باشقىلارنى ئەيىبلەش ۋە ياكى ھاقارەتلەش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ؟

ئاپتورى: مەمەت ئەمىن


ھەممىمىز بىلگەندەك، بىزدىكى بەزى ئايىغى چىقمايدىغان تالاش تارتىش ۋە ئەيىبلەشلەر، خەلقىمىزنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئېلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئېنېرگىيىسىنى زۆرۈر بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا سەۋەب بولىۋاتىدۇ. بىز بىر تەرەپتىن، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇ تالاش تارتىشلارنىڭ چوڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بىز بىلىپ بىلمەي شۇنداق تالاش تارتىشىشلارغا سەۋەب بولۇۋاتىمىز، ۋە ئايىغى چىقمايدىغان تالاش – تارتىش ۋە ئۆزئارا ئەيىبلەشلەر ئارقىلىق ئۆز ئارا بىر بىرىمىزنى رەنجىتىۋاتىمىز.

بىلىشىمىز كېرەككى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. ئۇلار پەقەتلا زامان ئاخىرى بولغاندا تۈگەيدۇ. بىراق ئۇنداق دېگەنلىك ئىنسانلار زىددىيەت ۋە ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتە دەل شۇ زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ؛ نەتىجىدە جەمئىيەت ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؛ تەرەققىيات جەريانىدا كونا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ھەل بولۇپ، يېڭى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئىنسانلار ئۇ يىڭى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ، پەقەت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ.

مەسىلەن، ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە خەلقىمىزنى ھۆرلۈككە چىقىرىش ۋە ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىش بولۇپ، ئۇنداق دېگەنلىك خەلقىمىز ھۆرلۈككە چىقسا، ۋەتەن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار تامامەن ھەل بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇ چاغدا ھازىرقىدىن پەرقلىق يېڭى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپنى ئىنكار قىلىشنىڭ، ئۇنى يوققا چىقىرۋىتىشنىڭ، ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن بەك قايغۇرۇپ كېتىشنىڭ ۋە ياكى ئۇنى كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن بەك قورقۇپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق. زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ يالغۇز بىزدە ئەمەس، ھەممە مىللەتلەردە مەۋجۇت نەرسە. مەسىلە بىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىزدا ۋە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىزدا.

باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ياكى باشقىلاردا بار يامان ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، ئۇلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىز باشقىلارنى قايىل قىلىشىمىز كېرەك. ئىنساننى قايىل قىلىدىغان ۋە ياكى ئىنسانلارنى گەپكە كىرگۈزىدىغان نەرسە: بىرى سۆيگۈ – مۇھەببەت، يەنە بىرى پايدا -مەنپەئەەت، ئۈچىنچىسى بولسا قانۇن – تۈزۈم. بىز باشقىلارنى قايىل قىلىپ، ئۇلارنى گېپىمىزگە كۆندۈرىمەن دەيدىكەنمىز، بىز چوقۇم باشقىلارغا سۆيگۈ – مۇھەببەت بېرىشىمىز ياكى ئۇلارغا پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزەلىشىمىز كېرەك. بولمىسا، بىز باشقىلارنى ئەيىبلەش، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش ۋە ياكى باشقىلارغا تەھدىت قىلىش ئارقىلىق، ھېچكىمگە ئۆز كۆزقارىشىمىز ۋە ئوي – پىكىرلىرىمىزنى زورلاپ تاڭالمايمىز. ئەگەر بىز چىرايلىق گەپ سۆزلەر ۋە ياكى پايدا مەنپەت بىلەن باشقىلارنى ئۆزىمىزگە قارىتالمىساق، بىزنىڭ مۇكەممەل قانۇن تۈزۈمىمىز ۋە جازالاش سىستېمىسىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھېچكىم بىزنىڭ گىپىمىزگە قۇلاق سالماسلىقى ۋە ياكى سۆزىمىزنى ئېتىبارغا ئالماسلىقى مۇمكىن. بىز ھەرقانچە سۆزلىسەكمۇ، ئۇ سۆزلەر ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا كىرمەسلىكى، سۆزىمىزنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماسلىقى مۇمكىن.

بىز باشقىلارغا تەربىيە بەرگەندە، باشقىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەيلى دېگەندە ۋە ياكى ئۆز كۆزقاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، چوقۇم باشقىلارغا بۇيرۇق ۋە تەھدىت تەلەپپۇزىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشىمىز، كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چېچىش ئۇسۇلىنى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن باشقىلار قوبۇل قىلغىدەك تەلەپپۇزدا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشىمىز، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىر ئامال تاپالمىساق، ئەڭ ياخشىسى تەخىر قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئالدىراپ – تېنەپ، ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چېچىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا تەخىر ۋە سەۋر قىلىش بەك مۇھىم. تەخىر ۋە سەۋر قىلىش-  بىزنىڭ ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىشىمىزدا، بىزگە ۋاقىت قازاندۇرىدۇ؛ نەتىجىدە بىز سالماقلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، مەۋجۇت مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ توغرا بولغان چارە – تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقالىشىمىز مۇمكىن. ئادەم ئالدىرىغاندا، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغاندا، ئاچچىقلانغاندا، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇشى، نەتىجىدە ئاسان خاتالىشىپ قىلىشى مۇمكىن.

مەنبە:
https://www.facebook.com/photo?fbid=10157864739768821&set=a.10151786170203821