تىنچلىق مۇكاپاتىمۇ ياكى ئاچلىق مۇكاپاتى؟

2020-10-10

ئابدۇۋەلى ئايۇب


2020-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» دۇنيا ئاشلىق پروگراممىسىغا بېرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەنسۇپ بۇ ئورگاننىڭ مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى «توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشتا قورالغا ئايلانغان قەھەتچىلىككە قارشى تۇرغانلىقى» غا باغلانغان. نورۋېگىيە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتىتىنىڭ باياناتىدا قەھەتچىلىكنىڭ ئۇرۇشلارغا ۋە تۈگىمەس توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. باياناتتا ئاچارچىلىقنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىيىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئاچارچىلىقنىڭ تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.
يۇقۇرىقى باياناتنى ئاڭلاپ ئېسىمگە خىتاينىڭ دائىم بىر مىليارد تۆت يۈز مىليۇندىن ئارتۇق خەلقنى ئاچارچىلىققا گىرىپتار قىلمىغانلىقىنى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نەچچە يۈز مىليۇن ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزغانلىقىنى خەلقئارالىق ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەندە دائىم تەكرارلايدىغانلىقى كەلدى. خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئاچارچىلىققا قارشى تەدبىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەدبىرى دەپ، مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنى ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق دەپ تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. نورۋېگىيە نوبېل كومېتىتتىنىڭ ئاچلىققا قارشى تۇرۇش تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، دېگەن قارىشى بىلەن خىتاينىڭ ئاچارچىلىقنى يوقىتىشنى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش دەۋالغىنى ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ بىر ئوخشاشلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى مېنى ئەپسۇسلاندۇردى.


مېنىڭچە، نوبېل تىنچىلىق مۇكاپاتى كومېتىتى ئەزالىرى ئ‍اچارچىلىق بىلەن ئۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تەھلىل قىلغاندەك ئەمەس. مەنچە، ئاچارچىلىق ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ئاچارچىلىق ئۇرۇشتا قورال ياكى ۋاستە ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشنىڭ، توقۇنۇشنىڭ نەتىجىسى. مەن بۇنى كۆز ئالدىمىزدا بولۇۋاتقان سۈرىيە ئىچكىي ئۇرۇشىغا باغلاپ چۈشەندۈرەي.


سۈرىيەدە ئەسەدنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى نامايىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن چىققان ئىچكىي ئۇرۇشتىن بۇرۇن، ئەرەب دۇنياسىدا كۈچلۈك دۆلەت سانىلاتتى. بۇ ئەلنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل، تۇپرىقى مۇنبەت، قاتنىشى قولاي بولغاچقا، تارىختىن بۇيان رايوننىڭ ئاشلىق ئامبىرى بولۇپ كەلگەن. تارىختا مەدەنىيەت، ئىقتىساد، تەرەققىياتتا ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئالدى بولغاچقا، بۇ رايوننىڭ تارىخىي ئىسمى بولغان شامغا باغلانغان ھەدېسىلەر ھەتتا مەككە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىنمۇ كۆپ ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ رايۇننىڭ ئاچارچىلىقتىن خالىيلىقى بۇ يەرنى ئۇرۇشتىن خالىي رايۇنغا ئايلاندۇرالمىدى. مۇستەبىت تۈزۈم كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇرۇش پارتىلىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن كېلىپ چىققىنى تەبىئىيكى ئاچارچىلىق بولدى. شۇڭا ئاچارچىلىق ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئۇرۇش نەتىجىسىدە قەھەتچىلىك كۆرۈلىدۇ.


ئوتتۇرا شەقتىكى سۈرىيە ۋە ئىراق تارىختا نامى بار باي رايۇنلار، ئىراقتىكى دەژلە ۋە سۈرىيەدىكى فىرات ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئاشلىق مەنبەسى. ئەمما مۇستەبىت سادام ۋە ئاتا-بالا ئەسەدنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقى بۇ مەئىيشەتلىك يۇرتلارنى مەغلۇبىيەتلىك ئەللەرگە ئايلاندۇردى. ھازىر ئۇرۇش، توقۇنۇش، ئاچارچىلىق بۇ ئىككى ئەلگە ھۆكۈمران، ئەجەبا، سادام بىلەن ئەسەدنىڭ تانكىسىغا قارشى قوزغالغان خەلق، ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى ئۆرىگەن كىشىلەر ئاچ قالغاچقا قورال كۆتۈردىمۇ؟


ئۇيغۇرنىڭ جەنۇبتىكى قەدىمكى يۇرتلىرى ئىچىدە باي دەپ بىر زېمىن بار. بۇ جەنۇبتا تەبىئىي شارائىتى ئەڭ ئەۋزەل، تارىختىن نامى بار باي بىر يەر بولغاچقا، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋان» ىدىمۇ ئىسمى «باي يىغاچ» دېيىلگەن. مۇشۇنداق ئىسمى-جىسمىغا لايىق باي يەردە 1961-يىلى قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلغان مەلۇماتلاردا 15 مىڭدىن 20 مىڭغىچە ئادەمنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى يېزىلغان. سەۋەب باي ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى خې رۈي ئىسكىلاتتىكى بارلىق ئاشلىقنى شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ سېكىرتارى ۋاڭ ئېنماۋنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يوشۇرۇنچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كەتكەن. بۇ مىسالدىن قارىغاندا، 20 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرگىنى ئاشلىقنىڭ يوقلىقى ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئۆزى تېرىغان ئاشلىققا ئىگە بولىدىغان ھوقۇقىنىڭ يوقلىقى سەۋەپ بولغان.
نورۋېگىيە نوبېل تىنچىلىق مۇكاپاتى كومېتىتىنىڭ باياناتىدا كورونالىق كۈنلەردە ئاچارچىلىقنىڭ تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتىدۇ. خۇددى مەزكۇر كومېتىتت ئۇرۇش بىلەن ئاچارچىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغاندا، يول قويغان سەۋەنلىككە بۇ مەسىلىدىمۇ ئوخشاشلا يول قويغان. كورۇنا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغىنى خىتاينىڭ بىرلا ئادەم قارار قىلىدىغان، بارلىق خىزمەت بىرلا ئىنساننىڭ بۇيرۇقى بىلەن باشقۇرىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئاخبارات، پارلامېنت ياكى ئاۋامنىڭ نازارىتىگە ئۇچرىمايدىغان، قانۇن بويىچە جازالانمايدىغان مۇستەبىت تۈزۈمى سەۋەبكار. بۇنداق مۇستەبىت تۈزۈم يوقۇتىلماي تۇرۇپ نە ئاچارچىلىق، نە ئۇرۇش، نە بۇلغىنىش ھېچ بىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ.
مەن نورۋېگىيە نوبېل كومېتىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تەكىتلىگەنلىكىنى قوللايمەن. باياناتتا دۇنيا ئاشلىق پروگراممىسىنىڭ يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن. ئەلۋەتتە، خىتاي ب د ت نىڭ مالىيە چىقىمىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئۈستىگە ئالغۇچى. شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى چەكلەش، ھەتتا ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى يىغىن زالىدىن قوغلاش قاتارلىق سەتچىلىكلەرنى سادىر قىلغانلىقىنىمۇ بىلىمەن.


مەن بۇ قېتىم ئاچنى تويغۇزغان بىر تەشكىلاتنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئاچارچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زالىملارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاچقان مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ قالدۇرۇلغانلىقىغا ھەيرانمەن. مەن تىنچلىق ئۈچۈن ھاياتىنى دوغا تىككەن، يەر شارىدىن يوق قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىرمىللەتنىڭ ۋىجدانى بولغان ئىلھام توختىنىڭ مۇكاپاتتىن مەھرۇم قېلىپ، بايلار ئاتىغان پۇللارنى تىنچسىزلىق سەۋەبىدىن ئاچ قالغان كىشىلەرگە تارقاتقان بىر تەشكىلاتنىڭ مۇكاپاتلانغىنىغا ھەيرانمەن. مەن دۇنياغا تىنچلىق ئىستەيدىغان زاتلارنىڭ تىنچسىزلىقنىڭ يىلتىزى بولغان ئىشغالچىلىققا، مۇستەملىكىچىككە، ئادالەتسىزلىككە، كەمسىتىشكە، قىرغىنغا، دەپسەنچىلىككە سەل قاراپ، شاخچە مەسىلىلەر ھېسابىدىكى ئاچارچىلىقنى 2020-يىللىق نوبېل تىنچىلىق مۇكاپاتىنىڭ موھىم تېمىسى قىلغىنىغا ھەيرانمەن. بۇنى بىلمەسلىك دەيلىمۇ ياكى بىلمەسكە سېلىشمۇ؟


مەن سىياسىيۇنلاردىن ھەر زامان، ھەر يەردە سەمىمىيەت كۈتەلمىسەممۇ، ئەمما نوبېل تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاپەتنىڭ يىلتىزىنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىپ، دۇنيانى خۇددى ئاچارچىلىق ئۇرۇشقا، توقۇنۇشقا ۋە ۋاباغا سۆرەپ كىرگەندەك بىر كەيپيات ياراتقىنى مېنىڭ كەيپىمنى ھەقىقەتەن بەك ئۇچۇردى. بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ماڭا تىنچلىق ئۈچۈن ئەمەس، ئاچلىق ئۈچۈن تارقىتىلغاندەك بىر تۇيغۇ يۈكلىدى.

ئىزاھات: مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. ئاگىنتلىقىمىز مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.