتۇرىدىغان خىتاي بانكاسى ۋە كارخاناسىغا قۇرۇلۇشنى تارقىتىپ بېرىشنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەسلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان قۇرۇلۇش ئەمەلىيلىشىدۇ.

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئىقتىسادىي مەنپەئەتى كەم قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈردىمۇ يوق بۇنى باھالاش ئۈچۈن، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ قۇرۇلۇش تەننەرخى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۈپىتىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل  بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ھەمدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شەرتى شۇنداقلا بانكا ۋە كارخانانىڭ يەككە مەبلەغ سەپلىمىسىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ.

‫قەرزدارلىق قىلتىقى قەرز پۇلى. تەنقىدچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ھەر قايسى قۇرۇلۇشلىرى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتكە تەمىنلىگەن مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش سوممىسى شۇنچە زور بولۇپ، ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ قەرزىنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان سەۋىيەگە ئۆستۈرۈۋېتىدۇ.خىتاي دۇنيا بانكاسىنىڭ قەرز بېرىش ئۇسۇلى مودېلىدىكى  قەرز سىجىللىق قۇرۇلمىسىدىن بىرنى قۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئەندىشىنى ھەل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ئەگەر ھەقىقەتەن «بىر بەلباغ بىر يول» قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرزدارلىق قىلتىقى مەۋجۇد بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى خىتاينىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى بانكاسى ئۈزلۈكسىز بولمىغان قەرز پۇل سەۋىيەسى تەمىنلەشنى خالايدۇ. قەرزدارلىق قىلتىقى قەرز پۇلىنى باھالاش ئۈچۈن، «بىر بەلباغ بىر يول» قەرز پۇلىنى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتكە نىسبەتەن ئېشىش نىسبىتىنىڭ تەننەرخى، شېرىك دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق كاپالىتىنى قاندۇرۇش ئىقتىدارى شۇنداقلا توختامغا خىلاپلىق قىلىش يۈز بەرسە خىتاينىڭ ھالقىلىق ئىستىراتېگىيەلىك مال-مۈلۈكنى سېتىۋېلىشى ئارقىلىق ئۆلچىگىلى بولىدۇ.

قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كەمچىل. تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى مەبلەغ ياردەم قىلدى شۇنداقلا پارىخورلۇقنى داۋاملاشتۇردى، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە پەرۋا قىلمىدى.  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سىياسەت ماسلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى تۈزدى.

بۇ خىل قائىدىگە ئۇيغۇن بولماسلىقنىڭ سەۋەبى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا چىرىكلىشىشكە ياردەم بېرىپ، قائىدىگە ئۇيغۇن بولغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلغا پىسەنت قىلمايدۇ. بۇنى باھالاشتا قانچىلىك دەرىجىدە مەسىلە بارلىقى، كۆپ تەرەپ قەرز بەرگۈچى )مەسىلەن دۇنيا بانكاسى( باھالاش نازارەت قىلىش سىستېمىسىدا ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۈپىتىگە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

غەيرى سودا خاراكتېرىدىكى مەقسىتى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەت خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل تەسىرنى ئۆلچەش تەس. ئەمما بۇ بارلىق سىرتقا ياردەمنىڭ ئورتاق مەقسىتى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينى ئايرىم ئېلىپ چىقىشنىڭ ئالاھىدە سەۋەبى يوق، شۇڭلاشقا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلاشمايمىز.

ئەسلى بەلگىلەنگەن ئىشلىتىش ئورنىنى ئاغدۇرۇۋېتىش. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، بىر قىسىم تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ساھىپخانا دۆلەتنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىدۇ. ھازىرغىچە، بۇ خىل قالايمىقان پايدىلىنىشنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز بۇنىڭغا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلاشمايمىز.

جەدۋەل 3.1 دە، بىز بۇ مۇھاكىمىنى خۇلاسىلىدۇق. بىرىنچى رەتتە ھەر بىر خىل تەنقىدكە مۇناسىۋەتلىك سىرتقى خاراكتېر كۆرسىتىلدى، ئىككىنچى رەتتە مۇمكىن بولغان سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى كۆرسىتىلدى. ئۈچىنچى رەتتە خىتاي بۇ ئەنسىرەشلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسى كۆرسىتىلدى. تۆتىنچى رەتتە سىرتقى خاراكتېرنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاشقا ئىشلىتىدىغان نەتىجە كۆرسەتكۈچى كۆرسىتىلدى.

جەدۋەل 3.1

«بىر بەلباغ بىر يول» كۆڭۈل بۆلىدىغان سىرتقى خاراكتېر، سەۋەب ۋە نەتىجە

كۆڭۈل بۆلىدىغان سىرتقى خاراكتېر (تەنقىد بويىچە)كېلىپ چىقىش سەۋەبىخىتاينىڭ ۋەدىسىنەتىجە كۆرسەتكۈچى
ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بېقىندىلىقى: خىتاينىڭ ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ بايلىق مەنبەسىگە ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭ بازىرىغا كىرىش ئالاھىدە ھوقۇقى بار خىتاي ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئىشلىرىدا ئالاھىدە رول ئالىدۇخىتاي دۆلەت ئىلكىدىكى بانكا ۋە ئىجرائىيە شىركىتى خىتايغا پايدىلىق توختام تۈزىدۇ  سودا راۋانلىقىخىتايغا بولغان سودا شەرتى بىلەن دۇنياۋى سودا شەرتى سېلىشتۇرمىسى  
خىتاينىڭ رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەنپەئەتى: خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش قۇرۇلۇش خىتاينىڭ بانكا ۋە كارخانىسىغا ئاقىدۇ خىتاي مەركەز قىلىنغان رايونلۇق ئۇل ئەسلىھە تورىنىڭ تەرەققىياتى«بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ كۆلىمى چوڭ ۋە رايوننى تۇتاشتۇرۇش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش  ھېچقانداق كونكرېت ۋەدە يوقمەزكۇر رايون خەلق پۇلى بىلەن باھا ھېسابلايدىغان سودا ئۈلۈشى خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا سالغان مەبلىغىنىڭ ئۈلۈشى خىتاي رايونلۇق سودا تورىدىدىكى مەركەزلىك خاراكتېرى
سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا يېتەرلىك دىققەت قىلمىغان: ئادەم كۈچى كاپىتالىنىڭ تەرەققىياتى: ماھارەت ئېچىش شۇ جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شۇ جايدا ئىگىلىك تىكلەش مائاش ئۆلچىمى باشقا سىجىل تەرەققىيات نىشانى: مۇھىت ئاسراش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش )مەسىلەن سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش«بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ كۆلىمى چوڭ ۋە مەبلەغ سېلىشنى بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى  ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى، كەسپىي ماھارەت ئېچىش، ئىجتىمائىي كاپالەتنى باشقۇرۇش شۇنداقلا ئاممىۋى مەمۇرىيەت ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ھەمكارلىشىش سىجىل تەرەققىيات نىشانىدىكى ۋەدەماھارەت، خىزمەت ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدىكى دۆلەت سىتاتىستىكىسى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى )GDP( نىڭ تەكىبى قىسىملىرى-ماھارەت ئاساسىدىكى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئۈلۈشى ئېشىۋاتامدۇ يوق خىتاي ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىش مۇھىت، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە باشقا سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا ئائىت دۆلەت سىتاتىستىكىسى
قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادچانلىقى كەم: يورگۈزگىلى بولمايدىغان قۇرۇلۇش (تىجارەت پايدىسى تۆۋەن، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى ياكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۈپىتى تۆۋەن(خىتاي دۆلەت ئىلكىدىكى بانكا ۋە كارخانا  خېرىدار چاقىرىلمايلا قۇرۇلۇشقا ئېرىشىشكونكرېت ۋەدە يوقتەننەرخ ۋە سۈپەت ئۆلچىمى مالىيە ماددىلىرى خېرىدار چاقىرىشنى يولغا قويۇش
قەرزدارلىق قىلتىقى قەرزى ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتكە تەمىنلىگەن مەبلەغ شۇ دۆلەتنىڭ قەرزدارلىقىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان سەۋىيەگە ئۆستۈرۈۋېتىدۇخىتاي دۆلەت ئىلكىدىكى بانكا قەرزى داۋاملاشتۇرالمايدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ قەرزدارلىق سىجىللىق قۇرۇلمىسى«بىر بەلباغ بىر يول» قەرزىنىڭ تەننەرخىنىڭ GDP  دا ئىگىلىگەن نىسبىتى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق كاپالەت قابىلىيىتى خىتاي ھالقىلىق مال-مۈلۈكنى سېتىۋىلىش
قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇشقا بولغان تونۇش يېتەرلىك ئەمەس قۇرۇلۇش لايىھەلەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى چىرىكلىك ۋە قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان باشقۇرۇش ئۆلچىمىخىتاي دۆلەت ئىلكىدىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كارخانىسى چىرىكلىشىش قىلمىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، قائىدىگە ئۇيغۇن بولغان ئەڭ ياخشى قىلمىشقا سەل قاراشسىياسەتتە ئالماشتۇرۇش، قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىرلەشمە سىياسەت جەھەتتە قوللاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ  كۆپ تەرەپلىك ئورگانلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باھالىشى  

تۆتىنچى باب

«بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ تەسىرى ۋە سىرتقى خاراكتېرلىكنىڭ تەجرىبە ئىسپاتلىرى

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تەسىرى ۋە سىرتقى خاراكتېرى ھەققىدىكى ئىسپاتلار توپلىنىشقا باشلىدى، ئەمما تەشەببۇس بىلەن قۇرۇلۇشنىڭ تەسىرى ۋە سىرتقى خاراكتېرىنى باھالاشتا ۋەزىپە ئېغىر يول يىراق. بۇ بابتا، بىز مەزكۇر تەشەببۇسنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىسپات )سىرتقى خاراكتېرغا ئاساسەن؛ 3.1 جەدۋەلگە قارالسۇن(، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەنقىد يوللۇقمۇ ئەمەسمۇ شۇنداقلا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئېھتىياجلىق سىياسەت تەييارلىقىنى كەلگۈسىدە باھالاشنى مۇھاكىمە قىلىمىز.

خىتاينىڭ ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ بايلىق ‏مەنبەسىگە ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭ بازىرىغا كىرىش ئالاھىدە ھوقۇقى بار

 2017-يىلى نەشر قىلىنغان ئەسەردە، لى جىڭجۈن )Ching Kwan Lee( دۆلەت ئىلكىدىكى كاپىتالنىڭ باشقۇرۇش قارارىدىكى رولىنى تەتقىق قىلغان.

ئۇ خىتاينىڭ زامبىيەدىكى مىس كانى ئېچىش ۋە قۇرۇلۇش كەسپىگە سالغان مەبلىغىنى تەكشۈرگەن، بۇ خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش سالمىقى ئەڭ زور بولغان ئىككى ساھە. ئۇنىڭ تەتقىقاتى شۇنى كۆرسەتتىكى، دۆلەت ئىلكىدىكى كاپىتالنى خۇسۇسىي كاپىتالغا سېلىشتۇرغاندا، ئوخشاش بولمىغان قارارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما بۇ خىتاينىڭ شۇ كەسىپتىكى ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. زامبىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مىس زاپاس مىقدارىغا ئىگە، مەزكۇر دۆلەتتە مىس كانى ئېچىش خىتايغا نىسبەتەن ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى خىتاي مۇقىم مىس تەمىناتىغا ئېرىشىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىدۇ. بىراق قۇرۇلۇش كەسپى خىتاينىڭ زامبىيەدىكى ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەتى ئەمەس. لى جىڭجۈننىڭ بايقىشىچە، بىناكارلىق ساھەسىدە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلىرىمۇ تامامەن سودا مەنپەئەتىنى ئويلىشىدۇ، دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى خۇسۇسىي كارخانىلاردىن ھېچقانداق پەرقى يوق.

بىناكارلىق كەسپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مىس كانى ئېچىش كەسپىدە، خىتاي كارخانىلىرى بىلەن غەرب ۋە ھىندىستان خۇسۇسىي كارخانىلىرى كان قېزىش ئىجارە توختامىنى قولغا كەلتۈرۈشتە رىقابەتلىشىدۇ.

خىتاي ئۇزۇن مۇددەت مىس تەمىنلەش تەرەپتىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلىرىنىڭ قىلمىشى دۇنيادىكى خۇسۇسىي كارخانىلار بىلەن ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، زور كۆپچىلىك دۇنياۋى خۇسۇسىي كارخانىلار باھاغا ئاساسەن مەھسۇلات مىقدارىنى تېز سۈرئەتتە تەڭشەيدۇ ھەمدە »خادىم قىسقارتىشقا مايىل، چۈنكى بۇ )ئۇلار( نىڭ بازار داۋالغۇشىغا نىسبەتەن قايتۇرغان تۇنجى ئىنكاسى«.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ كارخانالارى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەر نىشانىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شەرتى قىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش مۇقىملىقىغا ئېتىبار بېرىش ئۇنىڭ بىلەن دۇنياۋى خۇسۇسىي كارخانالار ئارىسىدا ئازراق پەرق پەيدا قىلىدۇ:

خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئەمگەك كۈچى بازار قارارى ئىشلەپچىقىرىش مۇقىم بولۇشنى كۆزلەيدۇ، گەرچە مائاش نىسبەتەن تۆۋەن بولغان ئەمگەك كۈچى بولسىمۇ. رىقابەتچىلىرىگە سېلىشتۇرغادا، خىتاينىڭ كارخانىلىرى ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلەش تەرەپكە مەبلەغنى تېخىمۇ كۆپ سالىدۇ.

دۇنياۋى خۇسۇسىي كارخانالارغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاي كارخانالارىنىڭ ئىنتىزامى قاتتىق ۋە مۇقىم باشقۇرۇش كادىرلار مېخانىزمىغا ئىگە، گەرچە مائاشى نىسبەتەن تۆۋەن بولسىمۇ.

دۇنياۋى خۇسۇسىي كارخانالارغا سېلىشتۇرغاندا، مىس كانىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىتاي شىركەتلەرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرەپتىكىلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار ۋە سۆھبەتلىشىش بوشلۇقىغا ئىگە. خۇددى لى جىڭجۈن ئېيتقاندەك، بۇ بەزى تاراتقۇلار خەۋەر قىلغاندەك خىتاينى يېڭى مۇستەملىكە چوڭ دۆلىتى، قورال كۈچىدىن پايدىلىنىدۇ ياكى ئالاھىدە ئىمتىياز مونوپوللۇقىدىكى »مەجبۇرىي ۋاسىتە« بولۇپ ئىپادىلىشتىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.

 بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، خىتاي كارخانالارى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىغا تېخىمۇ ئاسان سىڭىپ كىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ. خىتاي رەڭلىك ئافرىقا كانچىلىقى )NFCA( زامبىيەدىكى ئەڭ چوڭ خىتاي كانچىلىق شىركەتى، شۇ جايدا »زامبىيەدىكى مىس كانى ساھەسىدە ئەڭ مۇقىم، ئەڭ مەسئۇلىيەتچان ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى ۋە ياللىغۇچىلاردىن بىرى« دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

خىتاي ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىش

 2015-يىلىدىكى تەھلىلدە، Barry Sautman بىلەن Hairong Yan خىتاي كارخانالارى ئافرىقادىكى قۇرۇلۇشلاردا شۇ جايدىكى ئىشلەپچىلەرنى ياللىماسلىق بىلەن ئەيىپلەشنى بايان قىلدى، ئاپتورنىڭ بايقىشىچە بۇ ئەيىپلەش خاتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەمگەك كۈچىنى يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال ساندانىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، »40 نەچچە ئافرىقا دۆلەت ياكى رايوندىكى 400 خىتاي كارخاناسى ۋە قۇرۇلۇشىدا، بەشتىن تۆتتىن كۆپ خىزمەتچى شۇ جايدىكى كىشىلەر ئىكەن.«

لى جىڭجۈن 2017-يىلى زامبىيەدىكى كان قېزىش ۋە بىناكارلىق كەسپىدىكى خىتاي ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىشلەمچىلەر ئومۇمىي خىزمەتچىلەرنىڭ سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىنتايىن ئاز )%15(، نازارەت قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش قاتلىمىدا نىسبەتەن مەركەزلەشكەن. بۇ زامبىيەدىكى باشقا چوڭ تىپتىكى كارخانا )مەسىلەن Glencore International AG( نىڭ ئۇسۇلىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

Universiteit van Stellenbosch خىتاي تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار 4 ئافرىقا دۆلىتى سالغان زور مەبلەغنى تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، شۇ جايدىكى ئىشچىلارنىڭ نىسبىتى %85-%95 ئىكەن.

قەرزدارلىق قىلتىقى قەرزى

 2019-يىلىدىكى بىر دوكلاتتا، Roland Rajah، Alexandre Dayant ۋە Jonathan Pryke تىنچ ئوكيان بويىدىكى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مالىيە قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرگەن. ئاپتورنىڭ يەكۇنى شۇكى: »ھازىرغىچە، ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاي تىنچ ئوكيان رايونىدا مەقسەتلىك قەرزدارلىق قىلتىقى دېپلوماتىيەسى ئېلىپ بارمىغان.« ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، »مەزكۇر رايوندىكى ئاتاقتىكى GDP نىڭ ئېشىشى ئادەتتە ئېلىنغان %2 لىك ئۆسۈمدىن خېلىلا يۇقىرى، ئېشىش سۈرئىتى ئاستا بولغان تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي گەۋدىسىمۇ خىتاينىڭ قەرزىدىن قۇتۇلالىشى مۇمكىن.« Deborah Brautigam قەرزدارلىق قىلتىقى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان. ئۇ تەتقىقاتىدا خىتاينىڭ ئافرىقىغا بەرگەن قەرز پۇلى ساندانى )1000 دىن ئارتۇق قەرز پۇلى ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( نى ئىشلەتكەن بولۇپ، چىقارغان يەكۈنى، ھېچقانداق ئىسپاتتا »خىتايلار قەستەن باشقا بىر دۆلەتنى قەرزدارلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇپ، شۇ قەرزدارلىقتىن پايدىلىنىپ ئافرىقىدا مەلۇم خىل ئادىل بولمىغان ياكى ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئېرىشىش، مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش.« تەك ئەھۋال ئىپادىلەنمىگەن.

2019-يىلىدىكى ئۈچىنچى تۈرلۈك تەتقىقاتتا، John Hurley، Scott Morris ۋە Gailyn Portelance «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىدىكى قەرزدارلىق سەۋىيەسى نىسبەتەن يۇقىرى )قەرزدارلىق بىلەن GDP نىڭ نىسبىتى %50 تىن %60 ئىشىپ كەتكەن( بولغان 23 دۆلەتنىڭ قەرز پۇلى مىسالىنى تەھلىل قىلغان.

يازغۇچىنىڭ بايقىشىچە، گەرچە »بەزى دۆلەتلەر نىسبەتەن كىچىك ئۇنىڭ ئۈستىگە نىسبەتەن نامرات، ئەمما ئىگىلىك ھوقۇق قەرزدارلىقىدا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش خەتىرى كۆرۈنەرلىك ئاشقان«، ئەمما «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى »مەزكۇر پىلاننىڭ نۇقتىلىق رايونىدا سىستېما خاراكتېرلىك قەرزدارلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس.«

قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادچانلىقى كەم

 2018-يىلى خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قۇرۇلۇشنىڭ مەبلەغ يۇرۇشتۇرۇش، تاللاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى سودىنىڭ ئەڭ ياخشى ئادىتىگە ئۇيغۇن. تەتقىقاتنىڭ پارامېتىرلىرى )1( ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ۋە بازارنى ئاساس قىلغان تۈزۈمدە خىزمەت تەقسىم قىلىش شۇنداقلا )2( توختامنىڭ  ئۈنۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Brautigam نىڭ تەتقىقاتى سىرى لانكانىڭ خانبانتوتا پورتى مىسالىنى مۇھاكىمە قىلغان.

مەزكۇر پورتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىرگۈزۈش چىقىرىش بانكاسى 2010-يىلى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. سىرى لانكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر پورتنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق، بۇ روشەنكى ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ناچارلىقى )مەسىلەن ئۈستىدە بايان قىلىنغاندەك، مەزكۇر پورت قىممەت ھەم كېرەكسىز ›ئاق پىل‹ دەپ تەرىپلەنگەن( تۈپەيلىدىن بولغان، گەرچە باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولمىغانلىق سەۋەبىمۇ بار. ئۇنىڭدىن قالسا، سىرى لانكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر پورتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارە )توختام ۋاقتى 99 يىل( گە بېرىشتە خېرىدار چاقىرىش تەرتىپى تەشكىللىگەن. خىتاي دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا خېرىدار چاقىرىش ئىدارىسى پورت پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن سىرى لانكا پورت باشقۇرۇش ئىدارىسى )سىرى لانكا دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا( ئورتاق ھالدا 2017-يىلى توختامغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىملىق ئىجارىگە ئىككى تەرەپ 1.12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلىگەن.

گەرچە خانبانتوتا پورتى قەرزدارلىق قىلتىقى دېپلوماتىيەسىنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە نەقىل قىلىنىۋاتسىمۇ، ئەمما مەزكۇر پورتنىڭ قايتا مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشى ھەرگىزمۇ قەرزدارلىقنى پاي چېكىگە ئايلاندۇرۇش مىسالى ئەمەس. ئەسلى قەرزدارلىق يەنىلا سىرى لانكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پورتنى 99 يىل ئىجارىگە بېرىپ كىرگەن كىرىمنى قەرز قايتۇرۇشقا ئىشلەتمىگەن. مەزكۇر پورت پەقەتلا خەلق ئىشلىرى مەقسىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما شەرتى سىرىلانكا ئەھۋالغا قاراپ پورتىنى ئۆزىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى قارار قىلىدۇ.

خىتاي پورت ئۈچۈن ئىككى قېتىم پۇل چىقىم قىلغاندەك قىلىدۇ، بىر قېتىملىقى قەرز، يەنە بىر قېتىملىقى پاي ھوقۇقى. ئالدى بىلەن، ئۇنىڭ قەرز بەرگۈچى تارمىقى خىتاي كىرگۈزۈش چىقىرىش بانكىسى )China Export-Import Bank( قەرز پۇلى ۋە ئىناۋەتلىك قەرز بىلەن تەمىنلەپ، مەزكۇر پورتنى قۇرۇشقا مۆلچەرلەنگەن خىراجەت تەخمىنەن 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. مەزكۇر قەرز تېخى قايتۇرۇلمىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتى توشقان. خىتاي شۇنىڭدىن كېيىن 1.12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باھادا پورتنىڭ 99 يىللىق تىجارەت ھوقۇقىنى سېتىۋالغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خانبانتوتا پورتى ھەقىقەتەن قىممەت ھەم كېرەكسىز »ئاق پىل« بولسا، ئۇنداقتا ئۇ قەرزدار قەرزدارلىق قىلتىقىغا چۈشكەنلىكىنىڭ مىسالى بولماستىن بەلكى، قەرز بەرگۈچى قەرزدارلىق ۋە ھوقۇق قىلتىقىغا چۈشكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.

يۇقىرى تەننەرختە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش

 لى جىڭجۈن 2017-يىلىدىكى تەتقىقاتىدا خىتاينىڭ زامبىيەگە بەرگەن ئېتىبارلىق قەرز پۇلىنىڭ ماددىلىرىنى تەكشۈرگەن. ئۇنىڭ بايقىشىچە ئېتىبارلىق قەرز پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى %2، دۇنيا بانكاسىنىڭ ئالىدىغان %1.7 لىك ئۆسۈم نىسبىتىدىن 30 نۇقتا يۇقىرى. بۇ خىل پەرقنىڭ  قىسمەن سەۋەبى بەلكىم خىتاي يۇقىرى خىيىم-خەتەرلىك قۇرۇلۇشقا مەبلەغ تەمىنلىگەن، ئەمما بۇ خىل ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.

Rajah، Dayant ۋە Pryke لار 2019-يىلى خىتاي تىنچ ئوكيان ئارال رايونىدىكى دۆلەتلەرگە بەرگەن قەرز پۇلىنى تەتقىق قىلىشتىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ھۆكۈمەت قەرز پۇلى )%97( نىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىرگۈزۈش چىقىرىش بانكاسى تەمىنلىگەن ئېتىبارلىق قەرز پۇلى. ]تىپىك ماددىسى[ %2 لىك ئۆسۈم نىسبىتى، 5-7 يىلغىچە قەرەلىنى ئۇزارتىش مەزگىلى ۋە 15-20 يىلغىچە قەرز پۇلى مۇددىتى. خىتاينىڭ ئىككى تەرەپ قەرز پۇلى ماددىلىرى بازاردىكى شەرتتىن كۆپ پايدىلىق. تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ئىچىدە، پەقەت فىجى ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى ئېرىشكەن بازارنى ئاساس قىلغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭلا ئەھمىيىتى بار. نۆۋەتتە، فىجىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىچى قەرز پۇلى تەننەرخى تەخمىنەن %6، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىنىڭ %11.

تىجارەت پايدىسى تۆۋەن

 لى جىڭجۈننىڭ 2017-يىلىدىكى دوكلاتىدا ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن زامبىيە بىناكارلىق كەسپىدىكى قۇرۇلۇش تەننەرخىنىڭ ئېتنوگرافىيە ئىسپاتىنى مۇھاكىمە قىلغان.

ئۇنىڭ ئىسپاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا تۈپ قائىدە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ تاشيول قۇرۇلۇش تەننەرخى دائىم نىسبەتەن يۇقىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قۇرۇلۇشىنى كارخانىغا تەقسىم قىلغاندىكى رىقابەتلىشىپ خېرىدار چاقىرىش جەريانى بولمىغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن، دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلىنىڭ باشقا ئېتىبارلىق قەرز پۇلى مەنبەسى، رىقابەت خاراكتېرلىك خېرىدار چاقىرىش باسقۇچى بار. ئۇ يەنە تىجارەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى بار يوقلۇقىنى مۇھاكىمە قىلغان. كان قېزىش كەسپىدە، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخى كۆپىنچە ھاللاردا رىقابەتچىلىرىدىن تۆۋەن، تىجارەت ئۇسۇلىنى رىقابەتچىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە بولۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن قېزىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

بۇ سىرتقى خاراكتىرىنى تەھلىل قىلىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىدىن ئەنسىرەش ۋە تەنقىدلەر بىر تەرەپتىن تايىنىدىغان ئىسپاتلار بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپتۈرۈۋېتىلگەن تەركىپلىرىمۇ بار. كېيىنكى بابتا، بىز بۇ مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىپ، قارار چىقارغۇچىلارغا تەكلىپ بېرىمىز.

بەشىنچى باب

سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە بولغان ئەسلەتمە ۋە تەكلىپ

 «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى خىتاي دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەشەببۇسقا غايەت زور سوممىلىق مالىيە ۋەدىسى بۇنىڭ ئىسپاتى. ئۇنىڭدىن باشقا، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش 2017-يىلى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى. «بىر بەلباغ بىر يول» باشلىنىشىدىلا قىتئە ھالقىغان ئۇلۇغۋار ئۇل ئەسلىھە تەشەببۇسى بولۇشنى مەقسەت قىلغان، ئەمما ئۇنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش ئۇنىڭ ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەردە ئالقىشقا ئېرىشىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. گەرچە بەزى دۆلەتلەر بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراپ، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىشنى رەت قىلسىمۇ ئەمما 70 نەچچە دۆلەت كېلىشىم تۈزدى، بۇنىڭدىن دۇنيا مىقياسىدا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا قارشى ئېلىنىش پوزىتسىيەسى قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇڭلاشقا، باشقا ياردەم بەرگۈچى دۆلەت )مەسىلەن ئامېرىكا( تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت )ۋە بىر قىسىم تەرەققىي قىلغان دۆلەت( لەر «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلىتىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئويلىشىشى كېرەك، چەتئەل تەرەققىيات ياردىمىنى ئېلىۋاتقان ۋە يوشۇرۇن قوبۇل قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى تەڭشىشى كېرەك. ياردەم بەرگۈچى دۆلەت خىتاي لايىھەلىگەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قۇرغان ئۇل ئەسلىھەلەرگە يۈزلىنىدۇ ھەمدە چوقۇم ئىشلىتىشكە مەجبۇر، بۇ بەلكىم بەزى ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەرگە بىخەتەرلىك قىيىنچىلىقى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

«بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئۈزلۈكسىز ئەھمىيەت بېرىشى، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەر ئارىسىدا مۇقىم بولغان سىياسىي مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش ئۈچۈندەك قىلىدۇ.

ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلىي گەۋدە سۈپىتىدە مەۋجۇدلۇق تەمىنلىدى، ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ سىياسىي دەۋرىيلىكى ۋە سىياسىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

شۇڭلاشقا، «بىر بەلباغ بىر يول» كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەت ئارىسىدا مۇقىم مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تەسىرى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. بۇ بەلكىم نېمە ئۈچۈن «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى شۇنداقلا ئادەتتىكى ئىقتىسادچىللىق بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش يولى خىتاي دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى.

ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاي ئەڭ زور ئېھتىماللىقتا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان دىپلوماتىيە سىياسەت نىشانى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شېرىك دۆلەتنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش، خىتاي ئەمگەك كۈچى ۋە كاپىتالىنىڭ يېڭى بازىرىنى كېڭەيتىش )ئاساسلىقى كېيىنكىسى(، كەم ئۇچرايدىغان تەبىئىي بايلىققا ئېرىشىش شۇنداقلا خىتاينى مەركەز قىلغان رايون خاراكتېرلىك ئۇل ئەسلىھە تورى قۇرۇپ چىقىش.

بۇ نىشانلار ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىت بولۇشى ناتايىن،  مەنپەئەتنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىرلا تەرەپنىڭ كۈچىشىگە تايىنىپ ئىلگىرى سۈرگىلى بولمايدۇ.

«بىر بەلباغ بىر يول» ياردىمىنى قوبۇل قىغان دۆلەت مۇۋاپىق سىياسەت ئارقىلىق «بىر بەلباغ بىر يول» نىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەھلىلىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، مەسىلەن، سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىقمۇ ئەمەسمۇ، «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنىڭ تەننەرخى راستىنلا بەكلا يۇقىرىمۇ، دۆلەت ئىلكىدىكى كاپىتال ۋە ئەمەلىي گەۋدىسى قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قاتنىشىشى قارارنىڭ ئىقتىساد خاراكتېرىنىڭ كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ يوق.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم ئەندىشە ۋە تەنقىدلەركۆپتۈرۈۋېتىلگەندەك قىلىدۇ، ھازىرغىچە بولغان ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەت قارار قىلغۇچىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا ئەمەس. نۆۋەتتە ئاساس كەم بولۇۋاتقان ئەندىشىلەر شۇكى، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى قىسقا مۇددەتتە كۆپ قەرز بېرىپ قەرز ئالغۇچىغا قەرزدارلىق قىلتىقى قۇردىمۇ يوق، شۇنداقلا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى قۇرۇلۇشى ئاساسلىقى خىتاي ئىشلەمچىلەرگىلا مەنبە تەمىنلەمدۇ يوق. يۇقىرىقى ئىككى خىل تەنقىدنى قوللايدىغان ئىسپات يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقىلانىلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككى خىل ئەندىشە خىتايلارنىڭ ئىش قىلىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. قەرزدارلىق قىلتىقى قۇرۇش ھەققىدە، قەرز بەرگۈچى قىلتاقنى قوبۇل قىلىشنى خالىسىمۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ خىل دېبېت-كرېدىت مۇناسىۋىتى قەرز بەرگۈچىنىڭ مۇۋاپىق بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلمىشى بىلەن توقۇنۇشىدۇ.

شۇ جايدىكى ئىشلەمچىلەرنى ئىشلەتكەندە، دانا مەبلەغ سالغۇچىلار چەتئەلدە ئەمگەك كۈچى تەننەرخى، كاپىتال تەننەرخى ياكى ئىككىسىنىڭ پەرقىدىن شەكىللەنگەن سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە ئېرىشىدۇ.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت مەبلەغ سالغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاينىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى كاپىتال تەننەرخىدە، ئەمما ئۇنىڭ زەئىپلىكى ئەمگەك كۈچى تەننەرخىدە. شۇڭلاشقا، خىتاي رىقابەت كۈچىگە ئىگە باھادا ئەمگەك كۈچى ۋە كاپىتالنى سىرتقا چىقارسا نىسپىي جەھەتتىن ئېيتقاندا پايدا ئالالمايدۇ.

خۇددى بىز كۆرگەنگە ئوخشاش، بۇ خۇلاسىنى قوللايدىغان ئىسپات بار، ئىقتىسادىي تەھلىلدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل تەنقىد ئەزەلدىن دەلىللەنمىگەن.

ئەگەر «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، خىتاي بەلكىم ھەمكارلاشقان شېرىك دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ پۈتكۈل دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئەمما، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ياردەمىگە ئېرىشكەن دۆلەت بەلكىم مۇۋاپىق سىياسەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشى مۇمكىن. بۇ توغرا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈگۈن ۋە ھەقىقىي پۇرسەتنى تېپىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇ بابتىكى تەھلىل قارار چىقارغۇچىلارنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىشتىكى خەتەر ۋە پايدىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ياردىمى بار.

قوشۇمچە A

«بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ 5 چوڭ تۈۋرۈكى

خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىدىغان دۆلەت ۋە تەشكىلات ئۈچۈن بەش چوڭ تۈۋرۈك ياكى ھەمكارلىق ساھەسىنى بېكىتتى. بۇ بىر قانچە تۈۋرۈك تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1: سىياسەت ئۆتۈشتۈرۈش، كۆپ قاتلاملىق ھۆكۈمەتلەر ئارا ماكرو سىياسەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقە مىخانىزمى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ؛ رايونلۇق ھەمكارلىق پىلانى ۋە تەدبىرلىرىنى بېكىتىدۇ؛ ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشمە سىياسەت قوللىشى بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2: ئەسلىھە تۇتاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش پىلانى ۋە تېخنىكا ئۆلچەم سىستېمىسى ئارىسىدىكى تۇتاشچانلىقنى ياخشىلاش؛ رايونلۇق ئۇل ئەسلىھە تورى شەكىللەندۈرۈش؛ مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3: سودا راۋانلىقى، مەبلەغ سېلىشنى ياخشىلاش ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قورغانلىرىنى بىكار قىلىش شۇنداقلا »دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى« نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك، ئادەتتىكى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى، بىئولوگىيە تېخنىكىسى، يېڭى ماتېرىيال ۋە باشقا يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4: مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئاسىيادا پۇل مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى،  مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ۋە ئىناۋەت قەرز ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇش؛ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە  مەبلەغ سېلىش بانكاسى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەت يېڭى تەرەققىيات بانكاسى )تىجارەت قىلىۋاتىدۇ( قۇرۇش؛ پۇل-مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ چېگرا ھالقىغان خەتەر ۋە بۆھرانغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاش؛ سودا پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش ۋەخپەسى ۋە ئەل ئارا ۋەخپەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» دىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشنى ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5: خەلق رايىنى باغلاش، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم ئالماشتۇرش، ياشلار، ئاياللار ۋە خادىم ئالماشتۇرۇش، تاراتقۇ ھەمكارلىقى شۇنداقلا پىدائىيلار مۇلازىمىتى؛ ساياھەت كەسپىنى كېڭەيتىش؛ تارقىلىشچان كېسەل ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرۇش؛ بىرلەشمە تەجرىبەخانا، خەلقئارا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەركىزى قۇرۇلۇش ئارقىلىق پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش؛ ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە تەربىيەلىنىشى، كەسپىي ماھارەتنى ئېچىش، ئىجتىمائىي كاپالەت باشقۇرۇش، ئاممىۋى مەمۇرىيەت ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قوشۇمچە B

مارشال پىلانىنىڭ نىشانى

مارشال پىلان )Marshall Plan( ى 1948-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قاراردىن ئۆتكەن بولۇپ، »ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قانۇنى« دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە »سىرتقا ياردەم بېرىش قانۇنى« دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەزكۇر قانۇننىڭ سىياسەت نىشانىنى 102(a) ماددىدىن تاپقىلى بولىدۇ، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەندەك:

تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە سىياسەت باياناتى

102(a) ماددا. چوڭ يىغىن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى زىچ ئىقتىسادىي ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەر ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى بۆلۈنۈشنى دۆلەت چېگراسى توسۇپ قالالمىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، شۇڭلاشقا چوڭ يىغىن ياۋروپانىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەبىدىي ئەمىنلىك بەرپا قىلىش، ئامېرىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پاراۋانلىقى ۋە دۆلەت مەنپەئەتى شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە شەخسىي ئەركىنلىك، ئەركىن تۈزۈم ۋە ھەقىقىي مۇستەقىللىق پىرىنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى داۋاملاشتۇرۇش، ئاساسلىقى ياخشى ئىقتىسادىي شارائىت، مۇقىم خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت شۇنداقلا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى سىرتقى ياردەمدىن مۇستەقىل ھالدا قۇرۇلغان ساغلام ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا باغلىق. بۇ نىشانلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىدىن بىرىگە ئېھتىياجلىق، بۇ پىلاندىكى ھەمكارلاشقان ھەممە دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ، بۇ كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش تىرىشچانلىقى، سىرتقى سودىنى كېڭەيتىش، ئىچكى پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىنى بەرپا قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش شۇنداقلا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، ئادىل پېرىۋوت نىسبىتىنى بەرپا قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە سودا قورۇقچىلىقىنى تەدرىجىي بىكار قىلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلىك قەدەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا ئىچكى قىسىمدا سودا قورۇقچىلىقى يوق چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىچى بازاردىن بىرنى بەرپا قىلىپ ئېرىشكەن ئەۋزەللىكىنى ئويلىشىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ئوخشاش ئەۋزەللىككە ئىگە بولسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭلاشقا ئامېرىكا خەلقىنىڭ سىياسىتى دەپ جاكارلىنىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر بىرلەشمە تەشكىل ئارقىلىق، 1947-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى پارىژدا ئىمزالانغان ياۋروپا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنغاندەك، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئورتاق تىرىشىدۇ، بۇ ياۋروپادا تېز سۈرئەتتە ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلىق. يەنە شۇنى جاكارلايدۇكى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ سىياسىتى شۇكى، ئۆزى ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا بىرلەشمە گۈللىنىش پىلانىغا قاتناشقان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ياۋروپانىڭ شەخسىي ئەركىنلىك، ئەركىن ئورگان ۋە ھەقىقىي مۇستەقىللىق پىرىنسىپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ: ئالدىنقى شەرتى شۇكى، بۇ جايدا ئويلىشىلغان ھەرقانداق قاتناشقۇچى دۆلەتكە تەمىنلەنگەن ياردەم ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالماسلىقى كېرەك. يەنە شۇنى جاكارلايدۇكى، ئامېرىكانىڭ سىياسىتى شۇكى، ئامېرىكا تەمىنلىگەن ياردەمنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى ھەر قانداق ۋاقىتتا مەزكۇر لايىھەگە قاتناشقان دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىگە باغلىق.

سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ نىشانى مارشال پىلانىدىن پايدىلىنىپ »شەخسىي ئەركىنلىك«، »ئەركىن تۈزۈم«، »ھەقىقىي مۇستەقىللىق« تەرەپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى ناھايىتى روشەن. كىشىنى ئانچە تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇرمايدىغىنى شۇكى، سوۋىتلەر ئىتتىپاقى شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا يول قويمايتتى.

Michael J. Hogan مايكىل ج ھوگان 1987-يىلى »مارشال پىلانى« غا ئېلىپ بارغان باھالاشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ يەنە بىر يوشۇرۇن دىپلوماتىيە سىياسەت نىشانى ئامېرىكانىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە ياساش كەسپى مەھسۇلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش. مۇتلەق كۆپ قىسىم مەبلەغ ئامېرىكادىن تاۋار كىرگۈزۈشكە ئىشلىتىلگەن. دەسلەپتە، بۇ مەبلەغ ئاشلىق ۋە يېقىلغۇ كىرگۈزۈشكە ئىشلىتىلگەن، كېيىن قايتا قۇرۇش )مەزكۇر پىلاننىڭ ئەڭ دەسلەپكى نىشانى( قا ئىشلىتىلگەن. 1951-يىلى، مەزكۇر پىلانغا تەقسىملەنگەن 13 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن، 3.4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا خام ئەشيا ۋە يېرىم تەييار مەھسۇلات كىرگۈزۈشكە ئىشلەتكەن. 3.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېمەكلىك، يەم-خەشەك ۋە ئوغۇت سېتىۋېلىنغان؛ 1.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئەسۋاب، ئاپتوموبىل، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىنغان؛ 1.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىلغۇ سېتىۋېلىنغان.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، غەيرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى )خام ئەشيا، يېرىم تەييار مەھسۇلات، يېمەكلىك، يەم-خەشەك، ئوغۇت ۋە يېقىلغۇ( دىكى چىقىم ئومۇمىي چىقىمنىڭ زور كۆپ قىسمى )%61( نى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، بىر قىسىم مەبلەغ ياۋروپا قوراللىق قىسمىنى قايتا قۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن.

شۇڭلاشقا، مارشال پىلانىنى ياۋروپا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرۇش پىلانى دەپ تەرىپلىسە ئىنتايىن غەلىتە تۇيۇلىدۇ.

مەسىلەن، بىر تۈرلۈك باياندا پىلاننىڭ نىشانىنى بايان قىلىپ »ئۇرۇش مەزگىلىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان شەھەر، سانائەت ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى قايتا قۇرۇپ، ياۋروپا قوشنا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودا قورۇقچىلىقىنى تۈگىتىدۇ.«

Simon Shen بىلەن Wilson Chan 2018-يىلى مارشال پىلانى بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئىككىسىنىڭ بىر قانچە دىپلوماتىيە سىياسەت نىشانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ دەپ قارىغان. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى شۇكى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ياردەم بەرگۈچىنىڭ مال سېتىشىغا بازار تەمىنلەيدۇ شۇنداقلا ياردەم بەرگۈچىنىڭ پۇلى خەلقئارالىشىدۇ. ئىككىسىنىڭ ئورتاق خەلقئارا مۇناسىۋەت بىخەتەرلىك نىشانى شۇكى مۇھىم ئەمما ئاسانلا ياردەم بەرگۈچى ۋە رىقابەتچىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنى نىشانلاش ئارقىلىق رىقابەتچىسىنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىدۇ.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن