پىروففىسور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق تۈركىيە داڭلىق تاراتقۇلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇپەسسەل ئاڭلاتتى

ئەردەم

2020-10-21

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تۈركىيەنىڭ ئاكادىمىك دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستانلىق كىملىكى بىلەن خىتتاي تەتقىقاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىدە ئالدىغا چىققان ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتلىرى ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى، جەمىيەتشۇناس پىروففىسور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق تۈركىيەدىكى مۆتىۋەر ژورنال، كىتاب ۋە تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاكادىمىك سەۋىيىدە ئىزچىل كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ كەلمەكتە.

يىقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بىر قانچە ماقالىلەرنى ئىلان قىلغان ۋە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئابدۇرەشىد قارلۇق خىتتاي لاگىر قۇرۇلۇشى باشلىغاندىن بېرى ئاكادىمىك بىلىمى ۋە كىملىكى بىلەن جەسۇر شەكىلدە قارشى چىققان ۋە خىتتاي دائىرلىرىنى تەنقىت قىلىپ، خىتتاينىڭ خىتتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا سىياسىتىنى خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى تۈركىيەدە ئىلمىي سەۋىيەدە ئاڭلىتىپ كىلىۋاتقان ئىدى.

تۈركىيە جامائەت ئەپكارى تەرىپىدىن خۇسۇسەن مۇئەييەن سەۋىيەدىكى سىياسەتچى، ئاكادىمىكلار ۋە بيوكراتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا سەزگۈرلىكىنى قوزغاپ تۋىتتىر قاتارلىق تاراتقۇلاردا كەڭ تەسىر پەيدا قىلغانلىقى سەۋەپلىك 2019-يىلى خىتتاي ئەلچىخانىسى مەخسۇس ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ قارىلىغان، خىتتاي غالچىسى دوغۇ پىرىنچەككە ئائىت مىدىيا تەڭكەش قىلغان. خىتتاي خادىملىرىنىڭ بىۋاستە تەھدىتىگىمۇ ئۇچرىغان.

يىقىندا 11نەپەر ئوتيۈرەك ئۇيغۇرلار بىلەن ئەنقەرەدە ئاخبارات ئىلان قىلىش پائالىيىتى تەشكىللىگەن، بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كەلگەنلەرنى كۈتىۋالغىلى ئالدىغا چىققان، ئۇلار ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن ئەلەم بىلەن ياندۇرۇلغاندا بۇنىڭغا قارشى كەسكىنلىك بىلەن ئاشكارا سۆز قىلغان ساناقلىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرى ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق مۇئەللىمدۇر. ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق مۇئەللىمنىڭ ۋەتەندە قالغان كىچىك ئىنىسى ئ‍ۈچ يىلدىن بىرى لاگىردا بولۇپ، 11 يىللىق ھۆكۈم قىلىنغان.  يەنە بىر ئېنىسى ئېغىر قىيىن قىستاق ۋە تىببىي سىناقلار تۈپەيلى پالەچ قىلىنىپ 90 ياشلىق ئانىسىغا تاشلاپ بىرىلگەن. بىر ئاكىسى ئۈرۈمچىدىكى لاگىردا بولۇپ، ھازىرغىچە ھىچقانداق خەۋەر ئالالمىغان. بىر جيەنى 15 يىللىق ھۈكۈم قىلىنىپ لاگىرلارغا سولانغان. يەنە نۇرغۇن يېقىن تۇغقانلىرىدىن ھازىرغىچە خەۋەر ئالالمىغان.

  ئابدۇرەشىد مۇئەللىم يازغان ماقالىلەردىن مەن تايىنلق تۈركچەم بىلەن كۆز يۈگۈرتۈپ ئوقۇپ چۈشەنگىنىمچە ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن. تەرجىمەدىكى خاتالىقلار بولسا قۇسۇر پىقىردىن، ئابدۇرەشىد مۇئەللىمنىڭ مىللەت ئۈچۈن يازغان قەلەملىرىگە دەرت يەتمىگەي!

سىنتەبىردە، ئابدۇرەشىد مۇئەللىم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ  پارلامىنتو ژورنىلىدا مەخسۇس ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت چوڭ بەش بەتلىك ماقالە ئىلان قىلغان. مەزكۇر ژورنال تۈركىيە پارلامېنتىدىكى كۈچلۈك بىيوكراتلار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان،  بارلىق پارلامىنت ئەزالىرى، پۈتۈن سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار ئوقۇيدىغان موھىم بىر ژۇرنال ھىسابلىنىدۇ. ئابدۇرەشىد قارلۇق مۇئەللىم مەزكۇر ژورنالدا ئىلان قىلىنغان:« خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كەلگەن باسقۇچى: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە: خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بىسىۋالغاندىن كىيىن نوپوۇس قۇرۇلمىسى، جەمىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشتىكى شۇم پىلان ۋە ئەمەلىيەتلىرى، خىتتاي تەسىس قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ  ھەر جەھەتتىن چەكلىنىشى، ئىسلام دىنىنىڭ چەكلىنىشى، خىتتاي كۆچمەنلەرگە ئالاھىدە ئىمتىياز بىرىپ، ياش ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇشى، لاگىر مەسىلىسى، تۇغۇت چەكلەش سىياسەتلىرى، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ سولاشتىكى باھانەلىرى بىر-بىرلەپ پاكىتلىرى بىلەن يىزىلغان. پىروففىسور ئابدۇرەشىد ئاخىرىدا يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك خۇسۇسلارنى بىرمۇ بىر تەكىتلەپ، موھىم تەكلىپلەرنى بەرگەن. 

پىروففىسور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق تۈركىيە ئوڭچىل مۇھاپىزىكار  مىللەتچى زىيالىيلارنىڭ ژورنىلى«چۈشەنچە» ژورنىلىدا «خىتتاينىڭ ئىشكەنجە كۈلتۈرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم توغرىسىدا» دىگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئىلان قىلغان.  ماقالىدە، خىتتاي بىلەن تۈركلەرنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئۇرۇشلىرى ۋە تۈرك دۈشمەنلىكىنىڭ  خىتتاينىڭ زىھنىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى ۋە ئ‍ىزچىل ھالدا تۈرك تىللىق خەلقلەرنى دۈشمەن ۋە تەھدىت كۆرۈپ كەلگەنلىكى،خىتتاينىڭ ئىشكەنجە ۋە قىيناشتىن زوق ئالىدىغان ئېستېتىكىسىنى خىتتاي مەنبەلەرىدىن بىرمۇ- بىر كۆرسەتكەن ئابدۇرەشىد قارلۇق مۇئەللىم،  خىتتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم ئىشكەنجە ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگزىۋاتقانلىقىنى شىددەت سوتسىئولوگىيەسى نۇقتىسىدىن يورۇتقان. نۆۋەتتە خىتتاينىڭ شىددەت ۋە ئىشكەنجەسىنىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرلار بىلەنلا ئەمەس، ئاللىبۇرۇن غەربىي تۈركىستان ھەتتا تۈركىيەدىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسەتكەن، خىتتاي تەھدىدىنىڭ ئەسلا شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ يىل 10-ئايدا نەشىر قىلىنغان «كۆچمەنلەر جەمىيەتشۇناسلىقى – تۈركىيەدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابتا ئابدۇرەشىد مۇئەللىمنىڭ« تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تۈرك كۆچمەنلىرى ۋە يولۇققان مەسىلىلەر» ناملىق 44 بەتلىك ئىلمىي ماقالىسى ئىلان قىلىنغان. ماقالىدە  تۆۋەندىكى مەزمۇنلار سۆزلەنگەن:« خىتتاينىڭ يوقسۇللاشتۇرۇش ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتى (ئىقتىساد، دىن، مائارىپ، كۈلتۈر، ئېستېتىكا، ئىكولوگىيە جەھەتتىن)، ئۇيغۇرلارنىڭ 100 يىللىق كۆچمەن تارىخى: 1964- يىلىدىن باشلانغان كۆچ-كۆچلەر، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كىلىشى، تۈركىيەدە يەرلىشىش، تۈركىيەدىكى ئەھۋالى ۋە يولۇققان مەسىلىلەر: ئىقامەت، داۋالىنىش، ئىشلەش رۇخسىتى، مائارىپ ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى. لاگىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بالىلار ۋە پارچىلانغان ئائىلىلەر، خىتتاي تەھدىتى ۋە خاتىرجەمسىزلىك،  جەمىيەتتە چەتكە قېقىلىش، ئېچكى بىكىنمىچىلىك، سۈيئىستىمالچىلىق قاتارلىقلار توغرىسىدا پاكىت دەلىللەر قاتارلىقلارنى يازغان.

ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، پىروففىسور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە تۈركىيەدەكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ  مەسىلەلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كونكرىت تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلاردىن بەزىلىرى مۇنداق:  تاشقى جەھەتتىن: تۈركىيەدە خىتتاينى تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس بىر ئورگان قۇرۇش، تۈركىيەنىڭ خىتتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە ئەكىلىش، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈش، خىتتاي ئۈچۈن ھاياتى ئەھمىيىتى بولغان تۈركىيەنىڭ ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاچ بولغان  يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، بۇنداق بولمىغاندا خىتتاينىڭ بۇ ئەللەردە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش، خىتتايدىكى تۈرك ئەلچىخانىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش سەزگۈرلىكى بار ئەلچى ۋە دىپلومات ئەۋەرتىش، تۈركىيەدە خىتتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى كۈزىتىدىغان رەسمىي بىر ئورگان تەسىس قىلىش،  ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، مەدەنىي دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. نەتىجىدە تۈرك دۆلىتىنىڭ ئۆزگەرمەس بىر ئۇيغۇر سىياسىتىنى بېكىتىش.

ئىچكى جەھەتتىن:« تۈركىيەدە قاپسالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ۋەتەنداشلىق ئىشلىرىنى بىر تۇتاش ھەل قىلىش ۋە ئاناتولىيىدە تۈركىستان مەھەللىسى تەسىس قىلىش،  ئەڭ باشتا ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئۇيغۇر كۈلتۈرىنىڭ بۇ يەردە قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىپلوم تەڭقىسلىقى، ئوقۇش خراجىتى تۆلىيەلمەسلىك قاتارلىق قىيىنچىلىقلىرىغا كەڭچىللىك قىلىش، ئەلا ئوقۇغان ئۇيغۇرلارغا بولۇپمۇ تىببىي پەن ۋە ئىنژىنىرلىق كەسىپلىرىدە  يۇقىرىلاپ ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ ئوقۇش پۇلى قىيىنچلىقىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ۋەتەنداشلىق ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈركىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بيوكراتلار تەرىپىدىن چىقىرىلىپ بيوكرات، ئاكادىمىكلار ۋە ئۇنىۋېرسىتىت مۇدىرلىرى ئوقۇيدىغان «جاھاننامە» ژۇرنىلىدا « خىتتاي چۈشى ۋە يەرشارى خاراكتىرلىك جاھانگىرلىك » سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئىلان قىلغان. بۇ ماقالەسىدىمۇ خىتتاينىڭ شى جىنپىڭ بىلەن باشلىغان خىتتاي چۈشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتتاينىڭ بىر جاھانگىرلىك ستراتىگىيەسى ئىكەنلىكىنى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر يول بىر بەلباغ قۇرۇلۇشىغا كۈچىگەنلىكى، بۇنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنى تامامەن تەسىرسىزلەشتۈرۈش كىرەكلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەن خىتتاينىڭ 2016- يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك جازا يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى ئىلمىي پاكىتلار ۋە قايىل قىلارلىق ئاكادىمىك تىلدا بايان قىلغان. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلداشى، دىنداشى، قانداشى تۈرك-ئىسلام دۆلەتلىرى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن زۇۋانى تۇتۇلغانلىقىنى، بۇ دەۋلەتلەردىكى كۈچلۈك خىتتاي لوبىچىلىقى، خىتتاينىڭ قەرز دىپلوماتىيىسى، دىكتاتور ئائىلە مەنسۇپلىرىغا ئىمتىياز بېرىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى خىتتايپەرەستلەشتۈرۈش…

 تۈركىيەدە ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشۋىقات ئورگىنى بولغان ئاناتولىيە ئاگىتنلىقىدا ئىلان قىلىنىدىغان مۇلاھىزە ۋە كۆزقاراشلارغا باغلىق. ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق مۇئەللىمنىڭ بۇ يەردە 15- ئۆكتەبىر ئىلان قىلغان:« كۈچەيگەنسىرى يالغۇز قىلىۋاتقان ۋە قورشاۋغا ئىلىنغان خىتتاي ۋە ئۇنىڭ چاتاقلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى بەلكىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تۇنجى ئىلان قىلغان مەۋقەسى ۋە مۇددىئاسى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ماقالە بولسا كىرەك. بۇ ماقالە ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆپلەپ ئوقۇشقا ۋە باشقا تاراتقۇلاردا كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان. موھىم ئانالىزچىلەرنىڭ ئانالىزىدە پايدىلىنىلغان.

 مەنبەلەر:

Çin in Doğu Türkistan Sorununda Geldiği Safha Uygur Soykırımı,

https://www.academia.edu/44168706/%C3%87in_in_Do%C4%9Fu_T%C3%BCrkistan_Sorununda_Geldi%C4%9Fi_Safha_Uygur_Soyk%C4%B1r%C4%B1m%C4%B1

Çin’in İşkence Kültürü ve Doğu Türkistan’daki Zulmü Üzerine, http://www.dusuncedergisi.com.tr/sayi-11-siddet/211/selefilik-siddete-cagri

Çin rüyası ve küresel hegomanya

http://www.cihannuma.org/cihannumadergi/3/mobile/index.html

Türkiye’deki Uygur Türkü Göçmenler ve Karşılaştıkları Sorunlar

https://www.academia.edu/44312125/T%C3%9CRK%C4%B0YE_DEK%C4%B0_UYGUR_T%C3%9CRK%C3%9C_G%C3%96%C3%87MENLER_VE_KAR%C5%9EILA%C5%9ETIKLARI_SORUNLAR

Yükseldikçe çevrelenen, yalnızlaşan Çin’in sorunları

https://www.aa.com.tr/tr/analiz/gorus-yukseldikce-cevrelenen-yalnizlasan-cin-in-sorunlari/2007057

avazlıq variyanti:

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن