ئۆتمۈشتىكى جانغا زامىن بولغان ۋابالار

ف. تارىم

2020-10-20

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

يۇقۇملۇق كېسەل ئادەتتە ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. بىرى ۋىرۇس خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، يەنە بىرى بولسا باكتېرىيە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بۈگۈنكى ختاي ۋىرۇسى دەل ۋىرۇس خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ۋابا ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بارلىققا كېلىشتىن باشلاپ ئىنسانلار ۋابا بىلەن كۈرەش قىلماقتا.مەن تۆۋەندە ئىنسانلار تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بىر قانچە ۋابانى تونۇشتۇرماقچى.

1. چۇما ۋاباسى (Black Death)

چۇما ۋاباسى بولسا 14- ئەسىردە ياۋروپادىن تارقىلىپ پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. بۇنى چۇما تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چاشقان، توشقان ۋە سۇغۇر قاتارلىق غاجىلىغۇچى ھايۋانلار بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغاندىن كېيىن، بۈرگە ئارقىلىق ئادەمگە يۇقىدۇ. يۇقۇملانغان ئادەمدە قىزىش، ئەس – ھوشىنى يوقىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەننى چوڭ قارا داغلار قاپلاپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (شۇ سەۋەبتىن قارا ئۆلۈم كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) چۇما ۋاباسىنىڭ تارقىلىش يوللىرى بولسا چاچراندىدىن، جاراھەت ئېغىزىدىن ۋە ھەزىم قىلىش يوللىرىدىن يۇقىدۇ. بۇ كېسەللىك ھەر قانداق ئادەمگە يۇقىدىغان بۇلۇپ، ياش، جىنىس ۋە ئىمونىت كۈچى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. چۇما ۋاباسىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بۇلۇپ، ئادەتتە يۇقۇملانغان كىشى بىر ھەپتىگە قالماي جېنىدىن ئايرىلىدۇ. 14- ئەسىردە ياۋروپادا چۇما ۋاباسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 25 مىليوندىن ئاشقان ئىدى. (ئۇ ۋاقىتتا ياۋروپانىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 75 مىليون ئىدى.) چۇما ۋاباسى سەۋەبلىك ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەت بولسا ئىتالىيە.( يېرىمدىن ئارتۇق نوپۇس مۇشۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.) بۇ قېتىملىق ختاي ۋىروسىدىمۇ ئىتالىيىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولغان. كېيىن چۇما ۋاباسى پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان بۇلۇپ، 150 مىليوندىن ئارتۇق ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر بۇ كېسەللىكنىڭ كىمدىن، نېمىدىن ۋە ياكى قەيەردىن يۇقىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە ھەممە ئادەم خاتىرجەمسىزلىك ۋە چېكىدىن ئاشقان ئەندىشە ئىچىدە ياشايتتى. شۇ مەزگىلدە بەزى كىشىلەر بۇ ۋابانى يەھۇدىلار تارقاتقان دەپ ئىغۋا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپانىڭ ھەممە يېرىدە يەھۇدىلارنى كۆرسىلا ئۆلتۈرىدىغان، ئۇرىدىغان، پەس كۆرىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن ياۋروپادىكى كىشلەر خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بۇلۇپ، يەھۇدىلارنىڭ دىنى ئايرىم ئىدى. يەنە بىر سەۋەب بولسا خرىستىئانلارنىڭ “خۇداسى” بولغان ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى يەھۇدى ئۆلتۈرۈۋەتتى دەپ قارىغاچقا، ياۋروپالىقلار تېگىدىن يەھۇدىلارغا ئۆچ ئىدى. دېمەك ئازراق ئىش يۈز بەرسە ھەممە ئادەم يەھۇدىلاردىن كۆرەتتى.

چۇما ۋاباسىدا ئەڭ كەسكىن چارە ئېلىپ بارغان شەھەر بولسا ۋېنىتسىيە. ئۇلار ئالدى بىلەن پورتنى قامال قىلغان. ھەمدە ھەرقانداق كېمە – پاراخوتلار ۋېنىتسىيىگە كىرمەكچى بولسا 40 كۈن ئۆزىنى پورتتا كارانتىغا ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان. كېيىن بۇ ئۇسۇل ئۈنۈم بەرگەچكە، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈلگە ئالغان. ئىنگلىزتىلدا ئايرىۋېتىش بىلەن كارانتىن ئوخشاش بىر سۆز يەنى – Quarantine. بۇ سۆز دەل ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېنىتسىيىنىڭ شىۋىسىدىن ئىنگلىزتىلىغا كىرگەن.(مەنىسى بولسا 40 كۈن.)

چۇما ۋاپاسى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پۈتۈن ياۋروپادا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئەڭ ئاۋۋال دىندا ئۆزگىرىش بولدى. ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادىكى ئاساسلىق دىن بولسا كاتولىك دىنى ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىنىڭ ھەممىسى لاتىنچە يېزىلغان بۇلۇپ، پوپلار كىتابلارنى خەلق ئاممىغا لاتىنچە ئوقۇپ بېرەتتى ۋە تەبلىغ قىلاتتى. چۇما ۋاباسى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان پوپلار ئۆلۈپ كەتكەچكە، لاتىنچىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان ئادەملەر ساناقلىق قالدى. دەل شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مۇقەددەس كىتابنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ يېزىشقا باشلىغان.

ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى Dan Brown “ئەدەبىيات − سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى”نى 14- ئەسىردە يۈز بەرگەن چۇما ۋاباسىغا باغلايدۇ. ۋابادىن كېيىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى. ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ باقمىدى. (چۈنكى نۇرغۇن ئادەم ۋابا سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن.) كىشىلەرنىڭ كىرىمى يۇقىرىلىدى. شۇڭلاشقا كۆپلىگەن كىشىلەر زېھنىنى يېڭى نەرسىلەرگە قاراتتى ۋە تەتقىق قىلدى. ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا تۈپ مەسلە ئاشلىق ئىدى. ئاساسەن قورساق تويغۇزۇش، جان بېقىشتىن باشقا ئىش يوق ئىدى.

چۇما ۋاباسى 14- ئەسىردىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە كۆپ قېتىم يامرىغان بولسىمۇ، ھېچكىم چۇما ۋاباسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولغىنىنى بىلەلمىگەن ئىدى. 1894- يىلى چۇما ۋاباسى شىياڭگاڭ ۋە گۇاڭجۇدا پارتلىغان چاغدا ھەر قايسى دۆلەت بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەڭ ئاخىردا فرانسىيىلىك باكتېرىئولوگ Alexandre Yersin بىلەن ياپونىيىلىك باكتېرىئولوگ Kitasato Shibasaburō چۇما تاياقچە باكتېرىيىسىنى بايقىغان. كەينىدىن 40 يىل ئۆتۈپ ئىنسانلار چۇما باۋاسىغا قارىتا دورا ۋە ۋاكسىنىلارنى تەتقىق قىلىپ چىققان. لېكىن بۇ دورىلار چۇما ۋاپاسىنى تۈپتىن ساقايتالمايدۇ. ھېلى ھەم بەزى كىشىلەر چۇما ۋاباسىغا گىرىپتار بولماقتا. يېقىندا يەنى 2017- يىلى چۇما ۋاباسى ماداگاسكاردا پارتىلغان بۇلۇپ، 2400 دىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملانغان ۋە 200 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

چۇما ۋاباسى بولسا باكتېرىيىدىن تارقالغان. شۇڭا ئۇ ۋىرۇستىن پەيدا بولغان ۋاباغا ئوخشىمايدۇ. يەنى باكتېرىيىلەر جانلىقلارنىڭ تېنىدىن ئايرىلىپمۇ ياشىيالايدۇ. لېكىن ۋىرۇس بولسا جانلىقلار تېنىدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ. ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ تۇرىدىغان بۇلۇپ، بۇ مەزگىلدىمۇ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدۇ. يوشۇرۇن مەزگىلىدىن ئۆتكەندە ئادەمنى ھۆتەلدۈرۈپ، چۈشكۈرتۈپ ئۆزىنىڭ تارقىلىشىغا يول ئاچىدۇ.(دېمەك ۋىرۇس خېلىلا ئەقىللىق)

2. ئىسپانىيە تارقىلىشچان زۇكىمى

بۇ كېسەل 1918- يىلى پارتلىغان بۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا نوپۇسى 2 مىليارد ئەتراپىدا ئىدى. جەمئىي 500 مىليون ئادەم يۇقۇملىنىپ، تەخمىنەن 50 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.

ئۇنداقتا ئىسپانىيە زۇكىمى قانداق پارتلىغان؟

1917- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى ئامېرىكا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر سانى 200 مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ، ئەسكەر سانى يېتىشمىگەچكە ئۇلار ھەر تەرەپتىن يېڭى ئەسكەر قوبۇل قىلىپ لاگېر قۇرۇشقا باشلايدۇ. (ئىسپانىيە زۇكىمى دەل ئامېرىكىدىكى ھەربىي لاگېردا پارتلىغان.) 1918-يىلى 3- ئايدا ئامېرىكىنىڭ كەنساس شتاتىدىكى ھەربىي لاگېردا بىر ئەسكەر قاتتىق زۇكامداپ قىزىپ كېتىدۇ. بىر كۈن بۇلا بولماي يۈز نەچچە ئەسكەرلەردە بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بىر ئايدىن كېيىن يۇقۇملانغان ئادەم سانى 1100 دىن ئېشىپ، 46 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ( ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى جىق بولغاچقا 46 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى چوڭ تەسىر قوزغىمىغان.) 1918- يىلى 4- ئايدا بىر تۈركۈم مەشىقلەندۈرۈلۈپ بولغان ئەسكەرلەر ياۋروپاغا يول ئالىدۇ. ئۇلار قورالدىن باشقا يەنە تارقىلىشچان زۇكامنىمۇ ياروپاغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەسكەرلەر لاگېردا توپلىشىپ تۇرغاچقا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى تېز بولغان. ئەسكەرلەر بىلەن خەلق ئارىسىدا ۋاسىتىلىك ئالاقە بولغاچقا بۇ كېسەل پۇقرالارغىمۇ يۇقۇشقا باشلىغان ئىدى.

بۇ كېسەل ئامېرىكىدا بايقىلىپتىكەن. ئۇنداقتا نېمىشقا ئىسپانىيە زۇكىمى دەپ ئاتالدى؟

ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مىدىئانى قاتتىق كونترول قىلغان بولۇپ، ئۆزىگە زىيانلىق بولغان خەۋەرلەرنى ئۇرۇش مەزگىلىدە قەتئىي تارقاتمايتتى. ئىسپانىيە بىتەرەپ دۆلەت بولغاچقا خەۋەرلەر ئەركىن تارقىلاتتى. شۇڭا ئىسپانىيىدىكى مىدىئا – مەتبۇئاتلار يېڭى زۇكامنىڭ تارقالغانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان يەرلىكلەرنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى كۈچەپ تارقاتقان. ھەتتا ئۆز پادىشاھى Alfonso XIII نىڭمۇ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ھەممە ئادەم كېسەل توغرىسىدىكى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى ئىسپانىيە مەتبۇئاتىدىن بىلگەچكە بۇ ۋاباغا ئىسپانىيە تارقىلىشچان زۇكۇمى دەپ نام قويغان. ( ئىسپانىيە خەلقىگە ئۇۋال بولغان.)

1918- يىلى 7- ئايدا ۋابا بىراقلا بېسىقىپ قالغان. كىشىلەرمۇ كېسەللىك تۈگىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۆز ئىشىغا مۇپتىلا بولغان ئىدى. لېكىن 8- ئايدا ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ پارتىلاش يۈز بەرگەن. 2- قېتىملىق پارتىلاشنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا ئۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش ئۈچۈن نامايىشلار كۆپ ئېلىپ بېرىلاتتى. كىشىلەرمۇ جىق توپلىشىدىغان بۇلۇپ، بوستوندىكى بىر قېتىملىق “ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش” نامايىشىسىگە 4000 غا يېقىن ئەسكەر قاتناشقان ئىدى. نەتىجىدە بىر ئايدىن كېيىن بوستۇندا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 3700 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بوستون شەھرى جىددىي ئەھۋالغا كىرگەن. 1918- يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى فلادېلفىيەدە ئۇرۇشقا پۇل توپلاش ئۈچۈن 200 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغان. بوستوننىڭ ئېغىر ئەھۋالىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەھىيە خادىملىرى نامايىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ نامايىش ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. چۈنكى “كېسەللىك مۇھىم ئەمەس، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئەڭ مۇھىم” دېگەن شوئار ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن ئىدى. ئاقىۋەتتە بىر ئايدىن كېيىن فلادېلفىيەدە تارقىلىشچان زۇكام سەۋەبلىك ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى 12 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

3. چېچەك ۋاباسى (smallpox)

چېچەك كېسىلى 3000 يىل ئاۋۋالقى مۇمىيادىمۇ بايقالغان بۇلۇپ، تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بىر كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. چېچەك كېسىلىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 30% دىن يۇقىرى بۇلۇپ، ساقايسىڭىزمۇ بەدىنىڭىزدە داغ – تاتۇق ۋە ئاسارىتى قېلىپ قالىدۇ. 18- ئەسىردە چېچەك كېسىلى ياۋروپادا كەڭ تارقالغان ۋە ئەڭ ئاز بولغاندا 150 مىليون ئادەم مۇشۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن.

1796- يىلى ئەنگلىيىلىك ئالىم Edward Jenner سۈت سىغىدىغان ئادەملەرنىڭ چېچەك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان. نېمە ئۈچۈن ئۇلار چېچەك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ دېگەندە، بۇ كىشىلەرگە كالىدىن بىر خىل كېسەللىك يۇقىدىكەن. بۇ كېسەللىك چېچەك كېسىلىگە ئوخشاپ قالىدىغان بۇلۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدىنىنى كىچىك قىزىل داغلار قاپلايدىكەن. لېكىن ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە بىمار پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىدىكەن. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى كالا چېچىكى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمگە چېچەك كېسىلى قەتئىي يۇقمايدىكەن. Edward Jenner كالىدىن كالا چېچىكىنى ئايرىپ ئېلىپ ئادەمنىڭ بىلىكىنى بىر ئاز سۈرۈپ كالا چېچىكىنى يارا ئېغىزىغا سۈركەپ قويۇش ئارقىلىق سىناق ئېلىپ بارغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە قازانغان. نەتىجىدە دۇنيادىكى تۇنجى ۋاكسىنا بارلىققا كەلگەن.

1978- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيادا چېچەك ۋىرۇسىنىڭ تۇللۇق يوقۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە كۆپلىگەن دۆلەت بۇ كېسەلگە قارىتا ۋاكسىنا ئۇرۇشنى توختاتقان. ھازىر دۇنيادا پەقەت ئامېرىكا ۋە روسىيە تەجرىبىخانىسىدا چېچەك ۋىرۇسنىڭ ئەۋرىشكىسى ساقلانغان بۇلۇپ، يوقاتماسلىقىدىكى سەۋەبى بولسا تېررورچىلار قوللىنىپ قالسا ياكى قايتىدىن پۈتۈن دۇنيادا يامراپ قالسا بۇ ئەۋرىشكىلەردىن پايدىلىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىكەن.

چېچەككە ئوخشاش ۋىرۇسلار بىئولوگىيىلىك بومبىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر كىچىك بىر قۇتا چېچەككە ئوخشاش شەكلى ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنى ئادەم توپلاشقان مېترو ئىستانسىغا تارقىتىۋەتسىڭىز، ئىنسانلارنىڭ تارىخى ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

چېچەك ۋاباسى بولسا ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. ئۆلۈم نىسبىتى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرى باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. يۇقۇملىنىپ ساقايغان تەقدىردىمۇ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق تاتۇقلار بەدىنىڭىزدە، ھەتتاكى چىرايىڭىزدا قېلىپ قالىدۇ. بۇ كېسەللىك تارىختىكى نۇرغۇنلىغان پادىشاھ – خان جەمەتلىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان.

ياۋروپالىقلار بۇ كېسەلنى ئامېرىكا قىتئەسىگە ئېلىپ كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىندىئانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ كېسەللىكنىڭ تالاپىتى ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئىندىئانلار ۋە يەرلىك قەبىلىلەرگە بولغان ھۇجۇم كۈچىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

چېچەك كېسىلى بىمارنىڭ ھۆتىلى، چۈشكۈرىشى، ھەتتا گەپ قىلغان ۋاقىتتىكى ئۇششاق چاچىراندىلىرىدىن يۇقىدىغان بۇلۇپ، ئەگەر كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، ناھايىتى كىچىك بولغان چاچراندىنى سۈمۈرۋالسىڭىز بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولىسىز. چېچەك ۋىرۇسى نورمالدا ئادەم بەدىنىدە 14 كۈن يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا بىماردا ھېچقانداق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. 14 كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بىمار قىزىشقا باشلايدۇ. كەينىدىنلا بەدىنىنى قىزىل داغلار قاپلايدۇ. قىزىل داغلار سۇلۇق قاپارتمىغا ئايلىنىپ پۈتۈن بەدەننى قاپلاشقا باشلايدۇ. بىمار بەدىنىنى مىدىرلىتالمايدۇ. ئەگەر مىدىراتسا بەدىنى قاناشقا ۋە ئېغىر ئاغرىشقا باشلايدۇ. (بەزى بىمارلارغا نىسبەتەن ئۆلۈش نىسبىتى 50% دىن يۇقىرى بولىدۇ.)

تۈگىدى.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن