ئوبزور :ئۇيغۇلارنىڭ ئامېرىكنىڭ ئىككى سياسى پارتىيەسىگە بولغان قاراشلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

(توردىن ئېلىندى.)

مەخسۇس تەقرىز يازغۇچى :
دوكتۇر مەمەت ئىمىن

ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك، ئامېرىكىدا 4 يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە — جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيىسى ئارىسىدىكى ۋە ئۇلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرى بولغان دونالد ترامپ بىلەن جوۋ بايدىن ئارىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلەشمەكتە.

بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن تەشكىل تاپقان ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 4 يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدىكى خىتايغا قاراتقان قاتتىق سىياسىتى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىشى سەۋەبىدىن، ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە نىسبەتەن كۈچلۈك بىر قىزغىنلىق ۋە قوللاش، جوۋ بايدىن ۋە ئۇ ۋەكىللىق قىلغان دېموكىراتچىلار پارتىيىسىگە نىسبەتەن كۈچلۈك قارشى تۇرۇش ۋە ئىنكار قىلىش كەيپىياتى مەۋجۇت. مېنىڭچە بۇنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قانۇن-لايىھىلىرىگە ئىمزا قويۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش دېموكراتچىلار پارتىيىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پلوسىمۇ دېموكراتچىلار پارتىيىسىدىن بولۇپ، خىتايغا ئىنتايىن ئۆچ ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلارنىڭ بىرسى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ ئامېرىكادا بۇنداق كۈچلۈك كۈن تەرتىپكە كېلىشى يالغۇز ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تۆھپىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىككى پارتىيەدىن تەشكىل تاپقان ئامېرىكا پارلامىتىنىڭمۇ تۆھپىسىدۇر.

ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى، ھوقۇق جەھەتتە باراۋەر بولغان 3 تارماققا بۆلۈنگەن دۆلەت بولۇپ، پرېزىدېنت ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان بىردىن بىر ئادەم ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى ئىچىدە، پارلامېنت قانۇن تۈزگۈچى، پرېزىدېنت ئىجرا قىلغۇچى، ئالىي سوت ھوكۈم چىقارغۇچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدىن تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ 435 ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ 100 ئەزاسى بار. ھازىرقى ئاۋام پالاتاسىدىكى 435 ئەزا ئىچىدە 232 ۋەكىل دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن، 198 ۋەكىل جۇمھۇريەت پارتىيەسىدىن. ھازىرقى كېڭەش پالاتاسىدىكى 100 ئەزا ئىچىدە 45 ۋەكىل دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن، 53 ۋەكىل جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسىدىن. بۇ يىل تەستىقلانغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى، مەيلى ئاۋام پالاتاسىدا بولسۇن ياكى كېڭەش پالاتاسىدا بولسۇن، مۇتلەق كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يەنى ئىككىلا پارتىيەنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىدىن باشقا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كۆپلىگەن قارارلارمۇ ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ بىزگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ پايدىلىق بىر ئەھۋال. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، بىزنىڭ ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى رىقابەت ۋە تالاش-تارتىشقا بەك چېتىلىپ قىلىشىمىزنىڭ بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق.

توغرا، جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ترامپ، ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ خىتاي مۇناسىۋىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى – ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، يېڭى سىياسەتلەر بەلگىلەندى. ھەممىمىز كۆرۈۋاتقاندەك، ئۇيغۇر دەۋاسى ئامېرىكىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بىراق بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ۋەتەندىكى زۇلۇممۇ دەل مۇشۇ 3، 4 يىل ئىچىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىرلاشتى، كەڭ كۆلەملىك لاگېرلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋەتەندىكى زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە لاگېر مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە ناھايتى چوڭ رول ئوينىدى. ئەلۋەتتە، ۋەتەندىكى ئۇ زۇلۇمنى دۇنياغا، جۈملىدىن ئامېرىكىغا ئاڭلىتىشتا، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز ۋە تەشكىلاتلىرىمىزمۇ چوڭ رول ئوينىدى. ئامېرىكا، ھازىرقىدەك ئىككى پارتىيە بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان بىر ئەھۋال ئاستىدا، بىز ئۇنى قەستەن مەلۇم بىر شەخسكە ۋە ياكى پارتىيەگە يۈكلەپ، يەنە بىر تەرەپنى ئىنكار قىلساق ۋە ياكى ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرسەك، مېنىڭچە توغرا بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە، سايلامدا كىمنى قوللاش جەھەتتە ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە ئېنىق بىر سان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا، بىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئوچۇق-ئاشكارا مەلۇم بىر پرېزىدېنت نامزاتىنى ۋە ياكى ئۇ ۋەكىللىق قىلغان پارتىيەنى تىللاپ، ھاقارەت قىلىشىمىزنىڭ ياكى ئۇلارنى «خىتاينىڭ پۇلى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.» دېيىشىمىزنىڭ ھېچقانداق بىر پايدىسى يوق. ئامېرىكىدىكى سايلام ھوقۇقى بار ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بەك كۆپ ئەمەس. بىز ئامېرىكىدىكى سايلام ھوقۇقى بار ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئەڭ كۆپ دېگەندە 5000 دەپ قارىساقمۇ، بىز بۇ سان بىلەن ئامېرىكا سايلىمىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيمىز. بىراق بىزنىڭ ھېس تۇيغۇمىزغا تايىنىپ دېگەن بەزى سۆزلىرىمىز، ئامېرىكىلىقلارنىڭ، بولۇپمۇ بىز تىللىغان نامزات ياكى پارتىيەنى قوللىغۇچىلارنىڭ بىزگە بولغان قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بەزىلىرىمىز يازمىلىرىمىزنى ئۇيغۇرچە يېزىپ يەتمىگەندەك، يەنە بەزىلىرىمىز ئىنگلىزچە يېزىۋاتىمىز. مەيلى بىز قايسى تىلدا يازايلى، ئەگەر بىزنى كۆزىتىۋاتقانلار ۋە ياكى بىزگە قىزىقىۋاتقانلار، ھەتتا بىزدىن قۇسۇرۇ ئىزدەۋاتقانلار بىزنىڭ ئىنكاسلىرىمىزنى بىلىشكە قىزىقسا، ئۇنى بىلىش تەس ئىش ئەمەس.

بەلكىم بەزىلەر ئامېرىكا دېگەن دېموكراتىك دۆلەت تۇرسا، ھەر كىمنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئەركىن ئىپادىلەش ھەققى بار. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتەمدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. توغرا، ئامېرىكا دېموكراتىك دۆلەت. ئۇيغۇرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاز تولا  قالايمىقان سۆزلىشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. بىراق، ئامېرىكا دەل دېموكراتىك دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئامېرىكا خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى بەلگىلەيدۇ. پارلامېنت ئەزالىرىغا كەڭ خەلق ئاممىسى تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەككى، بىز ترامپنى قاتتىق ياخشى كۆرۈپ، ئۇنى قوللىغىنىمىز بىلەن، ئامېرىكىدا ترامپنى قوللايدىغانلار بولغىنىغا ئوخشاش، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس. ئوخشاشلا، بىز جوۋ بايدىننى تىللاپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىنىمىز بىلەن، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ئامېرىكىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس. بىزنىڭ جوۋ بايدىننى تىللىغىنىمىزدا، بىز يالغۇز جوۋ بايدىننىلا ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ قوللۇغۇچىلىرىنىمۇ تىللىغان بولىمىز. دېموكراتىكچىلار پارتىيەسىدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئۆزلىرىنى كەلسە-كەلمەس سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلىشىمىزنى ھەرگىز ياقتۇرمايدۇ.

ئەگەر بىزنىڭ ئامېرىكىدىكى نوپۇسىمىز كۆپ بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سايلىمىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلىگەن بولساق ۋە ياكى بىز جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسىنى، ترامپنى قوللاپ، دېموكىراتچىلار پارتىيەسىنى، جوۋ بايدىننى تىللىساق، ئامېركىلىقلار ئۆز قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ھەممىسى بىزگە ئەگىشىپ ترامپنى قوللايدىغان بولسا، ئۇنىڭ يولى باشقا ئىدى. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدا، يوق يەردىن ئۆزىمىزگە ئىش تېپىپ، «يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيدىغان» ئىش بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق. شۇڭا بىز يوق يەردىن ئۆزىمىزگە ئىش تاپماي، ئامېرىكىدا مەيلى قايسى پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، ھەممىسىنىڭ بىزنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

ئەلۋەتتە، ھەممەيلەننىڭ ئارزۇسى بويىچە ترامپ سايلامدا ئۇتۇپ، ئامېرىكىغا يەنە بىر قارار پرېزىدېنت بولسا ناھايتى ياخشى بولىدۇ. بۇنى ھەممەيلەن ئۈمىد قىلىمىز. بىراق، ئەگەر ترامپ مەغلۇپ بولۇپ، جوۋ بايدىن سايلانسا، ئامېرىكا سىياسىتى 180 گرادۇس ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە ئىشى سۇغا چىلىشىدىغاندەك قاراشتا بولۇپ ۋە ياكى مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ترامپقا باغلاپ، جوي بايدىن ياكى دېموكىراتچىلار پارتىيەسىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش- مېنىڭچە ئاقىلانىلىق ئەمەس. ھېچقانداق بىر دېموكىراتىك دۆلەتتە بىر پارتىيە مەڭگۈ تەختتە ئولتۇرىدىغان ئىش يوق. ئەڭ موھىمى بىز ئۈمىدىمىزنى مەلۇم بىر سىياسىي پارتىيەگە ئەمەس، بەلكى ئۆز مەنپەئەتىمىزنى ئۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن ئۆزئارا باغلىيالىساق، يەنى «بىز زىيان تارتساق، سەنمۇ زىيان تارتىسەن!» دېگەن تونۇشقا كەلتۈرەلىسەك، ئۇ چاغدا، سىياسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، ئۇ دۆلەتنىڭ بىزگە تۇتقان سىياسىتىدە بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن. ئەكسىنچە بىز ئۆز تەقدىرىمىزنى مەلۇم شەخس ياكى مەلۇم پارتىيەگە بەك باغلىۋالساق، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە ئالماشسا، قوللاشتىن مەھرۇم قىلىشىمىز مۇمكىن.

بىرسى بۇرۇن ماڭا: «ئامېرىكىدا مەيلى جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسىدىن پرېزىدېنت بولسۇن، ياكى دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن پرېزىدېنت بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ يەھۇدىلارغا قاراتقان سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ، چۈنكى سايلامدا يەھۇدىلار ھەر ئىككى پارتىيەنى قوللايدۇ.» دېگەن ئىدى. بۇ گەپنىڭ قانچىلىك ئاساسى بار، مەن ئېنىق بىر تەكشۈرۈش قىلىپ باقمىدىم. بىراق مەن 20 يىلدىن بېرى كۆرۈۋاتقان رىئاللىق شۇنداق بولىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئۈگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئىش.