ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە توقۇنۇشى ئارقىسىدىكى رۇسىيە-تۈركىيە كۆلەڭگىسى

ناگورنو-قاراباغ مەركىزى خانكەنتى بومباردىمانغا ئۇچرىماقتا (7- ئۆكتەبىر)

فرانسىيە ئاۋازى، 2020- يىلى 7- ئۆكتەبىر
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 15- ئۆكتەبىر

كاۋكاز رايونى تىنچلىق ۋەزىيىتىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىش خەۋپى بار. ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە 27- سىنتەبىردىن باشلاپ، ناگورنو-قاراباغ ماجىراسى سەۋەبىدىن كەسكىن ھەربىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. بۇ بىر مەيدان ئىرقىي، تارىخىي ۋە گېئوپولىتىكىلىق كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇنۇشنىڭ ئارقىسىدا، رۇسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ رايونلۇق مەنپەئەت ماجىراسى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ.

گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت توختىماستىن چاقىرىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇرۇش ھېچبىر توختايدىغاندەك ئەمەس. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر كۈنلۈك نىسبىي خاتىرجەملىكتىن كېيىن، 6- ئۆكتەبىردىن 7- ئۆكتەبىرگىچە ناگورنو-قاراباغنىڭ مەركىزى خانكەنتى شىددەت بىلەن قىلىنغان بومباردىمانلىق بىر كېچىنى ئۆتكۈزدى. گۈدۈك ئاۋازى ھەر سائەتتە دېگۈدەك شەھەر ئاسمىنىدا ياڭراپ تۇردى، پۈتكۈل شەھەر قاراڭغۇلۇقتا قالدى. گۈدۈكتىن كېيىنلا بومباردىمان ئاۋازى يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، پارتىلاش ئاۋازىنىڭ راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، زەمبىرەك ياكى ھاۋا ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بومباردىمان سۈبھى مەزگىلىدىمۇ داۋاملاشتى. ھازىرچە بۇ بومباردىمان كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم ۋە ماددىي چىقىملارنىڭ دوكلاتى تېخى بېرىلمىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر يەرلىك پۇقرا بۇ ئەزەربەيجان قوراللىق قىسمىنىڭ 55 مىڭ پۇقراسى بار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ شىددەلىك بىر قېتىملىق بومباردىمان ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

«ھايات-ماماتلىق جەڭ»

ئىككى تەرەپ تالىشىۋاتقان ناگورنو-قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭ چېگرا ئىچىدە، ئەمما ئەرمېنىيە بۆلگۈنچى كۈچلىرى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، ئۈزلۈكسىز توقۇنۇش كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ ناگورنو-قاراباغ مەركىزى خانكەنتىنى توختىماستىن بومباردىمان قىلىۋاتقالىقىنى، ئەزەربەيجان بولسا ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان چېگراسى ئىچىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكېتا ھۇجۇمى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى، بۇ ھەربىي توقۇنۇش ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتسە، رايوننىڭ ئىككى چوڭ كۈچى بولغان رۇسىيە بىلەن تۈركىيە بۇنىڭغا كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىشى مۇمكىن. رۇسىيە ئەرمېنىيەنىڭ مۇدائىپە ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ناگورنو-قاراباغقا مۇھىم ياردەملەرنى قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا بۇ رايوننىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىش جان تومۇرى، تۈركىيە بولسا ئىرق مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان ئەزەربەيجاننى قوللايدۇ.

كاۋكاز مەسىلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئانالىزچىسى ئولېسيا ۋارتانيان (Olesya Vartanyan) رېيتېر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «90- يىللاردا ئۇرۇش توختىغاندىن بۇيان، ئالدىنقى سەپنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىراقلا ئۇرۇش پارتىلايدىغان بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان.» ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 25 يىل بولدى. ئەزەربەيجاندىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان ناگورنو-قاراباغ رايونىنىڭ رەھبىرى ئارايىك خارۇتيۇنيان (Arayik Harutyunyan) سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا: «بۇ بىر ھايات-ماماتلىق ئۇرۇش» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

ئون نەچچە يىللىق تارىخ، ئىرق، گېئوپولىتىكىلىق ئامىللار

بۇ ئەمەلىيەتتە تارىخ قالدۇرۇپ قويغان بىر مەسىلە. ئىككى تەرەپ تالىشىۋاتقان بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئەرمەنلەر، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجانغا قوشۇۋىتىلگەن، شۇنىڭغا ئەگىشىپلا جىددىي توقۇنۇش پارتىلاپ 30000 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ قېتىمقىسى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ توقۇنۇش بولۇپ، ھازىرغىچە نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كۆپلىگەن يەرلىك ئاھالىلەر نائىلاج يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى.

دوكلات قىلىنىشىچە، 1991- يىلى ئەزەربەيجان مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە تۇنجى بولۇپ ئېتراپ قىلغان. ئىككىلىسى تۈركىي تىللىق مىللەت بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت ۋە تارىخىي باغلىنىشى بار، بەزىلەر ھەتتە ئۇلارنى «ئىككى دۆلەت، بىر مىللەت» دەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى «تۈرك ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەرمېنىيەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان.» دەپ قارىغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 2009- يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئەرمېنىيە بىلەن ئەپلىشىپ قالماقچى بولغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان، ئەمما كېلىشىم يېرىم يولدا بىكار قىلىنغان. ئەردوغان ئەرمېنىيەنىڭ ناگورنو-قاراباغدىن چېكىنىپ چىقىشنى رەسىمىي دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ شەرتى قىلغان ئىدى.

ئانالىزلاردا دېيىشىلىچە، كاۋكاز رايونىدا پارتىلىغان بۇ يېڭى كرىزىسنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ رىقابىتى بار دەپ قارالماقتا. رۇسىيە بىلەن تۈركىيە سۈرىيە ۋە لىۋىيە توقۇنۇشلىرىغىمۇ قارىمۇقارشى تەرەپ بولۇپ ئارىلاشقان، ھازىرقى ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان قوراللىق توقۇنۇشى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم قارشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

رۇسىيە ئەرمېنىيەنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدىشى، تۈركىيە بولسا بۇ توقۇنۇشتا ئەزەربەيجاننى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ، پۇتىننىڭ سەۋرىچانلىقىنى ۋە ئاخىرقى چېكىنى سىناۋاتىدۇ. گەرچە رۇسىيە بىلەن ئەرمېنىيە چېگرالانمىسىمۇ، بىراق ئەرمېنىيە رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز ۋە كاسپىي دېڭىزى ئارىسىدىكى كاۋكاز رايونى ئىتتىپاقدىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيەنىڭ ئەرمېنىيەدە 3000 ھەربىيلىك چوڭ تىپتىكى ھەربىي بازىسى بار. بۇ بازا ناگورنو-قاراباغنىڭ غەربىگە 200 كېلومېتىر كېلىدىغان جايدا، تۈركىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىدا بولۇپ، چېگراغا 10 كېلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ. پۇتىن رۇسىيەنىڭ خوشنىلىرىنى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە دەپ قارايدۇ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ «ھەمتاۋاق» بولۇشىغا يول قويمايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ نەچچە ئون يىللىق زېمىن ماجىراسىدا، تۈركىيە داۋاملىق ئەزەربەيجان تەرەپتە تۇرۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە بولسا ئەزەربەيجاننىڭ ئىككىنچى چوڭ ئېكىسپورت بازىرى بولۇپ، قىممىتى 1 مىليارد 850 مىليون دوللار ئەتراپىدا. ئەزەربەيجان بولسا رۇسىيەدىن قالسىلا تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ تەبىئىي گاز تەمىنلىگۈچى دۆلىتى بولۇپ، تۈركىيە تەبىئىي گاز توشۇش كارىدورى تاناپ (TANAP) ئارقىلىق ئەزەربەيجان بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بۇ كارىدور ئەزەربەيجاننى پۈتكۈل ياۋروپا بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلىقى 3500 كېلومېتىرغا يېتىپ بارىدۇ. ئىلگىرى ئەرمېنىيە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى سۈرىيەدىكى قوراللىق كۈچى ۋە F-16 كۆرەشچى ئايرۇپىلانلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئەزەربەيجان ئۇرۇش قىلىش قىسمىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ دېگەن بولۇپ، تۈركىيە بۇنى ئىنكار قىلغان. بىراق ش ئا ئە ت نىڭ ئەزا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە مەيلى «جەڭ مەيدانىدا بولسۇن ياكى سۆھبەت ئۈستىلىدە بولسۇن» ئەزەربەيجاننى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇرەسسە قىلىش چاقىرىقى ئۈنۈملىكمۇ؟

مۇرەسسە قىلىشنى مەقسەت قىلغان فرانسىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىدىن تەشكىل تاپقان «مىنسىك گۇرۇھى» دۈشەنبە كۈنى ئەزەربەيجاننى ھۇجۇم پۇقرالارغا قارىتىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ ھۇجۇم «رايوننىڭ مۇقىملىقىدا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان تەھدىت» ئىكەن. بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى پۇقرالارغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بايانات بەردى ۋە «دەرھال شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش» قا، «مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي پرىنسىپلار ۋە خەلقئارالىق ھۆججەتلەر بويىچە ھەل قىلىش مۇساپىسىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋەدە بېرىش» كە چاقىردى. ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس (Antonio Guterres) ئىككى تەرەپنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىشنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

موسكىۋادىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى ئالېكساندېر دينكىن (Alexander Dynkin) بۇ توقۇنۇشتا ئەردوغاننىڭ ھەقىقەتەنمۇ پۇتىننىڭ سەۋرىچانلىقىنى سىناۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ پۇتىننى توختىماستىن غەزەپلەندۈرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئانالىز قىلىنىشىچە، ئەگەر زور كۆلەمدە ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلسە، بۇ توقۇنۇشنى كونترول قىلماق ئىنتايىن تەسكە توختايدىكەن، ئاخىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش پارتىلىشى، رۇسىيە ياكى تۈركىيە تەرەپنىڭ مۇداخىلە قىلىشنى ۋە ياكى ئىككىلا تەرەپنىڭ تەڭلا مۇداخىلە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.

بۇ قېتىمقى توقۇنۇش پۇقرالاردا ئۆلۈم-يېتىم ۋە مەجبۇرىي يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، كاۋكازنىڭ تىنچلىق ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەيدىغان جامائەت پىكىرلىرىنىمۇ پەيدا قىلدى.

«نېفىت باھاسى» تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، كاۋكاز رايونى بولسا رۇسىيە، تۈركىيە، ئىران، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن يەرشارى بويىچە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يۆتكەشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ئىكەن. ھالبۇكى، ھازىرقى ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە توقۇنۇشى يۈز بېرىۋاتقان جاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىغا يېقىن بولۇپ، ئېنىرگىيە بازىرى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت قىلىدىغان مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلاندى.

مەنبە: https://www.rfi.fr/cn/%E5%9B%BD%E9%99%85/20201007-%E9%98%BF%E5%A1%9E%E6%8B%9C%E7%96%86%E4%BA%9A%E7%BE%8E%E5%B0%BC%E4%BA%9A%E5%86%B2%E7%AA%81%E8%83%8C%E5%90%8E%E7%9A%84%E4%BF%84%E7%BD%97%E6%96%AF%E5%9C%9F%E8%80%B3%E5%85%B6%E9%98%B4%E5%BD%B1