خىتاي ئىستىخبارات تارماقلىرىنىڭ سىرى

           ھەبىبۇللاھ ئىزچى

2020-7-16

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ئىستىخبارات تارماقلىرى خىتايدىكى ئەڭ سىرلىق ئورۇنلار بولۇپ، ئۇلار ھەربىي ئاخبارات بۆلۈمى، دۆلەت بىخەتەرلىك بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىك بۆلۈمى قاتارلىق ھەر خىل تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش شىتابى دەسلەپكى ئۇرۇش يىللىرىدا، پەقەتلا بىر يەككە ھەربىي ئىشلار قۇماندانلىق ئورگىنى ئىدى. ئەمما ئەينى چاغدىكى ھەربىي ئاخبارات ئورگىنى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قارمىقىدا باش ئىستىخبارات ئورنى تەسىس قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش شىتابنىڭ قارمىقىدا يەنە ئىستىخباراتنى باشقۇرىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇنمۇ تەسىس قىلىنغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلار  تەشكىلىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، بارلىق ھەربىي ئىشلار تارماقلىرى باش شىتاب، باش سىياسىي بۆلۈم ۋە باش ئارقا سەپ بۆلۈم، يەنى ئاتالمىش ئۈچ باش بۆلۈمگە كىرگۈزۈلدى. ھەربىي ئىستىخبارات ئورنىمۇ باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمى، ئۈچىنچى بۆلۈمى ۋە باش سىياسىي بۆلۈمنىڭ ئالاقە بۆلۈمىگە تەۋە قىلىندى.

شۇنداق بولغاچقا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش شىتابى ئىككىنچى بۆلۈمى، ئۈچىنچى بۆلۈمى ۋە باش سىياسىي بۆلۈم ئالاقە بۆلۈمىنىڭ ھەممىسى ھەربىي قىسىمنىڭ ئىستىخبارات سىستېمىسى دېيىلىدۇ. باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمنى  سىرتتىكىلەر «باش شىتاب ئىستىخبارات ئورنى» دەپمۇ ئاتايدۇ، چۈنكى باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمى ئاساسلىقى ھەبىي ئاخبارات توپلاشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۈچ فونكسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ھەر خىل سالاھىيەتتە نىقاپلانغان ھەربىي ئاخبارات توپلايدىغان جاسۇسلارنى چەتئەلگە ئەۋەتىدۇ؛ ئىككىنچى، چەتئەلدىكى ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىدىن ھەربىي ئاخبارات تەھلىل قىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، چەتئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلارغا ھەربىي ئەمەلدار ئەۋەتىدۇ. ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ ھەربىي ئىستىراتېگىيە ئىستىخبارات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاخبارات توپلاش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالاھىدە ئەلچى مەزكۇر تارماقنىڭ ئالاھىدە ئەلچى باشقارمىسىغا  تەۋە. ئالاھىدە ئەلچى باشقارمىسى ئۈچىنچى باشقارما دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۆرت يۈزدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار، جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تۇرۇشلۇق رايونى ئالاھىدە ئەلچى توپلايدىغان پائالىيەتنىڭ مۇھىملىقى  بويىچە، يەنە بىر قانچە ئۇششاق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم شۇنداقلا ئەڭ ئاكتىپ بىر گۇرۇپپا تۈركىيەنى بازا قىلىدۇ. يەنە بىر گۇرۇپپا ئافرىقىدا تەسىس قىلىنغان. ئەمما ئۇ گۇرۇپپىنىڭ پائالىيەت مەركىزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم. خىتاي ھەربىي ئىشلار ئالاھىدە ئەلچىسى چەتئەلنىڭ قورال تېخنىكىسى، ئۇرۇش كۆلىمى، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئاخباراتلارنى توپلايدۇ. بۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلىرىگە ئاشكارا يوللار ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەمما سەزگۈر تېخنىكىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا چوقۇم مەخپىي ئۇسۇل قوللانغاندىلا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

خىتاي ھەربىي ئىشلار ئالاھىدە ئەلچىسى مەخپىي ئۇچۇر توپلاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا ئىچكى قىسىمدىكى تەربىيەلەش تۈرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ تەرەپتىكى ماھارىتى مەشقلەندۈرۈلىدۇ، تەربىيەلەش تۈرى جاسۇسلۇق مەلۇمات ماھارىتى ۋە تىل قابىلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەنجىڭ تاشقىي ئىشلار ئىنستىتۇتى يېقىندا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى دەپ يېڭىدىن نام بېرىلگەن بولۇپ، ئىككىنچى بۆلۈم جاسۇسلۇق مەلۇمات ماھارىتى ۋە چەتئەل تىلى قابىلىيتى بويىچە تەربىيەلەيدىغان ئىنىستىتۇت. ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ يەنە ئاخبارات تەھلىل قىلىش باشقارمىسىدىن ئۈچى بار، مۇئەييەن رايوندىكى نىشانغا قارىتا چوڭقۇر قاتلاملىق ئاخبارات تەھلىلى ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل: تۆتىنچى باشقارما مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ۋە شەرقىي ياۋروپانىڭ سىياسىي ھەربىي ئىشلار سىياسىتىنى مەركەزلىك تەكشۈرىدۇ، يەنە بىر باشقارما يەنى ئالتىنچى باشقارما خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى خىتاي بىلەن قوشنا دۆلەتلەرگە قارىتىدۇ. يەنە بىر ئورگان ئامېرىكا ياكى غەرب دۆلەتلىرى تەھلىل باشقارمىسى دېيىلىدۇ، يەنى بەشىنچى باشقارما. مەزكۇر باشقارما سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەھلىل ئېلىپ بارغاندا ئاساسلىقى ئاشكارا يوللار بىلەن ئېرىشكەن نەشر بۇيۇملىرىدىن پايدىلىنىدۇ. مەزكۇر باشقارمىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەھلىلچىسى كۆپىنچە ھاللاردا ئامېرىكىدا كۆپ يىل ئىشلەيدۇ، چۈنكى بۇ ئالاھىدە بىر تەتقىقات خىتاي ئىستىخبارات ساھەسىدە خېلى يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ تىل قابىلىيىتى كۈچلۈك تەھلىلچىنى يېتىشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ،  مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىدا ئەكس ئەتكەن مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ئۇچۇرلارنى پەرق ئېتەلەيدۇ. بەشىنچى باشقارما ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئامېرىكادىكى ماتېرىياللارنىڭ ئىككى كېلىش مەنبەسى پارلامېنتنىڭ دوكلاتى شىركىتىنىڭ دوكلاتى. RAND ھۆججىتى ۋە

ئىككىنچى بۆلۈمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا باشقارمىسى، يەتتىنچى باشقارما دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ۋەزىپىسى تېخىنىكا تەتقىق قىلىش، لايىھەلەش ۋە ئېچىش. ئالتە تەتقىقات ئورگىنىنى مەزكۇر باشقارما باشقۇرىدۇ: جاسۇسلۇق ئاخبارات ئۈسكۈنىلىرىنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان58-تەتقىقات ئورنى، تېخنىكىلىق ياردەم ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خەيئوۋ (海鸥) ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر زاۋۇتى، بېيجىڭ ئېلېكتىرون زاۋۇتى، 57-تەتقىقات ئورنى، شىمالىي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر مەركىزى ۋە مەزكۇر باشقارمىنىڭ كومپيۇتېر مەركىزى. يەتتىنچى باشقارمىنىڭ مەۋجۇد بولۇشى، ئىككىنچى بۆلۈم چەتئەلنىڭ كەلگۈسى پەن-تېخنىكىسىنى نىشانلاپ جاسۇسلۇق مەلۇمات پائالىيىتى ھەققىدە ئويلىنىپ، پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسىنى توپلاش ئورۇنلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى، تېخنىكا مەلۇماتى ياردەمىنىڭ قورال پىلان تەرەققىياتى جەريانىدا ئوينايدىغان رولىنىڭ ئىنتايىن روشەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلايدۇ.

، ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە تارماقلىرىمۇ بار

ئارخىپ ئىدارىسى چەتئەلدىكى ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىنى توپلاپ ساقلايدۇ. چەتئەل ھەربىي ئىشلار نەشرىيات شىركىتى ئۇنىڭ قارمىقىدىكى بىر ئىدارە بولۇپ، مەزكۇر شىركەت باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئىشلار ژۇرنىلىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قايتىدىن نەشر قىلىشقا مەسئۇل.

مەخپىيەتلىك ئىدارىسى مەخپىي ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، يەتكۈزۈش ۋە يىغىپ ساقلاشقا مەسئۇل، ئۇنىڭدىن باشقا ھۆججەتلەرنى تۈرگە ئايرىشقا بىر تۇتاش ئۆلچەم بېكىتىدۇ.

ئۇنىۋېرسال ئىدارە خىزمەتچى خادىملارنى ئارقا سەپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن، قاتناش، ئىشخانا ئۈسكۈنەلىرى، كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى ۋە يېمەك-ئىچمەك.

قوغداش ئىدارىسى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى كومىتېت ئەزالىرى ۋە ھەر قايسى باش شىتاب باشلىقلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل. ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىدە ئۆزىنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقى بار. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، خامچوت ۋە ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە مەزكۇر ئورۇننىڭ ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئەڭ چوڭ ئىكەن.

باش شىتاب ئۈچ بۆلۈمنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تىڭتىڭلاش.  يەنى ھەر قايسى چېگرا  ۋە دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى سان ساناقسىز «تىڭشاش پونكىتى» ئارقىلىق  ئېلېكتىرونلۇق مەلۇماتنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئاخبارات خادىملىرى ئىلگىرى پۈتۈن كۈن 24 سائەت چەتئەلنىڭ تېلېۋىزىيەسىنى كۆرۈپ تىڭشايتتى، ھازىر يەنە ئېلېكتىرونلۇق تورنى نازارەت قىلىش كۆپەيدى.

چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ھازىر باش شىتاب ئىككىنچى بولۈم بولسۇن، ئۈچىنچى بۆلۈم بولسۇن، ھەممىسى پەقەت ھەربىي ئىشلار ئاخبارات خىزمىتى بىلەنلا شۇغۇللانمايدۇ. مەسىلەن، نۆۋەتتە باش شىتاب ئۈچ بۆلۈمنىڭ بارلىق خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفوننى تىڭشاشقا مەسئۇل 130 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بار. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بارلىق خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى تىڭشىلىپ ۋە ئۈنگە ئېلىنىدىكەن، پەقەت ئۈنگە ئېلىش ئۈسكۈنىسىدە ئالدىنئالا بىر قىسىم سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ قويىدۇ، مەسىلەن، بىر قىسىم خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىسمى، بىر قىسىم سەزگۈر ۋەقەلەرنىڭ ئىسمى، شۇنداقلا بەزى يوشۇرۇن سۆزلەر، ئۈنئالغۇ بۇ سۆزلەرنى سەزگەندە، ئۆزلۈكىدىن ئۈنگە ئېلىشنى باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا تىڭشىغۇچى دەرھال بۇ تېلېفوننى ئىز قوغلاپ تىڭشاپ تەكشۈرىدۇ. 6.4، فالۈنگوڭ قاتارلىق ئىسىملار چىقسا ئۈنئالغۇنىڭ كۇنۇپكىسى ئەلۋەتتە ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بۆلۈم يەنە چەتئەلنىڭ فاكسىنى قوبۇللايدۇ.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىدىكى ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈم ئەۋەتىدۇ، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ياكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەۋەتمەيدۇ. ھەربىي ئەمەلدار ھەربىي خىزمەتتە بولۇپ، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرىسى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدار، دەرىجىسى ھەربىي قىسىم باشلىقى، ھەربىي ئۇنۋانى گېنېرال مايور. باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ بەزىلىرى ھەربىي قىسىم باشلىقى دەرىجىسىدە، بەزىلىرى مۇئاۋىن ھەربىي قىسىم باشلىقى دەرىجىسىدە، ئەمما كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى دېۋىزىيە دەرىجىسىدە، مۇنداقچە ئېيتقاندا داشياۋ (大校)

ھازىرقى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش شىتابىنىڭ مۇئاۋىن باش شىتاب باشلىقى شيوڭ گۇاڭكەي (熊光楷)، ئىلگىرى باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1995- يىلى جى شىڭدې (姬胜德) بۆلۈم باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. 1999-يىلى، يۈەنخۇا (远华) پەۋقۇلئاددە زور ئەتكەسچىلىك دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بۆلۈم باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، ھەربىي ئىشلار مەكتىپى قارمىقىدىكى ھەربىي ئىشلار نىزامى تۈزىدىغان بىر بۆلۈمگە يۆتكىلىپ، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان، ئەمەلىيەتتە يېرىم دەرىجە تۆۋەنلىتىلگەن، ئۇزاق ئۆتمەي رەسمىي قولغا ئېلىنغان.

باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمدە بەش ئىدارە بار: گۇاڭجۇ ئىدارىسى، بېيجىڭ ئىدارىسى، تيەنجىڭ ئىدارىسى، شاڭخەي ئىدارىسى، شېنياڭ (渖阳) ئىدارىسى. بۇ ئىدارىلەر شۇ شەھەردە تۇرۇشلۇق پالان-پۇستان ئىشخانا دېگەن ئاتاقتا پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، گۇاڭجۇ ئىدارىسى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مانچىنچى ئىشخانا. بېيجىڭ ئىدارىسى بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مانچىنچى ئىشخانا دەپ ئاتىلىدۇ. 2000-يىلى 11-ئايدا،  بېيجىڭنىڭ مۇشۇ ئىشخانىسىنىڭ باش، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، باش، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىندى، چۈنكى بۇ كىشىلەر جى شىڭدېنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئىدى، ھازىر ئىككىنچى بۆلۈم بېيجىڭ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ تەگئاتى گو (郭)، ئىلگىرى رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدار ئىدى.

باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ ۋەزىپىسى سىرتتىن ئاخبارات توپلاش، جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن قارىغاندا، دۇنيادا خىتاي دۆلىتىدىن باشقا ھەممىسى باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە، ئەمما بەزىدە باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈم يەرلىكتىكى ئىشلارغىمۇ ئارىلىشىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى يەتتە چوڭ ھەربىي رايون (گۇاڭجۇ، لەنجۇ، نەنجىڭ، چىڭدۇ، جىنەن، بېيجىڭ، شېنياڭ) نىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا يەتتە ئاخبارات بۆلۈمى بار، ئەمما دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس، دېۋىزىيە دەرىجىسىگە تەۋە. بىراق باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈم ھەربىي رايون دەرىجىسىدە. شۇڭلاشقا جى شىڭدې گېنرال مايور بولۇپ، ھەربىي رايون دەرىجىسىدە. شيوڭ گۇاڭكەي مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى بولغاندىن كېيىن گېنرال پولكوۋنىك دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلگەن. ھەربىي قىسىمنىڭ ئاخبارات سىستېمىسىنىڭ كەسپىنىڭ بەزىلىرى كېسىشىدۇ. مەسىلەن، سىرتقا ئادەم ئەۋەتىش جەھەتتە، بولۇپمۇ خوڭكوڭ (شياڭگاڭ)غا ئەۋەتىشتە. لىكىن كۆپىنچە ھاللاردا، خوڭكوڭ، ماكاۋ(ئاۋمىن) دىن باشقا رايونلار، مەسىلەن، كانادا، ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان ھەربىي ئاخبارات خادىملىرىنى باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈم ئەۋەتىدىغىنى ئېنىق، ھەرگىزمۇ ھەربىي رايوننىڭ ئاخبارات بۆلۈمى ئەۋەتمەيدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈم تەتقىقات ئورگىنىنىڭ سىرتقا ئاشكارا ئىسمى «خەلئارا سىتراتېگىيە تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى». شۇڭلاشقا سىتراتېگىيە تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ ھەممىسى باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ ئوفىتسېرلىرى. مەسىلەن چىن شۈيبيەن (陈水扁) تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، تەيۋەن ۋەزىيىتى جىددىي مەزگىلدە، دائىم تەيۋەنگە قارىتا بايانات  ئېلان قىلىدىغان ياش ئالىم شىن چى (辛旗)، باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ زىيالىيلىرىدىن بىرى. باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ ئاخبارات سەۋىيەسى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى، چۈنكى ئۇ قىزىل ئارمىيە دەۋرىدىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، شۇڭلاشقا خىتاينىڭ CIA (ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى) سى دېگەن نامى بار.

ئۈچ خىل ئاخبارات خادىمى: مەخپىي خادىم (密工)، سودا كادىرى (商干)،  بېقىندى(挂靠)

خىتاي ئارمىيەسى 3-كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشلاپ، ھەربىي قىسىمنىڭ ئەتكەسچىلىكى بارغانسېرى زورايدى. جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ھەربىي تەرەپتە ئارقا تېرىكى بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان، ھەمدە ھەربىي ئاخباراتتا ئارقا تېرىكى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشى ئۆزىنى باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ ئادىمى دەيدۇ؟ چۈنكى باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ ئاخبارات خادىملىرى ئىچىدە ئاساسەن ئۈچ خىل كىشى بار: مەخپىي خادىم، سودا كادىرى، بېقىندى. بىرىنچى خىل كىشىلەر باش شىتاب ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ كەسپىي جاسوسلىرى، شىتاتلىق بولۇپ، بۇ خىل كىشىلەر  شۇ دائىرىدە «مەخپىي خادىم» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل كىشىلەر ئاساسەن مەخسۇس تەربىيەلەنگەن كەسپىي جاسۇسلاردۇر. ئەمما دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ بۇ خىل ئادەملىرى «مەخپىي كادىر» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا شىتاتى بار.

ئىككىنچى خىل كىشىلەر يېرىم شىتاتلىق بولۇپ، شۇ دائىرىدە «سودا كادىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنى «يېرىم شىتاتلىق» دېيىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ كومپيۇتېرىغا چىققان، ئەمما كىشىنىڭ ئۆزى ھەربىي ئاخبارات سىستېمىسىنىڭ مەمۇرىي شىتاتىغا كىرمىگەن.

خىتاي كومپارتىيەسى ئىستىخبارات باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋىتى، بىز پەقەت ھەربىي ئاخبارات سىستېمىسىدىن بىر قانچە مىساللا ئالىمىز: مەسىلەن جاڭ پىڭ ئىسىملىك بىرسى بار، گۇاڭدوڭدا ئىش تېرىدى. مەيلى ئادەم ئۇرسۇن، بۇلاڭچىلىق قىلسۇن ياكى مەخپىي پاھىشەخانا ئاچسۇن، پەقەت ئادەم ئۆلمىگەنلا بولسا، ساقچى جاڭ پىڭنى تۇتقىلى كەلگەندە، جاڭ پىڭ: مېنى تۇتساڭ بولمايدۇ، مەن ئاخبارات بىلەن شۇغۇللىنىمەن، پالانچىنىڭ ئادىمى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر جاڭ پىڭ چېگرادىن چىققاندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى پېرىۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى خوڭكوڭ (شياڭگاڭ) غا بېرىشتا پەقەت 6 مىڭ خوڭگوڭ پۇلىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرەلەيدۇ دېگەن بەلگىلىمىسىدىن ئېشىپ، يېنىدا 600 مىڭ خوڭگوڭ پۇلى چىقىپ تاموژنىدا تۇتۇۋالغان بولسا، جاڭ پىڭ تاموژنىدىكىلەرگە، مېنى تۇتساڭ بولمايدۇ، مەن ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ خادىمى، پالانچىنىڭ ئادىمى دەيدۇ. بۇ چاغدا تاموژنىدىكىلەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلېفون ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈشى مۇمكىن. چاڭ پىڭنىڭ ئىسمى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ كومپيۇتېرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تەرەپتىكىلەر سۈرۈشتۈرۈپلا: جاڭ پىڭ بىزنىڭ ئادەم دەيدۇ. مۇشۇنداق جەزملەنگەندىن كېيىن، تاموژنىدىكىلەر ئادەم ۋە پۇلنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي ئامال يوق.

ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى خىل كىشىلەر ئىچىدىن يەنە ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ: بىر خىلى «مەخپىي خادىم» غا ئوخشاپ كېتىدىغان، ھەم ھەربىي ئاخباراتنىڭ كومپيۇتېر تىزىملىكىگە كىرگەن، ھەم رەسمىي ھەربىي فورما تارقىتىلغان. شۇنداقلا ئاتاقتا يەنە بىر ئۈلۈش مائاشى بار، ھەربىي كومىتېت ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ كىشى ئاخبارات خىزمىتى قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن قۇربان بولغان بولسا، ئۇنداقتا بىر بۆلۈك پۇل شۇ كىشىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئادەتتە بۇ بىر قىسىم مائاشنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت بۇ كىشى ئۈچۈن ساقلاپ قويىدۇ.

يەنە بىر خىل كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئاخبارات بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ھەربىي ئاخبارات تارماقلىرىغا كىرىشى، ئادەتتە ئىككىنچى بۆلۈم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ پەقەتلا تىجارەت قىلىپ كۆپ پۇل تېپىش. چۈنكى، ھەممەيلەنگە ئېنىق بولغىنىدەك، خىتاي ھەربىي ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ ئاتالمىش تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش تامغىسى بار، چەتئەلدىن مال كىرگۈزگەندە تەكشۈرۈشتىن كەچۈرۈم قىلىش مۇتلەقكى ئالاھىدە ھوقۇق. ئەگەر بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەربىي ئاخباراتتىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بولسا، نۇرغۇن پۇل تاپالايدۇ. بۇ چاغدا، بۇ كىشى بىر قىسىم تاپاۋىتىنى ئايرىپ، دۆلەتكە ئىئانە قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي ئاخبارات خىزمىتىنى قوللايدۇ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش دېسەكمۇ بولىدۇ.

ئۈچىنچى خىل كىشى «بېقىندى» دەپ ئاتىلىدۇ، جەمئىيەتتە بۇ خىل كىشىلەر ئەڭ كۆپ. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىنىڭ يۆلەنچۈكى ھەربىي ئاخباراتنىڭ يەرلىكتىكى سىرتقا قارىتىلغان بىر قىسىم ئىشخانىلىرى. مەسىلەن: گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ يەرلىكتىكى سالاھىيىتى «گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 5-ئىشخانىسى»، مەسئۇلى مۇدىر ۋە سىياسىي كومىسسار دەپ ئايرىلىدۇ. ئىلگىرى 5-ئىشخانىنىڭ سىياسىي كومىسسارىنىڭ ئىسمى فۇ جۈن بولۇپ، دەرىجىسى گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىسىگە تەڭداش، ئۇ ئىلگىرى گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان.

بۇ ئىشخانىلارنىڭ قارمىقىدا كۆپ باشقارما تەسىس قىلىنمىغان، مەسىلەن: گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى ئىشخانىسى «5-ئىشخانا»، ئۇنىڭ قارمىقىدا 5، 6 باشقارما بار، ھەر بىر باشقارمىدا باشقارما باشلىقى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بار.

ئەينى يىللاردىكى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ ۋەننيەننىڭ ئاخبارات تارماقلىرىغا قارىتىلغان 16 خەتلىك كۆرسەتمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 4 خېتى: سودا ئاخبارات تەڭ گۈللەنسۇن، بۇ يەنە سودا بىلەن ئاخباراتنى بېقىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ھەربىي ئاخبارات تارمىقىغا يۆلەنگەچكە، سىياسىي جەھەتتە بىخەتەر بولدى دېگەن گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە غايەت زور پايدا بار. بۇنداق بولغاندا جەمئىيەتتە بىر قىسىم تىجارەتچىلەر ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتە پائالىيەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا  بۇنداق ئىشخانىلار يەرلىكتە بىردىنلا كۆپىيىپ كەتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتا لى چاڭچۈن گۇاڭدوڭنى ئۆتكۈزۈۋالغان ۋاقىتتا، جياڭ زېمىنغا يازغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە 22 «ئىشخانا» بار، ھەممىسى ھەربىي، قوراللىق ساقچى، ئاساسىي قانۇن، ئالاھىدە. مەسىلەن ئېيتايلى: «1-ئىشخانا» ۋە «3-ئىشخانا» ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ، 3-ئىشخانا «خوڭكوڭ ماكاۋ خىزمەت كومىتېتى» نىڭ، «4-ئىشخانا» باش شىتاب 2-بۆلۈمنىڭ، «5-ئىشخانا» گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ، «باۋلى گۇرۇھى» «16-ئىشخانا»، ليۇ خۇاچىڭ (刘华清) نىڭ قىزى ليۇ چاۋيىڭ (刘超英) «17-ئىشخانا»، ليۇخۇاچىڭنىڭ كېلىنى جىڭ لى (郑莉) «22-ئىشخانا».

خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدى كەينىدە، خوڭكوڭ ماكاۋ ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئاستىغا نۇرغۇن كىشىلەر بېقىنغان، چۈنكى خوڭكوڭ ماكاۋ ئىشلىرى كومىتېتى خوڭكوڭ ئاخباراتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل. بولۇپمۇ ئەينى ۋاقىتتا خوڭكوڭنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا قايتۇرۇۋېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى زور تۈركۈمدىكى ئالاھىدە خادىملارنى خوڭكوڭغا يوشۇرۇن ئەۋەتكەن. بىر مىسال ئالساق: خوڭكوڭدىكى كومپارتىيە تەرەپدارى مەلۇم بىر پارتىيەنىڭ تەشكىلاتىدا، رەئىستىن سىرت، باشقا ھەممە باشلىقلىرى كومپارتىيە ئەزاسى. خوڭكوڭدىكى ئاساسلىق بىر تېلېۋېزىيە تاراتقۇسىنىڭ خوجايىنىنى باش شىتاب 2-بۆلۈم ئەۋەتكەن جاسۇس؛ يەنە بىر تېلېۋىزىيە تاراتقۇسىنىڭ بىرىنچى چوڭ پايچىكى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، بىراق ]X شىركەت[ نامىدا كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردە بىر نۇقتىنى تولۇقلاپ قوياي، كېيىن، 1998-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، جياڭ زېمىن ھەربىي قىسىمغا سودا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، ئەمما ھەربىي ئىستىخبارات تارماقلىرىنىڭ چەتئەلدىكى شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

يازغۇچى ئىلگىرى ھەربىي قىسىمنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىگەن، كېيىن خوڭكوڭدا بىر قانچە يىل ياشىغان دوستىغا ئۇچراپ قالغان. ئۇنىڭ يازغۇچىغا دەپ بېرىشىچە، ئۇ خوڭكوڭغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، ئۆزى ئىلگىرى ھەربىي قىسىمدا تونۇيدىغان بىر سەپداشىنى كۆرگەن، بۇ سەپداشمۇ خوڭكوڭدا تۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىپ بوپتۇ. سەل ئىلگىرى ئۇمۇ ۋەزىپە بىلەن خوڭكوڭغا ئەۋەتىلگەن ئىكەن، بۇ سەپداشنىڭ خوڭكوڭدىكى ۋەزىپىسى، ھەر قايسى چوڭ سودا سارايلىرى، رېستوران، مېھمان-ساراي، كىنوخانالاردا باشقىلارنى تىڭ-تىڭلاش «پاراڭلىشىش»، خوڭكوڭ جەمئىيىتىدىكى كومپارتىيەگە قارشى ئاخباراتلارنى توپلاش ۋە خوڭكوڭ جەمئىيىتىدىكى يوشۇرۇن مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىغا ئائىت ماتېرىيال توپلاش ئىكەن.

شۇڭلاشقا، خىتاي ئىستىخبارات ساھەسىدە مۇنداق بىر گەپ بار: ئەگەر مەركەز خوڭكوڭ (شياڭگاڭ) غا ئەۋەتكەن يەر ئاستى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدىغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا يېرىمدىن كۆپ خوڭكوڭ (شياڭگاڭ) لۇق چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ كېتىدۇ.

«بېقىندى» غا تەۋە ئۈچىنچى خىل كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم تىجارەتچىلەر، بۇنداق كىشىلەر گۇاڭدوڭ، فۇجيەن قاتارلىق رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ. مەسىلەن پالانچى پۇستانچى يەككە تىجارەتچى، ئۇ »5-ئىشخانا« دىكى مەلۇم باشقارما باشلىقى بىلەن تونۇش، يەنى بۇ باشقارما باشلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدۇ دېگەن گەپ، بۇ باشقارما باشلىقى بۇ كىشىنى ياقتۇرۇپ قالسا، بولىدۇ، سەن بىزنىڭ ئادىمىمىز بولدۇڭ دەيدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ كىشىگە »گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 5-ئىشخانا« نىڭ خىزمەت كىنىشكىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ. ئىچكى ئەھۋالنى بىلمىگەنلەر، بۇ ئادەم گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچى خادىمى دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ جەمئىيەتتە ئىستىخبارات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئىستىخبارات تارماقلىرىدىكى ئورنى ئەڭ تۆۋەن، بىراق جەمئىيەتتە ئەڭ پوپوزا قىلىدىغانلاردۇر. چۈنكى ئەگەر ھەقىقىي «مەخپىي خادىم» ياكى «سودا كادىرى» بولسا، ئۆزىنىڭ شەخسىي سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئىستىخبارات تارماقلىرى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان مۇشۇنداق ئۈچىنچى خىلدىكى كىشىلەر ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ باش شىتاب 2-بۆلۈمنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سېلىپ يۈرۈيدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئىسمى كومپيۇتېردا مەۋجۇد ئەمەس. بۇ كىشىنىڭ ئىستىخبارات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مەلۇم ئىشخانىنىڭ باشقارما باشلىقى ياكى باشقا ئەمەلدارلىرىنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ساقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ نىقابىدا تىجارەت قىلىدۇ، تىجارەتتە ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن، بۇ ئادەم كۆپىنچە ھالدا شۇ باشقارما باشلىقىغا بىر قىسىم شېرىنكانە بېرىدۇ. ئەگەر مەزكۇر باشقارما باشلىقى بۇ بىر بۆلۈك پۇلنى يۇقىرىغا تاپشۇرغان بولسا، ئۇنداقتا باش شىتاب 2-بۆلۈم بۇ كىشى ئۈچۈن ھۆججەت چىقىرىپ، ئىسپات قالدۇرۇپ قويىدۇ.

يەنە بىر مىسال كەلتۈرەيلى، مەسىلەن ئېيتايلۇق، ۋاڭ پىڭ ئىسىملىك بىرى بار، 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن چېگرادىن چىقماقچى، ئەگەر بۇ ۋاڭ پىڭ «مەخپىي خادىم» ياكى «سودا كادىرى» بولسا، ئۇنداقتا ۋاڭ پىڭ چېگرادىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىدۇ، ھېچقانداق ئاۋارىچىلىك بولمايدۇ. ئەمما ئەگەر ۋاڭ پىڭ پەقەتلا »بېقىندى« غا تەۋە بولسا، ئىستىخبارات تارماقلىرىنىڭ كومپيۇتېرىدا ۋاڭ پىڭنىڭ ئىسمى يوق، ئۇنداقتا بۇ چاغدا، ئاتالمىش »مانچىنچى ئىشخانا«، «ئانچىنچى ئىشخانا» دېگەن سالاھىيەت يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇ چاغدا، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى بىر ئالاقە چىقىرىپ، ۋاڭ پىڭنىڭ يېنىدىكى 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغان، چەتئەلدە ئىستىخبارات خىزمىتى  بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىياجى ئۈچۈن دەيدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلىش ئۈچۈن، ئىشتىن ئىلگىرى ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ، قارشى تەرەپكە قانچىلىك بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى دېيىشىۋېلىش كېرەك. يەنە بىر خىل ئەھۋال بار، ئەگەر ۋاڭ پىڭ شېنجىندا بىر ھورداقخانا ئاچماقچى بولسا، تىجارەتتە ئىشرەتخانا تەركىبلىرى بولۇپ، ساقچىلار بايقاپ ۋاڭ پىڭنى تۇتماقچى بولغان. بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا، ۋاڭ پىڭ ئالدى بىلەن »5-ئىشخانا« بىلەن كېلىشىپ، تاپقان پۇلنىڭ %30 پايدىسىنى گۇاڭدوڭ »5-ئىشخانا« غا بېرىشكە ماقۇل بولغان. بۇنداق بولغاندا، «5-ئىشخانا» ساقچىلار ۋاڭ پىڭنى تۇتقىلى كەلگەندە، ئىستىخبارات بۆلۈمىنىڭ نامىدا بىر ھۆججەت چىقىرىپ، بۇ ھورداقخانىنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمەت نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، ئىستىخبارات تارماقلىرى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ تەقدىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇ باشقارما باشلىقىنىڭ قولىدا بولىدۇ. بۇ خىل بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەرنى، باشقارما باشلىقى مۇدىرغا دوكلات قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئۆزى باشقۇرىدۇ. بۇ دەل فۇجيەن، گۇاڭدوڭ، گۇاڭشىلاردا جاھان كېزىۋاتقان يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ «مانچىنچى ئىشخانا» نىڭ خىزمەت كىنىشكىسى ئېلىپ يۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، «5-ئىشخانا» نىڭ بىر باشقارما باشلىقىىنىڭ خوڭكوڭغا بېرىش ياكى كېلىش كېنىشكىسىنى تەستىقلاش ھوقۇقى بار. ئەمما بۇ بىر نۇقتىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك، خوڭكوڭنىڭ بېرىش ياكى كېلىش كىنىشكىسىنى ئىستىخبارات تارماقلىرى تارقاتماستىن بەلكى جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى تارقىتىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى. ئەمما ئىستىخبارات تارماقلىرى بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا  بىر ئالاقە چىقىرىپ، بىر قانچە ئادەمنى خوڭكوڭغا خىزمەتكە ئەۋەتىمىز دەيدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى تاماقلىرى بۇ كىشىلەرگە چوقۇم بېرىش ياكى كېلىش كېنىشكىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.

بۇ ئۈچ خىل كىشى جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ باش شىتاب 2-بۆلۈمدە ئىستىخبارات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ھەققىدە پو ئاتىدۇ ياكى ئۆزىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق كاپالىتى يوق، ئەگەر ئۇنىڭغا مەسئۇل باشقارما باشلىقى يەڭگۈشلىۋېتىلسە، يېڭى باشقارما باشلىقى بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئىلگىرىكى باشقارما باشلىقى كېيىنكى باشقارما باشلىقىغا بۇ مۇناسىۋەتنىڭ خېلى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ ئادەمنىڭ ھەر يىلى ئۆزلىرى ئۈچۈن قانچىلىك پۇل تاپقانلىقى، قانچىلىك ئاخبارات توپلىغانلىقى، ئۆزلىرىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى، ئۇنى داۋاملىق قوللىسا بولىدىغانلىقىنى دېگەن بولسا ئۇ باشقا گەپ. شۇنداق بولغاندا بۇ كىشىنى داۋاملىق ئىشلىتىشى مۇمكىن.

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات سىستېمىسى

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئەمەلىيەتتە 1983-يىلى تەسىس قىلىنغان.

ئىلگىرىكى يەنئەن مەزگىلىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىستىخبارات ۋە ئامانلىق ئورنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى جامائەت مىنىستىرلىقى دەپ ئاتىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى جامائەت مىنىستىرلىقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىگە ئاخبارات ۋە ئۇچۇر تەمىنلەيتتى ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئاساسەن قەرەلىك ھالدا تەتقىقات تەھلىل ماقالىسى يازىدىغان ئادەم بار ئىدى. خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن، مەركىزى تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقى چەتئەلدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانالارغا ئالاھىدە خادىملارنى ئەۋەتىپ، تۇرۇشلۇق دۆلەتتە ئاخبارات توپلاش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزى تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقى 8-باشقارما، ئاخبارات تەھلىلى ۋە تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، سىرتقا قارىتا »خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنى« دەپ ئاتىلاتتى.ئۇ ھازىرقى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 8-باشقارمىنىڭ ئاساسى. كېيىن مەركىزى تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقى »مەدەنىيەت ئىنقىلابى« دا گۇرۇھلار كۆرەشلىرىگە ئارىلىشىپ، سەپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، خىزمەتكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن مەركىزى تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقى بىر مەزگىل بىكار قىلىنىپ، باش شىتاب 2-بۆلۈم ئۆتكۈزۈۋالغان. »مەدەنىيەت ئىنقىلابى« نىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندە، مەركىزى تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقى ئاندىن ئاستا-ئاستا ئەسلىدىكى تەشكىلىي تۈزۈلۈشىگە قايتۇرۇلغان. 70-يىللارنىڭ ئاخىرى، دىڭ شياۋپىڭنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىستىخبارات ۋە ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى باشلاپ، چەتئەلگە ئەۋەتىلىدىغان ئالاھىدە خادىملار، ئىلگىرى مەركىزى تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقى ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلارغا ئەۋەتىشتىن، مۇخبىر، سودىگەر، ئالىم قاتارلىق سالاھىيەتتە چەتئەلگە خىزمەتكە ئەۋەتىشكە ئۆزگەرتىلگەن.

1983-يىلى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى سىياسىي )بيۇرو( باشقارمىسى باش كاتىپى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ليۇ فۇجى )刘复之( سىياسىي باشقارمىدىن يوليورۇق سوراپ، مەركىزى تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى تەلەپ قىلغان، پىلاندا مەركىزى تەكشۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ ھەممىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنى بىرلەشتۈرۈپ »دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى« دەپ ئاتاش ئىدى. مەركىزى سىياسىي باشقارما بۇ تەسەۋۋۇرنى تەستىقلىغان، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى رەسمىي تەسىس قىلىنغان، ئەينى ۋاقىتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىڭ يۈن )凌云( دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

كېيىن 1985-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باشقارما باشلىقى يۈ چياڭشىڭ )俞强生( ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، لىڭ يۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، جيا چۈنۋاڭ )贾春旺( خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. جيا چۈنۋاڭ بۇ ۋەزىپىدە 1998-يىلىغىچە ئولتۇرۇپ، 3-ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن.

دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ فونكسىيەلىك تارمىقى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ رازۋىتكا قىلىش، توختىتىپ قويۇش، ئالدىن تەكشۈرۈش ۋە قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، ئىشخانا مەھكىمىسى)办公厅( دىن سىرت باشقا تارماق ئورۇنلىرى:

 بىرىنچى ئىدارە )مەخپىيەت ئىدارىسى( شىفىرلىق ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇشقا مەسئۇل

 ئىككىنچى ئىدارە )خەلقئارا ئىستىخبارات ئىدارىسى( خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئاخبارات توپلاشقا مەسئۇل

 ئۈچىنچى ئىدارە )سىياسىي ئىقتىسادىي ئىستىخبارات ئىدارىسى( ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي پەن-تېخنىكا ئاخباراتلىرىنى توپلاشقا مەسئۇل

 تۆتىنچى ئىدارە )تەيۋەن خوڭكوڭ ماكاۋ ئىدارىسى( مەزكۇر رايونلارنىڭ ئىستىخبارات خىزمىتىگە مەسئۇل

 بەشىنچى ئىدارە )ئاخبارات تەھلىل مەلۇمات ئىدارىسى( ئاخبارات تەھلىل قىلىش مەلۇمات يوللاش، ئاخبارات توپلاشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل

 ئالتىنچى ئىدارە )كەسپىي يېتەكچىلىك ئىدارىسى( قارمىقىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك نازارەت ئىدارىلەرنىڭ كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل

 يەتتىنچى ئىدارە )جاسۇسلۇققا قارشى ئاخبارات ئىدارىسى( جاسۇسلۇققا قارشى ئاخبارات توپلاشقا مەسئۇل

 سەككىزىنچى ئىدارە )جاسۇسلۇققا قارشى تەھقىقلەش ئىدارىسى( چەتئەل جاسۇسلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈش ئىز قوغلاپ نازارات قىلىش، پايلاش، قولغا ئېلىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل

 توققۇزىنچى ئىدارە )ئىچكى قوغداش ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈش ئىدارىسى( چەتئەلگە چېتىلىدىغان ئورۇنلاردا جاسۇسلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش، دۆلەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچى تەشكىلاتلار ۋە چەتئەل ئورگانلىرىنى نازارات قىلىشقا مەسئۇل

 ئونىنچى ئىدارە )تاشقى قوغداش ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈش ئىدارىسى( چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى خادىملار ۋە چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىش، چەتئەلدىكى ئەكسىيەتچى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى پايلاشقا مەسئۇل

 ئون بىرىنچى ئىدارە )ئىستىخبارات ماتېرىياللىرى مەركىزى ئىدارىسى( يازما ئاخبارات ماتېرىياللارنى توپلاش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل

 ئون ئىككىنچى ئىدارە )جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى( ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ۋە ئادەتتىكى جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە مەسئۇل

 ئون ئۈچىنچى ئىدارە )تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش پەن-تېخنىكا ئىدارىسى( تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا مەسئۇل

 ئون تۆتىنچى ئىدارە )تېخنىكا تەھقىقلەش ئىدارىسى ( پوچتا يوللانمىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تېلېگراف تەكشۈرۈپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل

 ئون بەشىنچى ئىدارە )ئۇنىۋېرسال ئاخبارات تەھلىل ئىدارىسى( ئۇنىۋېرسال ئاخباراتنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش ھۆكۈم قىلىشقا مەسئۇل

 ئون ئالتىنچى ئىدارە )سۈرەت ئاخبارات ئىدارىسى( ھەر قايسى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي قاتارلىق سۈرەت ئاخباراتلىرىغا مەسئۇل، سۈنئىي ھەمراھ ئاخباراتىنى جەزملەش ئوقۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

 ئون يەتتىنچى ئىدارە )كارخانا ئىدارىسى( مەزكۇر تارماققا تەۋە كارخانا، شىركەت قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلارغا مەسئۇل

ھازىرقى مىنىستىرى شۈ يوڭيۆ )许永跃(: خىتاي كومپارتىيەسى 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى. 1942-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن جىنپىڭدىن. ئاتىسى شۈ مىڭجىن )许鸣真(  1947-يىلى خوڭكوڭ دادې ئىنستىتۇتى ئىقتىساد فاكولتىتىدا ئوقۇغان، كېيىن قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان، 1987-يىلى دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا خىزمىتى كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شۈ يوڭيۆ 1960-يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت جەۋپسىزلىكى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1972-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مەسئۇلى ۋە مائارىپ مىنىستىرى جۇ روڭشىن )周荣鑫( نىڭ كاتىپى، خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى جۇ مۇجى )朱穆之( نىڭ كاتىپى بولغان. 1983-يىلى خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىرىنچى سېكرىتارى چېن يۈن )陈云( نىڭ كاتىپى بولغان. 1988-يىلى مەركىزىي مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قوشۇمچە مەركىزى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى مۇدىرى چېن يۈننىڭ ئىشخانا مۇدىرى )مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك( بولغان. 1993-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى خېبىي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۆلكىلىك ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1994-يىلى 6-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى خېبىي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى بولغان. 1998-يىلى 3-ئايدا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستىخبارات سىستېمىسى بىلەن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستىخبارات سىستېمىسىنى سېلىشتۇرغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستىخبارات سىستېمىسىنىڭ سالاھىيىتى تېخىمۇ كونا. 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى دۆلەت قۇرغاندىن باشلاپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەر قايسى جايلاردىكى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، تەسىس قىلغان ھەربىي ئىدارە قىلىش كومىتېتى، ھەر قايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ ئاساسى ئىدى، ھەربىي ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، يوشۇرۇنغان گومىنداڭ جاسۇسلىرى، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەر خىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىدى. خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، ھەربىي ئىدارە قىلىش كومىتېتىدىكى ئامانلىق ساقلاش ئورگىنىنىڭ ئىسمىمۇ ھەر قايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى )ئىدارىسى(غا ئۆزگەردى. مەركىزى ھۆكۈمەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەسىس قىلىنىپ، ھەر قايسى ئۆلكە )شەھەر( نىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى )ئىدارىسى( نى بىر تۇتاش باشقۇردى. ھەر قايسى ئۆلكە )شەھەر( نىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى )ئىدارىسى( قارمىقىدىكى ۋىلايەت ۋە شەھەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىنى باشقۇردى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى مىنىستىرى لو رۇيچىڭ )罗瑞卿(. ئەسلىدىكى ھەربىي ئىدارە كومىتېتىدىكى دۈشمەن جاسۇسلىرىنى تازىلاش، ئىچكى ئامانلىق ۋەزىپىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئاساسلىق ۋەزىپى بولۇپ قالدى، شۇڭلاشقا ھەر قايسى ئۆلكە )شەھەر( لەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى )ئىدارىسى( بۇ خىزمەت تەقسىملەنگەن تارماقنى بىرىنچى باشقارما دەپ تىزدى. ئەينى ۋاقىتتا دۈشمەن تەھقىقلەش باشقارمىسى دەپ ئاتىلاتتى. جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدا بىرىنچى باشقارما يەنى دۈشمەن تەھقىقلەش باشقارمىسى ئىدى. بۇ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى ئورگىنى.

دۈشمەن تەھقىقلەش باشقارمىسىنىڭ يەتتە ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىدە چەتئەلدىن ئاخبارات توپلاشقا مەسئۇل ئەمەس، پەقەت ئىچكى دۈشمەننى تازىلاشقا مەسئۇل، خىتاي دۆلىتىگە ئەۋەتىلگەن ھەر قانداق جاسۇسنى تىڭشاش، تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاش، قولغا ئېلىشقا مەسئۇل. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىك ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغان ھەر قانداق يەر ئاستى كۈچلەرنى تەكشۈرۈش، تەھقىقلەپ پاش قىلىشقا مەسئۇل. مەسىلەن، كورىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خىتاي كومپارتىيەسى مەملىكەت مىقياسىدا ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، ئاساسلىقى مۇشۇ ئورگان ئىجرا قىلغان. دۈشمەن تەھقىقلەش باشقارمىسى كېيىن راۋاجلىنىپ كۆلىمى تېخىمۇ زورىيىپ، كۆپ ساندىكى ئۆلكە شەھەرلەردە، دۈشمەن تەھقىقلەش باشقارمىسى ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئىككى ھەتتا ئۈچ باشقارمىغا بۆلۈنگەن. 1983-يىلى، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تەسىس قىلىشنى قارار قىلىپ، دۈشمەن تەھقىقلەش باشقارمىسىنىڭ زور كۆپ قىسمى ۋە مەركىزى تەكشۈرۈش بۆلۈمى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنى تەشكىل قىلغان. ئەمما، ھەر قايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى )ئىدارىسى( يەنىلا ئەسلىدىكى دۈشمەن تەھقىقلەش باشقارمىسىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنى ساقلاپ قالغان ھەمدە تەرەققىياتىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 90-يىللارغا كەلگەندە، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر ئىستىخبارات سىستېمىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ سىستېما مەجبۇرىيەت جەھەتتە، ئەمەلىيەتتە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن تەكرارلىنىدۇ. چەتئەلگە مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئىستىخبارات خادىملىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئەمما ئاخبارات توپلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يەنىلا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ خىتايغا سىڭىپ كىرىش يۆنىلىشىدە.

ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈم: باش سىياسىي بۆلۈمنىڭ بىر چوڭ مەجبۇرىيىتى ئىستىخباراتقا قارشى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئاساسلىقى باش سىياسىي بۆلۈمنىڭ قارمىقىدىكى قوغداش بۆلۈمى مەسئۇل. كومپارتىيەنىڭ ئامىيەگە رەھبەرلىك قىلىشىغا تەھدىت سېلىش ياكى گۇمانىنى ئىپادىلىگەن ھەر قانداق قىلمىش كەڭ مەنىدىكى سىياسىي دېلو دەپ بېكىتىلىدۇ. 1986-يىلى-1990-يىلىغىچە، ھەربىي سوت ۋە تەپتىش تۆۋەن قاتلام ئەمەلدارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 600 دىن كۆپ سىياسىي دېلونى قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 400 نەچچە كىشىگە چېتىلىدىغان 35 دېلو «ئەكسىلئىنقىلابىي كىچىك شايكا تەشكىللەش سۈيقەستى» دەپ بېكىتىلگەن. باش سىياسىي بۆلۈم قارمىقىدىكى ئالاقە بۆلۈمىمۇ مەخپىي ئىستىخبارات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئەمەلدارلارنى سودىگەر سالاھىيىتىدە چەتئەلگە جايلاشتۇرۇپ تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ. مەزكۇر بۆلۈمنىڭ ئاساسلىق نىشانى تەيۋەندىكى ھەربىي خادىملار بولۇشى مۇمكىن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالاقە بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى تەربىيەلەنگەن، تەجرىبىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىكەن.

 ھەر قايسى ئۆلكە ۋە ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 14 تارماقنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىشخانا تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر كومىتېت ھەربىي تېخنىكا ۋە قورال لايىھەسىنىڭ تەتقىقاتى ۋە پىلانىغا مەسئۇل. مەزكۇر كومىتېت ئاساسلىقى باش شىتاب 2-بۆلۈمگە تايىنىدۇ، ئەمما يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئارقىلىق ئېھتىياجلىق چەتئەل تېخنىكىسىغىمۇ ئېرىشىدۇ. يۇقىرى تېخنىكا بىلىملىرىگە ئېرىشىشكە مۇھتاج بولغانلىقتىن، مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىش قىممىتى بار چەتئەل تېخنىكىسىنىمۇ ئوغرىلايدۇ، پەن-تېخنىكا ئالىملىرى ئىلىم ئالماشتۇرۇش سالاھىيىتىدە چەتئەلگە ئەۋەتىپ ئۇچۇر توپلايدۇ. مەزكۇر كومىتېتنىڭ خادىملىرى دائىم يېڭى ئەسىر )新世纪( شىركىتى خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىدە ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپادىن چەتئەلگە چىقىرىشقا بولمايدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن تېخنىكىلارنى سېتىۋالىدۇ ياكى ئېرىشىدۇ. 1986-يىلى قۇرۇلغان يېڭى ئەسىر شىركىتى ۋە باۋلى )保利( تېخنىكا شىركىتى ئەمەلىيەتتە قورال ئىمپورت ئېكسپورت قىلىدىغان ھەربىي ئىشلار ئورگىنى، ئوخشاش كەسىپكە ئىگە قارىماققا مۇستەقىل شىركەت، ئازادلىق ئارمىيە باش ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ قارمىقىدىكى شىنشىڭ )新兴( شىركىتى. باۋلى تېخنىكا شىركىتى خىتاي خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ شىركىتىگە تەۋە. ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتتە باش شىتابقا قارايدۇ. ھازىرقى باش لىدىرى خې پىڭ )贺平( دىڭ شياۋپىڭنىڭ قىزى دىڭ روڭ )邓榕( نى ئەمرىگە ئالغان. يېڭى ئەسىر ۋە باۋلى شىركىتىنىڭ تۆۋەندىكى شىركەتلەر بىلەن ئالاقىسى بار: خىتاي شىمال سانائەت شىركىتى )中国北方工业公司(، خىتاي نازۇك ماشىنا ئۈسكۈنىلەر ئىمپورت ئېكسپورت شىركىتى )中国精密机械进出口公司(، خىتاي دۆلەتلىك كېمە ياساش شىركىتى )中国国家造船公司(، سەددىچىن شىركىتى )长城公司(، خىتاي ئېلېكتىرون ئىمپورت ئېكسپورت شىركىتى )中国电子进出口公司(، خىتاي ئالەم تېخنىكا ئىمپورت ئېكسپورت شىركىتى )中国航空技术进出口公司( شۇنداقلا خىتاي يادرو ئېنېرگىيە سانائەت شىركىتى )中国核能工业公司(. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، يېڭى ئەسىر شىركىتى بوستونغا بېرىپ ئېكسپورت قىلىشقا بولمايدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن پاراخوتتا ئىشلىتىلىدىغان دېڭىز قاتناش ئۈسكۈنىلىرىنى قانۇنسىز سېتىۋېلىپ توشۇغان. تېخنىكا ئۇچۇرىغا ئېرىشىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنى خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش. مەزكۇر كومىتېت ئادەتتە زىيارەتچى ئالىم ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھەممە چىقىملىرىغا مەسئۇل. چەتئەلدىن زىيارەتكە كەلگەنلەر ئالاھىدە يىغىنىغا قاتناشقان بەزى كىشىلەر مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئىستىخبارات تەتقىقات ئورنىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، مەزكۇر ئورۇن ھەربىي سانائەت تەرەققىياتىدىكى پەن-تېخنىكا قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش مەسىلىسىگە مەسئۇل.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى:

 چەتئەلگە نەچچە يۈزلىگەن مۇخبىرنى جايلاشتۇرۇپ چەتئەلنىڭ خەۋەرلىرىنى توپلاپ، «ئىچكى پايدىلىنىش» قاتارلىق پەقەت مۇئاۋىن مىنىستىر ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئەمەلدارلارغىلا تارقىتىلىدىغان ھەر خىل ئۇچۇر توپلىمىنى كۆپلەپ بېسىپ تارقىتىدۇ.

 خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى:

مەزكۇر ئورۇننىڭ مەخپىي ھەرىكەت ۋە پائالىيەت توپلاش مەجبۇرىيىتى بار. كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلىدىغان مەجبۇرىيىتى غەيرى ھۆكۈمەت )كوممۇنىزم بولمىغان( ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، خىتاينىڭ سىرتقا قارىتىلغان سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن مەخپىي ھەرىكەت قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ، مەسىلەن، چەتئەلدىكى خىتايلىقلار تەشكىلاتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ مەلۇم بىر مەسىلىدە ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەتكە ۋەزخاھلىق قىلىدۇ، چەتئەلدىكى خىتاي ئالىملىرىنى خىتاي دۆلىتىگە قايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بىرلىكسەپ خىزمەت بۆلۈمىنىڭ ۋەزىپىسىگە تەۋە. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ھىمايىسىدە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش نىشانى تەيۋەن بىلەن ئالاقىسى بار خىتايلىقلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

مەركىزى ئالاقە بۆلۈمى:

بۇ بۆلۈمنىڭ خىزمىتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما نىشانى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كومپارتىيە ۋە كومپارتىيەگە ھېسداشلىق قىلىدىغان تەشكىلاتلار. )مەلۇم بىر تور بېكەتنىڭ «ھەربىي ئىشلار دۇنياسى» سەھىپىسىدىن ئېلىندى، ئوقۇرمەنلەر تەۋسىيەسى(