پارىژدىكى قاتىللىق ۋە بىزدىكى تەنتەكلىك

– مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پارىژدىكى قاتىللىق ۋەقەسىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش

ئويچان

2020-10-21

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە.

– ئۇيغۇر خەلق ماقالى

فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر مۇسۇلمان چىچەن ياشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن بىر فرانسوز ئۇقۇتقۇچىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

بۇ فرانسىيەدە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى ئەمەس. ھەر قېتىم مۇشۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك دە-تالاش بولىدۇ. دە-تالاشلار جەريانىدا بەزىلەر قاتىللىققا سەۋەب بولغان ھەجۋىي قىلغۇچىلارنى ئەيىپلىسە؛ يەنە بەزىلەر ھەجۋىي قىلغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى ئەيىپلەيدۇ. بىر تەرەپنىڭ ئاشقۇنلىرى قاتىللارنى «قەھرىمان» دەپ مەدھىيەلىسە؛ يەنە بىر تەرەپنىڭ ئاشقۇنلىرى ھەجۋىي قىلغۇچىلارنى «ئەركىنلىك قۇربانلىرى» دەپ ئۇلۇغلاشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاشقۇنلىرى پەيغەمبەرنى ھەجۋىي قىلغۇچىلار بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ «قەھرىمانلىرى»غا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. چاتاق يېرى، مەسىلە دىنغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، دە-تالاش ئاسانلا دىنغا ھۇجۇم قىلىش ۋە دىننى قوغداش تۈسىنى ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، غەيرىي مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىسلام ئەندىشىسى كۈچىيىدۇ. ئىسلامنىڭ ئوبرازى خۇنۇكلىشىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشى تەسلىشىدۇ.

مەن ھازىر بۇنداق تالاش-تارتىشلارغا قىزىقماس بولۇپ كەتكەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن خىتاينىڭ ئىسلامغا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكى ئالدىدا بۇ ئىشلارنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ قېتىم پارىژدا يۈزبەرگەن قاتىللىق ۋەقەسى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قوزغالغان دە-تالاشلار ھەقىقەتەن ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. شۇ ۋەجىدىن قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم.

ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى، مەن بۇ يازمىدا مەزكۇر ۋەقەدە كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلمايمەن. بۇنىڭغا قانۇن جەھەتتىن فرانسىيە سوتچىلىرى، شەرىئەت جەھەتتىن ئىسلام فەقىھلىرى ھۆكۈم قىلىدۇ. مېنىڭ مۇھاكىمە قىلىدىغىنىم بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسى ۋە بۇنىڭ مىللىي مەنپەئىتىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدۇر.

ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا (ئاساسلىقى فېيسبۇكتا) مەزكۇر ۋەقەگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارنى ئۇمۇمەن قاتىلنى ماختاش، قاتىلنى ئەيىپلەش، ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىسلامنى قوغداشتىن ئىبارەت تۆت نوقتىغا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

بىرىنچى، قاتىلنى ماختاش. مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، تېمىلارنىڭ ئاستىغا بەس-بەستە ئىنكاسلار چۈشۈشكە باشلىغان. بۇ نورمال ئەھۋال. ئەمما، ئىنكاسلارنىڭ تۇلىسى قاتىلنى «مۇجاھىد»، «شەھىد»، «قەھرىمان»، «بەلەن قىپتۇ»، «ئاللاھ شەھىد قاتارىدا قىلسۇن»… دېگەندەك مەدھىيەلەر بىلەن تولغان.

ئىككىنچى، قاتىلنى ئەيىبلەش. ئايرىم تېما ياكى ئىنكاس شەكلىدە، بىر قىسىم كىشىلەر قاتىلنى ئەيىپلىگەن. بۇ كىشىلەر مەزكۇر قاتىللىقنى ئىسلامغا خىلاپ، ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق دەپ قارىغان.

ئۈچىنچى، ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىش. بۇ پۇرسەتتە بىر قانچە كىشى مەسىلىنىڭ ئىسلام دىنىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، ئىسلامغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تىل تەككۈزگەن.

تۆتىنچى، ئىسلامنى قوغداش. ئىسلامغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھاقارەتكە چىدىمىغان نۇرغۇن كىشىلەر ھاقارەت قىلغۇچىلارنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. ھەتتا بەزىلەر ئۇلارنى «ئۆلتۈرىمەن» دەپ جار سالغان.

مانا بۇلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنىڭ كارتىنىسى. ئەمدى بىز بۇلارنى مىللىي مەنپەئىتىمىز نوقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.

شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، بىز نۆۋەتتە 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن غەرب، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىسلامغا قارىتا شەكىللەنگەن ئەندىشە ئۇچقۇنلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان بىلەن ئىراققا ھۇجۇم قىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئىسلام دۇنياسىدىكى غەربكە قارشى نەپرەت تۇمانلىرى قاپلىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. يېقىنقى يىللاردا دائىشنىڭ قارا قۇيۇندەك پەيدا بولۇپ ئالەمنى مالەم قىلىپ كۆزدىن غايىپ بولۇشى بۇ خىل ئەندىشە ۋە نەپرەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.

مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن غەرب بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئارىسىدىكى بۇ زىددىيەتنىڭ ئەڭ ئېغىر بەدىلىنى بىز ئۇيغۇرلار تۆلىدۇق. 2001-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى دۇنيا مىقياسىدا تېرورىزمغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغاندا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن ھەققانىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» دەپ ئېلان قىلدى ۋە دۇنيانىڭ بەلگىلىك قوللىشىغا ئېرىشتى. 2014-يىلى دائىش باش كۆتۈرۈپ دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەندە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا «تېرورىزمغا قارشى قاتتىق زەربە بىرىش ھەرىكىتى»نى باشلىدى. يېڭىدىن شەكىللەنگەن دۇنياۋى ئىسلامغا قارشى شامالدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس يۇقاتماقچى بولغان خىتاي ئىشغالچىلىرى دائىشقا قارشى كەيپىيات ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققان 2017-يىلىدا شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلاپ يېغىۋېلىش لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلىغان كىشىلەرنى سولىدى؛ 2018-يىلىغا كەلگەندە بولسا، پۈتۈن دۇنياغا «بۇ كىشىلەر دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغان، شۇڭا ئايرىپ داۋالاش زۆرۈر» دەپ جاكارلىدى. خىتاي ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئوخشاشلا «تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بارماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك بىلەن باغلاشقا شۇنچە ئورۇنۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئۇيغۇرلارنى تەلتۈكۈس يۇقۇتۇشنىڭ تارىخىي پەيتى دەپ قارىماقتا. دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش چوقانلىرى بىلەن ئىسلامغا قارشى كەيپىيات خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يېشىل چىراغ ياقماقتا. خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى ئورۇش ۋە ئىسلامغا قارشى كەيپىياتتىن سېرت، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خاتا ۋاقىتتا، خاتا كىشىلەرنىڭ سېپىدە بولۇپ قېلىشىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق بىلەن قارىلىشىغا باھانە بولىۋاتىدۇ.

بىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان، لېكىن يۈزلەنمىسەك قەتئىي بولمايدىغان يەنە بىر ئاچچىق رېئاللىق شۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي تازىلاش، ئىسلامغا قارشى يىلتىزىدىن يۇقۇتۇش سىياسىتىگە قارىتا ئۇمۇمەن ئىسلام دۇنياسى سۈكۈتتە. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىسلام دۆلەتلىرى بولسا خىتاينىڭ شەرقي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانيلىققا قارشى جىنايەتلىرىنى قوللاۋاتىدۇ. بۇنىڭغا روشەن سېلىشتۇرما سۈپىتىدە، خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىنى قوغداۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تولىسىنى غەرب دۆلەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، بىز ئۇيغۇرلار، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۇمۇمەن تاشلىۋېتىلگەن، خرىستىيان ۋە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن قىسمەن قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان بىردىنبىر مۇسۇلمان مىللەت بولۇپ قالدۇق. بۇ خىل ئەھۋال دۇنيا تارىخىدىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ دىندار كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ھېچ كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىر مەنزىرە بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ بىر رېئاللىق. بىز كۆرۈشنى خالىمىساقمۇ بەرىبىر يۈزلەنمىسەك بولمايدىغان رېئاللىق. ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ تارىخىي ۋە مەۋجۇت مەسىلىلىرى، خىتاي بىلەن غەرب، خۇسۇسەن ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى قارشىلىشىشىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ خىل ۋەزىيەت يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزگىرىدىغاندەك ئەمەس. ناۋادا بۇ خىل ۋەزىيەت ئۆزگەرمىسە، غەربتىن ئىبارەت ئورتاق دۈشمەنگە بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ قۇربانى بولۇپ قېلىۋېرىمىز. «گۆش بىلەن ياغ بىر تۇققان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن».

ئەمدى خىتاي دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇققا باغلاپ جايلاشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى قوغداۋاتقان، ئىسلام دۇنياسى بولسا خىتاينى قوللاۋاتقان بىر پەيتتە، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، ئەركىنلىكنىڭ ئۇۋىسى، سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ لابوراتورىيەسى ھېسابلىنىدىغان پارىژدا بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى دەرسىدە ئوقۇغۇچىلىرىغا پەيغەمبىرىمىزنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن بىر مۇسۇلمان تەرىپىدىن بۇغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە بۇ مەسىلىگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىغا كىلەيلى. ئىنكاسلارنى تەھلىل قىلىشتىن بۇرۇن، يېقىنقى مەزگىللەردە، فرانسىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش سادالىرىنىڭ ياۋرۇپادا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنىڭ تۆلەنگەنلىكىنى ئەستىن چىقارمايلى.

مىللىي مەنپەئىتىمىز نوقتىسىدىن ئەقلىي ئويلىغىنىمىزدا بۇ ۋەقەگە قايتۇرىدىغان ئەڭ دانا ئىنكاس ھېچ شۈبھىسىز مەزكۇر قاتىللىق ۋەقەسىنى قەتئىي ئەيىبلەشتۇر. ئەمما مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز، ھەجۋىي قىلىنغىنى بىز جاندىن ئەزىز كۆرىدىغان پەيغەمبىرىمىز بولغىنى ئۈچۈن، كىشىلىرىمىزدىن، بولۇپمۇ دىنىي ھېسسىياتى كۈچلۈك كىشىلىرىمىزدىن بۇنى تەلەپ قىلىش بەكلا غايىۋىيلىك بولسا كېرەك. ئۇنداقتا، ئىككىنچى ئەڭ دانا تاللاش نېمە؟ ئەلبەتتە، سۈكۈت قىلىش، ئىنكاس قايتۇرماسلىقتۇر. مەيلى قايسى نوقتىدىن تەھلىل قىلمايلى، قاتىللىققا چاپان يېپىش، قاتىلنى ماختاش ئۇزاق مۇددەتلىك مىللىي مەنپەئىتىمىزگە نىسبەتەن تولىمۇ زىيانلىق. بۇ خىل رادىكال، ئاشقۇن ئىنكاسلار شەرقىي تۈركىستان دەۋايىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدىن تارتىپ، شەخسلىرىمىزنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسلىرىغىچە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەنتىقە جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاي بىزنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئەيىپلەۋاتقاندا، بىز دۇنياغا ئەڭ مۆتىدىل مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىمىزنى، ئاشقۇن ئېقىملاردىن ئەمەسلىكىمىزنى نامايەن قىلىپ كۆرسىتىشىمىز زۆرۈر. خىتاي بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋھشىي زۇلۇمنى سېلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ھازىرغىچە چەتئەللەردە بىرمۇ خىتاينى ئۆچمەنلىك تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈپ قويمىغانلىقىمىز بىزنىڭ نەقەدەر تېنچلىقپەرۋەر كىشىلەر ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. شۇنچە زۇلۇمغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، بىرمۇ خىتاينىڭ بۇرنىنى قاناتماي، ئەمدىلىكتە، بىزنى قوللاش دولقۇنى شەكىللىنىۋاتقان پارىژدا دىنغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، دىنىي ھېسسياتىمىزنى كونترول قىلالماي، قاتىللىقنى «جىھاد»، قاتىلنى «مۇجاھىد، شەھىد» دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىشىمىز ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بىردەملىك ھېسسياتتا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلغان كونۇپكا پالۋانلىقىنىڭ دەردىنى ئۆزىمىز ياكى ئەۋلادلىرىمىز يىللارچە تارتىدۇ. ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ جىنايىي ئىشلار قانۇنىدا، «نەپرەتكە قۇترىتىش ۋە ئۆلۈم تەھتىدى سېلىش» دېگەنلەر جىنايەت دەپ بىكىتىلگەن. بۇ خىلدىكى جىنايەتلەرنى بىكىتىشتە شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يوللىغان تېمىلىرى ۋە قالدۇرغان ئىنكاسلىرىمۇ پاكىت سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. شۇڭا، تەنتەك قىلمىشلىرىمىزنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى تارتىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن. ئۇنداق بولمىغاندىمۇ، بۇ خىل نەرسىلەر بىزنىڭ بىخەتەر بىر ئىنسان ئەمەسلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، نۇپۇس، ئىقامەت، پاناھلىق، ۋەتەنداشلىق ۋە ۋىزا… قاتارلىق ئىشلاردا ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. بولمىسا، ھازىر تۈركىيەدىكى قىسمەن كىشىلەردە كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش، ئۆزلىرىنىڭ نامۇناسىپ ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى ئىقامەت ياكى ۋەتەنداشلىقى چىقمىسا، تەشكىلاتلاردىن قاخشاپ ئولتۇرىدىغان ئىش چىقىدۇ.

نۆۋەتتە، خەلقئارالىق مۇخبىرلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ۋەتەنگە بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئۇچۇر مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدۇق. شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلىكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينىكى. دۇنيا بۇ ئەينەك ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىدۇ ۋە بۇ چۈشەنچىسىگە ئاساسەن خىتاينىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ تاشقى دۇنياغا قالدۇرىدىغان ئوبرازىمىز ئىنتايىن مۇھىم. بۇ نوقتىدىن، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.

ئەمدى ئۇزۇندىن بۇيان تور دۇنياسىدا مەۋجۇت بولغان، يېقىنقى كۈنلەردە بىر ئاز كۈچىيىپ قالغان، مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن ئەزۋەيلىگەن ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلار بىلەن دە-تالاش قىلىش، ھەتتا ئۇلارغا ئۆلۈم تەھدىدى سېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ خىلدىكى جەڭگى-جىدەللەر مىللىي مەنپەئىتىمىزگە تامامەن زىتتۇر. مەيلى ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىش بولسۇن، مەيلى ھۇجۇمغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇپ تېخىمۇ ئەزۋەيلەش بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئىتىمىز نوقتىسىدىن ئېيتقاندا تولىمۇ خەتەرلىك. قان-ياشلىق ئۆتمۈشىمىز تەكرار ئىسپاتلىغانكى، دىنىيلىق بىلەن مىللىيلىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماسلىق سىياسىي ساھەدىكى ئىختىلاپلىرىمىزنىڭ نىگىزىنى تەشكىل قىلىدۇ.

مۇسۇلمان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىسلامغا قىلىنغان ھاقارەتنى قەتئىي قۇبۇل قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى ئويلايدىغان ھەر قانداق بىر كىشى، مەيلى ئۆزى مۇسۇلمان بولسۇن-بولمىسۇن ياكى ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇر بولسۇن، بۇ نوقتىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن، بۈگۈنكى دۇنيادا قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىش شەخسنىڭ ئەركىنلىكى. شۇڭا ئېتىقاد ئۆزگەرتكەن كىشىلەرگە، تېخىمۇ ئۇچۇق ئېيتقاندا، ئىسلامدىن چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان كىشىلەرگە، ئاھانەت قىلىش ۋە ھۇجۇم قىلىشمۇ توغرا ئەمەس. ھەر كىمنىڭ ئۆز ئېتىقادى بىلەن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا باغرى كەڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك مىللىي مەنپەئىتىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر.

دىنغا ھۇجۇم قىلىش ۋە دىنغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنىڭ مىللىي ۋە دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىشى ياكى سىياسىي تۈس ئېلىشى تېخىمۇ تەھلىكىلىكتۇر. ئالايلۇق، ئىسلامغا قارشى ھۇجۇمنىڭ «مىللەتچىلىك، ئۇيغۇرچىلىق» قالپىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى ياكى تامامەن ئەكسىچە، مىللەتپەرۋەرلىككە قارشى ھۇجۇمنىڭ «ئىسلامچىلىق، تەقۋادارلىق» قالپىقى ئاستى ئېلىپ بېرىلىشى مىللىتىمىزنى چوڭقۇر ئىدېئولوگىيىلىك قايمۇقۇش ۋە تۈگىمەس دە-تالاشقا غەرق قىلىدۇ. يىللاردىن بۇيان داۋام قىلغان «مىللەتچىلىك» نامىدىكى دىنغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن «دىنچىلىق» نامىدىكى ئۇيغۇرلۇققا ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەسىرىدە، ئاللىقاچان ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «مىللەت، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرلۇق ۋە ئۇيغۇرىستان»…دېگەنلەرنى دىنغا قارشى؛ «دىن، ئىسلام، ئۈممەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەنلەرنى ئەرەبپەرەس، مىللەتكە قارشى دەپ چۈشىنىدىغان بولۇپ بولدى. بۇ خىل يامان سۈپەتلىك قۇتۇپلىشىش ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك ۋە چۈشىنىشمەسلىككە يول ئېچىۋاتىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. بۇ خىل ئىشلاردا ئوت قويرۇقلۇقى قىلىۋاتقان كىشىلەر مەيلى تەقۋا مۇسۇلمان بولسۇن، مەيلى سادىق مىللەتچى بولسۇن، پەقەت خىتاينىڭ غالچىسى بولمىسىلا، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى مىللىي مەنپەئىتىمىز نوقتىسىدىن قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى زۆرۈر. بولمايدىكەن، بۇ خىل دەتالاش مىللەتنىڭ داۋاملىق پارچىلىنىشىغا ۋە دىققەتنىڭ خىتاينىڭ زۇلمىغا قارشى بىرلىشىشتىن ئىچكى نىزاغا مەركەزلىشىشىگە يول ئاچىدۇ.

ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتەيكى، دۈشمەنگە ئىشلەش ئۈچۈن چۇقۇم جاسۇس بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. دۆت بولساقلا بولدى. دۈشمەن ھەر قاچان بىزنى پايلاپ تۇرىدۇ. يانپاشقا چىقىپ بەرسەكلا قىلچە ئىككىلەنمەي قاتتىق پاتۇرۇپ سالىدۇ. تارىخىمىز تەنتەكلىكىمىز تۈپەيلى تۆلەنگەن بەدەللەر ۋە كۆز-ياشلار بىلەن تولغان. قەھرىمانلىق قىلىدىغان چاغدا مۈكۈنۈۋالىدىغان، تەمكىنلىك قىلىدىغان چاغدا قىززىق قانلىق قىلىدىغان ھېسسىي خارەكتېرىمىز سەۋەبىدىن نۇرغۇن قوزغىلاڭلىرىمىز مەغلۇب بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي پۇرسەتلەر قولدىن كەتكەن. ناۋادا يەنە ئىبرەت ئالمىساق، نۆۋەتتىكى پۇرسەتلەرمۇ قولدىن كېتىدۇ. دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغانلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن تولغان.

2020- يىلى، 21- ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن