سايلامدا يېڭىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئاقسارايغا كىرەلىگەن پرېزىدېنتلار

GETTY سۈرىتى

ب ب س، 2020-10-04
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-10-05

ئامېرىكا سايلىمىدا، ئاقسارايغا كىرەلىگىنى ئەڭ كۆپ بىلەتكە ئېرىشكەن كىشى بولۇشى ناتايىن.

ئامېرىكا سايلام تارىخىدا، سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلىغاندا مەغلۇپ بولۇپ، سايلام ئۆمىكى بېلەت تاشلىغاندا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، پرېزىدېنت بولغان 5 نەپەر پرېزىدېنت بار.

بۇنى ئامېرىكىنىڭ ۋاستىلىك سايلام تۈزۈمى بەلگىلىگەن. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلەت ئاتىلىرى تەسىس قىلغان ۋە ئاساسىي قانۇنغا يېزىپ قالدۇرغان بەلگىلىمە بويىچە، پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتنى سايلام ئۆمىكى بىلەت تاشلاپ بەلگىلەيدۇ. ھەر قايسى شىتاتتىكى سايلام ئۆمىكىنىڭ سانى شۇ شىتاتنىڭ پارلامېنتتىكى كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ سانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، يەنى ھەر 2 كېڭەش پالاتا ئەزاسىغا بىر ئاۋام پالاتا ئەزاسى توغرا كەلگەن ھالەتتە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا نوپۇسى ئەڭ ئاز شىتاتلاردىمۇ كەم دېگەندە 3 سايلام ئۆمىكى (2 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە 1 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى) بولىدۇ.

سايلام ئۆمىكى 538 ئادەمدىن قۇرۇلۇپ، بىر ئادەم بىر بېلەت تاشلايدۇ، سايلام ئۆمىكىنىڭ 270 تىن ئارتۇق بېلىتىگە ئېرىشكەن تەرەپ غەلىبە قىلىدىغان بولۇپ، سايلىغۇچىلارنىڭ تاشلىغان بېلىتىنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ. ئادەتتە سايلام ئۆمىكى شۇ شىتاتتىكى ئۆزلىرى ئەڭ قوللايدىغان نامزاتقا بېلەت تاشلايدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى پرېزىدېنتلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ھەقىقەتەنمۇ سايلىغۇچىلار بىلەن سايلام ئۆمىكىنىڭ تاشلىغان بېلىتىنىڭ بىردەك نەتىجىسى بىلەن سايلانغان.

گەرچە تۈزۈم لايىھىلەش تۇرغۇسىدىن ئېيتقاندا، سايلام ئۆمىكى تۈزۈمى سايلامنىڭ ئادىل بولۇشىنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ماتېماتىكا تۇرغۇسىدىن قارىغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەش نەتىجىسى پۈتۈنلەي زىت بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر نوپۇسى ئەڭ كۆپ بىر نەچچە شىتاتتا بىر نامزاتنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى رەقىبىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز بولغان كۆپلىگەن شىتاتلاردا ئازراق ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ چىققان تەقدىردە، ئۇنىڭ رەقىبىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ سايلام ئۆمىكى بېلىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، غەلىبە قىلىش نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بىز كۆپ سانلىق سايلىغۇچىلار بېلىتىگە ئېرىشەلمىگەن تۇرۇقلۇق، سايلام ئۆمىكى ئاقسارايغا ئەكىرىپ قويغان بۇ 5 نەپەر پرېزىدېنت بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

1

جون كۈۋىنسىي ئادامس (1767-1848) 6- نۆۋەتلىك پرېزىدېنت

جون كۈۋىنسىي ئادامس (John Quincy Adams، 1825)

ئادامس ئامېرىكىنىڭ 6- نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى.

ئۇنىڭ سايلىنىشىنى كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. ئاقسارايغا كىرىشنىڭ ئالدىدا، ئۇ ئىككى قېتىم يېڭىلگەن، يەنى سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلىشى ۋە سايلام ئۆمىكىنىڭ بېلەت تاشلىشىدا رەقىبىگە يېڭىلىپ قالغان.

سايلام بېلىتىنى سانىغاندا، ئاندرېۋ جېكسون (Andrew Jeckson) سايلىغۇچىلار ۋە سايلام ئۆمىكىنىڭ كۆپ سانلىق بېلىتىگە ئېرىشىپ، غەلىبە قىلغان. ئەمما، ئۇ ئېرىشكەن بېلەت سانى پرېزىدېنتلىققا سايلىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بېلەتتىن 32 سى ئاز بولغان.

ئاساسىي قانۇننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئاۋام پالاتاسى بېلەت تاشلاپ قارار قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئادامس پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جېكسون ئېرىشكەن سايلام ئۆمىكى بېلىتى 99 بولۇپ،  ئادامسنىڭ 88 بېلەت ئىدى.

رازېرفورد ب. خەيېس (1822-1893) 19- نۆۋەتلىك پرېزىدېنت

رازېرفورد ب. خەيېس (Rutherford B. Hayes، 1877)

خەيېس ئامېرىكىنىڭ 19- نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى.

1876- يىلىدىكى سايلام 1824- يىلىدىكىگە ئوخشاپ قالىدۇ، يەنى پرېزىدېنت سايلىغۇچىلار تاشلىغان بېلەت بىلەن ئەمەس، بەلكى پارلامېنتنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن قارار قىلىنغان. ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇندىنمۇ جاۋاب تاپقىلى بولمايدىغان، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى سايلام كرىزىسى بولغان.

خەيېس جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە ۋەكالىتەن دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سامۇئىل تىلدېن (Samuel Tilden) بىلەن ناھايىتى شىددەتلىك رىقابەتكە چۈشىدۇ. تىلدېن سايلام ئۆمىكىنىڭ 184 بېلىتىگە ئېرىشىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ تۆۋەن بېلەت سانى بەلگىلىمىسىدىن بىرسى كەم قالىدۇ. خەيېس بولسا پەقەت 165 بېلەتكىلا ئېرىشىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا 20 نەچچە پارچە سايلام ئۆمىكى بېلىتى تالاش-تارتىشقا قېلىشتەك مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى فلورىدا، لۇئىسئانا ۋە جەنۇبىي كارولىنا شىتاتلىرىنىڭ سايلام ئۆمىكى بېلىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى، چۈنكى ھەر ئىككىلا پارتىيە ئۆزلىرىنىڭ نامزاتلىرىنىڭ بۇ 3 شىتاتتا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەگەر نامزات سايلام ئۆمىكى بېلەت تاشلىغاندا مۇتلەق كۆپ سانغا ئېرىشسە، ئاساسىي قانۇننىڭ يەنە بىر تولۇقلايدىغان لايىھەسى بار. ئەمما، ھەر ئىككىلا پارتىيە بۇ 3 شىتاتتا غەلىبە قىلغانلىقىدا چىڭ تۇرغاچقا، بۇ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشقا تىمسال قىلغۇدەك ھېچقانداق ئۆرنەك يوق ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن پارلامېنت ئاۋام پالاتا ئەزالىرى، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سۇدىيەسىدىن تەشكىل تاپقان، ئىككى پارتىيە ئورتاق قاتناشقان ئىتتىپاقداش سايلام كومىتېتى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ كومىتېتىت بېلەت تاشلاپ، تالاش-تارتىشتا قالغان ھېلىقى 20 نەچچە بېلەتنىڭ خەيېسكە تەۋە ئىكەنلىكى قارار قىلىدۇ.

نەتىجىدە، خەيېس 184 كە قارشى 185 بېلەتكە ئېرىشىپ، تىلدېننى شاللىۋىتىدۇ ۋە پرېزىدېنتلىققا سايلىنىدۇ.

ئۇنداقتا كومىتېت نېمە ئۈچۈن خەيېسنى سايلىدى؟ قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئېرىشكەن سايلىغۇچىلار بېلەت سانىمۇ، سايلام ئۆمىكى بېلەت سانىمۇ رەقىبىنىڭكىگە يەتمەيدىغان تۇرسا؟ زور كۆپچىلىك تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئەينى چاغدا ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا بىر مەخپىي كېلىشىم تۈزۈلگەن بولۇپ، جەنۇب تەرەپتە تەسىر كۈچى كۈچلۈك دېموكراتچىلار پارتىيىسى خەيېسنىڭ ئاقسارايغا كىرىشىگە قوشۇلغان، بۇنىڭ بەدىلىگە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى فېدېراتىپ ئارمىيەنى جەنۇب تەرەپتىكى بارلىق شىتاتلار (جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلدىكى ھەر قايسى جەنۇبىي شىتاتلار) دىن چېكىندۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن.

بېنيامىن خاررىسون (1833-1901) 23- نۆۋەتلىك پرېزىدېنت

بېنيامىن خاررىسون (Benjamin Harrison, 1889)

1888- يىلىدىكى سايلام رىقابىتىگە چۈشكەنلەر بولسا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشنى ئىستەۋاتقان دېموكراتچىلار پارتىيىسى پرېزىدېنتى گروۋېر كلېۋېلاند (Grover Cleveland) بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ نامزاتى بېنيامىن خاررىسون ئىدى.

شۇ قېتىملىق سايلام رىقابىتىمۇ جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئىدى. ئىككى پارتىيە بىر-بىرىنى سايلىغۇچىلارغا پارا بېرىش بىلەن ئەيىبلەيدۇ. «يۇمۇلاق تاۋۇز» ئاتالغان بىر تۈركۈم سايلىغۇچىلار ھېچقانداق تەرەپ تۇتماي، كىم يۇقىرى باھا قويسا، شۇنى قوللايدۇ.

تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئەينى يىلى ئىندىئانا شىتاتىدا بىر پارچە سىرلىق خەت تارقالغان بولۇپ، خەتتە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سايلىغۇچىلارغا پارە بېرىش ۋە قارشى تەرەپنىڭ پارە بېرىپ سايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش پىلانىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي تەرەپتىكى دېموكراتچىلار پارتىيىسىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ بېلەت تاشلىشىنى توسقان، چۈنكى قارا تەنلىكلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى قوللىغان. ئۆز ۋاقتىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى «لىنكولىن پارتىيىسى» دەپ ئاتالغان ۋە قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. سايلام ئاياقلاشقاندىن كېيىن، كلېۋېلاند (Cleveland) ۋە دېموكراتچىلار پارتىيىسى جەنۇب تەرەپتە زور غەلىبىگە ئېرىشكەن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن خاررىسون (Harrison) شىمال ۋە كلېۋېلاندنىڭ يۇرتى ئىندىئانا شىتاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرىبىي رايوندا ئازراق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلغان. كلېۋېلاند جەنۇبتا 90 مىڭ سايلىغۇچىلار بېلىتىگە ئېرىشكەن، ئەمما 168 سايلام ئۆمىكى بېلىتىگە ئېرىشىپ، 233 سايلام ئۆمىكى بېلىتىگە ئېرىشكەن خاررىسونغا ئۇتتۇرىۋەتكەن.

تۆت يىلدىن كېيىن ، كلېۋېلاند قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، سايلامدا خاررىسوننى مەغلۇب قىلىدۇ، ھەمدە ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىككى قېتىم سايلامغا قاتنىشىپ غەلىبە قىلغان پرېزىدېنت بولۇپ قالىدۇ.

گېئورگى ۋ. بۇش (1946- ) 43- نۆۋەتلىك پرېزىدېنت، دادىسى چوڭ بۇش 41- نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بولغان

گېئورگى بۇش (GerorGe W. Bush, 2001)

كلېۋېلاند ئىككىنچى قېتىم پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ 112 يىل ئۆتكىچە، ئامېرىكىدىكى ھەر نۆۋەتلىك سايلام ئاساسىي جەھەتتىن نورمال يولدا كېتىپ باراتتى، يەنى سايلىغۇچىلار بىلەن سايلام ئۆمىكىنىڭ تاشلىغان بېلىتىدە ئىختىلاپ كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ھەش-پەش دېگۈچە 2000- يىلمۇ يېتىپ كەلدى.

شۇ يىلىدىكى سايلام ئاخىرى ئالىي سوت مەھكىمىسىگىچە يېتىپ بارغان، قارار چوڭ سوتچىلار تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، «سايلامدىن كېيىنكى جەڭ» دەپ ئاتالغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى گېئورگى بۇش (كىچىك بۇش) بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى ئال گور (Al Gore) پرېزىدېنتلىق تالاشقان. بۇشنىڭ دادىسى سابىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پرېزىدېنتى قېرى بۇش بولۇپ، گور بولسا ئالدىنقى نۆۋەتلىك دېموكراتچىلار پارتىيىسى پرېزىدېنتى كىلىنتوننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئىدى. سايلام كېچىسى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورېگون، يېڭى مىكسىكا ۋە فلورىدا شىتاتلىرىدىكى نەتىجىسىنى پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولغان. گور ئەڭ ئاخىرىدا ئورېگون ۋە يېڭى مىكسىكا شىتاتىدا ئاجىز ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن بولۇپ، فلورىدا شىتاتى يېڭىش-يېڭىلىشنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇق بولۇپ قالغان.

ئىككى تەرەپنىڭ فلورىدادىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسى بەك ئوخشىشىپ كەتكەچكە، فلورىدا شىتاتىنىڭ قانۇنى بويىچە بېلەت قايتىدىن سانالغان بولۇپ، نەتىجىدە بۇش 537 بېلەت بىلەن غەلىبە قىلغان. گور ھېسابلاشقا تېگىشلىك نۇرغۇن بېلەت ھېسابلانمىدى، دەپ قاراپ قايىل بولمىغان. بۇ بېلەتلەر تېخنىكا سەۋەبىدىن ئۆلچەمگە توشماي، ئىناۋەتسىز بېلەت دەپ قارالغان ئىدى.

2000- يىلى بۇش 271 سايلام ئۆمىكى بېلىتىگە ئېرىشكەن، ئەمما گور ئېرىشكەن سايلىغۇچىلار بېلىتى بۇشنىڭكىدىن 500 نەچچە مىڭ دانە كۆپ

ئەينى چاغدا، ئانچە مۇھىم بولمىغان «chad» سۆزى بىر مەزگىل مودا بولغان. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بولسا ئۈسكۈنە قەغەزگە تۆشۈك تەشكەندە شەكىللەنگەن قەغەز پارچىسى (ئۇۋىقى). 2000- يىلىدىكى فلورىدا شىتاتىدا پەيدا بولغان ئۆلچەمسىز بېلەتلەردە، نامزاتنىڭ ئىسمى يېنىدىكى تۆشۈك تېشىلىشكە تېگىشلىك يەردە، يا قەغەز پارچىسى بېلەت بىلەن تۇتىشىپ قالغان، يا بولمىسا قەغەزدىن تۆشۈك تېشىلمەي، پەقەت زىنىخقا ئوخشاش پېتىنقى شەكىلدە ياكى ھامىلدارغا ئوخشاش كۆپۈنكى شەكىلدە بولۇپ قالغان.

فلورىدا شىتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسى گورنى قوللىغان، بۇش بولسا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق ئالىي سوتقا ئەرز قىلغان. چوڭ سوتچىلار ئاخىرىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، 5 تە 4 نەتىجە بىلەن فلورىدا شىتاتلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قايتىدىن بېلەت ساناشنى توختاتقان. فلورىدانىڭ سايلام ئۆمىكى بېلىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇش 266 گە قارشى 271 بېلەت بىلەن سايلام ئۆمىكى بېلىتىدە يېڭىپ چىققان، ئەمما ئۇنىڭ سايلىغۇچىلار بېلىتىدە ئېرىشكەن بېلەت سانى گورنىڭكىدىن 500 مىڭ دانە ئاز ئىدى.

دونالد ترامپ (1946- ) 45- نۆۋەتلىك پرېزىدېنت

دونالد ترامپ (Donald Trump، 2016)

2016- يىللىق سايلام نەتىجىسىگە پۈتۈن دۇنيا ھاڭ-تاڭ قالغان بولۇپ، سىياسەت ئەھلى بولمىغان بىر ئەرباب بىر پىشقەدەم سىياسىئوننى، يەنى سابىق بىرىنچى خانىمنى يەڭگەن، يەنە كېلىپ دېموكراتچىلار پارتىيىسى نامزاتى ھىلارى كىلىنتون ئېرىشكەن سايلىغۇچىلار بېلەت سانى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى ترامپنىڭكىدىن 2 مىليون 800 مىڭ دانە كۆپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا. بۇ ھازىرغىچە بولغان ئەڭ چوڭ بېلەت پەرقى بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئاقسارايغا كىرەلمىدى.

ھىلارى كىلىنتوننىڭ سايلام رىقابىتى چوڭ شەھەرلەردە ۋە نوپۇسى زىچ شىتاتلاردا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان، مەسىلەن كالىفورنىيە ۋە نيۇيوركتا ئۇ ترامپتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %30 ۋە %22.5 ئالدىدا بولغان. ئەمما، بەزىبىر تالاش-تارتىش كەسكىن بولغان شىتاتلاردا ترامپ ئازراق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، مەسىلەن ۋىسكونسىن (%0.8)، پىنسىلۋانىيە (%0.7) ۋە مىچىگان (%0.2).

ئاخىرىدا، ترامپ سايلىغۇچىلار بېلەت سانى جەھەتتە ھىلارى كىلىنتوندىن زور دەرىجىدە ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا، 227 گە قارشى 304 سايلام ئۆمىكى بېلەت سانىدا ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ، تارىختىن بۇيان ئاقسارايغا كىرگەن سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ تەجىربىسىز پرېزىدېنتقا ئايلانغان.

ئۇ يەنە بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا، سايلىغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى بىلەن سايلام ئۆمىكىنىڭ قارارى زىت كېلىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولالىغان 5- نەپەر پرېزىدېنتتۇر.

مەنبە:

https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-54345471