«ئەڭ ئاخىرقى مەخپىيەت »:تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ئائىت ھۇججەتلەر ؛

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

2019-5-31

1989- يىلى 6- ئاينىڭ 4- كۈنى سەھەردە خىتاي ھۆكۈمىتى قۇراللىق ئارمىيەگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قۇراللىق باستۇرۇپ، كەم دىگەندە نەچچە يۈزلىگەن ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان. بۇ يىل 30- ماي،  ئامرىكا دۆلەت مەجلىسى باياناتچىسى مەزكۇر ۋەقەنى :«زور قىرغىنچىلىق»دەپ سۈپەتلىدى.

بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا، شىياڭگاڭ يىڭى ئەسىر نەشىرىياتى «ئەڭ ئاخىرقى مەخپىيەت»ناملىق كىتابنى نەشىردىن چىقىرىپ، 4- ئىيۇن قىرغىنچىلىقىغا دائىر مەخپى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغان.

كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندىن كىيىن دىڭ شىياۋپىڭنى رەھبەرلىكىدە 489 نەپەر خىتاي كومپارتىيىسى پىشقەدەملىرى ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يىغىن  ئىچىپ، ئوموميۈزلۈك ھالدا 4- ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، كومپارتىيە باش كاتىپى جاۋزىياڭنىڭ كەڭچىلىك سىياستىنى سۆكۈپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىلىپ تاشلىغان. يىغىندا يەنە كومپارتىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پىشقەدەم رەھبەرلىرى ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلدە قىرغىنچلىققا قوللەپ  مەيدانىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلانغان.

ئىپادە بىلدۈرگەنلەر ئىچىدە ئەڭ قاتتىق قول تەدبىر قوللىنىشنى ئارقىمۇ- ئارقا تەلەپ قىلىغىنى شەرقىي تۈركىستاننى قۇراللىق ئىشغال قىلغان، 30 يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ۋاڭ جىن بولۇپ، ئۇ تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قارىتا:«ئەكسىنئىنقىلاپچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈشكە تىگىشلىكنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرمىگە سولايدىغاننى سولاپ،  كەڭ كۆلەمدە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىكنى ئەمگەككە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ نوپوسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، چەت- ياقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىپ، مەجبۇرى ئەمگەككە سىلىش ئارقىلىق مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىش»تەكلىپىنى بەرگەن.