”قاسساپلار“، سىلەر قەيەردە؟

(خەندان)

2020-10-15

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا ئۆزۈمنى ھارغۇچە ماختايمەن، شۇڭا مېنى تازا ياقتۇرمايدىغانلار، ئوقۇماڭلار.

مەن ئالىم بولۇش ئۈچۈن يېتىشتۈرۈلگەنىدىم. كىچىكىمدىن تەبىئىي پەنلەرنى ياخشى كۆرەتتىم، شەھەرلىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە يۈز نومۇر ئالغىنىم، شەھەر بويىچە تاللىۋالغان بالىلارنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى بولۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغىنىم، تاللانغان ئەلاچىلارنىڭ ئارىسىدا بىرىنچى قېتىملىق چارەكلىك ئىمتىھاندا بىرىنچى بولۇپ ئاپامنى پەخىرلەندۈرگىنىم، چوقۇم بېيجىڭ ياكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيمەن دەپ ھەر مەۋسۇمدە «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىڭخۇاغا يۈرۈش» ناملىق مەشىق كىتابلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەپ ئۆگەنگىنىم، تولۇق ئوتتۇرىدا بىزنىڭ سىنىپنى خىتاي مەكتەپكە ئاپىرىۋەتكەندە تەڭسىزلىكلەرنى يەتكۈچە كۆرۈپ ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرسەتكۈدەك ئوقۇشقا ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگىنىم، خىتاي فىزىكا مۇئەللىمىمىزنىڭ: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ھامان ئوغۇللارنىڭ كەينىدە قالىدۇ» دېگىنىگە ئىككىنچى بولغان ئوغۇل ساۋاقدىشىمدىن 50 نومۇر يۇقىرى ئالغىنىم… دېگەنلەرنى ئويلىسام، ئۇيغۇر تەبىئىي پەن مۇئەللىملىرىمنىڭ مەندىن قانچىلىك چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەنلىكىنى، ھەتتا تولۇقسىزدا چۈشكۈنلۈك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان خىمىيە مۇئەللىمىمنىڭ ئاخىرقى قېتىم سىنىپقا كىرگەندە پەقەت ماڭىلا گەپ قىلغىنى يادىمغا چۈشۈپ، ئىچىمدىكى ئوت يەنە بىر قېتىم لاۋۇلداپ كۆيىدۇ. شۇنداق، مەن ئەسلىدە ئەدەبىياتنى ئەڭ ئاسان بىر پەن دەپ قاراپ، ئەدەبىيات دەرسلىرىدە خىمىيە، ماتېماتىكا مەشىقلىرىنى ئىشلەپ ئولتۇرىدىغان، مۇئەللىملەرمۇ: «سىز مۇنداق يەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى، شۇنىڭغا لايىق بولۇش ئۈچۈن يەنە مۇنداق نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭ» دەيدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئىدىم. ئەگەر مۇنقەرز بىر ۋەتەننىڭ بالىسى بولمىغىنىمدا بەلكىم راستتىنلا ئالىم بولاتتىم.

تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزۈم داۋالانغان داڭلىق شەخسىي دوختۇرخانا ئوقۇش تارىخىمنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، مەمۇرىي ئىشلارغا مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى: «دىپلوملىرىڭىز ئۈچۈن ‹باراۋەرلىك گۇۋاھنامىسى› ئېلىپ، تۈركىيە ئېتىراپ قىلىدىغان ھالەتكە ئەكەلسىڭىزلا، ھازىرچە دوختۇرلۇق ئىمتىھانىنى بەرمىگەن بولسىڭىزمۇ كېلىپ ئىشلىسىڭىز بولىدۇ» دېگەنىدى. بەلكىم مەمۇرىي ئىشلارنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. بۇ دوختۇرخانىنىڭ مائاشى يۇقىرى ئىدى، لېكىن مەن ئۇ چاغدا ھايات ۋە ماماتنىڭ نېمىلىكىنى بەك يېقىندىن چۈشەنگەن بولغاچقا، پۇل مېنى قىزىقتۇرىدىغان نەرسە ئەمەس ئىدى. ئويلانمىدىم، ئۆزۈم ئىچىمدىن ياقتۇرىدىغان، مەن بولمىسام ئاقساپ قالىدىغان ئىشنى قىلغۇم كەلدى. مەن دوختۇر بولمىسام، تۈركىيەدە بىمارلار داۋالاشسىز قالمايتتى.

شۇنداق بىر تارىخىي دەۋردە تۇرۇۋاتقىنىمىزنى، ئۆزىمىزنى پىدا قىلىدىغان بىر مەزگىلنىڭ كەلگىنىنى ھېس قىلاتتىم، قىلىدىغان ئىشلارنىڭ جىقلىقىدا قايسى بىرىدىن باشلاشنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا، چوڭلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئەڭ كىچىكىدىن باشلاشنى نىيەت قىلدىم. مەن بالىلارغا ئامراق ئىدىم، كىچىك بىر سىنىپ بىلەن باشلانغان ساۋات چىقىرىش سىنىپى مېنى ئۆز بالىلىرىمىزنىڭ يېنىدا ئەڭ بەختلىك ئادەمگە ئايلاندۇردى، مەن ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆچمەيدىغان بىر مەشئەلنى تۇتقۇزۇشنى ئويلىدىم. سىنىپلىرىمىز ئاستا – ئاستا كېڭەيدى، تېخىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتىدە، چوڭراق پىلانلار بىلەن يەر ئىزدەۋاتقىنىمىزدا بولسا كېسەل تارقىلىپ ئۆيلەرگە قامالدۇق. تورغا يۈزلەندۇق.

مېنى «ساۋات چىقىرىشتىن باشقا نېمە قىلالايتتىڭىز؟» دېگەنلەردىن رەنجىمەيمەن، چۈنكى ئۇلار بىر تىلنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. تىل پەقەت بىر – بىرىمىز بىلەن پاراڭلىشىش ئەمەس، كىتابلىرىمىزدا ساقلانغان قىممەتلىك مىراس ۋە مەدەنىيىتىمىز تىل – يېزىقىمىز بىلەن بالىلارغا يېتىدۇ. مەيلى قانچە تىل بىلەي، مەيلى قايسى تىلدا كىتاب ئوقۇي، ھېچقاچان ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغاندەك ھۇزۇرلىنىپ باقمىدىم، بۇ ماڭا ئانا تىل دېگەننىڭ ئانىمىزنىڭلا تىلى بولماستىن، بەلكى ھۇزۇرىمىزنىڭ تىلى، كىچىكىمىزدىن بىزگە مۇھەببەت بىلەن سىڭدۈرۈلگەن تىل ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز، كۆز بىلەن كۆرۈپ، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان بىر باغنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. بالىلارغا ئۆزىمىزنى سۆيدۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك مېھىر بەرسەك ئازلىق قىلىدىغانلىقىنى تونۇتتى.

تور مەكتىپىمىزگە تىزىملاش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ ئىككى كۈنگە قالماي چەكلىك سانىمىز توشۇپ كەتكەندە، سىناق سوئاللىرىغا جاۋاب ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن سىنلاردىن بالىلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسسىياتى، قىزغىنلىقىنى كۆرگەندە، ئىچىمدىكى يەنە بىر ئوت تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ، لېكىن «سانىمىز توشۇپ كەتتى» دەپ ئۇچۇر قالدۇرغاندا، ساقلاۋاتقان يەنە نەچچە ئوت يۈرەك ئۇيغۇر بالىسىنى ئۈمىدسىز قالدۇرۇۋاتقىنىمىزنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ھېس قىلىمەن. تىلى ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغان، باشقا تىللار ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرۈۋاتقان بىر شارائىتتا «تىلىمنى ئۆگىنىمەن» دېيىشى ئاسانمۇ؟ «ئەدەبىياتىمىزنى ئۆگىتىپ قويۇڭ، مەنمۇ ئەسەر يازاي» دېيەلىشى ئاسانمۇ؟

مەن ”قاسساپ“ ئەمەس، مەن ئەسلىدە باشقا ئوقۇشلار، باشقا كەسىپ، باشقا ئارزۇلار ئۈچۈن يېتىشتۈرۈلگەن، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىر ئۆزۈم مۇھىم دەپ بىلگەن، يوقاپ كېتىشىنى ئەسلا خالىمايدىغان تىل – ئەدەبىياتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن پىدا قىلىۋەتكەنلىكىمدىن قىلچە ئۆكۈنۈشۈم يوق. ئەمما، ھەر قېتىم «قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن، بۇ ئىشلارنى ئەدەبىياتچىلارغا بېرىڭ»، «بۇ ئىشلار ئۆتۈپ – تېشىپ سىزگە قالدىمۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ”قاسساپلارنىڭ“ كىملەر ئىكەنلىگە قارايمەن، ئوقۇۋاتقان ئەدەبىياتچىلىرىمىزغا، يېزىۋاتقان كەسپىيلىرىمىزگە قارايمەن. «تىلىم ۋە دىنىمنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەق ئېلىشنى ئۆزۈمگە ھارام دەپ بىلىمەن» دېگەن پىرىنسىپىم «ئانا تىل سودىسى قىلماڭلار» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ھاردۇقۇمنى ھەسسىلەيدۇ. ناھايىتى قىسقا دەپ ئويلاپ جىددىيلىشىدىغان ھاياتىم كەم قالغان ئىشلار، ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالغان ۋەزىپىلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن بەزىدە يېرىم كېچىگىچە ئۆچمىگەن چىراغنى ھەمراھ قىلىدۇ.

يەنە بىر قېتىملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاياغلاشتى. ئەسلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقتى توغرا كەلمىگەن، 4- سىنىپ ئۈچۈن چىقارغان ئۇقتۇرۇشقا تىزىملاتقان بالىلارنىڭ يېشى ۋە سەۋىيەسى يەتمەيدىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۈمىدسىز قالدۇرغۇم كەلمىدى، «ئۆزۈم يەنە بىر سىنىپ ئوقۇغۇچى ئوقۇتسام، ئۆلۈپ قالمايمەن، دەمنى ئازراق ئالسام بولدى» دەپ ئويلىدىم.

بىز ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىۋاتقان باشقا مىللەتتىكى دوستلىرىمىزدىن كىشىلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ زېھنىنى دەۋامىزغا قاراتقانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا، كىتاب ئوقۇشنىمۇ ئارام ئېلىشتەك ھېس قىلىمەن. بىز ئاجراتقانلىرىمىز، پىدا قىلغانلىرىمىزنى ۋەتەنگە ۋە مىللەتكە ئۆتەيدىغان قەرزىرىمىز دەپ بىلدۇق، بىراق تولىمۇ چەكلىكلىك قىلىۋاتىمىز، سېپىمىزگە يەنە ئونلىغان مۇئەللىملەرمۇ ئازلىق قىلىدىكەن، ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن «تىلىمنى ئۆگىتىپ قويۇڭلار» دەپ كۈتۈۋاتقان ھەممە بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمىزدا ھەققى بار. كەسىپ ئەھلىلىرى — ئاۋامنىڭ تىلىدىكى «قاسساپلار»، سىلەر قەيەردە؟

مەنبە:

قاسساپلار، سىلەر قەيەردە؟(خەندان)ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا ئۆزۈمنى ھارغۇچە ماختايمەن، شۇڭا مېنى تازا ياقتۇرمايدىغانلار،…

Posted by Muyesser Hendan on Thursday, October 15, 2020