فىرانسىيەدە ئۇيغۇر تىراگىدىيەسى قىززىق نۇقتىغا ئايلانماقتا

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تارىم

2020-7-23

يىقىندىن بۇيان فىرانسىيەنىڭ خىتايغا بولغان مۇئامىلىىسدە ۋە ئۇيغۇرغا بولغان مۇئامىلىسىدە ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ. فىرانسىيەدىكى سولچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ گىزىتلىرىدىن«ئازاتلىق» گىزىتى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىۋاتىدۇ» دىگەن تېمىدا باش بەت ماقالىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئالاھىدە تەسىرى بولغان. شۇ كۈنى 30 نەپەر فىرانسىيە پارلامىنت ئەزالىرى پىرىزدىنغا خەت يىزىپ، خىتاينى خەلقئارا سوتقا تارتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلاردىن بىرى يەنە تۆۋەن پالاتادا ئۇيغۇر تىراگىدىيەسىگە كۆز يۇمماسلىقنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، يەنە بىر ئەزا يۇقىرى پالاتادا ھۆكۈمەتتىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن فىرانسىيە خىتايدىن فىرانسىيەنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئ‍ۆمىكىنى ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە خىتاينى ئەيىبلىگەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن بولسمۇ مۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىققان ئىش ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت باشلىنىش!

تاشقى جەھەتتىن ئامرىكا، ئەنگىلىيەنىڭ خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسىنىڭ قاتتىقلىشىغا ئەگىشىپ، فىرانسىيەدىمۇ تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ئىچكى جەھەتتىن لاگىردىن چىققانلار، لاگىرغا تۇتۇلغانلارنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرى بەرگەن گۇۋاھلىقلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكىلاتلىرى، شۇنداقلا فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى مىۋە بەرمەكتە. بۇ ئۆزگىرىشلەردە يەنە فىرانسىيەلىك ياۋروپا پاۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى گىلوكىسمەننىڭ رولى ئالاھىدە زور بولۇپ، ئۇ فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدا يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گىلۇكىسمەن ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۆتۈرۈپ چىققاندىن كىيىن، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى  بولۇپمۇ مۇسۇلمان فىرانسۇز قوللىغۇچىلار ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن. نەتىجىدە، ئۇيغۇر تىراگىدىيەسى خەلق ئاممىسى ۋە باشقا پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ تېخىمۇ ھىسداشلىقىغا ئىرىشكەن.  

دىلنۇر رەيھاننىڭ ئىيتىشىچە، ئۇلار فىرانسىيەدىكى داڭلىق قانال، گىزىت- ژورناللاردا ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان بولسىمۇ، ئاساسىي ئامما يەنىلا كۆپ خەۋەرسىز قالغان. خەۋەر، گىزىت ئوقۇپ كەتمەيدىغان ئامما ئۈچۈن تىۋىتىر، ئىنىستىگرامغا ئوخشاش ئاممىباب سۇپىلار ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان.

دىلنۇر رەيھان باشچىلىقىدىكى ياۋروپا ئىنىستىتۇتى تىۋىتىر ۋە ئىنىستىگرام سەھىپىلىرىگە ئەگەشكۈچىلەر ئاز بولسىمۇ ساز بولۇپ، مىلىيونلىغان مەستانىلىرى بار داڭدار سەنئەتچىلەر، تەسىرى كۈچلۈك شەخىسلەرمۇ كۆپلەپ ئەگەشكەن. پارىژدىكى مىتراغا ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمىنى سىزغان ئادەممۇ ياۋروپا ئىنىستىتۇتى ئ‍ىنىستىگرام سەھىپىسىگە ئەگىشىدىغان نامەلۇم بىر سەنئەتكار ئىكەن.