خىتاينىڭ چۈمۈلە گۇرۇھى قارا تىزىملىككە كىرىشى مۇمكىن

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 16- ئ‍ۆكتەبىر

رېيتېر ئاگېنتلىقى 15- ئۆكتەبىر 2 نەپەر ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق خەۋەر بەردى: ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشى ترامپ ھۆكۈمىتىگە بىر تەكلىپ لايىھىسى تاپشۇرۇپ، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە تېخنىكا شىركىتى چۈمۈلە گۇرۇھىنى بازارغا كىرىشتىن بۇرۇنلا سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان.

3-نويابىر ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشنى ئىستەۋاتقان ترامپ خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشنى مۇھىم تاشقى سىياسەت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر رېيتېر ئاگېنتلىقىدىن ئېلىندى.