ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدىكى تەكلىپ رەت قىلىندى ئەمما ئاياسوفيا مەسجىدكە ئۆزگەرتىلدى

ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدىكى تەكلىپ رەت قىلىندى ئەمما ئاياسوفيا مەسجىدكە ئۆزگەرتىلدى

ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدىكى تەكلىپ رەت قىلىندى ئەمما ئاياسوفيا مەسجىدكە ئۆزگەرتىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئىستانبۇل

2020-07-10

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى 10-ئىيۇل ئىيى پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە مەجلىستە مەخسۇس كومىتېت قۇرۇش تەكلىپى» -ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تەشكىل قىلغان جۇمھۇر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.بۇ لايىھەدە، ئاۋال ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە راست-يالغانلىقىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەردوغان ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيىسىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئۇدا ئۈچ قېتىم قارشى تۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.تۈركىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرپتىن يىراقلىشىش، خىتايغا يېقىنلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خىتايدىن كۆپلەپ قەرز پۇل ئالغان. تۈركىيەدە چوڭ شىركەتلەرنى خىتاي شركەتلىرى سېتىۋالىدىغان ھادىسىلەر كۆپەيگەن.تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تېخنىكا ساھەلىرىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە بەرگەن. خىتاي خەلق پۇلى-ئىككى تەرەپ قوللىنىدىغان ئالماشتۇرۇش پۇلى قاتارىدا قوبۇل قىلىنغان.ئەردوغان ھۆكۈمىتىدە خىتايپەرەست ئەمەلدارلار كۆپەيگەن بولۇپ، قىرغىن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش بارغانسرى يىراقلاشماقتا.دىپلومات ژۇرنىلىغا بېسىلغان «خىتاي تۈركىيەنى قۇتقۇزامدۇ؟» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ تۈركىيەنى قاتمۇ-قات ئىسكەنجىگە ئالغانلىقى سانلىق مەلۇمات، سودا ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، تۈركىيە خىتاينىڭ ياردىمى ۋە كونتروللۇقىغا چۈشۈپ بولغانلىقى يېزىلغان.مۇتەخەسىسلەر تۈركىيەنىڭ خىتايغا نۇرغۇن پۇل قەرز ئىكەنلىكىنى، ئەگەر تۈركىيە خىتايدىن تولۇق ۋاز كېچىپ غەرپ بىلەن ھەمكارلىقنى ساقلىمىسا، تۈركىيە ئىستىقبالىنىڭ، خىتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يول قىلتىقىدا خەتەر ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.