ئەزەربەيجان – ئەرمنىيە ئۇرۇشى ۋە تۈركىىيەنىڭ مەيدانى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تۇيغۇ

2020-09-29

يېڭى ھەپتە تۈركىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەردىكى توقۇنۇش ۋە دوللار پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن باشلاندى.

 (9-ئاينىڭ 27-كۈنى) ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان ئوتتوردا چېگرا ئۇرۇشى پارتىلىدى. 

دۇنيادىكى يۇزبەرگەن بارلىق ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىى ئوخشاش بۇلۇپ ، ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇرۇشنىمۇ مىللىي ، دىنىي ۋە ماددىي مەنپەئەت كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇرۇش< ناكا >  رايونىدا  پارتىلىغان بۇلۇپ . بۇ يەر ئەزەربەيجاندا ، ئەمما ئاھالىلىرى ئاساسلىقى ئەرمېنىيەلىكلەر.  ئەزەربەيجان مىللىتى ۋە تۈرك مىللىتى  تۈرك ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ ، تۈركىيە رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ئۈچ مىللەتنىڭ بىرى. تۈركىيەنىڭ شوئارى «ئىككى دۆلەت ، بىر مىللەت». ئەرمەنلەر ۋە روسىيە خىرىستىيان ئائىلىسىگە تەۋە ،. ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ھەر ئىككىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ دۆلەتلىرى.

 ئارقا كۆرۈنۈشكە قارايدىغان بولساق ، بۇ ئىككى دۆلەتلەر ئارقىسىدا كىمنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز: ئەرمېنىيەنىڭ ئارقىسىدا روسىيە بولۇپ،  كۆپ ساندىكى روسىيە ئەسكەرلىرى ئەرمىنىيەدە تۇرىدۇ ؛ ئەزەربەيجاننى بولسا تۈركىيە قوللايدۇ.

ماددىي پايدىلارچۇ؟ يەنىلا نېفىت. سانائەت ئىنقىلابى باشلانغان ئىككى يۈز يىلدا ، نېفىت ياكى تەبىئىي گاز ئاساسىي جەھەتتىن ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولۇپ كەلدى ، چۈنكى بۇ دۇنيا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم زامانىۋى سانائەت خام ئەشياسى. شۇنى كۇرۋىلىشقا بولىدۇكى قارىماققا چېگرا ئۇرۇشىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇ ئېنېرگىيە ئۇرۇشىدۇر.

ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كاۋكازدىكى توقۇنۇشنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ. مەنبەدىن قارىغاندا ، ئۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن باشلاپ يۈز يىلغا يېقىن داۋاملاشقان. ئەمما يېقىنقى جۇغراپىيىلىك سىياسىي توقۇنۇش 90-يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغان. يىقىنقى 30يىلدىن بۇيان ، توقۇنۇش پەسەيمەكتە يوق ، ئىغىردەرىجىدە ئىشىپ ماڭغان. چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەتنى ئىزچىل قوللاپ كىلۋاتقان  روسىيە ۋە تۈركىيەدىن باشقا ئامېرىكا ۋە فرانسىيەمۇ بار. 

روسىيە ، ئامېرىكا ۋە فرانسىيە 1992-يىلى (مىنسىك) ئەترىتى قۇرغان بۇلۇپ .بۇ ئەترەت ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەۋە ، ئەرمېنىيە تەرەپنى ھەرتۇرلۇك قوللاپ تۇرىدۇ.

ئەرمېنىيە تۈركىيەنى ئەزەربەيجاننى قوللاش ئۈچۈن F16 ۋە ياللانما ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇردى دەپ ئەيىبلىدى. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمۇ ئەرمىنىيەگە ئوخشاش ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەرمېنىيە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغاش ئۈچۈن سۈرىيىدىن ياللانما ئەسكەر ۋە تېرورچىلارنى قوبۇل قىلدى. دەپ ئەيىبلىدى.

بۇ چېگرا ئۇرۇشى ئەزەربەيجان ۋاقتى يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 8 دە باشلانغان بۇلۇپ.  ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى ئالدى بىلەن ئوق چىقارغان دەپ ئەيىبلىدى.

خەلقئارانىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ، پەقەت تۈركىيەلا ئەزەربەيجان تەرەپتە تۇرىدۇ ، باشقا دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ياۋروپا ئىتتىپاقى ، ئامېرىكا ، جۇڭگو ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئىككى تەرەپنىڭ  تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشغا چاقىرغان.

تۈركىيە پارلامېنتى يەنە قارار ماقۇللاپ ، ئەزەربەيجاننى تولۇق قوللاپ ، ئەرمېنىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلىدى.

18 كۈن ئىلگىرى كورونا بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەمدىلا ئەسلىگە كەلگەن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ قېرىنداش دۆلىتى ئەزەربەيجانغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ ھەممىسى تۈركىيەنىڭ ئورنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك». 

تۈركىيە سىياسىي پارتىيىلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق؟

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان AKP پارتىيىسى ۋە دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسى (MHP) ، شۇنداقلا ئۆكتىچى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى (CHP ۋە ياخشى پارتىيە (IYI ) سىياسىي پارتىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ ، ئۇرۇشنى ئەيىبلىدى. باياناتنىڭ تىمىسى بولسا «ئەزەربەيجاننى قوللاش  پۇقرالىرىنى قوغداش ».

بۇ تۆت پارتىيەنىڭ پوزىتسىيىسىگە ماس كەلمەيدىغان يەنە بىر پارتىيە، يەنى خەلق دېموكراتىك پارتىيىسى (HDP) ھۆكۈمەتنى ۋاسىتىچى بولۇشقا ۋە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشكە چاقىردى. بۇ پارتىيەنىڭ يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش تەھدىتى ۋە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز مەسىلىسىدە جىددىيلىك پەيدا قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللاندى.  ھەمدە كۆپ خاتالىقلارنى ئۆتكۇزدى ، بىز ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشى كېرەكلىكىنى .ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى مۇرەسسە قىلىپ ، رايون تىنچلىقىنى كۆزلەش كېرەكلىكىنى بىلدۇرمىز، دىدى .

خەلق دېموكراتىك پارتىيىسى  (HDP)  تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا باشلانغان ۋە كۇردلارنىڭ قوللىشى بىلەن سىياسەتكە قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىغان سىياسىي پارتىيە . بۇ پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويۇش تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن كۇرد مەسىلىسىنى سىياسىي ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر. ئەمما بۇ پارتىيەنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ (ھازىرقى راي سىناش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە ،  (HDP)  ئاللىقاچان AKP ۋە CHP دىن قالسىلا ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە بولۇپ قالغان) .

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن