قوي قانداق ھارام بولىدۇ؟

ئەردەم

2020-9-9

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2- سىنتەبىر، مىرادىل ھەسەننىڭ ۋىدىيولىرى يۇتۇپ  ۋە فەيىسبۇكتا تاراش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدە تۇرۇپ يۈرەكلىك ھالدا  گۇۋاھلىق بىرىشى تور يۈزىدە كۆپلىگەن تالاش- تارتىشلارنى پەيدا قىلدى.  مىرادىلنىڭ دەسلەپكى ۋىدىيولىرىدىن ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىۋاتقانلىقىنى جەزىم قىلغىلى بولمىسىمۇ، 4- سىنتەبىر كەچتە تارتقان ۋىدىيوسىدا ئۇ ئېنىقلا خىتاي ساقچى ماشىنىسى ئالدىدا تۇراتتى. ئۈچ كىچىدە ئۇ يۇتۇپقا 6 پارچە ۋىدىيو يوللىدى، ئىنگىلىزچە، خىتايچە، ئۇيغۇرچە سۆزلىدى. مىرادىل ھەسەننىڭ خىتاينىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپ خىتايدىن قورقماي بىرىۋاتقان گۇۋاھلىقى دىققەت تارتماقتا يوق، كىشىلەر ئۇنىڭ قايسى ئىبارىنى قوللانغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشىپ گۇمان قىلىشقا باشلىدى. مىرادىل بەش يىل ئىككىلىنىپ، ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ جاننى ئالقانغا ئېلىپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن سۆزلىگەن ئۇ ۋىدىيولار تىگىشلىك قىممەتكە ئىرىشمەستىنلا، مىرادىل غايىب بولدى.

مىرادىل ھەسەن ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى داپسان مەھەللىسىدىن بولۇپ، 2015- يىلى جىياڭسۇ جىنجىياڭ شەھرىگە ئوقۇغىلى بارغان ۋە چەتئەللىكلەر بىلەن كۆپ ئارىلاشقان، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى مىرادىلنىڭ ئانىسىغا تىلىفۇن قىلىپ، ئوغلىنى يەرلىك ساقچىلارخانىلارغا بىرىپ مەلۇم قىلىشنى، ئۆزىنىڭ چەتئەلللىكلەر بىلەن نىمىشقا ئارىلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا دوكىلات قىلىشىنى سورىغان.

مىرادىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە سىياسىي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە بويۇنتۇرۇق سىلىشى ۋە دائىم ئۇنىڭ ئىش- ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرۇشىدىن بەكلا زىرىككەن. يىۋۇغا بارغانلىرىدا ئوقۇتقۇچىسىىنىڭ  كىچىلەپ تىلىفۇن قىلىپ سوراق قىلىشلىرىدىن  بىزار بولغان ۋە ئوقۇتقۇچىسىغا قوپال تەگكەن.

2017- يىلى، ئۇ جىياڭسۇدىن ئاقسۇغا قايىتقاندا، مىرادىلنىڭ ئانىسى ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا  بىر ئاي داۋالانغان بولۇپ، بالىياتقۇ راكى بولۇپ قالغان ئىكەن.  كىسەللىك سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى  توي قىلغان ياكى قىلمىغان بولۇشىدىن قەتئ‍ينەزەر ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ھالدا تۇغۇت چەكلەش، بوغدۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئانىسى كىيىنچە بالىياتقۇ راكى ئاخىرقى باسقۇچى بىلەن ئاغرىپ يىتىپ قالغان، خىمىيىلىك داۋالاش نەتىجىسىدە چاچلىرى ئاقىرىپ، چۈشۈپ كەتكەن.  مىرادىل ئانىسىنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، ئانىسى گەرچە ئۈچ قىتىم توي قىلغان بولسىمۇ، تۇغۇت چەكلەش ئوپراتسىيەسى سەۋەبلىك قايتا بالىلىق بولالمىغان. بۇ ئوپراتسىيەنىڭ زىيىنى ئاياللارغا يالغۇز روھىي جەھەتتىنلا بولماستىن، ئۇزاق سوزۇلغان ئاياللار كىسىلىمۇ بۇنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر.

2018- يىلى 1- ئايدا ئۇ جىياڭسۇغا كەتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە تەھدىت سىلىش نەتىجىسىدە  يەنە ئاقسۇغا قايتىپ بارغان.

2018- يىلى ئۇ ئاقسۇدىكى ۋاقىتتا، ئاقسۇدا قۇرۇلغان «خۇافۇ توقۇمچىلىق فابرىكىسى 浙江华孚色纺有限公司 » دا قۇل ئورنىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز بىلەن پاراڭلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر قىزنىڭ دىيىشىچە،. بۇ زاۋۇتلار خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن بولۇپ، ئەگەر كەنىت ياكى يىزا  100 نەپەر ئۇغۇر ئىشلەمچىنى زاۋۇتقا ئەۋەتىپ بەرسە، زاۋۇت ئۇلارغا مەلۇم مىقداردا پۇل بىرىدىكەن. ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ياشلار مەجبۇرى ئەۋەتىلگەن بولۇپ،  ئۇلار كۈنىگە 12 سائەت ئىشلەيدىكەن،  ئايدا  بىر- ئىككى كۈنلا دەم ئالالايدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇئاشى بەك تۆۋەن ئىكەن بولۇپ، 1000- 1500 ئارىسىدا بولىدىكەن. ئەگەر ئارتۇق دەم ئالسا، مۇئاشىدىن كېسىۋالىدىكەن. ئۇلار زاۋۇتتا يىتىپ- قوپىدىغان بولۇپ، تاماق تەمىنلەنمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ خالىغانچە سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن بولۇپ، چوقۇم فابرىكىدىن رۇخسەت سورىشى كىرەك ئىكەن. بۇ ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرگەن مىرادىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئىشلەپ قىلىشنى نۇمۇس ھىس قىلغان.

ئىككىنجى ۋىدىيودا، ئۇ 2018- يىلى 6- ئايدا  ئاقسۇدىكى لاگىرغا تۇغقان يوقلاپ بارغاندىكى كۆرگەن- بىلگەنلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بىر ۋىدىيو ئىشلىگەن. ئۇ بىر ۋاراق قەغەزگە لاگىرنىڭ تۈزۈلۈشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى، كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆچرەت، قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ، تۇغقانلىرى بىلەن ئارانلا كامىرالىق كۆرۈشۈشكە قادىر بولالايدىغانلىقى، بەزىلەرنىڭ كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى ئىيىتقان. ئۇ رەسىم سىزغان قەغەزنىڭ ئالدىدا خىتايچە خەتلەر بارلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. 3- ۋىدىيودا ئۇ ئانىسى تۇرسۇنگۈل توخنىياز، بوۋىسى توخنىياز توختى، مومىسى خانزاتخان قۇربان، تاغىسى ئاقنىياز توخنىياز قاتارلىقلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئۇ  2018- يىلى 23 -ئاۋغۇست، ئالىي مەكتەپنى يىڭىدىن پۈتتۈرگەن مىرادىل شەرقىي تۈركىستاندىن  جىياڭسۇ ئۆلكىسىگە  خىزمەت ئىزدەش نامىدا قىچىپ كەلگەن.  بىراق خىتايلار ئۇنىڭ مىھمانخانىغا چۈشۈشىنى چەكلىگەن، ھەتتا تورخانىلاردا قونسىمۇ ئارقىسىدىن پايلاپ كەلگەن ۋە ھەيدىۋەتمەكچى بولغان.

مىرادىل كىيىنچە ئامرىكىلىقلار ئاچقان بىر قاۋاقخانىدا ئىشلىگەن.  ئۇ قاۋاقخانىدا ئىشلەپ ئىككى كۈندىن كىيىنلا، قاۋاقخانا خوجايىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىسىمىغا ئۇچرىغان ۋە مىرادىلنى ئىشتىن بوشاتماقچى بولغان. ئۇ چەتئەللىك دوستلىرىدىن ۋ پ ئىن ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەن ۋە چەتئەل تور بەتلىرىنى كۆرۈشكە باشلىغان. خىتاي ساقچىلىرى بۇنى بايقىغاندىن كىيىن مىرادىلنى تۈرمىگە سولىغان، ئۇنى بىر كۈن ئاچ قويغان. شۇنداقتىمۇ مىرادىل بۇنىڭدىن خۇش بولغان، چۈنكى چەتئەل توربەتلىرىنى كۆرۈش ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگىنىدە 10 يىلدىن ئارتۇق تۈرمە ياكى لاگىرغا سولانغان بولاتتى.

 26- ئاۋغۇسىت، ئۇ تىلىفۇنىغا ئىنىستىگرام چۈشۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ساقچىلار ئۇنى يەنە ئىزدەشكە باشلىغان. ساقچىلارنى ئۇنى تۇتماقچى بولغانلىقىنى سەزگەن مىرادىل تىلىفۇن كارتىسىنى سۇندۇرۇپ تاشلاپ، تىلىفۇنىدىكى خىتايچە ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇپ،  1- سىنتەبىر پويىزغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيگە كەلگەن.  2 يىلدىن بىرى ئۇ ئولتۇرۇپ كارىۋاتتا باقمىغانلىقى،  ئولتۇرۇپ ئۇخلايدىغانلىقى، خىتاينىڭ دەپتىرىگە چۈشۈپ قالغان ئادەم بولغاچ ئاتا- ئانىسى، دوست- بۇرادەرلىرى، ئەزىز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سەرگەردانلىق تۇرمۇشى كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىيتقان.

«ئۇيغۇر مەن» يۇتۇپ قانىلىدا قىلىنغان زىيارەتلەر ئاساسەن مۇشۇ مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ قىلىنغان بولۇپ ئارتۇق توختالمايمەن. پەقەتلا مىرادىلنىڭ مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت قۇرالمىغىنىغا ئەپسۇسلىنىمەن! 2018- يىلى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىگە مەخپى ھالدا رەڭ چېچىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن خىتاي قىز دۇنياۋى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ئىدى. خەلقئارادىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرى ئەمگەك ۋە لاگىر مەسىلىسىگە ئالاھىدە قىزىقىۋاتقان مەزگىلدە، بىز ۋەتەندىن دەل شۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاشكارا گۇۋاھلىق بەرگەن يىگىتتىن نەتىجە چىقىرالمىدۇق.

قوي قانداق ھارام بولىدۇ؟

مىرادىل ھەسەن يۇتۇپتا سۆزلەشكە باشلىغاندىن كىيىن، چۈشكەن ئىنكاسلار ھەرخىل بولدى. ئۇنىڭ ۋىدىيوسىنى تولۇق كۆرمىگەنلەر كۆپ، ئۇنىڭ نېمە توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بىرىۋاتقانلىقىنى ۋە نېمە دىمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەنلەر كۆپ ئەمەس. بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرىستان دىگەنلىكى، تۈرك، مۇسۇلمان كىملىكلىرىگە ئېسىلىۋالماسلىق توغرىسىدا قىسقىغىنە سۆزلىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ ئانىسى مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەشتىن ئىبارەت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىق ئىسپاتى چەتكە قېقىلدى.ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى لاگىر خەرىتىسىنى تەسۋىرلەپ سىزغانلىرى،  ئاقسۇ ئۈچتۇرپانلىق قىزنىڭ خىتاي فابرىكىسىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئ‍ۇنتۇلدى.  بۇ پىتنىگە ئوت ياققانلارنىڭ كىملىكى ھەممىگە ئايان، ئىنسانلار ئۇنىڭ  مۇسىبەتلىرىگە قايغۇرماستىن،  ئۇيغۇرىستان دىگىنى ئۈچۈن خۇش بولۇشتى ياكى خاپا بولۇشتى. يەنە بىر كىملەرنىڭ پىكرىگە زىت  پىكىر قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ نېيىتى، چىرايىدىدىن تارتىپ خىتايغا ئوخشۇتۇلۇپ، خىتاينىڭ ئادىمىگە چىقىرىلدى. مىرادىلنىڭ خالىس نىيەت، يۈكسەك جاسارەتتە ئىيىتقان سۆزلىرى ئاق تاغلىق – قارا تاغلىق ئالا نىيەتلەرنىڭ جىدەل – ماجرالىرى ئىچىدە سۈيئىستىمال قىلىندى ۋە چىن ماھىيەت كۆمۈپ تاشلاندى. بىر دانكو يۈرەك يىگىتنىڭ جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ تۇرۇپ قىلغان گۇۋاھلىقى ۋە نەسىھەتلىرى ئىتىبارسىز قىلىپ، ئۇ ئىشەتكەن ئىبارىلەر تەتقىق قىلىندى. توردىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىلغىنى راست- يالغىنى ئېنىقلاش بولماستىن، بەكەرەك پىكىر ئايرىمىچىلىقى بولدى.  پىكىرداشلار تەنتەنە قىلدى، زىت پىكىرلىكلەر تاپا-تەنە قىلدى.  مىرادىلغا ئىچ ئاغرىتمىدىكى، ئۆزىگىمۇ ئېچىنمىدى.

بەزى گۇمانلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي بولسىمۇ،  ئارتۇقچە گۇمانسىراشلارنىڭ دەردىنى ئۆزىمىز تارتىۋاتىمىز. ۋەتەندىن بىر قىسىم كىشىلەر  خىتاينىڭ تۆمۈر قەپەس، چەمبەرچەس توساقلىرى ئارىسىدىنمۇ يوچۇق تېپىپ، دۇنيانىڭ كۆزىگە ۋەتەننىڭ  ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسەتمەكتە. ئ‍اشكارا قىلىنغان مەخپى ھۆججەتلەر، ۋىدىيولار، ئۈنسىز يىغا، دەردلەر كۆزلەر بۇنىڭ جۈملىسى ئەمەسمۇ؟ مودىل مەردان غاپپارنىڭ ۋىدىيوسىمۇ ئاشۇ چىۋىن ئۇچۇپ كىرەلمەس تۈرمىلەر ئىچىدىن تارتىلغان ئەمەسمۇ؟ ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزلەۋاتقان ئۇچۇرلار ئەنە شۇنداق مەخپى تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بار كىشىلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن كىلىدۇ.  يىقىندا بىرلەشمە ئاگىنتلىق، گاردىيان خەۋەرلىرىدە بىرىلگەن خەۋەرلەردە ۋەتەن ئىچىدە تۇرۇپ 4 ئادەمنىڭ زىيارەت بەرگەنلىكى يىزىلغان. بۇنداق ئارتۇقچە گۇمانسىراشلار مىھرىگۈل تۇرسۇن، زۇمرەت داۋۇت، قەلبىنۇر سىدىقلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، دەسلىپىدە گۇۋاھلىق بىرىشتىن تاندۇرىۋەتكىلى تاس قالغان. خىتاي كۈچلۈك، بىراق خەلقىمىزدە خىتاينىڭ مۇشتىدىنمۇ كۈچلۈك جاسارەت بار، غەيرەت بار، خىتايلارغا يۈرىكىدە نەپرەت بار.

مەن مىرادىل ھەسەننىڭ خىتاي ئىچىدە تۇرۇپ ۋىدىيولۇق سۆزلىگىنىگە گۇمان قىلغانلارغا ئارتۇق كايىمايمەن، ئۇ گۇمانلارنىڭ ۋاقتى مىرادىل خىتاي ساقچى ماشىنىسى ئالدىدا تۇرۇپ سۆزلىگەندىلا ئەھمىيىتىنى يوقاتقان. مەن ئاساسلىق دىمەكچى بولغان نەرسە خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئۆزىڭىزنىڭ مەزھەپ، مەسلەكلىرىڭىزگە يانتاياق قىلماڭ! ئۆزىڭىزنىڭ پىكرىگە توغرا كەلمىگەنگە تۆھمەت – ھاقارەتلەر ياغدۇرۇپ، تىرىك ئۆلتۈرمەڭ! سىزنىڭ «سېىنىپىي كۆرەشلىرىڭىز» دەستىدىن كەلگۈسىدە مۇبارەك قۇربانلىق قويمۇ ھارام بولۇپ كەتمىسۇن!

مىرادىلنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا مۇخبىرلار ئارقىلىق ئاڭلىتىشقا ھەرىكەت قىلغانلار يوق ئەمەس. مەن شەخسەن ئۇنىڭ ئانىسى توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىنى نىيويورك مۇخبىرىغا ئەۋەتىپ بەردىم ۋە «ئۇ ئەگەر راستىنلا خىتايدا تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان بولسا تولىمۇ باتۇر ئ‍ىكەن» دېدىم. تاھىر ئىمىن قىرىندىشىمىزمۇ ئۆزى بىلىدىغان 80 دەك مۇخبىرغا مىرادىل ھەسەن توغرۇلۇق ئۇچۇر يوللاپتۇ، بىراق ئىجابى جاۋاب ئالالماپتۇ. يەنە باشقىلارمۇ ئەلۋەتتە ئۇ توغرىسىدا ئۆزى بىلگەن مىدىيا ۋاستىلىرىغا سۆزلىدى دەپ ئويلايمەن.  گەرچە  مىرادىل ھەسەن غايىب بولۇپ، «ئۆلگەندىن كىيىن ياسىن ئوقۇپ» كىچىككەن بولساقمۇ، ھىلىھەم مىرادىلنىڭ ئىيىتقانلىرىدىن بىرەر پارچە ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە، تۈركچە تولۇق خەۋەر يىزىش قولىمىزدىن كىلىدۇ. يۇقىرىدا مەن مىرادىل ھەسەننىڭ ئۆزى يوللىغان ۋىدىيولارنى بىر باشتىن كۆرۈپ، رەتلەپ، خەۋەر شەكلىدە تەييار قىلدىم. خالىغانلار قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ، ھىچبولمىغاندا ئۇنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى، لاگىر، خۇۋافۇ فابرىكسى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئىزدىنىپ، خەۋەرگە خام ماتىرىيال قىلسا ئاندىن ئەھمىيەتلىك ئىش قىلغان بولىدۇ. ئاندىن مىرادىلغا، ۋەتەندىكى مىلىيونلىغان مىرادىللارغا يۈز كىلەلىگەن بولىدۇ.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن